- تىزىملاتقان
- 2011-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-10
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 18784
- نادىر
- 2
- يازما
- 1057
ئۆسۈش
100%
|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودا تارقىلىۋاتقان قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ چېگرا ۋە پورتتىن كىرگۈزۈشتە ئالاھىدە تەكشۈرۈش؛ ھەرقانداق ساياھەت ۋە سودىغا چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 5 – ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوغا بارغان ياكى جۇڭگودىن ئايرىلغانلارنىڭ ساياھەت ۋە سودا پائالىيىتگە چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز. ‹‹دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ چېگرا ۋە پورتتىن كىرگۈزۈشتە ئالاھىدە تەكشۈرۈش››نى تەشەببۇس قىلماسلىق بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتكەن ‹‹تەشەببۇس قىلماسلىق›› تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8 – ئاپرېل بىرلىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى. ھازىرغىچە جۇڭگودا 20 كىشىگە H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىياگنوز قويۇلدى. ھازىر شەرقىي جۇڭگو رايونىدىكى تۆت ئۆلكە ۋە شەھەردە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھازىرچە جۇڭگوغا بارغان ياكى جۇڭگودىن ئايرىلغانلارغا قارىتا ساياھەتكە چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سودىغا چەك قويىدىغان ھەرقانداق تەدبىر قوللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى.
|
|