جۇڭگو چاۋشىيەننى تاشلىۋىتىشى كېرەك
چاۋشيەننىڭ ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشى ، جۇڭگو جەمئىيىتىدە چاۋشيەننى تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن تېما ئۈستىدىكى چوڭ بىر مەيدان مۇنازىرىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، تور ئەھلىدە مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش شەكىللەنگەن. بىرىنجىدىن، جۇڭگو چوقۇم چاۋشيەننى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قوللىشى كېرەك، چۈنكى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى قان بىلەن گۆشتەك، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئوخشاش ئاڭ فورماتسىيىسىگە ئىگە، شۇنداقلا چاۋشيەن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېستىراتىگىيىلىك ئاجىزلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ئېستىراتىگىيىسىگە قارشى تۇرۇشتىكى بىر پىچكىدىن ئىبارەت. ئىككىنچىدىن ، جۇڭگو چوقۇم چاۋشيەندىن ۋاز كېچىشى كېرەك. سەۋەبى، چاۋشيەن ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ پاسسىپ مۈلكىگە ئايلاندى، جۇڭگو چاۋشيەننى باشقۇرالمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇنى تاشلىۋېتىشى كېرەك.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھازىر چاۋشيەننى تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان ۋاقىتقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ كېيىنكى كۆز قاراشنى قوللايدۇ. چۈنكى جۇڭگو چاۋشيەننى تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك دېگەن بىر نەچچە نۇقتىلىق ئاساس پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوقۇم نورمال دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشى كېرەك، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلىشى كېرەك. ئەمما مەۋھۇم ئاڭ فورماتسىيىسى ۋە ئېستىراتىگىيىلىك ئاجىزلاشتۇرۇش رايونى جەھەتتىكى رولى بىلەن ئۆزىنى چۈشەپ، ئۆزىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگىمۇ يول قويماسلىقى كېرەك.
بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچىدىن، دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئاڭ فورماتسىيىسى ۋە قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇش بەك خەتەرلىك. چۈنكى بۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ناۋادا بىز ئاڭ فورماتسىيىسىنى قىزىل سىزىق قىلىدىغان بولساق، ئۇنداقتا ھازىرقى جۇڭگو بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. جۇڭگو ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسى توغرىسىدا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئويلىغىنى بار، ئەمما بۇنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى پىرىنسىپ قىلىۋالساق بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئېستىراتىگىيىلىك بىخەتەرلىكىنى جۇغراپىيىلىك سىياسى ئۈستۈنلۈككە تاپشۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا چاۋشيەننىڭ رولىنى بەك كۆپتۈرۋەتكەنلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ چاۋشيەننى جۇڭگونىڭ ئېستىراتىگىيىلىك ئاجىزلاشتۇرۇش رايونى دەپ قارىشى، جۇغراپىيىلىك ئېستىراتىگىيە نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئېيتىلغان كۆز قاراش بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە، چاۋشيەن ھەقىقەتەن بۇ رولنى جايىدا ئوينىغان، ئەمما ھازىرقى زامان جەڭ ۋەزىيىتىدە، چاۋشەن بۇ جەھەتتە كۆپ رول ئوينىيالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېستىراتىگىيىلىك ئاجىزلاشتۇرۇش رايونىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەقەتلا خەتەرنى ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ رايون ئىچىدە خەتەر كۆرۈلگەندە بولسا، بۇنداق ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ناۋادا چاۋشيەن يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، جۇڭگو يەنە چاۋشيەنگە ياردەم بېرەرمۇ؟ بۇ پەقەت ئوتنى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە تۇتاشتۇرۇش ئەمەسمۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاجىزلاشتۇرۇش رولىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟
ئۈچىنچىدىن، چاۋشيەندىن ۋاز كېچىش چاۋشيەننىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدەك ھۆكۈمدىن چىقىرىلغان كۆز قاراش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت كىم جۇڭئىننىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن چاۋشيەننىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما چاۋشيەن نۆۋەتتە جۇڭگو ئەينى يىللاردا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن ئىچكى-تاشقى شارائىتتىن مەھرۇم بولۇپ، كىم جۇڭئىن مەلۇم دەرىجىدە ئىسلاھات قىلىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، چاۋشيەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان گوروھلار بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، چۈنكى ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىكەن، چاۋشيەننىڭ ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشۈشى مۇمكىن. بەرىبىر مەغلۇب بولىدىغان بۇنداق ھاكىمىيەت ۋە دۆلەتكە نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق نورمال دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئەقىلغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
تۆتىنچىدىن، چاۋشيەننىڭ ئۆزىمۇ جۇڭگودىن يىراقلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار تارىخنى ھازىرقىغا دەسسىتىشكە بەك ئامراق، ئەمما بۇ پەقەتلا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى . كىم ئېرسىنمۇ جۇڭگو ئارقىلىق ئامېرىكىنى مەغلۇب قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۇرۇشتا قۇربان بولغان جۇڭگولۇق ئەسكەرلەرنىڭ قەبرىسىنى تۈزلىۋەتكەن، ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى جۇڭگوپەرەس كىشىلەرنى باستۇرغان، ئەينى چاغدا دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ چاۋشيەندە ئاققان قېنىنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەتىجىسى مۇشىمۇ؟
بەشىنچىدىن، چاۋشيەن يادرو قورالىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. سىتانفورت ئۇنىۋېرسىتىتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈەن لىتەينىڭ ئاشكارلىشىچە، 2009-يىلى، كىلىنتون چاۋشيەندە كىم جۇڭئىل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، چاۋشيەن مۇنداق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرىنچىسى ، چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادى بولۇپ، كىم جۇڭئىل بۇنى جۇڭگونىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېستىراتىگىيىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن كۆرگەن. ئىككىنچىسى، كىم جۇڭئىل چاۋشيەننىڭ ‹‹ئالتە تەرەپ سۆھبىتى›› دىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ جۇڭگونىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان. ئۈچىنچىسى، ناۋادا ئامېرىكا چاۋشيەنگە ياردەم قولىنى سوزسا، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئىستىكامى بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا جۇڭگو چاۋشيەندىن ۋاز كېچىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، خەلقئارادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ئىش قىلماسلىقى كېرەك.
|