بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 05:56
مەن بەزى كىشىلەرنىڭ " مەن كېچىدىن خوررەك ئاۋازىدىن بىئارام بولۇپ، تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقمىدىم." " مەن خوررەك تارتىدىغان كىشىلەر بىلەن زادىلا بىر ياتاقتا ياتالمايمەن." ئۇ خوررەك تارتقىلى تۇرىۋىدى ھېلى جېنى چىقىپ ھارام بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم ." دىگەندەك سۆزلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن. سىزمۇ دەھشەتلىك خوررەك ئاۋازىغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلاردا ئەشۇ كىشىلەردەك خوررەك ئاۋازىدىن بىئارام بولامسىز؟ ئەگەر بىئارام بولسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدا چوقۇم مەسىلە بار. دەرۋەقە جاھاندا شۇنداقمۇ دەھشەتلىك خوررەك تارتىدىغان كىشىلەر بار ئىكەنكى، بەئەينى بىرەر يۈز ئىت ئۆز-ئارا تالاشقاندەك دەھشەتلىك خىقىرىغان، بوغۇلغان، گاھىدا تۆۋەنلەپ، گاھىدا يۇقىرىلاپ، گاھىدا بىر - ئىككى مىنۇت تىنماي يېتىپ كەينىدىنلا خۇددى كالا بوغۇزلىغاندەك دەھشەتلىك خارتىلدىغان ئاۋازلار.... ئۆينىغۇ بىر ئالىدۇ، ھەتتا بىرەر يۈز مېتىر نېرىغىمۇ ئاڭلىنىدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا سىز " بۇنداق يۇقۇرى خوررەك ئاۋازىدا ئادەم قانداقمۇ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولسۇن؟ مېنىڭ خوررەك ئاۋازىدىن بىئارام بولۇشۇم تامامەن نورمالنى ئەھۋالغۇ ؟" دىيىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن سىز تۈگمەندە ئۇخلاپ باققانمۇ؟ مېڭىپ كېتىۋاتقان ماشىنىدا، پويىزدا ياكى مېڭىپ كېتىۋاتقان تەرەكتۇر ئۈستىدە ئۇخلاپ باققانمۇ؟ بىزكىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇن زاۋۇتلىرى تېخى ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمىغان بولغاچقا دائىم سۇ تۈگمەنلىرىگە ئۇن تارتقىلى باراتتۇق. تۈگمەن بېسىق چاغلاردا بەزى كىشىلەرنىڭ نۆۋەت ساقلاپ بولالماي تاغارلىرىغا يۆلەنگىنىچە داق توپا يەردە ئۇخلاپ قالغانلىغىنى، ئۇخلىغاندىمۇ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ، تۈگمەننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنىڭ ئۇلارغا ئەللەي ناخشىسى بولغانلىغىنى كۆرەتتۇق. بىزسەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىمىزدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئاپتوبۇسنىڭ گۈركىرەشلىرىگە پەرۋامۇ قىلماستىن بەخىرامان ئۇخلىۋاتقانلىغىنى كۆرىمىز. ھەم ئۆزىمىزمۇ بۇنداق ئۇيقىنىڭ شىرىن تەمىنى تېتىپ باققان. مەن بىر قېتىم تاش توشۇغان تەرەكتۇرنىڭ تۆپىسىدە بىرنەچچە ئادەمنىڭ قاتتىق تاشقا چاپلىشىپ، خۇددى ئۇخلىمىغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان ئادەملەردەك تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم. مەيلى تۈگمەننىڭ ئاۋازى بولمىسۇن، مەيلى ئاپتوبۇس ياكى تەرەكتۇرنىڭ ئاۋازى بولمىسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى خوررەك ئاۋازىدىن يۇقۇرى، ھەم كۈچلۇك بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر بۇخىل ئاۋازلاردىن بىزار بولماستىن يەنىلا تاتلىق ئۇيقىسىنى ئۇخلاۋېرىدۇ. ئەكسىچە خوررەك ئاۋازىدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ باقىدىغان بولساق، شۇنى بايقايمىزكى تەرەكتۇر، ماشىنا، تۈگمەنلەرنىڭ ئاۋازى بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ. بىز ئۇنى توختىتالمايمىز، ئەگەر كىچىككىنە ئۇيقۇمىزنى دەپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى توختىتىمىز دەيدىكەنمىز، سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇن تارتىشتىن ئىبارەت چوڭ مەخسەتكە يېتەلمەيمىز. دەل شۇ چوڭ مەخسەت يۈزىسىدىن تەرەكتۇر، ماشىنا، تۈگمەنلەرنىڭ ئاۋازى قانچە يۇقۇرى بولسىمۇ، بىز ئۇنى پىسخىكا جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ، ئۇيقۇمىزنى ئۇخلاۋېرىمىز. سەپىرىمىز داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەكسىچە خوررەك ئاۋازى بولسا بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقىدۇ. بىز خوررەك ئاۋازىنى پەسكۇيغا چۈشۈرىمىز دىسەك پەسكۇيغا چۈشۈرەلەيمىز. ئاددىسى خوررەكچىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئويغۇتىۋەتسەكلا خوررەك ئاۋازىمۇ پەسكۇيغا چۈشىدۇ، بىزمۇ خاتىرجەم ئۇيقىمىزنى ئۇخلاۋېرىمىز. ئەگەر ھىچنىمە قىلالمىساق، كۈدە-كۆرپىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئوينى خوررەكچىگە تاشلاپ بېرىپ باشقا ئورۇنغا چىقىپ ئۇخلىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، بىز خوررەك ئاۋازىنى قوبۇل قىلالمايمىز. خوررەك تارتىدىغان ئادەم بىلەنمۇ بىر ئۆيدە ياتالمايمىز، ياتساقمۇ ئۇيقۇمىز كەلمەيدۇ. يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىشىلەر خوررەك ئاۋازىنى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلىيەلەيدىغان بولغاچقا، خوررەكچىنىڭ خوررىكى تاتلىق ئۇيقىمىزنى بۇزىۋەتكەن چاغدا كاللىمىزنى«نىمىشقا خوررەك تارتىدۇ؟ خوررەك تارتمىسا بولمامدۇ؟»، «ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويسا بولمامدۇ؟»، «نىمە بولۇپ مۇشۇ خوررەكچى بىلەن بىر ئويدە يېتىپ قالغاندىمەن؟»....دىگەندەك سوئاللار چىرمىۋېلىپ، بىزگە كېچىچە ئارام بەرمەيدۇ. بىزنى بىر تەرەپتىن خوررەك ئاۋازى قىينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقارقى سوئاللار قىينايدۇ.( تەرەكتۇر، ماشىنا، تۈگمەنلەرنىڭ ئاۋازىدا بولسا كاللىمىزنى چىرمىۋالىدىغان سوئال بولمىغاچقا قىينىلىش نىسپەتەن ئاز بولۇدۇ.) يۇقارقىدەك سوئاللارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، خوررەكچىنىڭ خوررىكىنى قوبۇل قىلىش بولسا كاللىمىزغا كىرىپمۇ قويمايدۇ. ئابايام بىز «قوبۇل قىلىش» دىگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالدۇق. «قوبۇل قىلىش» بولسا بىرخىل پىسخىك پائالىيەت بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مۇئامىلە جەريانىدا قانداق پۇزۇتسىيەدە بولۇش، قانداق پۇزۇتسىيەدە بولماسلىق مەسىلىلىرىدە ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان، خوررەك ئاۋازىغا چىدىيالماسلىق مەسىلىسىمۇ دەل «قوبۇل قىلىش» مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. سىز يېنىڭىزدىكى خوررەكچىنىڭ خوررىگىنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئۇيقۇڭىزنى خاتىرجەم ئۇخلىيالايسىز. ئەكسىچە «نىمىشقاخوررەك تارتىدۇ؟» دىگەن سوئالنىڭ تۈرتكىسىدە خوررەكنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، ئۇيقۇڭىز ھارام بولىدۇ. سىز مېنىڭ باشتا "پىسخىكىڭىزدا چوقۇم مەسىلە بار" دىگەن سۆزۈم بىلەنلا قالماي، خوررەكچى بىلەن ئۇخلاشقا توغراكەلگەندە، ئاۋۋال ئۇنىڭ خوررەك تارتىشىنى قوبۇل قىلىپ بېقىڭ. يەنى ئۆز- ئۆزىڭىزگە " بۈگۈن مۇشۇنداق خوررەك تارتىدىغان بىرى بىلەن ئۇخلاشقا توغرا كەپتۇ، قانداق قىلىمەن، خوررەك تارتمىسا بولاتتى دىسەم، بىكاردىن-بىكار ھەر ئىككىلىمىزگە ئۇيقۇ يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇمۇ خوررىكىنى تارتىۋەرسە، مەنمۇ ئۇيقۇمنى ئۇخلاۋەرمەيمەنمۇ؟" دەپ، ياستۇقىڭىزنى قىرلاپ، يوتقىنىڭىزغا پۈركۈنۈپ، ھىچنىمە بىلەن كارىڭىز بولماي بىرئۇخلاپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز مېنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئاسانلا بايقىۋالالايسىز.
*مەنبە: http://www.qarabeg.com/?p=701 |