- تىزىملاتقان
- 2013-3-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1186
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
55.14%
|
تارىغ بىلەن شۇخۇللانغۇچىلارغا مالۇمكى ، ھەزرىتى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ھۇجۇدى شەۋھىتىدىن ئىنساننىڭ پەيدا بولۇش توغرۇسىدا ئوخشاش بولمىغان رىۋايەت ، يىلنامىلار بار. ئەجەم خەلقى ئارسىدا بۇ ۋەقەلەرگە 6 مىڭ 13 يىل بولغان دىگەن كۆز قاراش بار بەزىلەر 5 مىڭ 900 يىل بولدى ، دېيىشىدۇ .
ھىساپ قائىدىسى ، ئەبجەت ھەرىپلىرنىڭ ھەممە سانلىق بەلگىللىرى بويىچە ھىساپلىغاندىمۇ 5 مىڭ 995 يىل دىيىلدۇ .
يەھۇدىلار تائىپىسنىڭ دىننى كىتابى تەۋراتتا ئېيتىلىشىچە ئادەم ئاتا بىلەن ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ ھىجىرىتىگىچە بولغان ئارلىق 5مىڭ 43 يىل دېيىلدۇ .
نىسارا ( خىرىستىيان ) دىننى كىتابى ئىنجىلنىڭ رىۋايەتلىردە ، ئادەم بىنا بولغاندىن تارتىپ مۇھاممەت ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك شۆۋكىتى ئاشكارە بولغۇچە 5 مىڭ 70 يىل ئۆتكەن دېيىلگەن .
ئىنسانلارنىڭ سەركەردىسى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرەتلىرنىڭ خاتىرلەشلىرىدە ، ھەزرىتى ئادەم سەيفۇللادىن ھەزرىتى نوھ نەبىليۇللاغىچە ( توپانغىچە ) 2 مىڭ 256 يىل، ھەزرىتى نوھ نەبىيۇللادىن ھەزرىتى ئىبرايىم خەللىللاغۇچە 1 مىڭ 70 يىل ، ھەزرىتى ئىبرايىم خەللىللادىن، سۇلايمان ئەلەيھىسالامغىچە 536 يىل ، ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسالامدىن ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالامغىچە 505 يىل ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالامدىن ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ يەجۇجىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان سېپىل سوقۇشلىرغىچە 717 يىل ، ھەزرىتى ئىسكەندەردىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھسالامغىچە 379 يىل ، ھەزرىتى ئەيسا ئەلەتھىسالامدىن رەسۇلىللانىڭ ( مۇھاممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ) پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئاشكارە بولۇشۇغىچە 400 يىل ئۆتكەن ، دىيىلگەن . جەملەپ ھېساپلىغاندا ، ھەزرىتى ئادەمنىڭ بىنا بولۇشىدىن مۇھاممەت ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئاشكالىنىشىقىچە بولغان ۋاقىت 5 مىڭ 863 يىل بولىدۇ.
بۇ خىل ھېساپلاشلار قەمەرىيە -ئەرەپلەرنىڭ يىلنامىسىگە ياكى شەمسىىيە - رۇميەلەرنىڭ يىلنامىسىغا ئاساسلانغان . مەلۇمكى ، شەمسىيە بىلەن قەمەرىيە يىلنامىللىرنىڭ ئارسىدا 11 كۇن پەرىق باردۇر.
ھەزرىتى ئادەم ئاتىنىڭ زامانىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە جاھاننىڭ سەلتەنەتبتەختىدە ئولتۇرۇپ ، كىشىلەرگە يىتەكچى بولغان بەك - پادىشاھلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىككى بۆلەككە ئايرىش مۇمكىن . بىرىنجى بۆلەك ، ھەزرىتى مۇھاممەت ئەلەيھىسالامدىن ئىلگىركىلەر بولۇپ ، بۇلار پىشى دادىيان ، كىيانىيان ، ئەشكانىيان ، ساسانىيان ، دېگەن تۆت يەبىقىدۇر .
ئەزەلدىنلا غەرىپ ئەللىردىن پەيغەمبەر بولماقلىق ، ئەجەم ئەللىردىن پادىشاھ -سۇلتان ( ھۆكۇمدار ) چىقماقلىق پۇتۇلگەندۇر .
ئىككىنجى بۆلەك ، ھەزرىتى مۇھاممەت ئەلەيھىسالامدىن كېيىنكى ھاكىميەت تارىغى بولۇپ بۇلار 1- بېننى ئوىيە ،2- ئابباسىييان ، 3-سامانىيان ، 4-ئەلپۇيە، 5- سوبىك تېكىن، 6- خارازمىيان،7 - مۇلاھىدە تۇل مون ، 8 - سەلجۇقىيان، 9 - چىڭگىسخان 10 - ئوسمان دېگەن ئون تەبىقىدۇر تارىخچىلارنىڭ يازمىللىردا ، دۇنياغا ئەڭ ئاۋال سۇلتان بولغۇچى كىشى كىيومىدىس ، ئۇ 40 يىل سەلتەنەت سۇرگەن ، 700 يىل ئۆمۇر كۆرگەن ،ئۇنىڭ ئوغلى سىيامەك ،ئۇنىڭ ئوغلى ھۇششەڭ ، ئۇنىڭ ئوغلى تەمھىورىس ، ئۇنىڭ ئوغلى جەمشىتتۇر پادىشاھ جەمشىت 700 يىل سەلتەنەت سۇردى . ئاخىردا زۇھاك ئۇنى ھەرىلەپ ئۆلتۇردى .
بۇلارنىڭ ھەممىسى توپاندىن ئىلگىركى تارىختۇر .
ئەفراسىياپ ، رۇستەم بىننى زال ،كەيكاۋۇسلار جەمشىتنىڭ ئەۋلادىندۇر .
گەپ ئۇزۇراپ كەتتى ئەگەر تورداشلار خالىسا ئاخىرنى يىزىپ لويارمەن
دەپ توردىشىڭلار ئەل زار |
|