جاننى ئالىدىغان ئالتە خىل يۇيۇنۇش ئۇسۇلى
نۇرغۇن كىشىلەر يۇيۇنغان ۋاقتىدا دائىم بېشى قايغاندەك ۋە نەپىسى يېتىشمىگەندەك ھېس قىلىدۇ، سەل سۆرۈنرەك جايغا بېرىپ تۇرسا ئاندىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا قان بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن ئىكەن. يۇيۇنغان چاغدا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، قان بېسىمى تۆۋەن بولغان ئادەم بۇنداق مۇھىتتا ئۇزۇنراق تۇرۇپ كەتسە مېڭىسىگە قان تەمىنلەش يەتمەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش، پۇت قولدا ماغدۇر قالماسلىق كېلىپ چىقىدىكەن.
مەست ھالەتتە يۇيۇنسا جىگەر بىلەن يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان قان شېكىرىنىڭ تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىپ، ئاسانلا باش قېيىش ۋە كۆزى چاقناپ كېتىش، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدىكەن، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىكتىن ئايلىنىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن!
ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ 30 گىرادۇسقا چىققاندىن كېيىن بەدەننىڭ ئىسىقلىقنى خورىتىشى %20 بولىدىكەن. بۇ چاغدا بەدەن ئاجىزلاپ يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئاسانلا باشقا ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.
تاماق يەپ تويغاندىن كېيىن يۇيۇنسا پۈتۈن بەدەن تېرىسى ئىسسىق سۇ سەۋەبىدىن غىدىقلىنىپ، تەر تۈشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش تىزلىشىدىكەن، لېكىن قۇرساق بوشلۇقىدىكى قاننىڭ تەمىنلىنىشى ئاجىزلاپ بارىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە يۇيۇنسا ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ ئايلىنىپ قالىدىكەن.
مەيلى ئەقلىي خىزمەت قىلىڭ ياكى جىسمانىي خىزمەت قىلىڭ، بەك ھېرىپ چارچاپ كەتكەندە يۇيۇنسىڭىز بولمايدىكەن. بىردەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنسىڭىز ياخشى ئىكەن. چۈنكى بەك چارچاپ كەتكەندە يۇيۇنسىڭىز ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالىدىكەن ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدىكەن!
بىر قىسىم سالامەتلىكى ناچار قىزلار سوغوق سۇدا يۇيۇنسا بولمايدىكەن. سالامەتلىكى ئەسلىدىلا ناچار ئادەم سوغوق سۇدا يۇيۇنسا ئاسانلا زۇكام بۇلۇپ قالىدىغان ياكى بولمىسا قىزىپ قالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىكەن. لېكىن دائىم سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىش بىلەن بىرگە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى.
|