بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qinturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 17:57
ئىككىنجى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن يالغاندىن ئاجرىشىش
ئېلاۋە:نۆۋەتتە بىر قىسم ئەر-خوتۇنلار ئارسىدا يالغان<ئاجرىشىش>ھادىسىى كۈنسىرى كۆپيىۋاتقان بولۇپ،بۇلارنىڭ سەۋەبى ھەرخىل.ئىككىنجى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن يالغاندىن ئاجرىشىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب بولۇپ،يەنە ئىقتىساد ۋە باجدىن قېچىش ...سەۋەبىدىن <ئاجراشقانلار> ئاز ئەمەس.ئۇلار مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە يارشىۋالدىغان بولۇپ،مەخسىتى ۋە ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل بولماقتا.چىن لىياڭ جۈەن ۋە يولدىشىنىڭ <قانۇنلۇق> ھالدا ئىككىنجى بالىنى قاتارغا قوشۇش ئارزۇسى بولسىمۇ ئويلمغان يەردىن ئۇلارنى يېڭى ئاۋارىچىلق كۈتمەكتە ئىدى....
چىن لىياڭ جۈەن ۋە يولدىشى لوسوڭجۈن مەلۇم شەھەرلىك يېزىدا خىلى ھاللىق دىھقان،كىرىمى يامان ئەمەس بولۇپ،تىخى بىر كۈندىلىك بويۇملار دۇككىنى بار.بەزى كۈنلىرى تىجارىتى بەكلا قىزىپ كىتىدۇ.ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار بولۇپ، بۇ يىل باشلانغۇچ ئۈچىنجى يىللىقتا ئوقۇيدۇ،كۆرۈشكە بولىدۇكى:ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ بەخىتلىك.ئەمما بەزى تونۇش بىلىشلەر ئۇلارغا: يېقىندىن بۇيان ئىككىنجى پەرزەنىت ئۈچۈن يالغاندىن ئاجرىشىپ يەنە قايتا ياراشقانلارنىڭ كۆپلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بىېرىشتى.بۇنداق بولغاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالدىن <خالىي> بولغىلى بولاتتى....
شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن مەلۇم بىر<تونۇش>ىنىڭ يول تېپشى بىلەن (يېقىندىن بىرى بۇنداق يول تېپشقا ياردەم بىردىغانلار خىلى كۆپيىپ ،تىجارەتلىششكە قارااپ يۈزلەنگەن ئىدى) ناھايتى تىزلا يولدىش بىلەن ئاجراشتى.ھىلقى كىشى تاپقان ئادەم 50ياشلار ئەتراپىدىكى كىشى بولۇپ، چىن لىياڭ جۈەن ئۇنىڭ بىلەن يالغان توي قىلىش ھېسابىغا ھىلقى تونۇش ئادىمىگە 20مىڭ يۈەن پۇل بىرىدىغان،ئەمما ئاجراشقان مەزگىلدە ئۇ ئىرى لوسوڭجۈن بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى نورمال ئېلىپ بېرىپ، ھاملىدار بولغانلىقى مەلۇم بولغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامسىنى يېڭى قۇرغان يالغان ئائىلە نامىدا بىجرىپ ،بالا تۇغۇلسىلا ئاجرشىدىغان ھەمدە بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن يارشىۋالدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ <ئاسانلا> ئىككىنجى بالنى قاتارغا قوشقانلىقىنى ئاڭلىدى ھەم كۆردى،بۇ قېتىم بولسا ئۆزلىرى سىناپ باقماقچى بولدى.
ئۇلار ئاجراشتى، چىن لىياڭ جۈننىڭ يېڭى<ئىرى> ھەقىقەتەن يۇۋاش كىشى بولۇپ، كەچلىرى<ئايالى> نىڭ كىم بىلەن بىرگە ئەر خوتۇن بولۋاتقانلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيتى،دېمسىمۇ ئۇ 50تىن ئاشقان بىر بوۋاي تۇرسا، سۈرۈشتە قىلىسىمۇ نېمە قىلالايتى،يەنەكىلىپ،ئۇنىڭغا لازىم نەرسە پەقەت پۇل تۇرسا،ئۆز <سودا>سىنى بۇزىدىغان ئەخمەق ئەمەس-تە ئۇ!
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى، كونا ئەر_خوتۇنلار بۇرۇنقى ئامراق تۇرمۇشىنى داۋام قىلىۋەردى. تۆت ئاي بولغاندا بەخىت قۇشى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا قونۇپ،چىن لىياڭ جۈەننىڭ ھامىلدارلىقى مەلۇم بولدى. بىر ئەتىگەنلىكى چىن لىياڭ جۈەن يېڭى توي قىلغان <قانۇنلۇق> يولدىشى بىلەن نوپۇس ئىشخانسغا،تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئىلتىماسى ئېلىش ئۈچۈن باردى.خادىملار ئۇنىڭ 50تىن ئاشقان يولدىشنىڭ بۇرۇن بىرمۇ پەرزەنتى يوقلقىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇلارغا كنىشكا بىجردى ھەم بەخىت تىلىدى.بۇ چاغدىكى بوۋايىنڭ خۇشاللقىغا گەپ توغرا كەلمەيتى،چۈنكى:كىممۇ 50تىن ئاشقاندا پەرزەنتىلىك بولغاننى ئاڭلاپ خۇش بولمايدۇ؟
ئەپسۇسكى،بۇ خۇشاللىقىنىڭ نەتىجىسى تازا كۆڭۈللۈك بولماي قالدى.ئۇلار ئەمدى قايتىدىن ئاجراشماقچى بولغاندا بوۋاي ئاجرىششقا قوشۇلمايلا قالماستىن تېخى ئۇلارنىڭ نەسھتنى ئۇ ئاڭلاپمۇ قويمىدى.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئەينى چاغدا يول تېپىىپ بەرگەن ھىلقى كىشى 20مىڭ يۈننىڭ ھەممسىنى بېرىدىغانلقى ھەققىدە گەپ قىلىسمۇ ئاڭلاپ قويمىدى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان <بالا>سىنى كۆرۈش ھەممدىنى مۇھىم ئىدى.چىن لىياڭ جۈەن ئۇنڭىغا: بۇ بالىىنڭ دادسى باشقا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىمۇ،ئۇ يەنىلا ئاجىرشىشىقا قوشۇلمىدى.ئەگەر بۇ بالا مۇشۇ يالغان <نىكاھ> ئائىلىسدە تۇغۇلسا بالنىڭ فاملىسى ئېنىقلا باشقا بولاتتى.بۇلار ئاخىر سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشماقچى بولدى.ئەمما سوت خادىملىرىنىڭ سۇئاللىرى جەريانىدا <پىلان> ئاشكارلىنىپ قالدى. چاپقىنى ئوڭلاش تەس كىلىۋاتقاندا، جىتتاق بولۇپ قالايمىغانلاشقان بۇ ۋەزىيەتتە كەنىت ئاھالە كومتېتى خادىملىرى ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتشىقا باشلىدى.كونىلارنىڭ<پاختا ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولماس>دېگنى بىكار ئەمەستە.كەنىت كومتېتى بۇ بالىنى تۇغۇشقا بولمايدىغانلىقى،يەنە يالغان ئاجراشقان بۇ كىلشمىنى دەرھال بىرتەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقى،يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالسا بۇ ئىشنىڭ يالغۇز جەرىمانە بىلەنلا ھەل بولۇپ تۈگمەيدىغانلىقى....قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندا،ئانا قورسىقىدىكى بىچارە پەرزەنىت كۆز يېشى قىلماقتا ئىدى.
دا شىياۋ كى ئېمزالىقىدىكى بۇماقالە <<گۇاڭجۇ كەچلىك گېزىتى>>2013-يىل 23-مارىت كۈنىدىكى سانىنىڭ شەخسى تۇرمۇش سەھىپىسىگە بېسىلغان.(بەزى مەزمۇنلار قىسقارتىلدى ياكى تەرجىمە ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلدى).
羊城晚报,私生活-B12页,2013年3月23星期六
|