بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur55 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 22:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىردان باغداش ئەھلى، ئامانمۇ سىلەر.
بۇ تېمىنى كۆپلەر بىلىدۇ. بىراق بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالسۇن، نادانلىقتىن قۇتۇلسۇن. ھالال رىزىق ئىزدىگەنلەر تېخىمۇ سەگەك بولسۇن دەپ يازدىم، بىلەرمەنلىك قىلىپ سالغىنىمنى كەچۈرۈڭلار.
ئىسلامدا ئايال ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ پۈتۈن ماددى ۋە مەنىۋى چىقىمى ئەرگە ۋەزىپە قىلىنغان.
بۇ يەردىكى ماددى چىقىم: تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، كىرا، ئۇششاق خىراجەت ۋە باشقا بارلىق يوللۇق چىقىملارنى كۆرسىتىدۇ.
مەنىۋى چىقىم بولسا، ئايال ۋە بالىلارغا ھەمرا بولۇشنى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇشنى، ئۇلارنى خۇشال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم(ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئامانلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن) بۇ جەھەتتە ھەممە ئىنسانلارغا ئەڭ ئالىي ئۈلگە. ئايالىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئايالى بىلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئوينايتتى، ئىشتىن ئۆيگە يانغاندا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيتتى، يامايتتى، ئايالىنى نەيزىۋازلىق ئويۇنىنى كۆرۈشكە ئاپىراتتى.
ئىسلامدا ئايالنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولىدۇ. مىراس ياكى خىزمەت ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە شەخسى مۈلۈك، تويدا ئەر تەرەپتىن بېرىلگەن مەھىر(تويلۇق) مۇ ئايالنىڭ خاس مۈلكى. ئايالنىڭ بالىغا چىقىم قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، بۇ ئاتىنىڭ ۋەزىپىسى. ھېچكىمنىڭ ئايالنىڭ شەخسى مۈلكىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئۈستىدە يوق بولغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئەگەر ئايال ئۆزى خالاپ، ئەرگە كىرىمىدىن سۇنسا بۇ خالىس قىلىنغان ھەدىيە بولىدۇ. ئەگەر ئايال ئىسلامدىكى ھوقۇقىنى بىلمەسلىكتىن، ئۆينى تەڭ بېقىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ تەڭ چىقىم قىلغان بولسا، بۇمۇ ھەدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى نادانلىق قىلغاچقا ئامال يوق.
شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، خىزمەتچى ئەرلەرمۇ خىزمەتچى ئاياللىرىدىن مۇئاشىنى ئۆيگە خەجلىمىدى دەپ ئاغرىنماسلىقى كېرەك. ئاياللارمۇ ئۆينى بېقىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم دەپ ئويلىۋېلىپ، خىزمەتكە ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئەسلىدىكى تەقسىماتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدىن بەختسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. ھەممە قېرىنداشلارغا جىمى خەزىنىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت تىلەيمەن.
|