- تىزىملاتقان
- 2013-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1805
- نادىر
- 0
- يازما
- 104
ئۆسۈش
8.71%
|
1- ئىككى مىللەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ، ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئاساسەن خالىمايدۇ ، بۇ دىگەن خۇتۇن خەق قىلىدىغان ئىش دەپ تىلۋۇزۇر كۇرەپ ياتىدۇ ، بارلىق جاپا ئايالغا بولىدۇ ، مەسلەن : تاماق ئىتىش ، بالا بېقىش ، كىر يۇيۇش ، ئۆي تازلاش ........... دىگەندەك خىتاي ئەرلەر بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆي ئىشى -سىرىتقى ئىش ھەممىنى قىلىدۇ ،
2 - ئۇيغۇر ئەرلەر نىڭ ئايالىغا كۇيۇنىشى ، سىلىق مۇئامىلە قىلش ، سەممى بۇلۇش ، ئىلمى پوزسىيەدە بۇلىشى ، ئايالى بىلەن بىرگە ساياھەت ، كۇڭۇل ئېچىش سۇرۇنلىرىغا بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ ، تۇرمۇشتا رومانتىك ئەمەس ، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئەرلەر نىڭ ئاياللىرىغا بولغان كۇيۇنىش ،ساداقەتمەنلىك ، ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى يۇقۇرى نىسبەتنى ئېگەللەيدۇ ،
3 - ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىغى تۆۋەن ، كۆزى چۇشكەن بىر گۇزەل قىزنى بىر ئاماللار بىلەن كەلتۇرەيدۇ ، مەخسىدىنى ئىشقا ئاشۇرسىلا ئۇنى چۆرۇپ تاشلايدۇ ، دەرھال يەنە بىرسىنى قوغلىشىدۇ ، نۇرغۇن قېتىم ئۆز مىللىتى ئەرلىرى تەرپىدىن ئالدانغان بىچارە قىزلار مىللتىدىن ئۇمۇتسىزلىنىپ ئاخىردا نىمە بولىدۇ ؟ بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ،
ھەتتاكى ياش بىر يەرگە بېرىپ نەۋرىلىك بولغانلارمۇ نەچچە يىللىق ۋاپادار ئايالىغا قەنائەت قىلماي ئىككىنچى ھەتتا ئۇچىنچى خۇتۇنىنى مەخپى ئېلىۋالىدۇ ، ئىسلامدا كۆپ خۇتۇنلۇققا يول قۇيدۇ دەپ ، ئىرىنىڭ بۇ ئىشىنى ئايالى بايقاپ قالغاندا ئۇ ئايالنىڭ قاتتىق غۇرۇرىغا كېلىشى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەمدىئىرىنىڭ ئالدىدا يارىماس قاتارىغا چىقىپ قالغانلىغىغا چىداپ تۇرالماي تۇرمۇش بۇزۇلىدۇ ، ختايلارنىڭ مۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلىرى ئۇيغۇرنىڭ نىسبىتىدىن تۆۋەن ،
5- ئۇيغۇر ئەرلىرى ھۇرۇن ، تەييار تاپ ، ھالى چوڭ ،تۇرمۇشى ياخشى بولمىسىمۇ پۇل تېپىش ئۇچۇن بىرەر كەسىپ قىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان ، جىسمانى ئەمگەكنى ئېغىر ئىش دەپ قىلمايدىغان ، يەل قوڭ ، قاششاڭ ، ئىقتىسادى جەھەتتە ئىلگىرلەشكە ئىنتىلمەي تەلەي سىناپ ، تۇرمۇشىنى تەقدىرگە باغلاپ نامراتلىقتا ئۆتىدۇ ، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئەرلەر مەيلى دىھقانچىلىق ، مەيلى كۆكتات تېرىش ، مەيلى قۇرلۇش قىلىش ، مەيلى قانداقلا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا ئالغا ئىلگىرلەش روھى ، ئىرادىسى بىلەن قىلىدۇ ، بىر ئامال قىلىپ تۇرمۇشنى ياخشىلايدۇ شۇڭا رايۇنىمىزدا بۇلارنىڭ نامراتلىرى بەك ئاز ،
مىللىتىمىز ئەرلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئىنتايىن تىرىشچان ، ئايالىغا ،باللىرىغا، ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا كۇيۇندىغان ، ھالال ئەمگىگى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۇزۋاتقان مەسئۇلىيەتچان ئىنساپلىق دىيانەتلىك ، ئىمانلىق ، جامائەتنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىۋاتقان كىشلىرىمىزمۇ ئىنتايىن كۆپ ساندا بۇلارغا ياتلىق بولغان ئايال ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ ، بۇنداقلارنىڭ باللىرىمۇ ناھايتى مەرىت ، غۇرۇرى كۇچلۇك ، قەلبى ساپ ، ئىمانلىق ئىنساپلىق ئادەم بولالايدۇ ،
لىكىن مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ، ئاڭ سەۋىيەسى تۆۋەن، قالاق ، ئادەمگەرچىلىكنى ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى بىلمەيدىغان ، يەربىيەسىز ، ۋىجدان ،غىۇرۇرنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان كېرەكسىز داشقاللاردۇر ، بۇنداقلار مىللتىمىزگە يۇق ، مۇشۇنداقلارنىڭ خارلىشىغا ، زۇلۇمغا ، ئازاپقا دۇچار قىلىشىغا ئۇچۇرغان نۇرغۇن ياخشى ئاياللارمۇ بولمىغۇر يوللارغا كىرىپ قېلىۋاتىدۇ ،
نىمە ئۇچۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتايلار بىلەن كۆپ توي قىلىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ60% نى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆزىدىن ئىزدەپ كۇرۇشى كېرەك ،
مەن بۇ يەردە خىتاي ئەرلىرىنى داڭلاش مەقسىدىم يوق ، ئۇلاردىمۇ نۇرغۇن ناچارلىقلار بار ، لىكىن يۇقۇردا دىيىلگەندەك كۆپ قىسىم ئىشلاردا ئۇلار قارىغاندا بىز كەتكۇزۇپ قويىمىز ياكى بەك ئىتىۋارسىز قارايمىز ،
ئاياللىرىمىز ياتلارنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمىسۇن دىسەك ، ئاياللارنى ھۆرمەت قىلايلى ، ئاسىرايلى ، ئۇلارغا ياردەملىشەيلى ، ئىللىق چىراي بولايلى ، ياخشى قوغدايلى ، شۇنداقلا ئائىلىدە ئەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ ، باللىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ پەرۋىش قىلايلى ، ئۇغۇللىرىمىزغۇىمۇ قىزلارنى ، ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىش توغۇرلۇق تەربىيەنى سىڭدۇرەيلى ، تۇرمۇشنى ، ئائىلىنى ئۇيان ئورنىدا كۆرمەيلى ، مىللىتىمىز ئەرلىرىنىڭ خۇتۇن قىزلىرىمىز ئالدىدىكى ياخشى ئوبرازىنى تىكلەيلى ، راسچىل سەممى بولايلى، ئەنە شۇ چاغدا مىللىتىمىز خۇتۇن قىزلىرىنىڭ يات مىللەتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ، مىللەتنىڭ ساپىلىغى ئاندىن كاپالەتكە ئېگە بولىدۇ ،
يۇقارقىلىرى پۇتۇنلەي ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ، ھەم كۆز قارىشىم ، ئىلمى كۆز قاراشتا بۇلۇپ مىنى تىللاپ كەتمىساڭلار ، خاتالىق بولسا ئىلمى تەنقىت بەرسەڭلا ،
|
|