- تىزىملاتقان
- 2012-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2367
- نادىر
- 0
- يازما
- 252
ئۆسۈش
12.23%
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قېرىنداشلار كەڭسايغا بۇگۇن قايتىدىن ئەزا بولۇپ باشقا مۇنبەردىن ئازراق سوۋغا ئالغاچ كەلدىم .
ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا نېمىلەرنى دەيدۇ؟ ئاياللار ھۆسن گۈزەللىكىدە، مودا كىيىملەرئىچىدە، ۋە ياكى شان-شۆھرەت ئاستىدا سېلىشتۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەنىۋىيىتىمىزدە شۇنداق بىر نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىمىز، سېزىمىز، بەلكىم تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلانغان ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزنىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ ھازىر ئۆلچەم بولۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا سېلىشتۇرۇلغان ئەمەس. بەلكى باشقىچە بىر ئاجايىپ شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغانلىقى بىلەن ھۆرمەتلەنگەندۇر. ئاياللار دۇنياسىدا نېمە كەم؟ ئاياللىرىمىزنىڭ كۆزىدىن نېمىشقا ياش قۇرۇمايدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر مېنى ھەزرىتى خەدىچە بىلەن بۈگۈنكى دۇنيا ئاياللىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئۈندىدى.
ھەزرىتى خەدىچە تۇنجى مۇسۇلمان بولغان ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىماندا ھۆرمەتلىكتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە شەكسىزئىشىنىش ئاشۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۆسۈپ-يېتىلىپ، ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان ئايال ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىشەنگەنلا ئەمەس بەلكى ئەمەل قىلغان ئىدى. ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىن ئىزدەيدىغان بولساق، بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئىسلامىي تەربىيىدە چوڭ بولغان ھازىرقى زامان ئاياللىرىدا ئەمەلسىز ئىماننىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھەزرىتى خەدىجە بىزگە «ئەي ئايال، دىلىڭ بىلەن سىرتىڭ بىردەك بولسۇن» دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ھىرا غارىدا ۋەھى نازىل بولۇپ، جېبرىئىل كۆرۈنگەندىن كىيىن، قورققانلىقىنى ھەزرىتى خەدىچەگە بىلدۈرگەندە، ئۇ قەلبلىرىمىزگە مۆھۈر قىلىپ باسقۇدەك مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان:
- ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھسىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سەن خىش- ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىسەن، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ بېشىنى سىلايسەن، يوقسۇزلارغا ياردەم قىلىسەن، مىھمانلارنى ياخشى كۈتىسەن، مەزلۇملارنىڭ ھالىغا يىتىسەن، ئاللاھ ساڭا شەيتاننى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئاپىرىدە قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى خەلقىڭنى ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ سىنى تاللاپتۇ.
ھەزرىتى خەدىچە ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا شەكسىزئىشىنىشتىن سىرت، ئۆز ئۆمۈر يولدىشىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى تولۇق كۆرەلىگەن. ھالبۇكى، ئىمان ئۈچۈن تالاي ئىسپاتلار كۆز ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ تولۇق ئىشەنچىنى بېرەلمىگەن ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس؛ تەقۋادار ئەرلىرىگىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارىيالمايدىغان، گۇمان بىلەن ئائىلە ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس؛ ئەرلىرىدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنى كۆرەلمەيدىغان ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس. ھەزرىتى خەدىچە بىزگە ئاللاھقا بولغان ئىماننىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، «ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ ئېرىڭدە بولسۇن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە لايىق تاللاشتا بايلىقنى، مەنسەپنى ئەمەس، گۈزەل ئەخلاقنى، ئاخىرەت ئاۋاتلىقىنى تاللىغان ئىدى. كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تويلۇقلار، ئاتا-ئانا ۋەقىزلارنىڭ يىگىت ۋۇجۇدىدىكى ھەقىقىي تەقۋالىقنى ئەمەس، دۇنيا ھەۋەسلىرىنى تاللىشى ئەسلىدە مۇسۇلمان ئائىلىسىگە، مۇسلىمە قىزلارغا لايىق ئىشلار ئەمەس ئىدى. ئانىمىز ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىشلارغا توغرا مۇئامىلىدە بولىدىغان، ئەقىللىق، ھۇشيار، ئۈلگىلىك ئايال بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمان ئاياللىرىمىز ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشى كېرەك. بۇ ئايال ئۆزىگە مۇئامىلىدە ئىشەنچلىك، سۆزىدە راستچىل، ئالىي ھىممەتلىك، ئېسىل ئەخلاقلىق، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق بولغان جانابى رەسۇلۇللاھنى تاللىدى. ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئىشى بىلەن بارلىق مۇسۇلمان قىز-چوكانلارغا، ئۆزىگە قانداق ياخشى جورا تاللاشنى، جورا تاللاشتا دىن ۋە ئەخلاقنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشنىڭ كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دېگەندەك: [ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.] ھەزرىتى خەدىچە بىزگە «ئەي ئايال، قەلبىڭدىكى دۇنيا مۇھەببىتى ئاللاھ مۇھەببىتىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە دادىل ئىدى، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، دوستى نەفىسە دېگەن ئايالنى رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) گە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇسلىمە ئايال ھەرگىزمۇ باشقا قەۋملەر قىياس قىلغاندەك ئۆز پىكىرئەركىنلىكى، نىكاھ ئەركىنلىكى بولمىغان، ئائىلە زوراۋانلىقىغا مەھكۇم بولغان ئايال بولماستىن، بەلكى نىكاھ ئىشىنى ئۆزى تاللىيالايدىغانلا ئەمەس، قارشى تەرەپكىمۇ ئېغىز ئېچىپ ئۆز قارىشىنى كۆرسىتەلەيدىغان ئايالدۇر. ھەزرىتى خەدىچە بىزگە «ئەي ئايال، جۈرئەتلىك بولغىن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە پەيغەمبىرىمىزدىن چوڭ، پەيغەمبىرىمىزدىن باي بولسىمۇ كىبىرسىز ئىدى. پۇل- ھەممىگە قادىر دېگەن ئىدىيە ھۆكۈم سۈرگەن ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ئۆزىدىكى ئازغىنە ئارتۇقچىلىق سەۋەبلىك ئەرلىرىنى پەس كۆرۈش ئاياللارنى دوزاخ ئەھلىگە ئايلاندۇرىدىغان سەۋەبلەردىن بولسىمۇ شەيتان بىزگە چىرايلىق كۆرسىتىۋاتقان ماددىي نەرسىلەر ئاياللىرىمىزنى ئازدۇرۇشقا يېتىپ ئېشىۋاتىدۇ. ھەزرىتى خەدىچە بىزگە «ئەي ئايال، ئېرىڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە مەدەتكارى ئىدى، قۇرەيىش مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئازار بەرگەندە، ھەزىرىتى خەدىچە رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بىرەتتى. ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن سىرتتا جاپالىق ئىشلەپ كەلگەن ئېرىنى تۈگىمەس سوئال-سوراق، جىدەللەر بىلەن كۈتۈۋېلىۋاتقان ئاياللارنى ئەسلەيدىغان بولساق، ھازىرقى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، ئائىلىلەردىكى ئىناقسىزلىق تۈپەيلى كېلىپ چىققان پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە يەنە شۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان قىزلارنىڭ كېيىنمۇ ئوخشاش ئائىلە قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭاھەزرىتى خەدىچە بىزگە «ئەي ئايال، ئېرىڭگە مېھرىبان بولغىن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە سېخىي بولۇپ، ھەتتا پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئىسلامنى تارقىتىش يولىدا سەرپ قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم) «بىر تال خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار» دەپ سەدىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ئىقتىساد مۇھىم تېمىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتكە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىشى، ئەتراپتىكى مىسكىن-غېرىبلارنى ئۇنتۇشى ئەۋج ئالدى. ھەزرىتى خەدىچە بۇ ھەقتە بىزگە «ئەي ئايال، ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلكنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىن» دەيدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە خۇش مۇئامىلىلىك ئىدى. ئانىمىز ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇھەببەتلىك ئايال بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ خۇرسەنلىك ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشاتتى. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بەزى ئالامەتلەردىن كۆڭلى بېئارام بولغاندا، ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا يېقىندىن يار ـ يۆلەك بولۇپ، شېرىن سۆزلىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىدىن ئەنسىرەش ۋە سىقىلىشلارنى يوقىتاتتى. ئەپسۇس، ھازىرقى كۈندە ئاياللىرىنى ھەر تەرەپتىن رازى قىلىپ بولالمايۋاتقان، ئاياللىرىدىن شۇنچە تەلمۈرسىمۇ قىيىن تۇرمۇشتا گۈزەل مۇئامىلە تاپالمايدىغان ئەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھەزرىتى خەدىچە بىزگەمۇنداق دەپ نەسىھەت قىلىدۇ «ئەي ئايال، ئېرىڭنىڭ كۆڭلىنى كۈلۈمسىرىشىڭ بىلەن ئالغىن».
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىدا ناھايىتى خۇرسەنلىك ۋە بەختىيارلىق ھىس قىلاتتى. ئۇنىڭغا بارلىق ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشنىڭ ئالدىدا ئادەم ياقتۇرمايدىغان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئادەملەردىن يىراق «ھىرا»غارىغا بېرىپ ئىبادەت قىلاتتى. بىر نەچچە كۈن ئۆيىگە كەلمەيتتى. ھەزرىتى خەدىچەرەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھغا ئوزۇق ـ تۈلۈك تەييارلاپ يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي شۇ ئىگىز تاغقا ئاچىقىپ بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كەلگەن چاغلاردا، غاردا يالغۇز قالغاندىكى ھىسسىياتلارنى، كۆرگەن، ئاڭلىغان غېرىپ ئىشلارنى ھەزرىتى خەدىچىگە سۆزلەپ بېرەتتى. ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ناھايىتى مېھرىبانلىق، چەكسىز مۇھەببەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ھىسسىياتىغا ئورتاق بولۇپ، ئېغىر ئەندىشىلىرىنى يەڭگىللىتىپ، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ راھەتلىنىپ خۇرسەن بولاتتى. ھەزرىتى خەدىچەرەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر قېتىم بولسىمۇ رەسۇللاھنىڭ يۈزىگە «بىزنى تاشلىۋەتتىڭىز» دېگەن ئەمەس. ياكى چىرايىنى تۈرۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيدىن ئۇزۇن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىگە خاپا بولغان ئەمەس. بەلكى رەسۇلۇللاھنى ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ ياردەم قىلاتتى. مانا بۇ ھەقىقىي سالىھ، كۆيۈمچان ئايال بولۇپ، ئېرى بىر نەرسىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇنىڭغا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسىتەتتى. قىيىنچىلىق ۋاقتىدا ئېرىگە كۈچ ـ قۇۋەت بولاتتى. رەسۇلۇللاھقا ھەمىشە:«خاتىرجەم بولۇڭ، ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق قىلىدۇ» دەيتتى. مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ئانىمىز ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، ئەرلىرىگە ياردەمچى بولسا، ئۇلارنى قاخشاتقۇچى، ئاسىي بولمىسا، ئەرلىرى ئۆيگە كەلسە ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئالسا، ئۆزىنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى يوشۇرۇپ، ئىرىنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان، يولىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان ياخشى پىكىر ـ مەسلىھەتلەرنى بەرسە، ئائىلىدە ھۇزۇر، راھەت، بەخت ـ سائادەت ۋە خۇشاللىق بولۇپ، كۆڭۈلسىزلىك، جېدەل ـ ماجېرا بولمايدۇ.
ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز رەسۇلۇللاھنى ناھايىتىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى، رەسۇلۇللاھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇلارغا ئىزەت - ئىكرام قىلاتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنىك ئانىسى ھەزرىتى ھەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كەلگىنىگە ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، ھەلىمەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا ـ ئاڭلىماس ئۇنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ چىقتى. ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ، رىداسىنى ئۇنىڭ ئاستىغا كۆرپە قىلىپ سېلىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىدى. ھەزرىتى ھەلىمە يېزىدا قۇرغاقلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى. ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ بېچارە ئانىغا چەكسىز ئىززەت ـ ئىكرام قىلىپ، قىرىق دانە قوي، بىر دانە سۇ توشىيدىغان تۆگە، ئۆيىدە لازىم بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلدى. ھالبۇكى، ھازىر شۇنداق ئاياللىرىمىز باركى ئېرىنىڭ ئۆزئاتا-ئانىسىنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئېرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قوپال مۇئامىلىدەبولىدۇ. بىلسەك ئائىلە ئىناقلىقى شۇنداق بۇزۇلىدۇ. ھەزرىتى خەدىجە بۇ ھەقتە يەنە بىزگە «ئەي ئايال، ئېرىڭنىڭ تۇغقانلىرىنى ئېرىڭنى كۆرگەن كۆزدە كۆرگىن» دەيدۇ.
دىنىنى توغرا چۈشەنگەن، قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن، ئاڭلىق مۇسۇلمان ئاياللار ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزغا ئوخشاش سېخى، مېھماندوس بولۇپ، ئۆيگە كەلگەن مېھمانغا ئىززەت ـ ئىكرام قىلىشتا بېخىللىق قىلمايدۇ. مېھماننى ياخشى قارشى ئالماي ئېرىنى خىجىل قىلمايدۇ. بەلكى ئېرى خۇشال بولىدىغان ئىشلارنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىپ، ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھەزرىتى خەدىچە ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل پەزىلەتلىرى بىلەن رەسۇللۇللاھ ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر ئىنسان ئىدى. ھەزرىتى خەدىچە ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كۆپ ئەسلىدى، ئۇنى «دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى» دەپ تەرىپلىدى. ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى خەدىجە شۇ تەرىپلەشلەرگە لايىق ئىدى. ھەزرىتى خەدىچەنى ئۈلگە قىلغان ئايالنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىمان ۋە ئەخلاق ئىگىسىنى تاللاشتىن باشلانسا، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا بولغان توغرا مۇئامىلە، ياخشى خۇلقلار مۇسلىمە ئاياللارنى ھەزرىتى خەدىچە مەرتىۋىسىگە قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ. دوزاختا ئاياللار ئەھلىنىڭ كۆپ بولىدىغىنىنى ئويلايدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ دوزاختىكى ئەھۋالىنى ئويلايدىغان بولساق، ئاللاھنىڭ ئاياللارغا بەرگەن مەرتىۋە ۋە ھۆرمەتلىرىگە شۈكۈرسىزلىك قىلىشتىن شۈركىنىمىز.
مەيلى دۇنيا سەھنىلىرىدە كىملەر سېلىشتۇرۇلغان، كىملەر مۇۋەپپىقىيەت ئىگىسى بولغان بولسۇن، مەڭگۈلۈك بىر دۇنيانىڭ مۇھەببىتى قەلبىدە بولغان ھەرقانداق ئايال ئۇ سەھنىلەرگەھەۋىسىنى بەرمەيدۇ. چۈنكى مۇسلىمە ئاياللارنىڭ نەمۇنىسى ئاللىقاچان تۇرغۇزۇلغان؛ ھەزرىتى مەريەم، ھەزرىتى ئاسىيە، ھەزرىتى خەدىچە، ھەزرىتى فاتىمە ۋە بارلىق مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بىزگە ئۈلگە بولۇشقا كۇپايە.
ئاللاھ ھەممە مۇسلىمە ھەمشىرىلىرىمىزنى ئەرلىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئىنسان بولۇشقا نىسىپ قىلغاي، ئامىن.
ئەسكەرتىش: تور دۇنياسىدىكى ھەزرىتى خەدىچە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن پايدىلىنىلدى.
( بۇ ئەسەر < مەرىپەت يولى > مۇنبىرىدىن ئىلىندى )
|
|