بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 15:42
ئىلاۋە:مەزكۇر سالام خەت بىر ئايالنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان يولدىشىغا يازغان خېتى بولۇپ،بېكىتىمىز تەرىپىدىن مۇنبەرگە يوللاندى،خەتتىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى.خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ ئائىلىسى ۋە يولدىشىنى قەدىرلىشنى ئۆمۈد قىلىمىز ۋە يولدىشىدىن ۋاقىتلىق ،ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئاياللارغا ئاللاھدىن سەۋىر -تاقەت تىلەيمىز.
سالام سىزگەقەدىرلىك ئەخمەد:
خېتىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم راستىنلا يېرىم بولدى،مەن ئەزەلدىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن سىزدىن ئۈمۈدسىزلىنىپ باقمىغان،ھەم سىز دېگەندىكىدەك خىيالغىمۇ كەپ باقمىغان.ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزدىن مۇشۇنداقلا ئاجىرىشىپ تۈگىشىش پېشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا بۇنى تارتماسلىقتىن باشقا ئىلاجىم يوق،مېنى غېرىپلىقنىڭ چۆلىگە تاشلاشنى تاللاپ بولغان بولسىڭىز مېنىڭ نىمە ئىلاجىم.سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىققان «تالاق»دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن.بۇنداق دېسەم ئاللاھ بىزنىڭ نىكاھىمىزنى راۋا كۆرمەيدۇ.ئەگەر شۇنداق قىلىشنى ئۈمۈد قىلسىڭىز،مۇشۇ ۋاقىتنى تاللىغىنىڭىزغا بوپتۇ ،ماڭا ۋاقىت بېرىڭ.مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن يۈرۈكىم بىلەن سىزنى غېرىپلىق ئىچىدە يەنە ساقلايمەن.سىز چىققاندا،سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆز ئاغزىڭىزدىن «تالاق»دېگەن گەپنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغىم بار.يوللىرىڭىزغا تەلمۈرگەن كۆزلىرىم بىلەن سىزنى ئاخىرقى بىر رەت كۆرسەم دەيدىغان ئارزۇيۇم بار.كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم،سىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مەندىن ئەنسىرىمەڭ،مەن ياخشى دەپ يازغان خەتلىرىم يېنىڭىزدا بارمۇ؟ بۇندىن كېيىن مەن قانداقمۇ ياخشى بولالايمەن.مېنى بەك ئۈمۈدسىزلەندۈردىڭىز،بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىقىم مېنىڭ جېنىمغا يۈك، شۇنداق ئېغىر يۈك،بىلەمسىز.سىزغۇ مېنى بەزى ئىشلار تۈپەيلى تاشلاپ كەتتىڭىز،ئەمدى بۇ كۈنگىچە كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋېتىپ سىزنى سۆيمەيمەن،سۆيەلمەيمەن دەپسىز،بۇگەپلىرىڭىز دەپ-دەپ دەۋالىدىغان ،ئويناپ –ئويناپ تاشلىۋىتىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس.شۇڭا سىزدىمۇ چىن مۇھاببەت قارىشى بولسۇن ئەھمەد.ئۆزىڭىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئايالنى تاپقاندا ،سىزمۇ ئۇنى چىن دىلدىن سۆيۈڭ. ئەدەپ –ئەخلاق مۇھەببەتنىڭ ئاساسىدۇر.ئەدەپ -ئەخلاق بولمىغان مۇھەببەت ،ئادىمى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدكى شەھۋانىي ئىشتۇر.ئەخلاقلىق بولمىغان كىشى يولى يوق بىر تىكەنلىككە كىرىپ قالغاندەك بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۆمرى ،ئەپسۇس نادامەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي بۇ مۇھەببىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دېمەڭ،مۇھەببەت ھايات بىلەن مىھرىبانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.ماڭا دائىم ئازاپلا ھەمرا بولسىمۇ،شۇنداق خۇشال بولۇپ سىزنى ئويلاپ خۇشاللىق ئىلكىدە ياشايمەن،ھەر دائىم سىزگە بەخىت –سائادەت تىلەپ خۇشال بولسۇن دەيمەن.كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىماڭ،سىزنى كۆرگىلى چىقىپ كۆرۈشەلمەي ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.ماڭا ئىشنىڭ جېنىم ئەھمەد ،رازىمەن سىزنى دەپ جاندىن كېچىشكە،ئەگەر سىزنى كۆرسەم يۈرۈكىم ھاياجاندىن ،خۇشاللىقتىن ياشنىغاندەك بولىدۇ،خۇددى سۇغا تەشنا كارۋاندەك يۈرۈكىمدە ئوتلۇق تىلەك بار.قەلبىمنى چۈشىنىپ يېتەرسىزمۇ؟ۋاقتى كەلگەندە بىلەرسىز ساداقىتىمنى،ئاشۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ ھەجەپ قىيناپتىمەن دەرسىز،يەنە ئاجىرىشايلى دېسىڭىز،تۇرمۇشۇممۇ،خاراكتىرىممۇ ئۆزگىرىدۇ.ۋاقىتلار توشۇپ يېنىمغا قايتىپ كەلسىڭىز،يەنە قايتىلاپ سىزدە مۇھەببەت ۋە ۋىجىدان كەمكەن دېگەن بولاتتىم.ئىشىنىڭ،مەن سىزنى مەڭگۈ ساقلايمەن.سىزنىڭ ئاشۇ ئاجىرىشىش توغۇرلۇق يازغان خەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ ،ماڭا ئەلەم بولدى،ئۈنۈم بەردى.ئاشۇ دەريا-دەريا كۆز-ياشلىرىمغا تولغان كۈنلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ،كېسەل كارۋىتىدا ھازىرلاجېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك،قاتتىق ئاچچىققا تولغان ۋاقتىمدا سىزنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلسەم،سىزنىڭ بىپەرۋا كۆزلىرىڭىز،ئۆلسەممۇ ئاشۇ تارتىۋالالماس قوللىرىڭىز....سىزنى سۆيدۈم،ھاياتىم بىلەن سۆيدۈم.بۇ بىر يېرىم يىل مېنى سۆيگۈ بىلەن قىيناپ،ئاشۇ تاتلىق كۈلكىڭىز بىلەن يىغلاتتىڭىزھەم قىيناپ ئۆلۈم بىلەن باغلىدىڭىز.جېنىم قىينالدى،كېسەل دەستىدىن،يۈرەكتىكى ئەلەم تەپتىدىن،ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتتىم.يۈرۈكىمدە شۇنچە زور قورقۇنچ،شۇنچە زور ئىسيانكارلىق بولسىمۇ كۈلكەم بىلەن ھەممىنى ياپتىم.ساختا شادلىقىم يەنىلا سىز ئۈچۈن.شۇ چېھرىڭىزدە يەنە ئاشۇ بىپەرۋالىق بولمىسۇن،شۇنچە ۋاقىت تارتقانلىرىم،سىزنىڭ بىپەرۋالىقىڭىزۋە ئازابىڭىزمىدۇ ھېچ ئايرىپ بولالمىدىم.ماڭا بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەبەدى تۈگىمەيدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ.دۇنيا ئاجايىپ سىرلىق ئىكەن،سىز دۇنيادىنمۇ تىلسىمكەنسىز.سىزنى چۈشىنەلمىدىم ،ۋۇجۇدۇم ئوتىڭىزدا كۆيۈپ كۈل بولغاندا ،سىز بۇ گپنى قىلدىڭىز،ماڭا بۇ جاننىڭ نىمە كېرىكى.ھاياتلىقنىڭ چاقچىقى مېنى تاس قالدى جېنىمدىن ئايرىغىلى،خەيىر يايرىم،سىز بىلەن غايىبانە خوشلىشاي.سىز يەنىلا ئاجىرىشىمەن دېگەن قارارىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز ،بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خېتىم،يۈرۈكىم سۇ مېنىڭ ،ئىشىنەرسىزمۇ؟مەندە قانچىلىك زور تەشەببۇسنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەمسىز؟يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى ،شۇنداقلا سىزنى قەلبىمدە چوڭقۇر ئەبەدكە يوشۇرۇپ،پۈتۈن ئۆمرۈمنىڭ ھەر بىر تومۇر سوقۇشۇمدا ئەسلەيمەن.سىز ئاجىرىشىش توغرۇلۇق گەپ قىلسىڭىز ،مەن ھازىرلا باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.ئاجىرىشىپ كېتەيلى دېسىڭىز، سىز يوق سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم،سىز بىلەن توي قىلىپ سۆيۈشنى ئۆگىنىۋالدىم،رەسىمىڭىزگە قاراپ يىغامنى يوشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم،سىز بولمىسىڭىزمۇ خۇشال ياشاشنى ئۆگىنىۋالدىم.تەنھالىق ئىچىدە ئازاپلىق خىيال سۈرۈۋاتقان بىچچارە مىسكىن ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ،ئۆز-ئۆزۈمگە ئىچ –ئىچىمدىن ئېچىنساممۇ،ئەمما سىزنىڭ ماڭا بولغان پەرۋاسىز ھالىتىڭىزنى ئويلىغىنىمدا سىزدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزمەكچى بولىمەن.سىزنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولىمەن ،بىز تونۇشقان شىرىن خىياللار بۆشىكى تەۋرىنىپ غەمسىز ئۆتكەن ،ئاشۇ ئىنتايىن قىسقا بولغان ئەمما كۆڭۈللۈك ئۆتكەن چاغلارنى مەڭگۈلۈك ئېسىمدىن چىقىرۋەتمەكچى بولدۇم،بىراق نىمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىغاندىمەن،قانچە قىلساممۇ سىزنى ئۇنتالمىغۇدەكمەن.ئۇزۇن ھەم دولقۇنلۇق خىيالىم ،روھىمنى سۇغارغاندەك سۇغۇرىۋېلىپ ،سىزنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەنلىكىمنى ھېس قىلدۇرىدۇ.ئەسلىدە مەن ئۆزۈمنىلا سىزنى سۆيىمەنغۇ دەپ ئويلاپ تېگى يوق خام خىيالنىڭ بۆشىكىدە ئەللەيلەنگەنكەنمەن.ۋۇجۇدۇمدىكى كەسكىن توقۇنۇشلار،توختاۋسىز ئازاپ دولقۇنلىرىنىڭ ئىچىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى ،مېنىڭ مىسكىن ،بىچچارە قەلبىم ئاللا بۇرۇنلا سىزنىڭ يۈرۈكىڭىزنىڭ ئەڭ پىنھان جايىدىكى كۆرۈنمەس يېرىگە قامالغان ئىكەن ئەمەسمۇ.قەلبىم قەلبىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇسىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىدىلا ئېزىتقۇ خىياللارنىڭ ئاچكۆز چاڭگىلىدا ئازاپلانغانلىقىمدىن ئچېنىمەن.ئويلاپ كۆرسەم ،ئۆزەمنىڭ بولمىغۇر خىياللىرى ئۆزەم ئۈچۈن ۋەيلۇن دوزاق ئەمەسمۇ.ئۆزەمنىڭ ساددا ،ھاماقەتلىكىدىن نەپرەتلىنىمەن،ئىشىنەمسىز جېنىم ئەخمەد.رېئاللىق ھەرگىزمۇ خام -خىيالغا باقمايدىكەن،مەن سىزنى مەڭگۈ- مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمىگۈدەكمەن،كىم نىمە دېسە دەۋەرسۇن،پەرۋايىم پەلەك،سىزنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكىمۇ رازىمەن. سىزنى سۆيىمەن دەپ يازغان خەتلىرىڭىز،ئاشۇ خەتتىكى ۋەدىلەر يالغان ئوخشىمامدۇ،ئۇنتۇش ئۇنداق ئۇڭاي ئەمەسكەن ئەخمەد،مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ دېگىنىڭىز مېنى ئۆل دېگىنىڭىز،ئەگەر ماڭا قىلچىلىك كۆڭلىڭىز بولمىسا مەيلى ،چوقۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇشايمان يەيسىز ،ئاشۇ ۋاقىتتا قەدىرىمگە يېتەرسىز.ئاشۇ سۆيىمەن دېگەن گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولغانتىم ،ئەمدىلىكتە بولغاندا سۆيمەيمەن ،سۆيەلمەيمەن دېگەنلىرىڭىز ماڭا بەك ئېغىر كەلدى.يۈرۈكىم قاتتىق ئازار يېدى،مەن بۇرۇن سۆيگىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيتتىم ،لېكىن سىز بىلەن توي قىلىپ ھەقىقى چۈشىنىپ يەتتىم.ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ سىزنى ھەقىقەتەن سۆيىدىغانلىقىمنى بىلدىم،ئەنە شۇ قايغۇ ئىكەن.سىزنىڭمۇ قەلبىڭىزنى ،دەردىڭىزنى چۈشىنىمەن،شۇنداقتىمۇ پېشانەم شوركەن،سىزنىڭ تويدىن قايتىپ كېلەلمەي ،بۇ ئىشلارغا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا يىغلىدىم، چاندۇرماي تازا يىغلىدىم.ئامال قانچە ،تەقدىر بىزگە مۇشۇنداق چاقچاق قىلدى.سىز ئاجىرىشىپ كېتەيلى دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ،مېنىڭ سىزدىن يۈرۈكىم سوۋۇپ مۇھەببىتىم ئۆلسە مەن قانداق خۇشال يۈرەلەيمەن.مېنى سىزمۇ بىلىسىز ،مەن سىزدەك ئەقىللىق ئەمەس،سىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەن چوقۇم باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىمەن.چۈنكى مېنىڭ يولۇمنى يورۇتۇپ كۆرسىتىپ بېرەتتىڭىز، قولۇمدىكى قاچانلاردا يېنىپ قاچانلاردا ئۆچىدىغان چىراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن،سىزدىن ئايرىلسام كېيىنكى يوللىرىم شۇنداق خۇنۈك،چۈنكى مېنى ئازدۇردىغان شەيتانلار نۇرغۇن،ئەگەر يولدىن ئازسام بۇنىڭ ھېسابىنى سىز بېرىسىز. ھېسابىنى بېرەلەمسىز ئەھمەد!!! ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئاپام يوق سىز بىلىسىز،سىز كىرىپ كېتىپ مۇشۇ كەمگىچە ئېغىرىمنى ئاتام كۆتۈرۋاتىدۇ،بىچچارە ئاتامغا سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئېغىرچىلىقىمىزنى سالدۇق.بۇ توغرۇلۇق ئاتام قىلچىلىك مىننەت قىلمىغان بولسىمۇ ،لېكىن بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟سىزدىن ئايرىلسام ئاتامغا يەنە بىر غەم ئارتىلىدۇ،بۇنداق دېيىش بىلەن سىزگە بېسىم قىلغىنىم ئەمەس،سىزگە يېپىشىۋالغىنىم ئەمەس،پەقەت كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى دەۋاتىمەن.سىزدىن ئايرىلغۇم يوق ،سىزنى شۇنداق سۆيىمەن ئەخمەد.ئىككى دۇنيالىقتا سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغۇم بار،سىزدىن بالىلىق بولغۇم بار،سىزنى بالامنىڭ ئاتىسى قىلغۇم بار،سىز چوقۇم ياخشى ئاتا بولالايسىز. مەن سىزنى سۆيىمەن ،ئاللاھنىڭ ماڭا بۇ ئىشقى- مۇھەببەتنى سالغىنىغا مەن رازى،مەڭگۈ تارتىشقا رازى.سىز رازى ئەمەسمۇ،مەن سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىمەمدىكەنمەن،مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەمدىكەنسىز؟ كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيۋاتىدۇ،مەن سىزگە خەت يازغىنىمدا ،پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ مۇشۇ ئاپپاق قەغەز يۈزىنى بوياپ توشقۇزىمەن.بەزى ئىشلاردا سىز مېنى ئويلاپ ئۆزىڭىزنى ئالدىسىڭىز بولمايدۇ.مەن سىزگە ئاجىرشىپ كېتىش خىيالىڭىز بولسا دەڭ دېگەن،لېكىن بۇنداق دېيىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان.مەن سۆيىدىغان ،بىلىدىغان ئەخمەد ماڭا ئەزەلدىن بۇنداق ئازار بەرمەيتتى.بۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلار دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن. مەن سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن،ئەمدى دېمەكچى بولغانلىرىم مۇشۇ.نىمىلا ئىش بولسۇن سىز چىققاندىن كېيىن بولسۇن،يەنىلا شۇ ۋاقىتتىمۇ ئاجىرىشىش خىيالىڭىز بولسا مەنمۇ ھەرگىز ئىككىلەنمەيمەن.سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ۋە سىزمۇ سۆيىدىغان ،ئاشۇ چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئايالىڭىزنى ئويلاڭ.مېنىڭ يەنىلا دەيدىغىنىم ،ئەمدى سىزنى سۆيمەيمەن،سۆيەلمەيمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلغۇچى بولماڭ،مەن ئەمدى بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيمەن.ئەمدى خەت يازسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ.ئەمدى ئۇنداق بۇرۇنقى ئېرىڭىز دېگەن گەپلەرنى كۆرگۈم يوق. سىز دېگەن مەن ئۆزۈم سۆيگەن،چىن قەلبىمدىن سۆيگەن ياخشى ئېرىم ،چۈشەندىڭىزمۇ ،ئەمدى مەنمۇ خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي .ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ،كۆپ ئىشلارنى ئويلىماڭ ،سىزنىڭ مەڭگۈ ياخشى ئايالىڭىز. كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن مەندىن سۆيگۈمىزدىن قىلما ھەرگىز غەم قەدىرلىسەڭ تەئەللۇق سۆيگۈم قارچۇقىڭنى قاپلىمىسۇن نەم ئاللاھقا ئامانەت ،سىزنى سۆيۈپ ئايالىڭىزدىن،سىز مەيلى يېنىمدا بولۇڭ ،يىراقتا بولۇڭ تەكىرارلاپ تۇرىمەن ،سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن . مەن بۇخەتلەرنى كەچ سائەت 9:30دىن باشلاپ يازدىم،ئەمدى كەلگەن جاۋاب خەتتە ،مەن يەنە ئۈمۈدسىزلەنمەي بەلكى خۇشال بولاي. كۆڭلىڭىزگە كەلگىدەك گەپلەرنى يازغان بولسام رەنجىمەڭ. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئەسكەرتىش :بۇ ھەقىقى تۇرمۇشتا يېزىلغان سالام خەت بولۇپ رۇخسەت ئارقىلىق باغداشقا چىقىرىلدى ،پەقەت باغداشقىلا خاس،باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە،يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
|