قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5689|ئىنكاس: 118

( دولان ) ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

11

تېما

0

دوست

4301

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 990
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 415
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 17:26  

جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشنى تەكشۇرىشتىن تەھلىل
لى شاۋشا
دولان تەرجىمىسى

   ئىلاۋە: بۇئەسەر قەشقەر، خۇتەن، ئاقسۇ يېزىللىرىدىكى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنى تەكشۇرىش ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، بەلگۇلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، ئەسەرنى خەنزۇ ئاپتۇر يازغاچقا بەزى بىرتەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ،بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ، بۇبىر ئىلمىي ئەسەر بولغاچقا قېرىنداشلارنىڭ ئىلمىي پوزىدسىيەدە قارايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەسەردىكى بەزى يۇرىت نامى توغرابولمىسا تۇزىتىش بىرىشىڭلارنى ۋە ئىملا خاتالىقى بولسا ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
  جەمىيەتتەكىشىلەرنىڭ جۇرە تاللىشى، ئۆز مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، نىكاھ شەكلىنىڭ ئالاھىيدىلىكىشۇكى ئۆزىگە تۇنىش بولغان كوللىكتىپ مۇھىتى ئىچىدە ياشاش ھەمدە شۇ كوللىكتىپنىڭ ئىتىپاقلىقىنى ئىلگېرى سۇرىپ، تاشقى مۇھىدنىڭ تەسىرىدىن قوغداشتىن ئىبارەت. جەمىيەتتىكى ئىلىم ساھاسى ئومۇميۇزلىك ھالدا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى نىكاھلىنىش سانى بىلەن ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا باغلىنىشلىق دەپ قارايدۇ. ئوخشىمىغان توپلارئارىسىدىكى نىكاھ نىسبىتىنى ھەرقانداق بىر جەمىيەت كىشىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائى ئالاقە، توپلار ئارىسىدىكى بىۋاستە خەرەكتىر بىلەن ئۆلچەش بىرخىل سەزگۇرمەسىلە. كۆپلىگەن ئالىملار مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى مىللىي ئىناقلىقنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى مىللىي ئىناقلىقنى ئىلگېرى سورىشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.
  ئۇيغۇرلاربىلەن خەنزۇلار شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلار ئاپتۇنىم رايۇننىڭ شەھەر-يېزىللىرىدا ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ بىراق نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇربىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش سانى بىرقەدەر ئاز، 2000-يىلى 5-قېتىملىق نۇپۇس تەكشۇرىشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقامىللەت بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۇۋەن بولۇپ %1.05 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر %0.996 نى، ئاياللار %0.994 نى ئىگەللىگەن.
  كەمىنەقەلەم ئىگىسى 2003- ، 2007-يىلى دۆلەت ئىجتىمائى پەن پوندىنىڭ قوللىشى بىلەن «شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتلىك ئائىلىنى تەكشۇرىش » ۋە « جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنىتلەردىكى خەنزۇلار ئائىلىسى » دىگەن تەتقىقات تىمىسىدا،جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى ئۇستىدە نوختىلىق تەكشۇرىش ئېلىپباردىم، كەمىنە 2010-يىلى 1-ئايدا قەشقەر، ئاقسۇ، خۇتەن ئۇچ ۋىلايەتنىڭ 11ناھىيەسىدىكى خەنزۇ دىھقانلارنى مەخسۇس تەكشۇرىپ، جەنۇبى شىنجاڭ يېزا-كەنىتلەردىكى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا كۆپرەك چۇشىنىش پۇرسىتىگەئىگە بولدىم، مەزكۇر ئەسەر ئاشۇ تەكشۇرىش ئاساسىدا يېزىپ چىقىلدى.
1
  جەنۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايۇن، 2009-يىلى قەشقەر، خۇتەن، ئاقسۇئۇچ ۋىلايەتنىڭ ئومۇمى نۇپۇسى 8 مىلۇن 133 مىڭ 700 نەپەر بولۇپ، ئۇيغۇرلار %88.6 نى، خەنزۇلار %10.3 نى ئىگەللىگەن. خەنزۇلار ئاساسلىقى شەھەر-بازار ۋە بىڭتۇەنگە تارقالغان بولۇپ، يىزىلاردا بىرقەدەر ئاز. 4-قېتىملىق نۇپۇس تەكشۇرىشكەئاساسلانغاندا 1990-يىلى يوقۇرقى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ 288 يېزا ( بازار ) نىڭ %15 دەخەنزۇلار يوق، %15 دە خەنزۇلار 10 كىشىگېمۇ يەتمىگەن، خەنزۇلار نۇپۇسى 1000 دىن ئاشقان يېزا 10 بولۇپ، ئاساسلىقى ئاقسۇ ۋە قەشقەرگە تارقالغان، خۇتەن ۋىلايېتىدەخەنزۇلار كۇرىنەرلىك ئاز بولغان، پۇتۇن ۋىلايەتتىكى 76 يىزا ( بازار ) ئىچىدە، 3/1قىسمىدا خەنزۇلار يوق، 4/1 قىسمىدا خەنزۇلار 10 كىشىگىمۇ يەتمىگەن، 21 يېزا (بازار ) دا خەنزۇلار 11-50 كىچە بولغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا-كەنىتلىرىدە خەنزۇلار كۆپ بولۇپ، %44 يىزا ( بازار ) دا خەنزۇلار  300 دىن ئارتۇق بولغان. ئازساندىكى خەنزۇلارئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنىتلەردە تۇرمۇش كەچۇرىپ، ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىشىپ، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلىنىش ئەھۋالى كۇرۇلگەن بولسىمۇ، بىراق سانى كۆپ ئەمەس ئىكەن.
  جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىدا خەنزۇلار بىرقەدەر ئاز بولۇپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۆزئارانىكاھلىنىشى بىرقەدەر قېيىن بولغان، بۇ جايدىكى قىزلار ئىچكىرىدىكى قىزلارغائوخشاش ئوقۇشقا بېرىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە ئەرگە تىگىش قاتارلىق سەۋپ بىلەن يۇرىتتىن ئايرىلغاچقا، بويتاق ئەرلەر خۇتۇن ئېلىشتا ئىچكىرىدىكى يۇرىتتىن كىلىن يۆتكەش بىردىنبىر يولغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئازساندا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى كۆرىلگەن.
   قەشقەرشەھرىنىڭ ۋاپ دىھقانچىلىق مەيداندا 1000 دىن ئارتۇق نۇپۇس بولۇپ بۇنىڭ %60 ئۇيغۇر،%40 خەنزۇ ، بۇ يەردە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان بىر ئائىلە بار، ئەر خەنزۇ،ئايال ئۇيغۇر بولۇپ توي قىلغىلى 12 بولغان، ئىككى قىزى مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن (2000-يىلى ).
  يۇپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى چىسلىق كەنتىدە 345 ئائىلە بولۇپ، بىرلا خەنزۇ ئائىلىسى بار ئىكەن، ئەر ئۇيغۇر، ئايالى خەنزۇ، ئەر تىئەجىندە كاۋاپچىلىق قىلغاندا ھازىرقى خەنزۇ ئايالى بىلەن تۇنۇشىپ، تىئەنجىندە توي قىلغان بولۇپ بۇيەرگە كەلگىلى يېرىم يىل بولمىغان ئىكەن. ( 2003-يىلى )
  كۇچار ناھىيەسىنىڭ بىھىشباغ يېزىسى گىداكۆل كەنتىدىكى 200 ئائىللىك ئىچىدە 13 خەنزۇ ئائىلىسى باربولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان بىر ئائىلە بار، ئەر خەنزۇ،ئايالى ئۇيغۇر، ئەر مۇشۇ كەنىتتىكى خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ 2-ئەۋلادى، ئايالى باشقاكەنىتلىك ئۇيغۇر بولۇپ، ئايال تەرەپ خەنزۇ بىلەن توي قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇرغان،ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن كەنىتىتىن چىقىپكەتكەن ئىكەن. ( 2005-يىلى ).
  كۇچارناھىيەسىنىڭ چىمەن بازار موماتىرەك كەنتىدە 330 ئائىلە بولۇپ، %70 ئۇيغۇر، %30خەنزۇ ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان بىر ئائىلە بار، ئەرئۇيغۇر، ئايالى خەنزۇ بولۇپ، ئەر قۇتۇبى ناھىيەسىگە ئىشلىگىلى بېرىپ شۇ يەردىكى خەنزۇ قىز بىلەن توي قىلغان. كەنىتتىكىلەرنىڭ دىيىشىچە ئىلگېرىمۇ بۇ كەنىتتە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە بولۇپ، ئۇلار ئۆلىپكەتكەن ئىكەن ( 2010-يىلى).
   لوپناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسى ئىسلىقدۆڭ كەنتى خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنىت بولۇپ، كەنىتىتكى 90 ئائىلە ئىچىدەئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان 4-5 ئائىلەبار، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەر خەنزۇ ئايالى ئۇيغۇر ئىكەن ( 2010-يىلى ).
  چىراناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى تۇۋەنگىلاق كەنتىدە 76 ئائىلە 300 دىن ئارتۇق نۇپۇس بولۇپ، بىر توڭگان، بىر تىبەت، ئىككى ئۇيغۇر ئائىلىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ ئائىلەئىكەن، بۇ كەنىتتە ئازبولمىغان ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە بار بولۇپ،ھەممىسىنىڭ ئەرتەرەپ خەنزۇ، ئايال تەرەپ ئۇيغۇر ئىكەن ( 2010-يىلى ).
   جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدا تۇۋەندىكىدەك ئالاھىيدىلىك ساقلانغان.
  ( 1 )،ئەر خەنزۇ، ئايالى ئۇيغۇر بولغان نىكاھلانغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ ئىكەن.
   ئىسلام دىنى بەلگۇلىمىسىدە، مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ نىكاھلىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئەگەر نىكاھلىنىشقا توغرا كەلسە چوقۇم ئىمان ئېيتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئەرلەر ھۆكۇمىران جەمىيەتتە، ئايال كىشى توي قىلغاندىن كىيىن ئەرنىڭ بۇيرىقىغا «شەكسىز » بويسۇنىشى، ئەرتەرەپنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادىتىگە بويسۇنىشى، پەرزەنتىمۇئەرتەرەپ مىللىتىنىڭ ئەزاسى بولىشى لازىم، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىدىمۇ بۇ قائىدە ئوخشاش، ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلاردىن خۇتۇن ئېلىشى ئاسانراق ئىكەن، گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىنى تەكشۇرگەندە بىرنەچچى ئۇيغۇرپىشقەدەملەر « ئۇغۇللارخەنزۇدىن خۇتۇن ئالسا بولىدۇ، بىراق قىزلارنى خەنزۇلارغاياتلىق قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ » دىدى. بىراق تەكشۇرگەن ئەمىلىيەت خەنزۇ ئالغان ئۇيغۇردىن، ئۇيغۇر ئالغان خەنزۇ كۆپرەك ئىكەن، نۆۋەتتە شىنجاڭدا خەنزۇلار ئىچىدەئەرلەرنىڭ نىسبىتى كۆپ، 1944-يىلى شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ جىنسى پەرقى 132 ( ئەر132، ئايال 100 ) بولغان بولسا، يېڭى جوڭگو قورۇلغاندىن كېيىن ئىچكىرىدىكى كەسىپ ئالماشتۇرغان ئەسكەر، زىيالى، كادىر ۋە دىھقانلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپلەپ كىلىشى بىلەن، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى كۇرنەرلىك ئېشىپكەتكەن، 2000-يىلى شىنجاڭدىكى 60 دىن ئاشقان خەنزۇلارنىڭ جىنسى نىسبىتى 127 يەتكەن (ئەر 127، ئايال 100 ). 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي-ئۆرىپئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ئىتىپاقلىقىنى قوغداش ئۇچىن، ئاپتۇنىم رايۇنلىق پارتىكۇم خەنزۇ ئەرلەرنىڭ ئازسانلىق مىللەت ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشنى چەكلىگەن، بىراق جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىدىكى خەنزۇ ئەرلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىن خۇتۇن ئېلىشى قېيىن بولغاچقا، ئۇيغۇرئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشى كۆپ كۇرۇلگەن ۋە بۇگۇنگىچە داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ئىچكىرىدە تىجارەت قىلغان ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ خەنزۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشىنى ھىساپقائالمىغاندا، يەرلىكتە بۇ ئەھۋال ئاساسەن يوق، پەقەت خەنزۇ ئەرلەر ئۇيغۇر ئايال بىلەن نىكاھلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.
  ( 2 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغان.
  كۆپلىگەن شىنجاڭلىقلار ئومىميۇزلىك ھالدا « 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشى كۆپرەك بولۇپ، 80-يىللاردىن كىيىن بارغانسېرى ئازلىغان بولسىمۇ بىراق،بۇنداق نىكاھلانغانلارنىڭ جەمىيەتتىكى بەسىمۇ ئۇزلىكسىز ئاشماقتا » دەپ قارىدى.كەمىنە قەلەم ئىگىسى جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىنى تەكشۇرىش جەريانىدا، بىر ئەمىلىي پاكىتنى كىتاپخانلارغا دىيىشنى لايىق تاپتىم. لوپ ناھىيەسىنىڭ ئىسلىقدۆڭ كەنتى (خەنزۇ كەنىت ) دىكى L (خەنزۇ ) نىڭ ئانىسى ئۇيغۇر بولۇپ دول يېزىسىدا ئولتۇرىدۇ 60-يىللاردا توي قىلغان،80-يىللىرى بۇ كەنىتكە كۇچىپ كەلگەن، بۇ كەنىتتە 4 خەنزۇ ئائىلىسى بولۇپ، ئۇچى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە ئىكەن، Lمۇشۇ كەنىتتىكى Zبىلەن 1985-يىلى توي قىلغان، نەۋرى ئاكىسى 1961-يىلى مۇشۇ كەنىتكە كىلىپ ئۇيغۇرخۇتۇن ئالغان، 1980-يىلى Z نىڭ ئىككى ئىنىسى مۇشۇ كەنىتكە كەلگەن بولۇپ بىرسى ئۇيغۇر خۇتۇن ئالغان، Z نىڭ دىيىشىچە « ئاكىسىنىڭ ئوغلى ۋە ئۆزىمۇ ئۇيغۇر خۇتۇن ئالماقچىمۇ بولغان، چۇنكى ئىلگىرى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ ياخشى ئىكەنتۇق ».
  ئەگەرجەمىيەت ياكى مەدىنىيەت ئامىلىنى ئويلاشماي، پەقەت نىكاھ نوختىسىدىن قارىغاندا،خەنزۇلارنىڭ جىنسى پەرقىنىڭ چوڭ بولىشى، باشقا مىللەت ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋەتكەن؛ ئۇندىن باشقا خەنزۇلارنىڭ ئىقتىسادى شاراھىيتىنىڭ ياخشى بولىشى ۋە ئائىلىدە ئايالىغا يارىدەملىشىشتەك ئالاھىيدىلىكىمۇ، ئۇيغۇرئاياللىرىنىڭ خەنزۇ ئەرلەر بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ يەنىبىر تەرىپى دىيىشكە بولىدۇ. 80-يىللاردىن كىيىن ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشنىڭ تۇۋەن، قىيىنچىلىقنىڭ كۆپ بولىشىىدا،ئىقتىساد ۋە قاتناشنىڭ ياخشى بولىشى خەنزۇ ئەرلەرنىڭ جۇرە تاللاشقا قولايلىق بولىشتىن باشقا، ئەڭ ئاساسلىقى يۇرتىغا قايتىشنى ئويلاش، ھەمدە مىللىي چەك-چىگرىنىڭ بارغانسىرى ئېنىق بولىشىمۇ ئاساسىي سەۋەپ ئىكەن. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ جەمىيىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە خەنزۇ بىلەن نىكاھلانغان ئائىلىگە بولغان بېسىم ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىريەتكۇزىدىكەن.
  ( 3)ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشى خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان كەنىتتە كۆپرەك،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ ئارىلاش كەنىتتە ئازراق ئىكەن.
  نەزىرىيەجەھەتتە، ئەر ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل بىر ئورىندا ياشاپ، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش جەريانىدا ھىسىيات ئالمىشىپ، ياخشى كۇرىش ئارقىلىق باشقا مىللەت بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۇرىلىدۇ. بىراق شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى پۇتۇنلەي ئوخشىمايدىكەن، بىز تەكشۇرگەن ئەھۋالدىن بايقىشىمىزچە، ئۇيغۇر خەنزۇ بەلگۇلىك نىسبەتنى ئىگەللىگەن كەنىتلەردە،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە ناھايىتى ئازئىكەن، بۇلۇپمۇ لوپ، چىرادەك خەنزۇلار ناھايىتى ئاز رايۇندىمۇ ئازساندا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەر ئۇچرايدىكەن.
  ( 4 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىدە ئائىلە مەدىنىيىتى « ئۇيغۇرلىشىش » ياكى «خەنزۇلىشىش » ھادىسىسى ئومۇميۇزلىك مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئائىلە ئەمەس بەلكى شۇلارياشاۋاتقان جەمىيەتتىكى مىللەت قورۇلمىسى بەلگۇلىگەن.
  ئارىلاش نىكاھلانغان ئائىلىدە، ئادەتتە ئەر-ئاياللار جۇرىسىنىڭ مىللىي ئۆرىپئادىتىنىڭ  ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ترۇمۇشتا مۇققەرەرتەسىرگە ئۇچرىشى ياكى پەقەت بىرتەرەپنىڭ تەسىرى كۇرىنەرلىك بولىشى مۇمكىن، ئەگەرقايسى مىللەت كۆپرەك بولغان ئىجتىمائى مۇھىتتا ياشىسا مۇققەرەر شۇ مىللەتنىڭ بۇئائىلىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن كەنىتتىكى خەنزۇلارئۇيغۇردىن خۇتۇن ئالسا چۇقۇم « ئۇيغۇرلىشىش » ئى تەبىئى، بۇنىڭغا « جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھىكايە » دىگەندىكى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ياڭ تىڭجاڭنى مىسال قىلىشقابولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنىتىتكى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەردە پەرزەنتى ۋە مىللىي ئۆرىپئادىتى پۇتۇنلەي «خەنزۇلىشىش » يۇزبىرىدۇ.
2
  جەنۇبى شىنجاڭدا خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنىتلەر بەكمۇ ئاز بولسىمۇ بىراق ھەممە ناھىيە ۋە شەھەرلەردە بار. كەمىنە 2010-يىلى پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى سەيلى يېڭىكەنتى ( خەنزۇ كەنىت )، لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسى ئىسلىقدۆڭ كەنتى ( خەنزۇ كەنىت )، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى تۇۋەنتوغراق كەنتى( خەنزۇ نوڭچاڭ ) دا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان بىرنەچچە ئائىلىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەممىسىدە ئەرتەرەپ خەنزۇ ئايالى ئۇيغۇر بولۇپ، بىرنەچچەئالاھىيدىلىككە ئىگە.
  ( 1 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇش شەكلى خەنزۇلاشقان.
  بۇئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، ئۆينىڭ سەرەمجانلاندۇرىلىشى، ئەر-ئايالنىڭ ئائىلىدىكى خىزمەت تەخسىماتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بايرام ئۆتكۇزىشى، ئايالنىڭ كىيىنىشى، تاماقلىنىشى قاتارلىقلاردا خەنزۇلاشقان بولسىمۇ بىراق ئۇزۇقلىنىشتا پەرىق ساقلانغان، ئائىلىدە تاماقنى ئايال ئىتىدىغان بولغاچقا، بەزى ئۇيغۇرئاياللار چوشقا گوشى ئىشلەتمىگەن، بەزىسى چوشقا گوشىدا تاماق قىلسىمۇ ئۆزى يىمىگەن، ئايرىملىرى چوشقا گوشى يىگەن. مەسىلەن لوپ ناھىيەسىنىڭ ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى L ۋەئۇنىڭ قېرىندىشى ئايرىم-ئايرىم ئچا-سىڭىل ئۇيغۇرنى ئالغان بولۇپ، L ئائالىسى چوشقا گوشى يەيدىكەن ( ئاشكارە )، L نىڭ ئىنىسى  يىمەيدىكەن. ئايال تاماق ئەتمەيدىغان ئائىلىدە ئەر بىلەن پەرزەنتى سىرىتتا چوشقا گوشى يىسە ئادەتتەچەكلەنمەيدىكەن. بۇنداق ئائىلىدە ئۇيغۇر ئاياللار خەنزۇ ئاياللارغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدىكەن، ئەرمۇ ئايالنىڭ ئۆي ئىشىغا ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بارمەسلىھەتتە بىجىرىدىكەن.
   دەپنەقىلىش قائىدە-يوسۇنى مىللىي ئەنئەنە مەدىنىيتىىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، قويۇق دىنىي تۇسكە ئىگە. ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇبىرئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ. قارىقاش ناھىيەسىدىكى 47-تۇەن مەيدانى50-يىللاردا قورۇلغان بولۇپ، 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا خەنزۇغا ياتلىق قىلىنغا نئۇيغۇر ئاياللار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، قانداق دەپنى قىلىش بىر قىيىن مەسىلەبولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىسىدە، يات دىندىكى كىشىگە ياتلىق بولغان مۇسۇلمان ئۆلگەندىن كىيىن مۇسۇلمانلار قەۋرىستانلىقىغا قويىشقا بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالەمدىن ئۆتسە تۇەن رەھبەرلىكى يېقىن يېزىلاردىن ئاخۇن تەكلىپ قىلىپ نامىزىنى چۇشۇرىپ يەرلىككە قويغان،90-يىللارنىڭ ئاخىرى تۇەن مەيدان بىر پارچە يەرنى ئاجرىتىپ مۇسۇلمانلارقەۋرىستانلىقى قىلغاندىن كىيىن كەڭ مۇسۇلمان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغائىرىشكەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن شىنجاڭدىكى ئايرىم جايلاردا دىنىي تۇنىشنىڭ يوقۇرى كۇتۇرىلىشى بىلەن، خەنزۇلار بىلەن نىكاھلانغان بەزى كىشىلەرئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېتىم قېلىپ، ئۆلگەندىن كىيىن ئۆزمىللىتىنىڭ قەۋرىستانلىقىغاقۇيۇلمىغان، بۇ خىل ئەھۋال توي قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان ئائىلىنى ئاجرىشىشقامەجبۇر قىلغان. كەمىنە تەكشۇرىش جەريانىدا، خەنزۇلار كەنتىدە ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان ئىككى ئۇيغۇر پىشقەدەمنىڭ، ياشانغاندىن كىيىن ئۇيغۇرلار كەنتىدىكى قەرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كۇچۇپ بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۇزىپ، ئۆلگەندىن كىيىن مۇسۇلمان قەۋرىستانلىقىغا قۇيۇلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇندىن باشقا كەنىتتىكىلەرنىڭ دىيىشچە،خەنزۇغا ياتلىق بولغان بەزى ئۇيغۇر ئاياللار ئۆلگەندىن كىيىن خەنزۇ ئەنئەنىسى بۇيىچە خەنزۇ قەۋرىستانلىقىغا قويۇلغان، ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىكاھلانغان بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال بىرگە تاۋۇت تەييارلاپ قويغان، خەنزۇغا ياتلىق بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزئاغزى بىلەن ماڭا « ئۆلگەندىن كىيىن ئىرىگە ئوخشاش تاۋۇتتا ياتىدىغانلىقىنى » دىدى، بۇ خىل ئەھۋال مەن جەنۇبى شىنجاڭنى تەكشۇرىش جەريانىدا پەقەت ئۇچراپ باقمىغان ئىدى.
  ( 2 )، ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىدىكى پەرزەنتىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى ئومۇميۇزلىك تۇۋەن ئىكەن.
  خەنزۇلارتوپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنىتتە، ئالاقىلىشىشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىپ، بالىلارمۇخەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى ئومۇميۇزلىك يوقۇرى ئىكەن، مەسىلەن لوپ ناھىيەسىدىكى  L        ن نىڭ دادىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۆزى خەنزۇمىللىتىنى ئىتىراپ قىلغان، كىچىك ۋاختىدا ئۇيغۇرلار كەنتىدە ياشىغاچقا ئىنى-سىڭىللىرى ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەن، كىيىن خەنزۇ كەنتىگە كۇچىپ كەلگەن. L بىلەن ئىنىسى ئىلگىرى-كىيىن ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىل قىزغا ئۆيلەنگەن بولسىمۇ بىراق ئائىلىدە ئاساسەن خەنزۇچە سۆزلىشىدىكەن « مەن ئادەتتە ئۇيغۇرچەسۆزلىمەيمەن، ئائىلىدە ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئازپاز ئۇيغۇرچەسۆزلەيمەن، ئىككى بالام ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ، ئائىلىدىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيدۇ ھەم ئۇيغۇرچە ئۇگىنىشنىمۇ خالىمايدۇ، ئوغلىم ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ، قىزىم چۇشەنسىمۇ لىكىن سۆزلىيەلمەيدۇ » دىدى ئۇ ماڭا. چىرا ناھىيە تۇۋەن توغراق كەنتىدىكى A ( ئۇيغۇر ) نىڭ چوڭ ئاچىسى مۇشۇ كەنىتىتىكى خەنزۇ بىلەن تويقىلغان بولۇپ، تۆت بالىسى تۇرمۇشلىق بولۇپ بوپتۇ، يەزنىسى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىكەن،بالىللىرى ئۇزىنىڭ مەخسىدىنى ئوقتۇرالايدىكەن.
  ( 3 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەر ئۇيغۇر خەمىيىتيى بىلەن بەك ئاز مۇناسىۋەت قىلىدىكەن.
  ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەر ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە يەكلىنىپ، ئويغۇرلارئارىسىدا ئورنى تۇۋەن بولغاچقا، ناھايىتى ئاز بىرىش-كىلىش قىلىدىكەن. يوقۇردا بايان قىلىنغان L نىڭ ئايالى ( ئۇيغۇر ) ئۆز مىللىتى بىلەن كۆپرەك بەرىش-كىلىش قىلسا ئەر-خۇتونلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يىتىدۇ دەپ قارايدىكەن « مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايىتى ئازبىرىش-كىلىش قىلىمەن، ئۇلار ( ئۇيغۇر ئاياللار ) دائىم مەندىن، ناماز ئوقۇمسىز؟نىمىشقا خەنزۇغا ياتلىق بولدىڭىز؟ چوشقا گوشى يەمسىز؟ ئۆلگەندە تاۋۇتتاياتامسىز؟...دىگەندەك سۇئاللارنى سورىسا، ئىرىم ئاڭلىسا خاپا بولىدىكەن » دىدى،ئۇنىڭ نىكاھى ئۇيغۇرلارنىڭ چۇشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن، شۇنىڭ ئۇچىن ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايىتى ئاز بىرىش-كىلىش قىلىدىكەن.
  بەزى خەنزۇلار كەنتى چەتكە جايلاشقان بولغاچقا، ئۇيغۇرلار كەنتىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، H    بىلەن ئايالى ( ئۇيغۇر ) توي قىلغىلى 20 يىل بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئايال تەرەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ناھايىتى ئاز بېرىش-كىلىش قىلىدىكەن، ئۇ ماڭا « بىرقېتىم ئايالىمنىڭ نەۋرەئىنىسىنىڭ تويىغا بارغان، ئۇلار ماڭا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانغا قارىغاندەك بىرخىل قاراپكەتتى، قايىتقاندا بىرەرسىمۇ ئۇزىتىپ قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى بارمىدىم، مەن بارمىغاندىكىن ئايالىممۇ بارمىدى » دىدى، ئۇنىڭ ئايالى « بۇ يەردەئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەس، يېنىمىزدا 60 ياشتىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر خوشنىمىز بار بەزىدە بېرىش-كىلىش قىلىمىز، لىكىن ئۇيغۇرلار كەنتى بىلەن ئاساسەن بىرىش-كىلىش قىلمايمىز» دىدى. H نىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلىنىشنىڭ تەس بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقتىن دەپ قارايدىكەن « بىر ئۇيغۇر خەنزۇغا ياتلىق بولسا، ئۇئايالنىڭ شۇ يۇرىتتا ئورنى بولمايدۇ ھەمدە ئايالنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كىلىش قىلمايدۇ ۋە كەمسىتىدۇ » دىدى ئۇ.
  ( 4 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى مىللەت تاللاشتا ئاتاتەرەپ (خەنزۇ ) نى تاللىغان.
  دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەر توي قىلىپ تۇغۇلغان پەرزەنىت 18 ياشقا توشقانداقايسى مىللەتنى تاللاش ئەركىنلىكى بار، 20 ياشقا توشقاندا مىللەت تەركىۋىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگۇلەنگەن. ئۆتكەن يىللاردا مىللىي بىلەن خەنزۇنىكاھلانغا ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئاتا تەرەپ ( خەنزۇ ) مىللىتىنى تاللىغان بولسىمۇبىراق 80-يىللاردىن كىيىن كۇرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆپقىسىم پەرزەنىت ئازسانلىق مىللەتنى تاللاپ، ئازبىرقىسمى خەنزۇ مىللىتىنى تاللىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئازسانلىق مىللەتكە قارىتىلغان ئوقۇش، پىلانلىق تۇغۇت، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىتىبارسىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كەمىنە خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان بىرنەچچىكەنىتنى تەكشۇرىش جەريانىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە پەرزەنتىنىڭ ئىلگىرى مىللىتىنى خەنزۇ دىگەن بولسىمۇ بىراق يوقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۇچىن بەزىسىنىڭ مىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرىتكىننى بايقىدىم.
  چىراناھىيەسىدىكى Hبولسا 1991-يىلى توي قىلغان، ئۇچ بالىسى بار (ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىگە ئۇچ پەرزەنىت كۇرىشكە يول قويىدۇ ) بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مىللىتى نۇپۇسقاخەنزۇ دەپ ئېلىنغان، چوڭ ئوغلىغا كىملىك بىجىرگەندە مىللىتىنى ئۇيغۇر دەپ ئۆزگەرىتمەكچى بولسىمۇ بىراق ساقچىخانا « خەنزۇچە ئىسمى بار كىشىنىڭ مىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ » دىگەچكە تاشلاپ قويغان. H نىڭ دىيىشىچە « ئوغۇللىرى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەن، ئەگەرمىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرىتسە ئوقۇش جەھەتتە ئىتىبار باركەن، بىراق باللىرى ئۇيغۇرچىنى بىلمىگەچكە، ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قويسىمۇ ئامال يوق ئىكەن » ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇرىمچىدە ئوتتۇرا تەخنىكۇمدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارىلاشما قانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. شۇ كەنىتتىكى يەنبىرئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنىڭ 4 پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنىڭ مىللەت تەركىۋى خەنزۇ بولۇپ، ئىككى قىزى خەنزۇ بىلەن توي قىلغان، ئىككى ئوغلى ئارىلاشماقانلىق قىزلار بىلەن توي قىلغان ئىكەن.
  مىللەت تەركىۋىنى ئۆزگەرتىشتە ھەممىسى مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ بىراق مەدىنىيەت جەھەتتە ئوخشىمىغان ئۆزگىرىش ئېلىپ كىلىدۇ. لوپ ناھىيەسىدىكى L نىڭ ئاتىسى خەنزۇ ئانىسى ئۇيغۇر بولۇپ، تۆت قېرىندىشىنىڭ ھەممىسى مىللەت تەركىۋىنى خەنزۇ ئىكەن، بىراق بىر ئىنىسى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۇچۇن مىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرىتكەن، ھازىر 30 ياش بولۇپ مەلۇم ناھىيەدە يېزا باشلىقى ئىكەن. L نىڭ ئىككى قىزى ( بىرى 15 ياش، بىرى 12 ياش ) ئەسلى خەنزۇ دەپ نۇپۇسقا ئالغان بولسىمۇ كىيىن ئۇيغۇرغا ئۆزگەرىتكەن. L نىڭ ئايالى ( ئۇيغۇر ) « ئوغلىم كىچىك ۋاختىدا مىللەت تەركىۋىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتىشكە ئۇنىمىغان، مۇئەللىمىنىڭ دىيىشىچە ئەگەر ئۇ مىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرىتسە ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىغا قوبۇل قىلىشتا پايدىسىبار ئىكەن » دىدى، ھازىر ئۇبالا ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانبولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇرچە ئۇگەنمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلغان.
  ( 5 )،ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئارىلاشما قانلىق ياكى شۇخىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئىجتىمائى ئورنى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بۇخىل ئائىلىلەر ئۇيغۇرلار جەمىيىتىنىڭ بىرتەرەپلىمە قارىشىدىن خالىي بولالمىغان.
   جەنۇبى شىنجاڭدىكى خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنىتلەر ئادەتتە چەت باياۋانغاجايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر بولغاچقائۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز ئىكەن، بەزىسى ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنىڭ ئورۇق تۇققانلىرى ئىكەن، خەنزۇغا قىز بەرگەن ئائىلە ئۇيغۇرلار كەنتىدە يەكلەشكەئۇچرىغاچقا بەزىسى ئائىلە بۇيىچە قىزىنىڭ يېنىغا كۇچۇپ كەپتۇ. پوسكام ناھىيەسىدىكىB بولسا بىيجىڭلىق بولۇپ، 1966-يىلى بىڭتۇەنگە كەلگەن، 1970-يىلى ئۇيغۇردىن خۇتۇن ئالغان، كىيىن بۇ تۇەن چەرچەن ناھىيەسىگە يۆتكەلگەندە، خۇتۇننىڭ نوپۇسىنى يۆتكىيەلمەي سەيلى يېزىسىنىڭ ئۇيغۇرلار كەنتىگە ماكانلاشقان، 1974-يىلى بۇ يېزىدا خەنزۇ كەنتى قورۇلغاندا شۇ كەنىتكە يۆتكەلگەن، ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇخەنزۇ كەنىتكە كۆچۇپ كەلگەن. چىرا ناھىيەسىنىڭ تۇۋەن توغراق كەنتى ( خەنزۇ كەنىت )دىكى ئۇيغۇر ئايال A نىڭ ئاچىسىمۇ مۇشۇ كەنىتكە كۇچۇپ كەلگەن، چۇنكى ئۇيغۇرلار كەنتىدە خەنزۇغا قىز بەرگەن بۇ ئائىلە يەكلەشكە ئۇچرىغان، 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاچىسىمۇ مۇشۇكەنىتتىكى خەنزۇ ئاياللاردىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان بوپقالغان، ئانىسى ئەسلىدىكى كەنىتكە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆلگەندىن كىيىن ئۆزمىللىتىنىڭ قەۋرىستانلىقىدايېتىشنى ئارزۇ قىلغان. خەنزۇ تۇرمۇشىغا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار خەنزۇلارغا نىكاھلىنىپ خەنزۇ تۇرمۇشىنى تاللىغان. L نىڭ دىيىشىچە 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار كەنتىدە 4 ئائىلىلىك خەنزۇ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 3 ئائىلە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە ئىكەن، «ئۇيغۇرلاشقان » بىر ئائىلىدىن باشقىلار خەنزۇ كەنتىگە كۆچۇپ كەتكەن.
  ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ نىكاھلانغانلار مەيلى خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر مىللىتى تەرەپلەردە بولسۇن شۇجەمىيەتتىكى ئىقتىسادى ئورنى ۋە ئىجتىمائى ئورنى نىسبەتەن ئاجىز ئىكەن. مەسىلەن ئەرتەرەپنىڭ ئائىلىسى نامرات بولسا ھۆقۇق جەھەتتە يەككە يىگانە قالغان، ئەگەرئايال تەرەپ ئائىلىسى نامرات بولسا يات مىللەت بىلەن توي قىلىش سەۋەبىدىن ئۆزمىللىتى ئىچىدىن جۇرە تاپالماي، يات مىللەت بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۆرىلگەن.ئەلىۋەتتە ئائىلە شاراھىيتى ياخشى بەزى كىشىلەر مۇھەببەت ئۇچىن ئائىلىسى ۋەجەمىيەتنىڭ بەسىمىدىن قورىقماي بىرگە ياشاۋاتقانلارمۇ بار ئەلىۋەتتە. ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغۇچىلارنىڭ پەرزەنتى ياكى قەرىنداشلىرى ئىچىدە يات مىللەت بىلەن نىكاھلىنىدىغانلاركۆپرەك بولغان، بۇنىڭ سەۋەبى بەلكى ئارىلاشما قانلىق ياكى خەنزۇ بىلەن نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى ياكى ئۆز مىللىتى ئىچىدە جۇرە تاللاشنىڭ تەس بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك. L نىڭ ئۆزى ئارىلاشما قان ( ئۆزىنى خەنزۇدەپ ئىتىراپ قىلىدۇ )، ئايالى ( ئۇيغۇر ) بولۇپ ئۇچ ئاچا-سىڭلىسى خەنزۇغا ياتلىق بولغان، ئۇلارنىڭ ئىككى ھاممىسى ناھايىتى بورۇنلاشايار ناھىيەسىدىكى خەنزۇغا ياتلىق بولغان بولۇپ، L نىڭ ئايالىمۇ ئىلگىرى ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە بالا باققۇچى بولغان،ھاممىسىنىڭ ئائىلىسى خەنزۇلاشقان ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭمۇ خەنزۇغا ياتلىق بولىشى بىردىنبىر تاللىشى بولسا كىرەك.
3
   يوقۇرىدابايان قىلىنغان جەنۇبى شىنجاڭدىكى خەنزۇلار كەنتىدە ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلە كۆپرەك بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنىتتە نىسبەتەن ئازبولغان.
  ئەگەرھازىرقى زامان نىكاھ جەريانى ياكى يېزىلارنىڭ نىكاھ شەكلىدىن قارىغاندا، ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنىتتە باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش كۆپ كۈرۇلسە توغرا بولاتتى،چۇنكى ئىككى مىللەت كۆپ ئۇچرىشىدۇ، بىراق ئەمىلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،بۇنداق نىكاھ ناھايتى ئاز كۆرىلگەن، بۇنىڭ تۇپكى سەۋەبى جەمىيەتنىڭ بەسىمى بەكمۇچوڭ بولغانلىقىدا ئىكەن.
    بۇنى مۇنداق چۇشنىكە بولىدۇ:
  بىرىنجىدىن ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنىتلەردە ئايرىمچىلىق بىرقەدەر ئېغىر ئىكەن، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ باردى-كەلدىسى ئاساسەن ئۆزمىللىتى ئىچىدە چەكلىندىكەن. تەكشۇرىشتىن شۇمەلۇمبولدىكى ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنىتتەخەنزۇلار ئاساسەن بىريەرگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى بىر مەھەللىگە يىغىلغان (باشقىلار خەنزۇ شودۇي دەپ ئاتايدىكەن )، بۇنداق ئايرىلغان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت جەريانى، قەلىپ رىشتىسىدىكى ئايرىمچىلىقنى ئەكىس ئەتتۇرگەن.
  ئىككىنجىدىن جەمىيەت چوڭ ئارقا كۆرىنىشنىڭ تەسىرىدە، مىللىي تۇنىشنىڭ يوقۇرى كۆتىرىلىپ، مىللىي مۇناسىۋەتتىكى جىددىيچىلىك، ئۇيغۇر خەنزۇ ئارىلاش كەنىتتە ئەكىس ئەتكەن. شىنجاڭدا يېقىنقى20 يىلىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر خەنزۇئىككى مىللەت ئەزالىرى مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئىككى مىلەتنىڭ مىللەت چەك-چىگرىسى بارغانسىرى ئېنىقلىشىپ، ئۆزمىللىتىگە بولغان تۇنىش بارغانسىرى كۇچەيگەن، دىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى تەسىرى ناھىيىتى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇيغۇربىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشىدىكى قىيىنچىلىقنى ئاشۇرىۋەتكەن. تەكشۇرىش جەريانىدائۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغۇچىلار، بۇ خىل نىكاھنىڭ قىيىن بولىشىدىكى سەۋەپنى «ئىلگىرى نامرات بولغاچقا بۇلارنى ئويلىمىغان » دىگىننى ئاڭلىدىم. لوپ ناھىيەسىدىكىL  ئاتا-ئانىسىنىڭ ( ئاتىسى خەنزۇ ئانىسى ئۇيغۇر ) ئىلگىركى توي قىلىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ « ئانامنىڭ ئائىلىسى قارشى تۇرغان بولسىمۇ، يىزا كادىرلىرى خىزمەت ئىشلەپ، پۇتۇن ئائىلىسىدىلەرنىڭ قورسىقىنىڭ تويىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن قوشۇلغان ئىكەن، ھازىر دىنىي ئىتىقاد بەك كۇچلىك،ئەينى ۋاقىتتا قورساق تويمىغاچقا باشقا ئىشلارنى ئويلىمايتى » دىدى. ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كۇچىيىشى بىلەن ئۇيغۇر خەنزۇ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مىللىي بولگۇنچى كۇچلەر ۋە ئۇچىغا چىققان دىنىي تەشۋىقات بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، شۇمىللەتنىڭ مۇستەقىل رۇھىي تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش ياساپ، مىللەتتىكى ساپ قانلىق مەدىنىيەت ئامىلىنىڭ يەنە بىرخىل ئىپادىسى. مارسىلونىڭ قاتلاملىق نەزىرىيە ئانىلىزىدا « ئىنسانلارنىڭ فىزىئولوگېيلىك، بىخەتەرلىك، تەۋەلىك ۋە كۇيىنىش،ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى ھاسىل بولسا ئۆزىگە بولغان قەدىرلىنىش باشلىنىدۇ » دەيدۇ.نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن مىللىي كىملىكنى تونىش بولسا بىرخىل مۇھەببەتتىن ئىبارەت، بۇخىل ھىسىيات بەزىدە ۋەتەن، سىنىپ، كەسىپ قاتارلىققا يۆتكەلسە بەزىدەمىللەت ۋە مىللىي كىملىكنى تۇنىشتا ئىجابى رول ئوينايدۇ.
   ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىلەر ئۇيغۇر كەنتىدە بولسا « ئۇيغۇرلىشىش » خەنزۇكەنتىدە بولسا « خەنزۇلىشىش » كۆرىلگەن، بۇنداق نىكاھلانغان ئائىلىنىڭ «ئاتسىمىلاتسىيەلىشىشى » قايسى مىللەت بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى.ئادەتتە بۇنداق « ئارىلاشما ئائىلەردە » « ئارىلاشما مەدىنىيەت » ئامىلىنى ئۇچرىتىش بەكمۇ تەس بولۇپ، چۇقۇم بىرخىل يەككە مەدىنىيەتكە ئېغىش كۆرىلگەن،بۇلۇپمۇ 2-ئەۋلاتتىن باشلاپ ياكى ئۇيغۇر ياكى خەنزۇغا ئاتسىمىلاتسىيەلەشكەن، بۇلاركىيىن يەكلەنگەن ياكى ئىككى مىللەت ئارىسىدا كۆۋرىلىك رول ئوينىغان. ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ نىكاھلانغان ئائىلىنى تەكشۇرىشتە بۇنداق ئائىلىگە خەنزۇلاردىن كىلىدىغان بەسىمدىن ئۇيغۇر مىللىتىدىن كىلىدىغان بەسىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىگىنى ھىسقىلدىم.جەنۇبى شىنجاڭدىكى خەنزۇلار كەنتى ۋە ئۇيغۇرلار كەنتىدە خەنزۇلارئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇرلار خەنزۇلارغا يېقىنلىشىشتىن ئىھتىيات قىلىش ئومۇمىيۇزلىك مەۋجۇت ئىكەن، ئارىلاشما نىكاھلىق ئائىلە پەرزەنتى خەنزۇلاشقان بولسا خەنزۇلار جەمىيىتىگەسىڭىشى ئاسان بولغان، ئۇيغۇرلاشقان بولسا ئۇيغۇرلار جەمىيىتى قوبۇل قىلمىغان. بۇنداق ئارىلاشماقانلىق كىشىلەرگە خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇئامىلە قىلىشتىكى پەرقى بەڭ چوڭ بولۇپ، ئىككى مىللەتنىڭ يات مىللەت بىلەن توي قىلىشقا بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن باشقا، ئىككى مىللەتتىكى مىللىي پەرىق بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق ئۇيغۇرلار ناھىيىتى ئاسانلا ئۆزمىللىتىنىڭ بەسىمىغائۇچرايدىكەن.
  جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇيغۇرلاردا توپلىشىشچانلىقنى، خەنزۇلاردا يەككىچانلىق ئالاھىيدىلىكىنى شەكىللەندۇرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا بىرىش-كىلىش، خوشنىدارچىلىقمۇناسىۋىتى يوقۇرى بولۇپ، ھەرخىل توي-تۆكۇن، نەزىر چىراق، ھېيىت-ئايەمدە ئۆزئارابېرىپ-كىلىش ۋە ئورۇقتۇققان ۋە خۇشنىلار ئارا قائىدە-يۇسۇنغا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ خەنزۇلار يەككە ھالدىكى ئائىلە پائالىيىتى ۋە كۆڭىل ئېچىش خارەكتىرلىك پائالىيىتى كۆپرەك، مەسىلەن قەرىت ئويناش، ماجاڭ ئويناش ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشتىكى بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، مۇناسىۋىتى يېقىن كىشىلەر بىلەن كۆپرەك، مۇناسىۋىتى يىراق كىشىلەر بىلەن ئازراق مۇناسىۋەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىيدىلىك خەنزۇلارنىڭ ئىچمىجەزلىك خۇسۇسىيتى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى « ئايرىمچىلىق » ۋە كۇچمەنلەرنىڭ تۇققاندارچىلىقنىڭ ئاددىي، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى بىلەنمۇناسىۋەتلىك. ئەلىۋەتتە بىرمىللەت توپىنىڭ مۇناسىۋىتى قانچە قويۇق بولسا، ئىچكى ئويۇشىش كۇچىمۇ كۇچلىك بولوپ، يەككە مۇستەقىللىق قارىشىۇ ئاشۇ توپنىڭ دائىرىسىدەبولىدۇ؛ بىر مىللەت توپى ئىچىدىكى ئالاقە ئازبولسا، ئىچكى ئويۇشىش كۇچى ئاجىزبولۇپ، مىللەت توپىدىن كىلىدىغان بەسىم ئاز، شەخسىي ھەرىكەت ئەركىنلىكى يوقۇرى بولىدۇ.
كەمىنەقەلەم ئىگىسىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار كۆللىكتىپ مۇناسىۋەتكە، خەنزۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن. ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلارنىڭ بىۋاستەئۇچرىشىشى ئازبولسا ئۆزئارا چۇشىنىشىمۇ ئاز بولۇپ، ئۆزئارا ئىنىشمۇ تۇۋەن بولىدۇ،جەنۇپتىكى خەنزۇلارنىڭ كۆللىكتىپ تۇنىشىنىڭ ئاجىز بولىشى بۇلارنىڭ بۇزەك قىلىنىش ياكى يەكلىنىش ھىسىياتىنى كەلتۇرىپ چىقارغان. خەنزۇلار توپىنىڭ شەخسى تۇرمۇشقا ئارلىشىشى ئاجىز بولىش سەۋەبىدىن، شەخسىي ئەركىنلىكى چوڭراق بولۇپ، مىللەت پەرقىگەبولغان قارىشى ئاجىز بولغاچقا، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشىنى نۇرمالنى دەپ قارىشى، خەنزۇلارنىڭ مىللەت پەرقىگە بولغان جانلىقلىقىنى ئەكىسئەتتۇرگەن.

مەنە:

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17326
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمنى ئىلەشتۇردى ماۋۇ يازمىنىڭ بىر يەرلىرى !
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

82

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8789
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىم ئەجەپ بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالدى،بۇ ئىشلارنىڭ يىلتىزى بەك چۇڭقۇر،اللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن،امىن
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

1510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6538
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 338
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بىزنىڭ ئوينىڭ ئەتراپىدا بىر ئايال بارتى خەنزۇغا ياتلىق بولغان.كىيىن يۇرتتىكى ئاپاشلار بۇ ئايالغا ئاجرىشىپ كىتىڭ ،سىزگە ياخشى ئۇيغۇر ئەرلەردىن تۇنۇشتۇرۇپ قويايلى دىسە كونۇپ قاپتىمەن،مۇشۇنداق ئوتەي دىگىننى ئاڭلىغانتىم....

باھا سۆز

arslan428  كىم ئالىدۇ ئۇنى ئەمدى، نۇمۇس  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
azat408  ئاشۇ مۇناپىقنى ئۇيغۇرلار توپى يەنە ئارىسىغا ئېپتىما.....قانجۇقنىڭ ئۈزىلىغۇ ئۇ..ھەي....!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 327
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ختاي بىلەنمۇ توي قىلغان بارمۇ؟

0

تېما

0

دوست

1672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 327
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى گەپلەر بەكمۇ كۈلكىلىك، ئۇيغۇر بىلەن ختاي توي قىلسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن.... بۇنى قانداق دۆت چوشقا ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇ؟ ئۇنداقتا دۇنيادىكى ختاي بىلەن توي قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلگۇنچى بولامدۇ...

باھا سۆز

BADBOY  بىزنى دوت كۇرۇپ قاپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 327
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى گەپلەر بەكمۇ كۈلكىلىك، ئۇيغۇر بىلەن ختاي توي قىلسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن.... بۇنى قانداق دۆت چوشقا ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇ؟ ئۇنداقتا دۇنيادىكى ختاي بىلەن توي قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلگۇنچى بولامدۇ...

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7154
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتسام بۇ ماۋزۇنى كۆرۈپلا ئوقۇغۇم كەلمىدى، بۇلار بۇ توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە بولامدۇ رومان بولامدۇ نېمە يېزىشىدىن قەدئىي نەزەر ئەڭ ئاخرىقى مەقسەد مۇددىئاسى «قانداق قىلغاندا ئارلىشىپ نىكاھلىىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن سۇئالغا جاۋاب تېپىشتىن ئىبارەت.  خەن بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇرنى كەچۈرەلمەيمەن.

باھا سۆز

5sawr5  ئەلۋەتتە ،دۇنيادا ئادەم قالمىغان ھالەتتىمۇ .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
akpar777  بۇنىڭغا مەڭگۈ جاۋاپ تىپىلمايدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
BADBOY  بۇلار بىزنى بىر ئامالار بىلەن پۇتلايمەن دەپلام يۇرگىنى يۇرگەن ،،  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
a.kaxkiriy  دەل توغرا گەپ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sumruh  قۇشۇلىمەن مەنمۇ شۇ قاراشتا  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

yaxnar

0

تېما

4

دوست

3234

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا مىللەتكە تەككەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ كوپ بولشى بىزنىڭ تەتقىق قىلشىمىزغا ھەم چۇڭقۇر ئويلىنشىمىزغا تىگشىلك ئجتىمائى مەسىلە. ئاياللاردە مىللى ئاڭ تۇۋەنرەك بولدىكەن ، شۇڭا قىرنداشلار ھەممنى ئۆز پەرزەنتىمىزدىن ، قىرنداشلرىمىزدىن ، ھەمشىرلىرمىزدىن باشلايلى ، ئۇلارغا دۇئا قىلايلى ، بىر مىللەتنىڭ قېنىنىڭ بۇزۇلشى ، شۇ مىللەتنىڭ زاۋاللقىقا يۇزلەنگەنلكنىڭ بىشارىتى . خەنسۇ بىلەن توي قلغان يۇقۇردىكى قانچىلك ئۇيغۇر ئايالنىڭ پەرزەنتى ئۆز مىللتىنى سويدى ؟ بەزىللىرى ھەتتا ئاتا-ئانىللىرنىمۇ باشقا مىللەتكە قۇشۋەتتى . ماڭىمۇ بۇنداق مىساللار ئۇچىرغان ، بۇلۇپمۇ دادىسى خەنسۇ ، ئانسى ئۇيغۇر بۇلغان ئەبجەشلەر ئادەتتە ئۇيغۇرغا ئوچمەن بولۇپ چوڭ بولدىكەن . ئامال بار ئۆزنىڭ ئۇيغۇر ئاپسى بارلىقنى ھەرگىز باشقلارغا بىلدۇرمەسلككە تىرشىدىكەن ، ياكى ئۇيغۇرغا ئوچمەنلك قىلش ئارقىلىق خەنسۇغا يىقنلقنى ئسپاتلاشقا تىرشىدىكەن . ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆز مىللتنى سويمەن دەيدىكەن چۇقۇم باللىرنى ياخشى تەربىلىشى ، ئۇلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن نكاھلىنشىدىن قەتئى ساقىلىشى كىرەكتۇر.....

باھا سۆز

BADBOY  بەزەنلەرنىڭ كۇ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
pigan  نەق گەپ. ئۇيغۇرمەن دىگۈچى چوقۇم ئۆزىگە ۋە يېقىنلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىختىيارىغا قويسا خەتەرلىك.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sumruh  ياخش پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-13 12:58 , Processed in 0.068460 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش