قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 559|ئىنكاس: 5

خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

            خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن

         (تۇرسۇن نىياز غەزىلىگە تەخمىس)

خەلقىم سەن كۈلسەڭ كۈلىمەن كۈلمىسەڭ كۈلگۈنۈم يوقتۇر،
بەختىم كۈلگەن بىر سەن بىلەن سەنسىز خۇشال كۈنۈم يوقتۇر.
چۈنكى سەنسىز ھەقىقەتتىن سۆزلەيدىغان سۆزۈم يوقتۇر.
جاھان گۈلزارىدا خەلقىم سىنىڭدەك ئۇز گۈلۈم يوقتۇر،
كى بولسا باشقىدىن بىرسى كۆرۈشكە كۆز نۇرۇم يوقتۇر.

قەدىم ئۇلۇغ تارىخىڭنى يۇلتۇزلار يورۇتتى ئاقلاپ،
يەپ تۇرسىمۇ زۇلمەت ئۇزاق تارىخىڭ نۇرىنى يالماپ.
ھەقىقەت كۆمۈلمەس ئىكەن ھەرقانچە كۆمسىمۇ قاتراپ،
تۇرار ئەنە تۈمەن يىللىق شەرەپلىك تارىخىڭ چاقناپ،
بۈيۈك نامىڭ ئاتالماستىن يېزىلغان قۇرلۇرۇم يوقتۇر.

دۇنياۋى ساز قامۇسلىرىڭدىن پەخىرلىك ئۈزۈكلۈكسەن،
گۈزەللىكىڭگە ياراشقان نۇر ئۈزۈكتە  سۆيۈملۈكسەن.
قاراپ ھەرگىز تويمايمەن گۈزەللىكىڭگە ئۆمۈرلۈكسەن،
جاھان رەنالىرى ئىچرە سۆيۈملۈكسەن كۆيۈملۈكسەن،
سىنىڭدەك مىھرىبان غەمخان يۆلەنچىم مۇڭدۇشۇم يوقتۇر.

گۈزەل تاج دوپپاڭنى كەيسەڭ بولىسەن ئەجەپ ئىسكەتلىك،
تارىخىڭمۇ بەك ئۇزۇن پۈتۈلگەن تارىخقا تىلخەتلىك.
ئەرتۇڭا ئەۋلادى بولغاچ تارىختا سەن بەك قۇدرەتلىك،
جاسارەتلىك باھادىرسەن ئالىپ ئەرتۇڭا خىسلەتلىك،
گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتتە پەخىرلەنمەس كۈنۈم يوقتۇر.

سىنىڭسىز مەن  يوقالغايمەن بولۇپ بىرتال چۈرۈك كەسلەم،
كىسەل بولسام تېپىلماس ھېچ سىنىڭسىز بىر شىپا مەلھەم.
سەندىن قۇۋەتكە تولغاچمەن بۇلاقىڭدىن ئىچىپ زەمزەم،
ياشاپ كەلدىم گۆدەكلىكتىن پىشىڭگە باش قويۇپ ھەردەم،
بۈيۈك ئەجرىڭنى ئاقلاشتىن بۆلەك مەقسەت ئويۇم يوقتۇر.

مۇرادىمدۇر بەختىڭ ئۈچۈن ئانا تۇپراققا تېرىلسام،
گۈزەللىكىڭ ئۈچۈن ھەمىشە گۈل بولۇپلا ئېچىلسام.
نۇرغا پۈركۈپ چىرايىڭنى جاھالەت باغرىنى تىلسام،
قەسەمبىللا ئىرادەمگە مۇخالىپ زەررە ئىش قىلسام،
يورۇق دۇنيا ماڭا زۇلمەت مېڭىشقا تۈز يولۇم يوقتۇر.

مۇرادىڭغا يىتىپ خەلقىم كۆڭلۈڭنى خوشال ئەتكەندە،
باھار قۇياشى چىقىپ ھەردەم غەم نەشتىرى كەتكەندە.
بەختىڭدىن كۈلۈپ ئايدا كۆڭلۈمگە كۈلكە ئەۋەتكەندە،
يېڭى شانلىق سەپەردە كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكەندە،
شۇكۈنكى بەختىيار بايرام كۈنىڭدەك چوڭ تويۇم يوقتۇر.

2013-نورۇز

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isil xeirkan,nimixka dostlarning dikkitini tartmidi bilalmidim,ot yuraktin qikkan ،yalkunluk suezlardin tizilghan xeirkan,kalam igisining ajriga rahmat,harmighaysiz!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

115

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17000
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز!

1

تېما

0

دوست

1495

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17178
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 00:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى يىزىپسىز   قۇلىڭىزغا  دەرت كەلمىسۇن.\
ھەممە  ئادەم  سىزدەك بولغان  بولسا  سىزدەك ئويلىغان  بولسا  بىزمۇ...................

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:45:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىپ ئىلھام بەرگىنىگە رەھمەت!

0

تېما

2

دوست

2801

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 20:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ! ھەممىمىز خەلقىمىز كۈلسە، كۈلىمىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )