- تىزىملاتقان
- 2011-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 18571
- نادىر
- 2
- يازما
- 1032
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 15:48
دۆلىتىمىزدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى پەيدا بولۇپ،تېخىچە بۇ يېڭى تىپتىكى قۇش زۇكۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى تېپىلمىغان.ھازىرغا قەدەر 9دىن ئارتۇق ئادەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ،ئۈچ ئادەم ئۆلگەن.كىسەللىك ئۈلگىسى جوڭگونىڭ شاڭخەي،جېجىياڭ،ئەنخۇي،جىياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە كۆرۈلگەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 31- مارت تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى شاڭخەي ۋە ئەنخۈيدە ئۈچ كىشىنىڭ H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانغانلىقى بايقالغان.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، شاڭخەي شەھىرىدىكى لى فامىلىلىك بىمار ئەر بولۇپ، بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن، 2- ئاينىڭ 19- كۈنى كېسىلى قوزغالغان، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى پائال جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. شاڭخەي شەھىرىدىكى يەنە بىر بىمار ۋۇ فامىلىلىك ئەر بىمار بولۇپ، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن، 2- ئاينىڭ 27- كۈنى كېسىلى قوزغالغان، 3- ئاينىڭ 10- كۈنى پائال جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئەنخۈي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى شەھىرىدىكى بىمار خەن فامىلىلىك ئايال بولۇپ، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن، 3- ئاينىڭ 9- كۈنى كېسىلى قوزغالغان، ھازىر كېسىلى خەتەرلىك بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە پائال داۋالانماقتا. بۇ ئۈچ بىمارنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى ئالدى بىلەن قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكى ھالىتىدە بولغان، كېيىن ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى ۋە نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشقا تەرەققىي قىلغان. 3- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى ئالاقىدار بىمارلارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى ئايرىپ چىققان. 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، بىمارلارنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى، تەجرىبىخانىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇ ئۈچ نەپەر بىمارنى H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قويغان. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئۈچ بىمار بىلەن يېقىن ئۇچراشقان 88 كىشىدە باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى: ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان، بولۇپمۇ قاتتىق قىزىغانلار، نەپىسى قىيىنلاشقانلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. دائىم قولىنى يۇيۇش، يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ئېغىز- بۇرۇننى ئىتىۋېلىش قاتارلىق شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلىغاندا، يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېسەل (ئۆلگەن) ئۆي قۇشلىرى، چارۋىلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى بىمارلارنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرى ۋاقتىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىندى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا داۋاملىق زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
|
|