قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ئالۋۇن

سەددىچىن دەججال ۋەقىيامەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5399
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 115
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 20:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-5 20:16  




















دەججال چىقىش ئالدىدا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. دەججال چىقىش ئالدىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرىنىدۇ؟ ئەگەر ئۇ چىقسا قانداق قىلىپ پىتنىسىدىن ساقلىنىمىز؟ ئۇنى قانداق تونۇيمىز؟




جاۋاب:  


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

دەججال دېگەن سۆز: يالغانچى، كاززاپ، كۆز بويامچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرىۋەتكۈچى، قاپلىۋەتكۈچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ پىتنىسى پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغان بولغاچقا شۇنداق دېيىلگەن. يەنە ئۇ يەكچەشمە بولۇپ، ئوڭ كۆزىنىڭ ئورنى سۈرتۈلگەندەك تۈپتۈز بولغاچقا مەسىھ دەپ ئاتالغان.([1])

قۇرئان كەرىم دەججالنىڭ چىقىشىغا مۇنداق ئىشارەت قىلغان:

[يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آَيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آَمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا]

(رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرى كېلىدىغان كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.)([2])

ئابدۇرراھمان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى داۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ھەر بىرى مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ داۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاپ دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، پىتنىلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ، مال-مۈلۈك كۆپىيىپ ئېشىپ تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مال-دۇنيا كۆپىيىپ ئېشىپ-تېشىپ، مال-دۇنيا ئىگىسى سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ باش قاتۇرىدىغان، ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى تەڭلىسە، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، دېمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە كىشىلەر ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە بىر كىشى بىر كىشىنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ (غەم-ئەندىشىسىنىڭ كۆپلىكىدىن): ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسامچۇ؟ دەپ قالمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە تاكى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، قۇياش چىقىپ خالايىق ئۇنى كۆرگەندە زېمىن ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ، مانا ئاشۇ چاغ (ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.) ([3]) دېگەن چاغدۇر. قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغىچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغىچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشى ئوقۇرىغا لاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىقىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ».([4])

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە باركى ئۇلار چىقسا (ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.) بىرى: كۈننىڭ مەغرىبتىن چىقىشى، يەنە بىرى: دەججالنىڭ چىقىشى ۋە زېمىن ئۇلىغىنىڭ([5]) ئورتىغا چىقىشى».([6])

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە دەججال چىقىش ئالدى-كەينىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ چاغقا قەدەر ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئېيمان ئېيتىشى كار قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دېمەك، ئايەتتە دەججال توغرىسىدا "رەببىڭنىڭ ئايەتلىرى" دەپ ئاشۇنداق بايان كەلگەن. بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنە شۇنداق تەپسىر قىلغان. ئۇنداق بولىدىكەن دەججالنىڭ چىقىشى كېلەچەكتە بولىدىغان بىر غەيب، قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئاندىمۇ، مۇتاۋاتىر ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر.

تۆۋەندە دەججال ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن يەنە بىرقانچە مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، بۇنىڭ بىلەن دەججالنى ئىنكار قىلغان خاۋارىجلار، جەھمىييەلەر ۋە بەزى مۇئتەزىلىلەرگە، شۇنداقلا ئۆزىنى قۇرئانچىلار دەپ ئاتىۋالغان بۇزۇق تائىپىگىمۇ رەددىيە بەرگەن، ھەمدە ئەھلى سۈننە مەزھىبىنى ئىسپاتلىغان بولىمىز.

فاتىمە بىنتى مۇنزىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: كۈن تۇتۇلغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ يېنىغا كەلسەم كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن: "كىشىلەرگە نېمە بولدى؟" دېسەم، ئائىشە ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ: "سۇبھانەللاھ!" دېدى. مەن: "كۈننىڭ تۇتۇلۇش ئالامىتىمۇ؟" دېسەم ئائىشە بېشىنى لىڭشىتىپ: "ھەئە" دېدى. مەن دەرھال نامازغا تۇردۇم، ئاخىرى بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، مەن بېشىمغا سۇ قۇيغىلى تۇردۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن يېنىپ ئۇلۇغ ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن: «مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ مۇشۇ ئورنۇمدا كۆردۈم، ئاندىن ماڭا شۇنداق ۋەھىي قىلىندىكى: سىلەر قەبرەڭلاردا دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئوخشايدىغان -ياكى يېقىن كېلىدىغان- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) پىتنە بىلەن سىنىلىسىلەر، بىرىڭلار كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن: "بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟" دەپ سورىلىدۇ. مۆمىن ئادەم -ياكى جەزمەن ئىشەنگۈچى- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: "ئۇ بولسا بىزگە ئېنىق مۆجىزىلەر ۋە ھىدايەت بىلەن كەلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتۇر، بىز ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق." دەيدۇ. ئۇ ئادەمگە: "سەن سالىھ بەندىلەردىن بولغان ھالىتىڭدا ئۇخلىغىن، سېنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىز بىلەتتۇق" دېيىلىدۇ. مۇناپىق-ياكى شەكلەنگۈچى- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: "بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمىدېگەن بولسا، ئاڭلاپ شۇنى دېدىم" دەيدۇ» دېدى.([7])

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (نامازدا) مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ھورۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، گۇناھتىن، قەرزدارلىقتىن، سىنىقىدىن، قەبرە ئازابىدىن، دوزاختىكى سۇئال-سوراق سىنىقىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، يەنە نامراتلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! مەندىن گۇناھلىرىمنى قار، مۆلدۈر سۇلىرى بىلەن يۇيۇۋەتكەيسەن، دىلىمنى گۇناھلاردىن خۇددى ئاق كىيىمدىن كىرنى تازىلىۋەتكەندەك تازىلىۋەتكەيسەن، مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپ ئارىسىنى يىراق قىلغىنىڭدەك يىراق قىلىۋەتكەيسەن».([8])

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ كېچە چۈشۈمدە ئۆزۈمنى كەئبىنىڭ يېنىدا كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بۇغداي ئۆڭ كىشىلەر ئىچىدە كۆرۈپ باققان ئەڭ چىرايلىق بۇغداي ئۆڭ بىر كىشىنى كۆردۈمكى، ئۇنىڭ سەن كۆرۈپ باققان چاچلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق چاچتەك چېچى بار، ئۇنى يۇيۇپ-تارىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئادەمگە-ياكى ئىككى ئادەمنىڭ مۈرىسىگە- تايىنىپ تۇرۇپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، دېيىلدى. ئاندىن كېيىن شۇنداق قارىسام كەينىدە چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پولتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەسىھ دەججال، دېيىلدى».([9])

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىدا دەججالنىڭ سىنىقىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان.([10])

ئەبۇ ئالىيە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «ئىسرا كېچىسى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا مۇسانى كۆردۈم. ئۇ بۈدۈر چاچ، قارامتۇل، خۇددى شەنۇئەلىكلەردەك ئېگىز بوي ئىدى. يەنە ئەيسانى كۆردۈم، ئۇ ئارا بوي، ئاق پىشماق، قىزغۇچراق، چېچى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. يەنە دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتە مالىكنىمۇ، دەججالنىمۇ كۆردۈم». شۇ قاتاردا ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا يەنە بىر مۇنچە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇسانى كۆرگەنلىكىدىن شەكلەنمە.

ئەنەس ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەرىشتىلەر مەدىنىنى دەججالنىڭ كىرىشىدىن ساقلايدۇ».([11])

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى زەيد ئاتىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارىمىزدىكى چاغدا ھەججەتۇل ۋىدا دەپ پاراڭلىشاتتۇق، ئەمما ھەججەتۇل ۋىدانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئاشۇ ھەجدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە سانا ئوقۇدى. ئاندىن مەسىھ دەججالنى تىلغا ئېلىپ ئۇزۇن توختۇلۇپ: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلىكى پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. نوھمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەم ئۆز قەۋملىرىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلەلمەي قالغىنىڭلار بىلەن رەببىڭلارنى بىلمەي قالمايسىلەر، رەببىڭلار سىلەرگە ناتونۇش ئەمەستۇر،-بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى- رەببىڭلار يەكچەشمە ئەمەس، دەججال بولسا ئوڭ كۆزى كوردۇر، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پولتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ».([12])

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا دەججالنىڭ گېپى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «كۆزى شىشىدەك ياپ-يېشىل» دېگەن.([13])

قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز ئۇممىتىنى يەكچەشمە، كاززاپتىن (دەججالدىن) ئاگاھلاندۇرغان، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ يەكچەشمىدۇر، رەببىڭلار بولسا يەكچەشمە ئەمەستۇر، دەججالنىڭ قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپ يېزىلغان». بۇ ھەقتە يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغاندۇر.([14])

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپ يېزىلغان، ئۇنى ئۇنىڭ ئىشىنى يامان كۆرگەن ھەر بىر كىشى-ياكى مۆمىن- ئوقۇيدۇ». يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىلىۋېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلار تاكى ئۆلگەنگە قەدەر رەببى ئەززە ۋە جەللەنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ».([15])

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ سۈپەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، سول كۆزى ياپ-يېشىل بولۇپ خۇددى پولتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇنى ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ.

يەنە يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ چىقىشىنىڭ قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

يەنە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە دەججالنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكى ۋە مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.([16])

ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «مەككە بىلەن مەدىنىدىن باشقا ھەرقانداق شەھەرگە پات ئارىدا دەججال دەسسىمەي قالمايدۇ. مەدىنىنىڭ ھەربىر كىرىش ئىغىزىدا سەپ-سەپ پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدىنىنى قوغدايدۇ، ئاندىن مەدىينە پۈتۈن ئاھالىسى بىلەن ئۈچ قېتىم قاتتىق تەۋرىلىپ، (ئاخىرقىسىدا) ئاللاھ بارلىق كاپىر، مۇناپىقلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ».([17])

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دەججال توغرىلىق ئۇزۇن سۆز قىلىپ بەرگەن، بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق دېگەن: «دەججال مەدىنىگە كىرىش ئۈچۈن، مەدىنىنىڭ شورلۇق بىر يېرىگە كېلىدۇ، ۋەھالەنكى دەججالغا مەدىينە كوچىلىرغا كىرىش ھارام قىلىنغان. ئاشۇ كۈنى دەججالنىڭ ئالدىغا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بىر ئادەم چىقىپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن دەججالدۇرسەن، دەيدۇ. دەججال ئەگەشكۈچىلىرىگە: ئېيتىڭلارچۇ، مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرسەم، بۇ ئىشتىن (ئىلاھلىقىمدىن) شەكلىنەمسىلەر؟ دېگەندە، ئۇلار: ياق، شەكلەنمەيمىز، دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. ئۇنى تىرىلدۈرگەندە ئۇ كىشى يەنە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنى بۈگۈنكىدەك ئوبدان تونۇپ باقمىغان، دەيدۇ. دەججال: مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېسەممۇ ئۆلتۈرەلمەيمەنغۇ؟ دەيدۇ».([18])

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلتۈرۈپ، تىرىلدۈرۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتا مۆجىزىلىرىدىن تۇرسا، ئىلاھلىق داۋاسى قىلىدىغان بىر كاززاپ ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىدۇ؟ جاۋاب: بۇ بەندىلەرنى سىناش ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ قىلغان داۋاسىدا ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى، قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپ يېزىقلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلار بار بولغاچقا، ئۇنىڭ داۋاسى كۇپۇرلۇق بەلگىسى، ئۆزىنىڭ ۋە قەدىر قىممىتىنىڭ كەمتۈكلۈكى بىلەن بىرلىكتە ئاقمايدۇ. شۇڭا ئىككىنچى قېتىم ئۆلتۈرەي دەپمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ ئىلاھ بولغان بولسا، ئۇ خەتنى يۈزىدىن يوقىتىۋەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى بولسا زىتلىقتىن خالىيدۇر".([19])

يەنە فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە دەججالنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، سولاپ قويۇلغان بولۇپ، كېيىن مەشرىق تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.([20])

يەنە بىر ھەدىستە ئۇنىڭ خوراساندىن چىقىدىغانلىقى، ئىسفاھانلىق يەھۇدىيلاردىن يەتمىش مىڭى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.([21])

يەنە دەججالغا نۇرغۇن ئاياللار ئەگىشىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.([22])

سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بەزى ھەدىسلەردە دەججال مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ جەڭلەردىن كېيىن چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ جەڭلەردە مۇسۇلمانلار ئولجا ئېلىپ غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا دەججال چىقتى دەپ خەۋەر كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.([23])

دەججال ئېلىپ كېلىدىغان پىتنىلەر ھەققىدە مۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر بار:

رىبئىي ئىبنى ھىراش رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟ دېۋىدى، ئۇ: مەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دەججال چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوت بىلەن سۇ بولىدۇ. كىشىلەر ئوت دەپ قارىغىنى ئەمەلىيەتتە سوغۇق سۇدۇر. كىشىلەر سوغۇق سۇ دەپ قارىغىنى بولسا ئەمەلىيەتتە كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. قايسىڭلار بۇ ئەھۋالغا يولۇقسا، ئوت دەپ قارىغاننى تاللىسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق سوغۇق سۇدۇر».([24])

قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ھېجكىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال ھەققىدە مەن سورىغاندەك كۆپ سوراپ باقمىغان، ئۇ مەندىن: «ئۇنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار؟» دەپ سورىغانتى، مەن: كىشىلەر: ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاغدەك نان، دەريادەك سۇ بار، دېيىشىۋاتىدۇ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ ئاللاھقا ئۇنچىلىك بولۇشتىنمۇ قەدىرسىزدۇر» دېدى.([25])

دەججالنىڭ پىتنىسىدىن تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن ساقلانغىلى بولىدۇ:

1. "كەھف" سۈرىسىنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلاش. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى "كەھف" سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى "كەھف" سۈرىسىىنىڭ ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.([26])

  "بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەسھابۇل كەھف ۋەقەلىكىدە نۇرغۇنلىغان ئاجايىب ئىشلار، مۆجىزىلەر بولغان. بۇلارنى ياخشى چۈشىنىپ ئاڭقىرىغان، مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشى ئاگاھ بولۇپ، دەججال پىتنىسىدىن گاڭگىراپ قالماي، ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنالايدۇ."([27])

شۇڭا يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا كەھف سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ئوقۇسۇن» دېگەن.([28])

2. ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر دەججالدىن قېچىپ تاغلارغا كېتىشىدۇ» دېگەن. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنداق بولسا ئۇ كۈندە ئەرەبلەر قەيەردە؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار بەك ئاز» دېگەن.([29])

3. مەككە بىلەن مەدىنىگە بېرىپ پاناھلىنىش. يۇقىرىدا دەججالنىڭ مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بايان قىلىندى. يەنە مۇنداق كەلگەن:

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىگە مەسىھ دەججالنىڭ قورقۇنچىسى كىرەلمەيدۇ، ئۇ كۈندە ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولىدۇ، ھەر بىر دەرۋازىدا ئىككى پەرىشتە قوغداپ تۇرىدۇ».([30])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەر بار، مەدىنىگە ۋابامۇ، دەججالمۇ كىرەلمەيدۇ».([31])

4. دەججالغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا: يالغان ئېيتتىڭ، رەببىم ئاللاھ! مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم دېيىش. بۇنداق دېسە دەججال ئۇنىڭغا زىيان ئۇرالمايدۇ، ياكى پىتنە سالالمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە شۇنداق كەلگەن.([32])

5. دەججال پىتنىسىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇش. يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا: «مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىندى.([33])

ئەلۋەتتە ئەقىلنىڭ ئىسلامدا ئالاھىدە ئورنى بار، بارلىق تەكلىپلەر ئەقىلگە باغلىق. لېكىن ئەقىل چەكلىك بولغاچقا غەيبىياتلارنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەقىل ئۆزى يالغۇز بىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىتابلارنى نازىل قىلغان. ئۇنداق بولىدىكەن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دەججال ۋەقەلىكىنى ئىنكار قىلىش ياكى رەت قىلىش توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ دەججالنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ شاگىرتى رەشىدى رىزامۇ دەججال ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەردىن شەكلەنگەن.([34]) ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان قۇرئانچىلار تائىپىسىمۇ دەججال قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان دەپ رەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە دەججال ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر مۇتاۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەتمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ سەھىھەيندىكى نۇرغۇن ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەر دەججالىنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكى، سۈپەتلىرى، چىقىش ئورنى ۋە ۋاقتى، قولىدىن كېلىدىغان ئاجايىب-غارايىپلار ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئەمەس. شۇڭا ئەقىلگە زىت كېلىدۇ دەپ ياكى قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنمىغان دەپ دەججال ۋەقەسىنى رەت قىلىش نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دەججالنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى ئاخىردا چۈشىشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بىلەن زىچ باغلانغان، چۈنكى دەججال ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.([35])

دېمەك، بۇ ئىككى مەسىلە ئەھلى سۈننە ئېتىقادى بويىچە ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەيبكە ئىشىنىش مۆمىنلەرنىڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.




پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-7-10
   


--------------------------------------------------------------------------------


([1]) لىسانۇل ئەرەب 13/543-544 شەرھى مۇسلىم-نەۋەۋىي 1/79 ئۇمدەتۇل قارىي 2/94.


([2]) "ئەنئام" سۈرىسى 158-ئايەت.


([3]) "ئەنئام" سۈرىسى 158-ئايەت.


([4]) سەھىھۇل بۇخارىي 7121-ھەدىس.


([5]) بۇ ئۇلاغ "نەمل" سۈرىسى 82-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىمام ئىبنى كەسىير  مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئۇلاغ زامانى ئاخىردا ئىنسانلار بۇزۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەن، ھەق دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن چاغدا چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا  زېمىندىن بىر ئۇلاغ چىقىرىدۇ، ئۇلاغ ئۇلارغا سۆز قىلىدۇ". تەپسىرى ئىبنى كەسىير 3/375.


([6]) سەھىھۇ مۇسلىم 158-ھەدىس.


([7]) سەھىھۇل بۇخارىي 1053-ھەدىس.


([8]) سەھىھەين: بۇخارىي 6368-ھەدىس. مۇسلىم 589-ھەدىس.


([9]) سەھىھەين: بۇخارىي 6999-ھەدىس. مۇسلىم 169-ھەدىس.


([10]) سەھىھەين: بۇخارىي 7129-ھەدىس. مۇسلىم 587-ھەدىس.


([11]) سەھىھەين: بۇخارىي 3239-ھەدىس. مۇسلىم 165-ھەدىس.


([12]) سەھىھەين: بۇخارىي 4402-ھەدىس. مۇسلىم 169-ھەدىس.


([13]) مۇسنەدى ئەھمەد 21184-ھەدىس. ئالبانىي "سەھىھ" دېگەن. سىلسىلە سەھىھە 1863-ھەدىس.


([14]) سەھىھەين: بۇخارىي 7131-ھەدىس. مۇسلىم 2933-ھەدىس.


([15]) سەھىھۇ مۇسلىم 169-ھەدىس.


([16]) سەھىھۇ مۇسلىم 2927.


([17]) سەھىھۇل بۇخارىي 1881-ھەدىس.


([18]) سەھىھۇل بۇخارىي 1882-ھەدىس.


([19]) فەتھۇل بارىي 13/103.


([20]) سەھىھۇ مۇسلىم 2942-ھەدىس.


([21]) سەھىھۇ مۇسلىم 2944-ھەدىس.


([22]) مۇسنەدى ئەھمەد 5353-ھەدىس. ئالبانىي: "ئىسنادى ھەسەن" دېگەن.


([23]) سەھىھۇ مۇسلىم 2898-2899-2900-2920-ھەدىسلەرگە قارالسۇن.


([24]) سەھىھۇل بۇخارىي 3450-3451-ھەدىس.


([25]) سەھىھۇل بۇخارىي 7122-ھەدىس.


([26]) سەھىھۇ مۇسلىم 809-ھەدىس.


([27]) شەرھى سەھىھى مۇسلىم-نەۋەۋىي 6/93.


([28]) سەھىھۇ مۇسلىم 2937-ھەدىس.


([29]) سەھىھۇ مۇسلىم 2945-ھەدىس.


([30]) سەھىھۇل بۇخارىي 1879-ھەدىس.


([31]) سەھىھەين: بۇخارىي 1880-ھەدىس. مۇسلىم 1379-ھەدىس.


([32]) مۇسنەدى ئەھمەد 16304. ئالبانىي سىلسىلە سەھىھەدە "سەھىھ" دېگەن. 2808-ھەدىس.


([33]) سەھىھەين: بۇخارىي 6368-ھەدىس. مۇسلىم 589-ھەدىس.


([34]) تەپسىرى مەنار 3/317، 9/408-416.


([35]) سەھىھۇ مۇسلىم 2937-ھەدىسكە قارالسۇن.


چېسلا: 2011-07-10 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

باھا سۆز

jahangir.123  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 00:15

0

تېما

3

دوست

4201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1170
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 21:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ ئۇستازغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئۆمرىنى ئۇزۇن تىننى سالامەت قىلسۇن .ئامېن..
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17227
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 21:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىت+ئاي لارنى يەجۇ-مەجۇجىلاغا ئوخشىتىشقا باشقىچە پىكرىم يوق. تاش-تۇپراق تۈگۈل چوشقىۋاي دىگەن جانىۋارنىڭ ۋاستىچى بۇلىشى بىلەن پوقنىمۇ بوش قۇيىۋەتمەي يەۋىتىدىغان خەلققۇ ئۆزى...
لېكىن، دەججال بىلەن سالاھىيەتلەشكە قۇشۇلمايمەن. بولسا قۇرئاندىكى ھۆكۈملەر تاشلاپ دۇنيانى سىلەر سۇرايسىلەر دەپ بەرسەك ‹دىننىي تەرەققىياتقا خىزمەت قىلدۇرغان› ياخشى پۇقرا بۇلىمىز. ئەمدىكى گەپ ئەمەلىيەت شۇنداقمۇ؟
ئارتۇق گەپ سورىمايمەي پەقەت بىر سۇئال؛ جۇڭگۇنىڭ سىياسىي،ئىقتىساد، ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ئاسىياغا(ھازىر)ھۆكۈمرانلىق قىلدىمۇ؟ ياكى بۇندىن كىيىنكى بەش يىلدا قىلالامدۇ؟
...
ماڭا 10يىلدىن كىيىن جۇڭگۇنىڭ گ د پ سى ئامىرىكىدىن ئېشىپ كىتىدۇ دىگەن گەپ كىرەك ئەمەس. بەلكى بۇلتۇرقى تاپاۋىتىڭىز بىلەن بۇيىلقى تاپىۋىتىڭىز ھەم ئىستىمال مىقدارىڭىز بىلەن سەرپىياتتىن كىيىنكى قالدۇق بولغان ھەميىنىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى مەن ۋە سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلە.







پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17227
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست! مۇنازىرىگە دۇقمۇش پاراڭلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋالمىساڭلار...

0

تېما

0

دوست

59

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17231
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elikaram يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 19:17
دەججال(ساختىپەز)چىققاندا ئەيسا ئەلەيھىسالامنىڭ چۈشۈشى بىر ھىكمەتتۇر.ئەيسا ئەلەيھىسالام ‹‹ئاللانىڭ روھىدۇر››يەنى ‹‹روھىل قۇددۇس ››دەپ ئاتالغان پەيغەمبەردۇر.
خوش،ئىنسانلار روھقا ئىتىبار بەرمەي مال-دۇنياغا ئۆزىنى ئاتقان بىر دەۋىردە ئەيسا ئەلەيھىسالام مەيدانغا كەلگەن.ئۇ دەۋىردە ھەممە يەرنى دىگۈدەك كىسەللىك ۋە ساختىپەزلىك قاپلاپ كەتكەن خۇددى ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئوخشاش.ھەزىرتى ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاللانىڭ ئىنايتى بىلەن كىسەللەرنى داۋالىغان،ساختىپەزلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايغان.بۇ شىپالار ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەززە ۋە جەللە ئاللانىڭ روھى بىلەن بىجىرىلگەن.
ھازىرقى زاماندا بىزگە ھەقىقى كىرەكلىك بولغىنى ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ‹‹روھدۇر››،قەلىبلەرگە شىپا ‹‹قۇرئان››دۇر.قۇرئاننىڭ 54 ئىسمىنىڭ بىرسى ‹‹روھ››تۇر ...


قاچاندىن باشلاپ ئەيسا پەيغەنبەر روھ بۇلۇپ قالغان گورۇز؟  ئاللاھنىڭ كارامىتى بىلەن بولغان.پەقەت بىر ئنسان ۋە پەيغەنبەر .ئەمدى ئاتىسىز يارىتىلغان بولسا روھ بۇلۇپ ئىلاھ بۇلۇپ قالامدا. ئادەم ئەلەيىھسالامنى توپىدىن ياراتقان،بۇنى بىلىپ بۇنىمۇ بىر روھ دەپ تۇرىۋالما. دىن تارقىتىدىغان ئىشىڭ بولسا باشقا يەرگە بار. ناسارانىڭ ئەڭ پەس بولغانلىرىدىن بىرى ئىكەنسەن سەن.قەستەن سىڭدۇرىمەن دىگىنىڭ ئۇخلاپ چۇشۇڭ.

باھا سۆز

aktuqi  ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى .مەريەمنىگە پۈدەلگەن نۇر دىسەك خاتا ئەمەس .لىكىن روھى دىسە بۇ ...تاز  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:40
elikaram  قارا ئىشەكتەك دۆت بىر نىمىلەر پەيدا بوپ قالىدىكەن؟ھەممە كىتاپتا بار گەپ ئۇ ھاراملىق ھايۋان؟سورا خەقتىن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:35
elikaram  ما ھارامدىن بولغان نىجىس نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى؟ھەي چوشقا ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››نى ئوقۇ ھە!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:33

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16920
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 23:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي،ا تالاشماىلار ، مەن بىر چوچەك ئېيتىپ بېرەي: توپان بالاسىدىن كېيىن  (خېلى يىللاردىن كېيىن) نوھ ئەلەيھسالام ئاللادىن شۇنداق تىلەپتۇ، ئھ ئاللا تائاللا ، ياراتقان زىمىنىڭ شۇنچىلىك كەڭرى ،  بىز زىمىنغا چۇشلۇق كوپۇيۇپ بولالمىدۇق،  شاپائىتىڭ بىلەن زىمىنغا ئادەم كوپەيتىپ بەرسەڭ، ئاللا تائاللادىن خىتاپ كەپتۇ، ئەي نوھ، تىلىمىسەڭ بولاتتى چۇنكى بۇلار مۇھەممەتنىڭ ئۇممەتلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ، تىلىدىڭ خەير ، دۇئايىڭ ئىجابەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللا 18- قەۋەتتىلى ۋەيلۇن دوۋزاقتىن  ئىبلىسنى يەر يۇزىگە ئېتىپ چۇشۇرۇپتۇ، بۇلار يەر يۇزىگە بېلىق شەكلىدە چۇشۇپتۇ، بۇلار كوكتە ئۇچۇۋاتقان ، يەردە مېڭىۋاتقان ،سۇدا ئۇزىۋاتقان ھەممە نەرسىنى يەيدىكەن، بۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى كېيىنچە ئوزىنىڭ ئەجدادىنى خاتىرلەپ بايرام قىىلىپ  بايرامدا لەھەڭ كۇتۇرۇپ بىز لەھەڭنىڭ ئەۋلادى دەيدىغان بوپتىمىش.....

0

تېما

0

دوست

531

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9293
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 95
توردىكى ۋاقتى: 287
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 23:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىم ،جەددال بىلەن  يەجۇجە _مەجۇجىنى  پەرقىلەندۇرەيلى .
ئىككىسى ئىككى گەپ  .

باھا سۆز

1152705266  جەددال ئەمەس، دەججال دەڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:14

0

تېما

0

دوست

5056

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1129
تۆھپە : 783
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن چىن شىىخۇاڭنىڭ ئارىسىدا يۈز يىلچە ۋاقىت بار. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بۇرۇندۇر.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن سېپىل ياسىغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك قوۋملىرىغا قارشى ھۇجۇم ياكى مۇداپىئە ئېھتىياجىدىن ( ئۇ   پامىردىن ئۆتەلمىگەن، سىر دەرياسىنىڭ شىمالىغا ئۆتكەن بولسىمۇ كۆرىنەرلىك ئىش قىلالماي چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان).

چىن شىخۇاڭ شەرقىي جۇ سۇلالىسى زامانىدا شىمالدىكى كۈچلۈك مىلللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يەن، جاۋ قاتارلىق بەگلىكلەر ياسىغان سېپىللارنى تۇتاشتۇرۇپ ۋە ئۇزارتىپ ‹سەددىچىن›نى بەرپا قىلغان.


    پەيغەمبەر نەسەپلىكلەرگە ئىسلام ئەزەلدىن مەلۇم بولغان ، باشقىلار بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دەۋىتىدىن باشلاپ ئىسلامنى تونۇغان.
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ياشىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ‹مۇسۇلمان› دەۋالغانلارغا كۈلگۈم كېلىدۇ.

  تارىخ ھەققىدىكى  توقۇلمىلار نىمانچە زەھەرلىك.

باھا سۆز

ئالۋۇن  كالىسى يۇيۇلغانلارغا ئامال يوق  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 10:58
elikaram  دۆتلا ئادەملەر پەيدا بوپ قاپتۇ ما باغداشقا...ئىسكەندەرنىڭ گىپى قۇرئاندا بار،كىشىلەرنىڭ گىپى ئەمەس ئۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:39
1152705266  سىزنىڭچە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممىتى مۇسۇلمان سانالمايدىكەندە؟بۇ گەپ ت....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:16

0

تېما

0

دوست

531

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9293
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 95
توردىكى ۋاقتى: 287
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىم ،جەددال بىلەن  يەجۇجە _مەجۇجىنى  پەرقىلەندۇرەيلى .
ئىككىسى ئىككى گەپ  .

5

تېما

0

دوست

3023

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9317
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 648
تۆھپە : 539
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەددى ئىسكەندەر  =  سەددىچىن  ،سەددى  دىگن گەپ نىمە ئوزى ،

باھا سۆز

ئالۋۇن  سەددى-ئۇلۇغ،بۇيۇك،ئىگىز.....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:00
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-15 16:14 , Processed in 0.081187 second(s), 13 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش