- تىزىملاتقان
- 2013-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3108
- نادىر
- 0
- يازما
- 253
ئۆسۈش
36.93%
|
ئەسسالامۇئەلەيكوم! شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك تورداشلار. شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ نىسبەتەن كۆپلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ھەممىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، بىلگەنلىرىمىزنى، ئويلىغانلىرىمىزنى بايان قىلىشىپ باقايلى.
تورداش دوستلار ئالدى بىلەن بىز شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ-مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سېلىشتۇرما-سىتاتىستىكا ماتىرىياللارنى كۆرۈپ باقايلى.
ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئەيدىزنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى سېلىشتۇرما ئەھۋالى ئەنە شۇنداق.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئۆتكەن يىلى (2012-يىلى) 12-ئاينىڭ بېشىدا مۇنداق خەۋەر بېسىلغان.
2012-يلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر نىسبىتىدە %80 ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللەتلەر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنىڭ %80 ئەمەسلىكى نۇقتىسىدىن چىققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ئالدىدىكى تۇنۇشى، پۇزىتسىيەسى ھەم ئەيدىزنىڭ نەدە، قانداق يۇقۇدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز، بىغەم، پەرۋاسىز كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن ئويلانماي تۇرالمايمىز.
خوش، ئۇنداقتا نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى بولسىمۇ، ئەيدىز شىنجاڭدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردا نېمىشقا باشقا رايۇن-مىللەتلەردىن پەرىقلىق ھالدا كۆپىيىپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئەخلاقسىزلىقمۇ، قىممەت ئېڭى قالايمىقانلاشقان چۈشكۈنلۈكمۇ، ياكى ئەيدىز توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ئۇسۇلى، شەكلى، مىقتارى جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكمۇ؟!
مىللەت-مەدەنىيەت ئارىلاشقان زاماندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى يىتەرسىزلىك بىلەن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىمۇ؟
سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ. ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى بىلگىلى، ماھىيەت ئارقىلىق ھادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ مىللەت ۋە يۇرتلار بويىچە پەرقنىڭ كىلىپ چىقىشى، شۇ مىللەت، شۇ يۇرتنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت-پۇزىتسىيەسىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ بىرىدۇ.
جەمىيەتتە باشقىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەخلاق كىلىپ چىققان. باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن كىلىپ چىققان. شۇڭا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشى ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمىيەتكە بېسىم، خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ. خەتەرلىك قىلمىشى بولمىسىمۇ، باشقىلار سەۋەبلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار چۈشكۈنلىشىدۇ ھەم ھاياتلىققا، جەمىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
"كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە" دېگەندەك، ھەر بىرىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ باقايلى. چۈنكى، سەۋەبنى تېپىپ چىققاندا ئاندىن ئالدىنى ئالغىلى، تىزگىنلىگىلى، ئازايتقىلى، يوقاتقىلى بولىدۇ.
|
|