قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1359|ئىنكاس: 3

كېسەل پەيدا قىلىدىغان ناچار ئادەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  570
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 113
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 18:14:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15[1].gif



 نۇرغۇن كىشى ئالدىراشچىلىقتا يۈرۇپ ،كىچىك ئىشلارغا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ ،لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇنداق ئادەتلەر سالامەتلىككە زىيان سېلىشى مۇمكىن . 
ناشتا قىلماسلىق
كىشى ناشتىنى ۋاقتىدا قىلمىسا ئاشقازانغا زور زەخىم يىتىپ ،روھىسىز بولۇپ قالىدۇ .تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ،كۈندە ناشتا قىلغانلارنىڭ ئۆمىرى ناشتا قىلمىغانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدىكەن .شۇڭا ناشتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك .
 تاماقنى تىز يېيىش
بۇنداق بولغاندا يېمەكلىك تۇلۇق پارچىلانمايلا ئاشقازانغا كىرىپ ،ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ ،ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ .يەنە كېلىپ تائامنى چاينىغان ۋاقىت ھەددىدىن زىيادە قىسقا بولسا ،نېرۋا غىدىقلىنىش ھالتىدە تۇرۇپ قالىدۇ -دە ،ئىشتھا ئېچىلىپ سەمىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
ھاراقنى كۆپ ئىچىش
كۆپ مىقداردا ياكى داۋاملىق ھاراق ئىچسە ،جىگەر ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ ،جىگەر ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ ،جىگەر ياللۇغلىنىدۇ ياكى جىگەر ئىشىشپ قالىدۇ .
ئاچ قورساق .زۇكام بولغاندا ۋە كەيپىيات ناچار چاغدا ھاراق ئىچمەسلىك ،ھاراق ئىچكەندە تۇزلۇق بېلىق .قېزا قاتارلىق تەركىبىدە پىگمىنىت ۋە نېتروزامىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك .
                كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق رىسالىسى
 1.دىيابىت كېسىلى
ئىستېمال قىلىش چەكلەنگەن يېمەكلىكەر :قەنىت تەركىبى يوقىرى بولغان يېمەكلىكەر .
ئاز ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر :بەرەڭگى ،پىياز ،سەۋزە ،ھايۋانات يېغى ،قايماق ،سېرىقماي ،ياڭاق .گازىر ،يەر ياڭىقى ،تۇخۇم سېرىقى ،جىگەر ،بۆرەك ،كالا -پاقالچاق .
ئېستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېمەكلىكلەر :قارا ئاشلىق ،مەسلەن ،قارا بۇغداي ،سۇلۇ ،ئاق قوناق ،كۆممىقوناق ياكى قوناق ئۇنى ،باقىلە . پۇرچاق تۈردىكىلەر .كۆكتاتلاردىن يېسىۋېلەك ،قىچا ،تۇرۇپ ،كەرەپشە ،كاۋا قاتارلىق قەنىت تەركىبى تۆۋەن بولغان كۆكتاتلار .
2.جىگەر قېتىش كېسىلى
ئېستمال قىلىش چەكلەنگەن يېمەكلىىكلەر :يىرىك ،قاتتىق ئاچچق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر :توخۇ ،بېلىق قاتارلىق سۆڭىكى ئۇششاق ياكى قىلتىرىقى بار يېمەكلىكلەر .
ئاز ئىستمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر :يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەر ،مەسلەن ،مېۋە ،كۆكتات ،ۋە مايلىق يېمەكلىكلەر .
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېمەكلىكلەر :سۈت تۇخۇم ،سۆڭەكىسز ئورۇق گۆش ،پۇرچاق تۈردىكىلەر ،يۇمران كۆكتاتلار .
3.ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
ئېستىمال قىلىش چەكلەنگەن يېمەكلىكلەر :شورپا ،(قوي ،كالا ،توخۇ بېلىق شورپىسى )سۈت ،تۇخۇم سېرىقى ،ياغ .
ئىستىمال قىلىش مۇۋاپىق يېمەكلىكلەر :شۈۋىگۈرۈچ ،مېۋە شېرنىسى ،كۆكتات شورپىسى ،تۇخۇم ئېقى ،ئۇماچ ،ئۈگرە ،مايسىز نان ۋە پىچىنە ،قارا شېكەر ،ھەسەل ،سۇيۇقئاش .
4. يوقىرى قان بېسىم كېسىلى
ئىستېمال قىلىش چەكلەنگەن ياكى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر :تۇز (كۈنىگە بەش گىرامدىن ئاز ئستېمال قىلىش ) ياغلىق گۆش ،ھايۋانات يېغى ،ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى ،سېرىق ماي ،تۇخۇم سېرىقى ،پشىقلاپ ئىشلانگەن قەنىت ،شىكەر ،شاكىلات قاتارلىقلار .
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق يېمەكلىكەر :ئورۇق گۆش ،توخۇ ،ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ياكى سۈت پاراشۇكى ،كۆكتات ،مېۋە ،سۇ مەھسۇلاتلىرى .

 
                   مېۋە يىگەندە مىزاجىڭىزغا دىققەت قىلىڭ
 نەشپۈت ،ئالما ۋە قوغۇن ،تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ ،ئىسىق مىزاجلىق كىشلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ ،لېكىن كۆپ يېمەسلىكى كېرەك .چۈنكى بۇ مېۋىلەرنىڭ يۆتەل توختىتىش ،ئۆپكىنى بوشتىش ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولى بولۇپ ،كۆپ يېگەندە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ،چىش ئاغرىش ،بوۋاسىر ۋە تېرىگە داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بارلار ۋە ئاشقازىنىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاز يېگىنى ياخشى .تېنى ئاجىز ۋە تال زەئىپلەشكەن كىشلەر تاۋۇز ،ئەنبەھ .نەشپۈت ۋە بانان قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك .چۈنكى بۇ خىل بەدىنى ئاجىز ،تامىقى ئاز ،ھەزىم قىلىشى ناچار كىشلەر يوقىرىقى مېۋىلەرنى كۆپ يېگەندە ،ماغدۇرسىزلىنىش ۋە قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ،ناۋادا يېگۈسى كەلسە ،تاماقتىن كېيىن ئازراق يېسە بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مېۋىلەرنى ئاش قورساققا يېيىشكە بولمايدۇ ،يەنى پەمىدۇر ،بانان ،ئاپېلىسىن قاتارلىقلارنى ئاش قورساق يېگەندە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ .

                                                                                   مەنبە:قانۇن گېزىتى
كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق ،ئېچىلمايدىغان سر .

7

تېما

2

دوست

2958

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  90
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 477
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 21:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ساق سالامەت بۇلايلى ، دىمەك  تاماققا دىققەت قىلساقلا   ئۆزىمىزگە ياخشىكەن ،            رەھمەت سىزگە
نەغەمى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1349
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 23:06:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك رېتسىپلاركەن .

2

تېما

0

دوست

5848

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1296
تۆھپە : 914
توردىكى ۋاقتى: 270
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 14:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاۋۇزغا ئامراقلىقىم...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )