- تىزىملاتقان
- 2012-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 294
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
47%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 15:16
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنىبەر ئەھلى،
يېقىندىن بىرى شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش،كېڭەيتىش ئىشلىرى كۈپىيىپ كەتتى ، ئۆيى قۇرۇلۇشقا كەپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر تۆلەم ئېلىپ پايدا ئالدى، بەزىلەر تۆلەم ئالغان پۇللىرىغا ئۆي سېتىۋالالماي ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت ئۆيلىرىنى ماكان قىلىشتى.
بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇرۇق- تۇغقان، تۇنۇش بىلىش، ياكى خۇلۇم خوشنىلار پايدىنى كۆزلەپ قۇرۇلۇش قىلىپ بەزىبىر كۈتۈلمىگەن ھەم كۈرۈلمىگەن ماجرالار كىلىپ چىقماقتا،سەۋەپلىرى تۈۋەندىكىچە.
مەلۇم بىر شەھەردە بىرەيلەننىڭ ئۆيى چېقىلىش دائىرىسىگە ئېلىنغان،ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي ھويلىدىكى بىكار ئۇرۇنغا قۇرۇلۇش قىلىشقا خراجىتى يىتىشمىگەن ، خوشنىسى بى كىشى بىلەن دىيىشىپ بىكار ئورۇنغا ئۆي سېلىۋېلىشنى ،ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشقا كەلگەن ئۆينى چاققاندا زىمىن ئىگىسى يەرگە كەلگەن پۇلنى ئېلىشنى ، قىلغان قۇرۇلۇشقا كەلگەن پۇلنى ئۆي سالغۇچى ئېلىشقا كىلىشكەن، ھەمدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئۆي ئىگىسىگە ئونمىڭ يۈەن بەرگەن.
بىراق كىيىنكى ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئۆي چېقىلىش دائىرىسىدىن ئۈتۈپ كىتىپ چېقىلمايدىغان بولغان، ئۆي ئىگىسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى خوشنىسىغا بۇرۇن بەرگەن ئونمقىڭ يۈەن پۇلىنى ئېچىقىپ بىرىپ ، ئەمدى ھويلىغا سالغان ئۆينى چېقىپ نەرسىلىرىڭىزنى ئېچىقىپ كىتىڭ دىگەن لىكىن قۇرۇلۇش قىلغۇچى خوشنىسى پۇلنى ھەمدە تەكلىۋىنى رەت قىلغان.
~~~~~
يەنە بىرەيلەن بولسا ئۈيىنىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىشقا قۇشۇلغان، ئۆي ئۈستىگە ئۆي سالغۇچى ئەسلىدىكى ئۆيگە تۆت تالدىن تۈۋرۈك توختىتىپ سالغان بىراق بۇ ئۆيمۇ چېقىلمايدىغان بولغان ، كىيىنچە ئاستىدىكى ئۆي مىجىلىپ زىيانغا ئۇچرىغان ئۈستىگە ئۆي سالغۇچى ئۆينى چېقىشا ئۇنىمىغان ، ئەسلى ئۆي ئىگىسى ,ئۆي سالغۇچى بەرگەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئۆي سالغۇچىغا ئۈستىنى بىكارلاپ بىرىش تەكلىۋىنى قويسا رەت قىلىنغان.
يۇقىرقىلارنى ھەممىسى پەقەت چېقىلسا مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلار، ئاخىردا ياخشى ئىشلار ماجراغا ئايلىنىپ سوتقا چۈشۈپ قالغان. |
|