قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1884|ئىنكاس: 16

قەشقەردە ئىپارخان داراممىسى ئوينالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
قەشقەردە ئىپارخان داراممىسى ئوينالدى

2013 يىلى 4- ئاپرىل قەشقەردە شاڭخەي دارامما ئۆمىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى ( ئىپارخان) ھەققىدىكى داراممىنى ئوينىدى. مەن ؛ بۇداراممىنى بىز ئۇيغۇر ئارتىسلار ئورۇنلىغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە! .دەپ ئولاپ قالدىم. چۈنكى ئىپارخان مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى بولغان قىزلىرىمىز ئۈلگە قىلغۇدەك بەكمۇ ئىسىل ئىتىقادلىق ئۇيغۇرقىزى ئىدى.
ـ ئىپارخان يولدىشى جاھانگىرخوجا بىلەن ئەل ئازاتلىقى ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ ، خانغا تارتۇق قىلىش مەقسىدى بىلەن چىيەنلوڭ خان ئوردىسىغا ئاپپىرىلغان. بىراق ئۇ خانغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقازماي ، ئىسلام ئىتىقادى ۋە پاك مۇسۇلمان ئاياللىقىنى قوغداپ شىھىت بولغان.   شۇڭا  باشقا مىللەت ئەدىپلىرى ئىپارخاننى ئۆز خەلقىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئىپارخان ھەققىدە داراممىلارنى ئويناپ ئىپار خان خىسلىتى باتۇرلۇقىنى خەلقىگە  تەشۋىق قىلغان.  بۇ قېتىمقى ئوينالغان(ئىپارخان) ھەققىدىكى داراممىمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى .!  

    ئىپارخان زادى كىم؟!.
گۈزەللىكى،  پاكىزلىقى ، خۇشپۇراقلىقى بىلەن كىشىلەرنى  ھەيران قالدۇرغان باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغۇتۇپ،  جاھان ئەھلى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ (يەنى جاھانگىرخوجىنىڭ) ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئېلى خوجىنىڭ قىزى،   ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.  مانجۇلارنىڭ ئىپارخانغا «ئىپارخان»دىگەن نامنى بەرگەنلىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاكىزلىق ۋەخۇشپۇراقلىقتا تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى!!!.
. جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ ئۆز خەلقىنى تاجاۋۇزچىلار زۇلمىدىن قۇتقۇزماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
  ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،  
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
  تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
    بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
   باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.  
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
  ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.  
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
  قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.  
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
   پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
   بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
-  ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.

تۆۋەندىكى مىنىڭ ئىپارخان ئۈچۈن يازغان شىئېرىم.
            
               ئىپارخان،
پاك ئپىتىقاد ۋىجدان غۇرۇر داھىسى ئىپارخان،
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلىقى  شاھىتى ئىپارخان.
ئوردا چاڭگىلدا ئىپپەت ساقلىغان مۆجىزىدەك،
پەزىلەتلىك قىزلىرىمىز غايىسى ئىپارخان.
ئۇيغۇر پەخرى بولغىدەك تارىخ قالغان ئىپارخان،
دۈشمەن سېپىنى باھادىردەك يارغان ئىپارخان.
بىراق قۇمدەك تولا چىرىكلەر ئالدىدا ئاخىر،
ئەسىر بولۇپ چىڭ ئوردىسىغا بارغان ئىپارخان.
تا ئۆلگىچە جەڭ كىيىم بىلەن كەتكەن ئىپارخان،
ئىپپەت دىيانەتتە ۋايىغا يەتكەن ئىپارخان.
ئەجدادى تۇمارىستەك، ۋارىسى نۇزۇگۇمدەك،
تارىخىمىزغا شەرەپ بەخىش ئەتكەن ئىپارخان.
ئىسمىڭىز نۇرئەلانۇر ئىكەن ئەسلى ئىپارخان،
خۇشپۇراقلار چاچاركەن كۆرگەن پەسلى ئىپارخان.
شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار‹ئىپارخان›دەپ ئاتاپتۇ،
بولغاچ بىزيەنە پاك ياشار خەلق نەسلى ئىپارخان.
پاكلىقنى ساقلاپ ئۆلگەن ئەرگە سادىق ئىپارخان،
ئىتىقادى ئۈلگىلىك ئەلگە سادىق ئىپارخان.
يولدىشى ئىدى شۇ مەردۇ-مەردان خوجا جاھان،
ئەل ئەركىسى يولدىشى ھەققە سادىق ئىپارخان


ئىپارخاننىڭ قەۋرىسى قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكىرەم يولىنىڭ ھەزرەت مەھەللىسىدە بولۇپ،  تارىخچى  ئىمىرھۈسەيىن قازاجىمنىڭ «تارىخى ۋاقەئەتى كاشغەر» دىگەن كىتابىدا ئىپارخان ئۆلگەندىن كىيىن جەسىدى بېيجىڭدىكى خان جەمەتى قەۋرىستانلىقىغا قويۇلغان. بىراق ئىپارخاننىڭ تۇققانلىرى، خاننىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى بىلەن ئىپارخان جەسىدىنى نەچچە ئاي يول يۈرۈپ بۇ يەرگە يەنى قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا قەۋرىستانلىقىغا ئەككىلىپ دەپىن قىلغان دىيىلگەن.
ئەي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۈلگە قىلساق بولغىدەك شۇنداق ئىسىل ئىتىقادلىق ھەم باتۇر قىزلىرىمىز تۇرۇپ بىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئۇلارنى بىلمەي يۈرەيلى! باشقا مىللەتلەر بولسا ئۇلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ داراممىلارنى ئويناپ يۈرسۇن!  ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! نۇزۇكۇم ۋە يەتتە قىزلىرىم ....قاتارلىق بىر قىسىم ئىتىقادلىق باتۇر قىزلىرىمىز ھەققىدىكى نىپىز كىتاپلارنى تاپالىدىم. لىكىن (ئىپارخان) ھەققىدىكى بىرەر كىتاپنى تاپالمىدىم!  نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟!  نىمە ئۈچۈن ئىپارخان ھەققىدە نادىر ئەسەرلەرنى يازمايمىز؟! بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغان قىزلىرىمىزغا ئىپارخاندەك ئىتىقادلىق باتۇر ئۈلگىلەر كىرەك ئىدىغۇ؟!!!!!!؟؟؟؟؟ ........
   
2013-4-6

0

تېما

0

دوست

406

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17244
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 00:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.
---------------------------------------------------
1988- يىلى ئىشلەنگەن بىر كىنودا خەنسۇلارنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەي يىغلاپ يۈرگەن. بىر ماڭلىيۇرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بېيجىڭغىچە يىغلاپ بېرىپ، ئاخىرى ئۇ ياراتماي چيەنلوڭغا تۇتۇلۇپ قالغان بىر رەسۋا قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 3070
توردىكى ۋاقتى: 792
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 00:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sewriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 00:17  

(شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن..... )گەپ مۇشۇ يەردە .سىز  بۇ ۋەقە توغۇرلۇق ھەم كەينىدىكى يەتتە قىزلىرىم توغۇرلۇق  تارىخى ۋەقەلەرنى ياخشىراق ئۇقۇپ  بېقىڭ .ھەمىسىلا  قان ياش بىلەن يېزىلغان ئېچنىشلىق  تارىخ .

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 00:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 01:01  

قايسى ئورۇندا ئوينالغاندۇ...........بىلمەپتىمىز....
ۋىدىوغا ئېلىۋالغانلار بارمىدۇ......

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sadami يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 00:13
ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ د ...

توغرا دەيسىز؟!  بىرقىسىم خەنزۇ تارىخچىللىرى ئىپارخان تارىخىنى
بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋەتكەن! ھەتتا ( مەلىكەخۇئەنجۇ)دىگەن پىلىمدا
نومۇس قىلماي ؛(ئىپارخاننى دادىسى خانغا تەقدىم قىلغان قىلىپ
چىقىرىدۇ..ھەي! راسىتلام تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە
يازىدىغان ئوخشىمامدۇ؟  دەپ قالىمەن گاھىدا! ..

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arturan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 01:48  

مەن نەچچە قېتىم ئىپارخاننىڭ ئۆزگەرتىگەن ھەرخىل تارىخىغا قاراپ،
ئىپارخاندىن ئىككى، ئۈچى بارمۇ نىمە؟  دەپ ئويلاپ قالغان
چاغلىرىممۇ بولغان.

1

تېما

1

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17278
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )