- تىزىملاتقان
- 2012-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 444
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
72%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslan526 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-13 16:45
«كۈچلۈكلەرگە خاس روھى ھالەتنىڭ ئىپادىللىرى مۇنداق:
بىرىنچى، ئىگىلمەس-سۇنماس جاسارەت.
بۆرىدە دەل مۇشۇنداق جاسارەت بار. چۈنكى ئۇ، كۆزى چۈشكەن ئوۋنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. يەنى مۇۋەپىققيەت پۇرسىتى ئوندىن بىر ئۈلۈش بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى كۆز تىككەن ئوۋغا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، نىشاندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.
ئككىنچى، ئۆزىگە خاس ماكان قۇرۇش، كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىش ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھى.
ئۈچىنچى، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرمەي ئۆزى ھەل قىلىش.
بۆرە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەرگىز باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە تايانمايدۇ، بەلكى مەردانىلىك بىلەن ئۆزى ھەل قىلىدۇ.
كۈچلۈكلەر ئەزەلدىن باشقلاردىن ئاغرىنمايدۇ. ئۇلار باشقىلاردىن ئاغرىنىشىمنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايدۇ. شۇڭا رىئاللىققا مەردانە يۈزلىنىپ، ئۆز غايىسىنى ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھەرگىزمۇ كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ، باشقلارنىڭ ھىممىتىگە تايانمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇۋاپىقيەتنىڭ ئۈن-تۈنسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قولغا كىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغان ئادەمنىڭ ئاخىرى مۇۋەپپىقيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
تۆتىنچى، ئەيىبنى باشقىلاردا ئەمەس ئۆزىدە قويۇش، باھانە كۆرسەتمەسلىك.
كۈچۈكلەردە قورساق كۈپۈكى بولمايدۇ. ئۇلار باشقىلارغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئوچۇق-يورۇق ئېيتالايدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، سېسىتىدىغان، چۈشۈرىدىغان ئىشلاردىن مۇستەسنا ياشايدۇ.
كۈچلۈكلەر ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدۇ.كۈچلۈكلەرگە خاس روھى ھالەتتىكىلەر مەغلۇپ بولۇپ كەتسىمۇ، رەقىبىگە قورسىقىدا غۇم ساقلىماي، سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىگىدىن ئىزدەپ، ئىشنى ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشتىن باشلايدۇ. ھەمدە رەقىبىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئەستا يىدىل ئانالىز قىلىپ، كىيىنكى ئېلىشىش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
بەشىنچى، كۈچلۈكلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ يوقىرى تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن تىرىشىش.
دۇنيا،”بەرگەن كۈنىڭگە شۈكۈر“ دەپ ئۆتىدىغان ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ سەھنىسى ئەمەس. پەقەت ئادەتتىكى كىشىلەرلا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىنىگە قانائەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا سەۋەپ ئىزدەيدۇ.......
.... بىزگە كېرىكى بۆسۈش، ھەقىقى تالانت، تىرىشچانلىق، غەلىبە ۋە ئاشۇ غەلىبىگە بولغان ئوتتەك ئىنتىلىىش.
ئالتىنچى، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش،”بېلىق توتۇش“نى ئۆگىنىش.
كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى كولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئشلىرى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت ئىمكانىيىتىنى يارىتىشقا ئىنتلىدۇ. ئۇلار پۇرسەتنىڭ ھامان ئالدىن تەييارلانغان كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. كۈچلۈكلەر،”بېلىق توتۇش“نى ئۈگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كامالىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق بوشلۇق ھاسىل قىلىشقا تەشنا كىشىلەردۇر. ئاجىزلارنىڭ ئىنتىلىدىغىنى _مۇقىم خىزمەت شارائىتى، جان ساقلىغۇدەك تاپاۋەت ۋە ئارامخۇدا تۇرمۇش. ئەمما شۇنى بىلىش زۈرۈركى. تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ”سەرخىللارنى تاللاپ ناچارلارنى شاللاش ۋە ماسلىشىشچانلارنى ساقلاپ قېلىش“ پرىنسىپىدىن قىلچە تايمايدۇ. |
|