قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2013|ئىنكاس: 21

كۆڭۈلنى غەش قىلغان يېرىم كۈنلۈك ئوچۇق دەرس langgar

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

894

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 141
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 18:57  




كۆڭۈلنى غەش قىلغان يېرىم كۈنلۈك ئوچۇق دەرس

                                                                                 « بىز بالا تەربىيلەۋاتىمىز دىگەندىن، بالا بېقىۋاتىمىز دىگىنىمىز تۈزۈك»
                                                                                                                                                                                  -    كېرىم ئاتۇش
- مەن چوقۇم مەكتەپكە بارمايمەن. دىدى،- كىچىك ئوغلۇم قەغىشلەپ.
- يەنە مەكتەپكە بارمايمەن دەپ باقە، ئېغىزىڭغا سالىمەن. مەكتەپكە بارماي ئىشەك باقامسەن؟ ھۆكىرىدى دادىسى بالىغا دىۋەيلەپ.
- دادا، سەن سەت گەپ قىلدىڭ، ئاغزىڭغا ئۇرامدىم! دىدى،چوڭ ئوغلۇممۇ بوش كەلمەي
- داداڭ سەت گەپ قىلدى، بۇ ئۆيدە كىم سەت گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرىمىز، ھە ئوغلۇم. دىدىم،- مەن كۈلۈپ. چاڭ، قىلغان ئاۋاز بىلەن يولدۇشۇم ،-ماۋۇ گۇينى، مۇنداقلا دەپ قويسام ماڭا ياندۇرغىنىنى، ئەجەپ تەگدىغۇ بۇ شاپىلاق .دىدى ئاغزىنى تۇتۇپ.
- بولدى قىلىڭلار، ۋاقىت توشۇپ كەتتى، كۈندە كېچىكىش پەرىزمۇ سىلەرگە، دىدىم،- مەن ئۇلارنى ئالدىرىتىپ. كۈندە ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان كېچىچە تېلىۋېزور كۆرۈپ كەچ يېتىپ بەزىدە ئۇخلاپ قالىدىغان، بەزىدە بامدان نامىزىنى ئوقۇپ تاغنى تۈزلىۋەتكەندەك يېتىپ دىۋىدەك ئۇخلىۋالىدىغان يولدۇشۇمنى مىڭ تەستە ئويغانقاندىن باشقا، ئون مىنۇتلۇق تاپشۇرۇقنى ئىككى سائەت ئىشلەيدىغان ئانا تىل تەييارلىق سىنىپىدا ( ئۇيغۇرچە سىنىپنى شۇنداق دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ) ئوقۇۋاتقان چوڭ ئوغلۇمنى، كۈن يېقىلسا مەكتەپكە بارامدىم؟ مەن چوقۇم تاپشۇرۇق ئىشلىمەيمەن، مەكتەپكىمۇ بارمايمەن دەپ جىلە قىلىدىغان، ئەتىگەندە چاقىرىپ ئويغۇتۇپ قويسا يىغلاپ جاھاننى بىر ئالىدىغان، تۆت ياشقا كىرىپمۇ ئىمىزگىدە سۈت ئىچمىسە خۇمارى بېسىلمايدىغان مەركىزى يەسلىدىكى كىچىك ئوغلۇمنى ئويغۇتۇپ كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، چېيىنى بىرىپ يولغا سالغۇچە، «ساپانغا قاتقان كالىدەك» ھېرىپ ھالىم قالمايتتى. بۈگۈنمۇ ئالدىرىغاندا ماۋۇ يولدۇشۇممۇ بالا مىجەز بولۇپ جىلە قىلىۋاتاتتى. تۆنۈگۈن بالىنى يەسلىدىن ئالغۇچە مۇئەللىمى « ئەتە ئوچۇق دەرس بار، بالىڭىز بىلەن بىللە يېرىم سائەت بالدۇر كېلىپ ئوچۇق دەرسكە قاتنىشىپ بەرسىڭىز» دىگەنىدى. قېيىشقاندەك چوڭىنى دادىسى چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنىمۇ ئەتمەي، ئىشتىنىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانىدى، ئاچچىقىمدا كايىپ كەتكەنىدىم، - ئۆزىڭىز قىلمايسىز، قىلغاننى ياراتمايسىز، بالىلارغىمۇ ئالدى بىلەن كەينىنىڭ پەرقى يوق كۆتبەللەرنى ئېلىپ بىرىدىكەنسىز. خوتۇن خەقنىزە دەپ غودۇرىغىلى تۇردى...« ئالدىرىغان قالار » دىگەندەك  يېرىم سائەت بالدۇر ئەمەس يېرىم سائەت كېچىكىپ يەسلىگە يېتىپ كەلدۇق. بالىلارغا ئەتىگەنلىك تاماق تارتىلىپ بولغانىدى. مۇئەللىمنىڭ ئىشارىتى بىلەن بوش يەرگە بېرىپ ئولتاردىم. ئوغلۇم ئۆيدە شوخلۇق قىلغان بىلەن مۇئەللىمنى كۆرسە تىك تۇرىدىكەن.  تاماق  يىيىش سۈرئىتى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق تاللايدىغان ئوغلۇم ئالدىغا قويۇلغان كىچىك قاچىدىكى 5-6 تال گۆرۈچى بار گۈرۈچ سۈيىگە قاراپمۇ قويماي قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان تۇخۇم پىرەنىكىنى خوشياقمىغاندەك چايناشقا باشلىدى. بالامنى ساقلاپ تاقىتى- تاق بولغان مۇئەللىم دەرسىنى باشلىدى.
  بۈگۈنكى دەرس، پىششىق ۋە خام، دىدى، - ياردەمچى خەنزۇ مۇئەللىم قولىدىكى كىچىك قول كومپىيوتېرنى ئالدىدىكى ئىگىز ئورۇندۇققا قويۇپ، پەرىزىمچە ئېكراندا سۈرەت بولسا كېرەك، بالىلار بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ كومپىيوتېرغا قاراۋاتاتتى. ئۇ ئالدىدىكىلەرنىڭ سەبىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا چوڭلارغا چۈشەندۈرگەندەك تېمىنى تېز- تېز ئالماشتۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. ئەزەلدىن خەنچە مۇھىتقا كۆنمىگەن ئوغلۇمدەك بىر قانچە بالىلار بىردە ئالدى- كەينىگە قاراپ، بىردە كومپىيوتېرغا قىزىقىپ بويۇن سوزۇپ قوياتتى. مۇئەللىم تۇرۇپ- تۇرۇپ بالىلاردىن سۇئال سوراپ قوياتتى. خەنزۇ بالىلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بۇ سىنىپتا ئۇلار شۇنچە جانلىق، شۇنچە خوشال، بىر قىسىم ئۇيغۇر باللىرى بولسا دۇنيادىن بىخەۋەر مۇئەللىمنىڭ سۆزى بىلەن كارى يوق، بىغەم ئولتۇراتتى. بۇ سەبىلەرنىڭ ھەركىتىدىن دەرسنى چۈشىنىشتىن ئەسەر يوقتەك قىلاتتى. مۇئەللىم ئارىلاپ سۇئال سوراپ قويسا خەنزۇ بالىلىرى چۇقۇرۇشۇپ جاۋاپ بىرىشەتتى، مۇئەللىم توختىماي ئۇلارنى 真棒 دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ قوياتتى. مۇئەللىم توساتتىن بىر ئۇيغۇر بالىدىن، - بىز قانداق گۆش يەيمىز؟ دەپ سوراپ قالدى. ئۇ بالا سۇئالنى چۈشەنمىدىمۇ، ھېچبىر ئىپادىسىز تۇرغاندا، خەنزۇ بالىلىرى چۇرقۇرۇشۇپ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىمۇ تارتىۋالدى. شۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ ئالدىنقى كۈنى دىگەن گەپلىرى خىيالىمدىن كەچتى.
-      ئاپا، بالىلار مېنى 笨 دەيدۇ.
-      ئۇنداق دىمە، سەن بەك ئەقىللىق قوزام، سېنى نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ؟
-      ماللىمنىڭ گېپىنى بىلمەيدىكەنمەن. باشقا باللار بىلىدۇ.
-      سەنمۇ ياخشى ئوقۇساڭ چوقۇم بىلىدىغان بولىسەن. خەنزوچە بەك ئاسان...
-         ئاپا، كۈن يېقىلسا مەكتەپكە چوقۇم بارمايمەن... ( ئوغلۇم كۈن چىقتى دىگەننى كۈن يېقىلدى دەيىتتى، چىراققا ئوخشاتقان بولسا كېرەك، بىزمۇ بۇ سۆزىنى تۈزىتىشكە زورلىمىدۇق)
-         قېنى ئاتا – ئانىلار، بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينايلى! مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق بۇ ئاۋازىدىن چۆچۈپ خىيالىمنى يىغدىم. بىردەمدىلا مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان پىششىق بىلەن خامنى پەرىقلەندۈرۈش ئويۇنىغا جۆر بولدۇق. قولىمىزغا بىر مۇنچە كارتا بىرىلگەنىدى، بالىلار خام نەرسە بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ رەتلەپ چىقىدىكەن. ئۇيغۇر بالىلار كارتىلارنى ئۇياق بۇياققا ئۆرۈپ بەزىلەر تىزىپ، بەزىلەر يىرتىپ ئولتۇراتتى. خەنزۇ بالىلىرى رەت رېتى بىلەن خام بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى ئايرىپ چىقىۋاتاتتى. بىز بالىلارغا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن بالىلىرىمىزمۇ بىردەمدىلا رەتلەپ بولدى. بىزمۇ بالىلىرىمىزنى真棒 دەپ ماختاپ قويدۇق. يېرىم كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ، چۈشلۈك تاماق بولغاندا، مەسئول مۇئەللىم  ئاتا – ئانىلارنى
ئايرىم چاقىرىپ، ياش ئاتا- ئانىلارنىڭ سەھەر تۇرۇپ بالىلارنى ۋاقتىدا ئەكىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ بالىلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشىمىزنى تاپىلىدى. بۇ گەپ كۈندە ئۈيۈمدىكى چوڭ – كىچىك ئۈچ بۇۋاقنى جابدۇپ، تامىقىنى بىرىپ يولغا سالغۇچە ۋاقىت توشۇپ كېتىدىغان ماڭىلا تەگدى. خام ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتىم. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ قېشىغا بېرىپ،- دەرس ئۆتكەندە بالىلارنىڭ ياخشى ئۆزلەشتۈرىشى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك پىششىق ۋە خامنىڭ نىمە ئىكەنلىكلىنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بىرەر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلا، دىيىشىمگە، - گەپنى ئاز قىلسىلا، بۇ دىگەن قوش تىللىق سىنىپ ئەمەس، ئۇيغۇرچە سۆزلىسەك بولمايدۇ. مەكتەپنىڭ تۈزىمى شۇ، دىدى ناھايتى قوپاللىق بىلەن. پىششىق، خام دىگەن ئىككى سۆزنىمۇ دىيەلمەملا؟... سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى. مۇئەللىم يېنىمدىن كېتىپ قالغانىدى. يېنىمدىكى يەنە بىرئانا مېنى يېنىغا تارتىپ، ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىسە خەنلەر بالىلىرىنى باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكەپ كەتكەن ئىشلار بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى قەتئى چەكلىگەنمىش. چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بالامنىڭ يېنىغا كىرسەم يەنە يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. نىمە بولدى دىسەم،- ئۇ ئۇردى، دەپ يېنىدىكى خەنزو بالىسىنى كۆرسەتتى. شۇنداق قارىسام سەتلىكى ئۇنىڭ، گەپ قىلمايلا چوڭ ئوغلۇمغا قىلغان تەربىيىنى بۇ ئوغلۇمغىمۇ قىلمىسا بولمايدىكەن دىگەن خىيال كەچتى.
چوڭىنى يەسلىگە بەرگەندە دەسلىپىدە ئۇمۇ تولا يىغلاپ، بەزىدە تىرناق ئىزى بەزىدە كىيىمى يىرتىق ھالەتتە يەسلىدىن چىقاتتى. بارا- بارا يەسلىگە بارغۇسى كەلمەيدىغان بولىۋالدى. كۈندە دىگۈدەك يىغلىتىپ يۈرۈپ ئاپىرىپ قوياتتۇق. بىر قېتىم يەسلىدىن يېنىپ ئۆيگە كەلگەندە كىيىمىنى سالدۇرۇپ قوياي دىسەم بالا يىغلاپ قولۇم ئاغرىيدۇ، سالما، دىدى.ساڭا نىمە بولدى، ئەكىلە كۆرۈپ باقاي دىسەم تۇتقىلى قويمىدى.
-      بالام يالغان گەپ قىلسا نىمە بولىدۇ؟
-      خۇدايىم تىلىمىزنى كېسىدۇ.
-      ئاپىسىنى ئالدىسا نىمە بولىدۇ؟
-      ئاغزىمىز قىڭغىر بولىدۇ. تاماق يىيەلمەيمىز.
-      ئەمىسە راس گەپ قىلە، قولۇڭ نىمە بولدى؟
-      بالىلار ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى. ئۇلار مېنى ئۇرىۋالىدۇ. مۇئەللىمگە بالىلار ئۇردى دىيەلمەيدىكەنمەن. دەپلا يىغلاپ كەتتى.
-      ئورنىڭدىن تۇرە؟، دەپلا ئىشتىنىنى سالدۇرىۋېتىپ، - قارا بۇ نىمە دەپ ئەزاسىنى كۆرسەتتىم.
-      چۇچۇيىم.
-      چۇچۇسى بارلار ئوغۇل بالىمۇ، قىز بالىمۇ؟
-      ئوغۇل بالا.
-      ئوغۇل بالا يىغلامدۇ؟
-      قىز بالا يىغلايدۇ.ئوغۇل بالا يىغلىمايدۇ.
-      قولۇڭ، پۇتۇڭ بارمۇ؟
-      بار، مانا، دەپ قول پۇتىنى پۇلاڭلاتتى.
- سېنى موشۇ قوسۇقۇمدا توققۇز ئاي ساقلاپ كۆتۈرۈپ، ئەجەل تولغاقلىرىنى يەپ مىڭ تەستە رامىزاندا تۇغدۇم. اللاھ بارلىق ئەزالىرىڭنى بىجىرىم بەردى. سېنى ئوغۇل بالا قىلىپ بەردى. باشقىلاردا بار كۈچ سەندىمۇ بار، باشقىلاردا يوق كۈچمۇ ھەم سەندە بار، باشقىلارغا بوزەك بولۇپ كەلدىڭمۇ، ئۆلمەيدىغان يېرىگە تازا كېلىشتۈرۈپ ئۇرساڭ ساڭا قەتئى چېقىلماس بولىدۇ،تېخى سېنىڭ ئايىقىڭنى سۈرتۈپ قويىدىغان بولىدۇ ئۇلار.
- سەن باشقىلارنى ئۇرسا يامان بولىدۇ دىگەن تۇرساڭ؟
-  بوزەك بولسا تېخىمۇ يامان بولىدۇ.
- مۇئەللىم مېنىلا تىللايدىكەن ؟
- شۇڭا خەنزۇچىنى  ياخشى ئۈگىنىسەن، مۇئەللىمگە ئىشارەت قىلساڭمۇ چۈشىنىدۇ... بەلكىم سەن ئاۋال چېقىلغانسەن، سەن باشقىلارغا چېقىلما، سېنى بىكاردىن بىكار بوزەك قىلسا سەنمۇ مۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قوي!!!
شۇندىن كېيىن بارا-بارا بالىمۇ يەسلىگە ئۆزلىشىپ كەتتى. مانا ھازىر مەرىپەت بۆشىكى شەھەر ئىچ باشلانغۇچ مەكتەپكە ( ھازىرقى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ) بەرگەندىن بېرى بالا تاپشۇرۇق ئىشلەشنى خالىمىغاندىن باشقا ئۇكىسىغا دائىم، - بىزنىڭ مەكتەپتىچۇ ئاداشلىرىم ئۇيغۇر، مۇئەللىم ئۇيغۇر، مۇئەللىم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ، مەن قوشاق ئوقۇپ بىرەي، ھە! « ئاپام ئايدەك، دادام كۈندەك. مېنى باقىدۇ، قىزىل گۈلدەك...» بىز تېخى مەكتەپتە قىز باللارنى قويلۇشۇپ ئوينايمىز، ئۇلار ئوبۇرنىغا قېچىپ كىرىۋالىدۇ... دەپ ماختىنىپ كەتسە، كىچىكى، ئاپا بىزنىڭ مۇئەللىممۇ
ئۇيغۇر، دەپ بولۇپلا دومسىيىپ، - ئاپا مەن چوقۇم مەكتەپكە بارمايمەن. دەپ يىغلاپ كېتەتتى. مانا ئەمدى مەنمۇ مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم دەپ خوشال بولغان بالا ئىككى ھەپتىدىن بېرى كۈندە يىغلاپ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ جىدەل قىلىۋاتاتتى.
-      ھۈرمەتلىك ئاتا- ئانىلار بۈگۈنكى ئوچۇق دەرسكە قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلارغا رەھمەت....، دىدى مۇئەللىم.
ئوچۇق دەرسكە بىۋاستە قاتنىشىپ كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ،قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا بۇزۇلدى. ئاچچىق ياش كۆزۈمدە ئەگىپ قاپتۇ. دەرس ئاخىرلاشتى، لېكىن بۇ ئۆلۈك ھەم قوپال ساپا مائارىپى ئەمدى باشلانغانىدى. توۋۋا بىزنى كىم بالىلارنى  خەن زۇۋان قىلىپ تەربىيلەشكە مەجبورلاۋاتقاندۇ؟، بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلۇپ قېلىۋاتقان كەمسىتىش ئارلىشىپ كەتكەن بۇ مائارىپ بىزگە بىر دۆۋە ئەخلاقسىز ئەخلەتلەرنى يىتىشتۈرۈپ بەرمەسمۇ؟ يىلدا ساياھەتكە كەلگەن بىر ئىككىسىنى كۆرۈپ قالىدىغان سېرىق تۈك ئېنگىلىزلارنىڭ تىلىنىمۇ كەچلىك كۇرسلاردىلا ئۈگىنىۋالدۇققۇ، ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپ مىغىلداپ تۇرغان خەنلەرنىڭ تىلىنى نىمىشقا ئۈگىنىۋالغىلى بولمايدىكەن، شۇنداق قىلاي، بالامنى ئۇيغۇرچە يەسلىگە بىرەي،ئاللىكىملەرنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىنەزەر شەھەر ئىچى بوستان بالىلار باغچىسىغا بىرەي، (اللاھ بۇ يەسلىگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن) ئۇيغۇرچە ئوقۇتاي، شوخ، چېچەنلىكىنى تېپىۋالسۇن. بالام ئۆز تىلى ئارقىلىق دۇنيانى تەپەككۇر قىلسۇن. بىر دانا« بارلىق تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر تالانىت ئىگىسى، ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولىشى بىزنىڭ تەربىيىمىزگە باغلىق» دىگەنىكەن. تەپەككۇرىڭلار ئۇيغۇر تىلىدا ئەركىن قانات قاقسۇن، سىلەرنىڭ شوغلۇقۇڭلار ئەخلاق دېڭىزلىرىدا ئۈزسۇن... دىگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى.
يېققىندا خەلقارادا ئۇيغۇر تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم .مەن مەركىزى بالىلار باغچىسىنى يامان دىمەكچى ئەمەسمەن، بەلكىم ماڭا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ، كۈندىن – كۈندە ئىشلىتىش دائىرىسى تارلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىغا ئېچىنىپ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن. كەلگۈسىدە بالىلىرىمنى شۇنچە ئادەمنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي مۇتەئەسسىپ دەپ ئاتىلىپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتقانلىقىم ئۈچۈن دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرىشىممۇ مۇمكىن. لېكىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇيدىغان ئەخلاق ئىگىلىرىنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.
                                                                                                                                  بېلىق يىلى ئارام ئېيىنىڭ يالچىق كۈنى قومۇلدا يازدىم.      langgar  خانىم
    ئىلاۋە: بۇ ماقالە ئىلگىرى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىنغان، بىر قىسىم تورداشلارنىڭlanggar  خانىمنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان تەلپۈنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ باغداش تورىغىمۇ يوللاندى.

0

تېما

0

دوست

2681

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8734
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 581
تۆھپە : 419
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەكتەپ ۋە يەسلىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئويلىسام شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. مەنغۇ تېخى توي قىلمىدىم، ئەمما كاللامدا شۇنداق بىر خىيال بار: توي قىلىپ ئاللاھ پەرزەنت نېسىپ ئەتسە مەكتەپكە بەرسەم بولارمۇ بەرمىسەم بولارمۇ؟!؟!؟!!!!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

yaxnar

0

تېما

4

دوست

3234

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز؟
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15613
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز مېنىڭ بالاممۇ ئۈچ تىللىق يەسىلىدە ئوقۇۋاتىدۇ.
پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش تەسكە توختاۋاتىدۇ.بۇ بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

ئالمىدەك يۈرەكت

1

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 1817
توردىكى ۋاقتى: 839
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بالىلارنى ئەبجەش سۆزلەيدىغان بۇلۇپ كەتتى دەيمىز .مەنبەسى نەدۇر؟ئوقۇتقۇچىلارمۇ قوشتىل دەپ ئىككى تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بالىلارنى ئانا تىلدا سۆزلىمەي بۇز زۇۋاندا سۆزلىدىڭ دەپ رەنجىمىز تىلىمىزنىڭ  بۇنداق  شالغۇتلىشىنىڭ سەۋەبى  بولسا :بىرى مەكتەپ يەنى بىرى جەمىيەت ۋە بىز تۇرىۋاتقان مۇھىت بۇلىشى مۇمكىن.

باھا سۆز

kiya  شالغۇتلىشىش ئھۋۋال ئاتا-ئانىدىن باشلىندۇ!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

يول ماڭغانسېرى ئ

0

تېما

1

دوست

6635

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1119
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمما ئىكەن.

ئالمىدەك يۈرەكت

1

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 1817
توردىكى ۋاقتى: 839
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 22:49
ھازىر بالىلارنى ئەبجەش سۆزلەيدىغان بۇلۇپ كەتتى دەيمىز ...

ئاتا-ئانىلارمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك. بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ،ئانا تىل ئاساسى ياخشى تىكلىنىشى كىرەك. بولمىسا كېيىنكى تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا ئۆگىنىش ھاياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

0

تېما

4

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 3540
توردىكى ۋاقتى: 1109
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف ..ئۇف....مەنمۇ بالامنى 9-ئايدا يەسلىگە بېرىمەن ،بالام قانداقمۇ قىلار...سىزنىىڭ بالىڭىزغۇ ئوغۇل بالىكەن قول پۇتىنى ئىشلىتىپ بوزەك بولماس مېنىڭدەك قىزى بارلار قانداق قىلامىز ...مۇشۇ بالىنى يەسلىگە بېرىشنى ئويلىساملا....

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

4

تېما

2

دوست

6748

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1424
تۆھپە : 1100
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۇمدىن ئاققان ئىسسىق ياش چاناقلىرىمدىن ئەگىپ ياقامنى نەمدىدى!

1

تېما

0

دوست

979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10162
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 159
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-13 13:33 , Processed in 0.057812 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش