قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3073|ئىنكاس: 44

تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12000
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 44
تۆھپە : 43
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[url=]0-قەۋەت[/url]  يوللانغان ۋاقتى : [url=]2013-04-09 09:05:18[/url]


تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!
ئاپتورى:سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە)



تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئىزاھات:ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.



   مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ئىجات قىلغان.
   دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس، كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان. دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسيادا بەش بالىق، تۇرپان، خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى، كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشش ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، بىلىم، كۈلتۈر، تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگېنىپ، ئوتتۇرا ئەسردىكى ئەڭ مەدەنى مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.
981-984  -يىللىرى قاراخوجاغا چىن (جۇڭگو)ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ:«بەش بالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر، مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئنسانلار ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشنى بىلىدىكەن، تەشتەك، قاچا، قازان ساھەسىدە مۇكەممەل ئەسەرلەرنى ياراتقانىكەن». ئەلچى ۋاڭ يەندي يەنە تۇرپاندا توقۇلغان ئۇيغۇر رەخېتلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە مۇتلەق ھالدا بىر كىتابخانا تېپىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىنى ناھايتى ياخشى ئاشلاپ ئشلىتىدىغانلىقىنى، تۆمۈر ۋە پولات تاۋلاپ قورال ياسايدىغانلىقىنى، ھەتتا قورال سودىسنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە ئېتىدۇ».
يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆمۈرنى بايقاپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئشلەتكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسدىن كېيىن 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلىپبەسنى ئشلەتكەنىدى.
تۈركولوگ ئا. ۋون. لى كوگنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپاغا سلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ياۋروپادىن خېلىلا بۇرۇن باشلىغان. ياۋروپادا ساناقلىق كىشلەر ئوقۇش –يېزىشنى بىلسە، ئۇيغۇرلاردا دېھقانلار، يېزا ئاھالىلىرى، سودىگەر، قىسقىسى ھەممە ئادەم ئوقۇش-يېزشنى بىلەتتى. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى، يەرلىك كۈلتۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كۈلتۈرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرتىل شۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن ناھايتى گۈللەنگەن بىر باي ئەدەبى تىل تەرەققى قىلغانىدى. بۇ قول يازمىسى ياكى بېسىلغان كىتاپلارنىڭ بىر قسمى مىڭ بۇددا (دۇنخۋاڭ)غارىدىكى ئېتىكاپخانىلىرىدا تېپىلىدۇ. تېپىلغان ئەسەرلەر ئارىسدا، ئالتۇن-يارۇق (ئالتۇن چىراق)، سەككىز يۈكمەككە ئوخشاش بوغۇم ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دىنى قەسىدىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. نام-شەرىپى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى بولسا-ئاپرىنچۇر تېكىن ئىدى.
   ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگ، ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادا ئىلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسى- مىنياتۇرلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۇيغۇر يازمىلىرى ۋە بېسلغان كىتابلار بىلەن تولغان كۈتۈپخانىلار نىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
   بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزشلاردا بايقالغان يازما ۋە باسما ئەسەرلەر، تاشكېمىر ۋە ئويمىلار، خارابىلەر ئارىسدا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇرلار يەنە قەغەز ياساشنىمۇ بىلەتتى.
   ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز تۈرك دۇنياسى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قسمىنى  ئەنگىلىيە، گېرمانيە، روسيە، ھىندىستان، جۇڭگو مۇزىيلىرىغا يوللاپ قاراپ ئولتۇردۇق.
7   -ئەسردىن 9-ئەسرگىچە ئۆز زامانىسنىڭ ئەڭ ئىلغار توپلۇم (مىللى بىرلىك)نى شەكىللەندۇرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى كىتاب بېسىش تېخنىكىسنىمۇ ئىجات قىلغان. بۇ چاغداش(دەۋرىمىز) مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئاساسنى تەشكىل قىلغان ھەرىكەتچان ھەرپ سستىمىسنى تەتبىقلايدىغان باسمىچىلىق تېخنىكىسى ئىدى.
ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگلار 1902 -1907يىللىرى شنجاڭنى (ئەسلى ئەسەردە باشقىچە تارىخى نام بىلەن ئاتالغان-ت) قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قاتتىق ياغاچتىن قېلىنغان يۈزلىگەن ھەرپلەرنى تاپقان.
شۇنىڭدىن كىين (1906--1909)پ. پېللىئوت، مىڭ بۇددا (دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چىقارغان تۈركچە ھەرپلەر دۇنيادا مەتبەئە ھەرپلىرى بويىچە ئەڭ قەدىمكى ھەرپلەردۇر دىگەن ئىلمى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەنبەسى:تۈرك ئنسكلوپىدىيەسى، 3-جىلىت، ئسمەت بىرانىك. ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە.
   رۇس ئالىمى ئولدىنبېرگ قەشقەر ۋە تۇرپان ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كىين زامانىۋى ئۇقۇمدىكى مەتبەئەنىڭ پىروتوتىپى بولغان ھەرىكەتچان ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى، فىرانسۇز ئالىمى ج. ر. رىسلەر مۇ يارۋوپادىن 600 يىل بۇرۇن تۈرك دۆلىتىدە بېسلغان ئەسەرلەردىن بېلىنگەن ۋە ئۇيغۇر مەتبەئە تىخنىكىسنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
   مەتبەچىلىك تېخنىكىسى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى توماس چارتېر :«يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ، تۈركچىگە مەنسۇپتۇر. مەتبەئە تېخنىكسنى جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ دەپ قاراش شۈبھىلىكتۇر، چۈنكى سىلابىك ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان خەنزۇچىنىڭ شۇ تارىخى شارائىتتا مەتبەئە تېخنىكىسغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسچە، 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئىېلپبەسنىڭ مەتبۇئات تېخنىكىسغا ئۇيغۇن كىلىشى ئەڭ قولايدۇر».
  تۇرپان، بەشبالىق، قاراغوجا، ياركەنت، خوتەن ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا چۇشۇرۇلگەن، قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان ھەرىكەتچان ھەرپلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدە مەتبەئە سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغۇسز دەرىجىدە ئسپاتلىماقتا.
   ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەقلىق بىر شۆھرەتكە ئۇلاشقان پىروفىسور ئانمارىيا ۋون گابائىن «تۇرپان كوللىكېتىپ باسمىلىرى»(-تۇرپان تېكىستلىرى-دەپمۇ ئاتىلىدۇ»)ناملىق ئەسىرىدە جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر كىتابچىلىقى ھەققىدە بەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن:
   ئا ۋون گابائىننىڭ قارىشچە، «جۇڭگودا سىلىندىر شەكىلدىكى قول يازمىسى بولغان كىتابلاردا بەت نۇمۇرى يوق. بۇنىڭ ئەكسچە، مىڭ بۇددا «دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چېقىرىلغان يازما ۋە باسما كىتابلاردا كىتابنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدا بەت نۇمۇرى بار ئىدى. ئا ۋون گابائىن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ئۇيغۇرلارغا دائىر خۇسۇستا كەسكىن بىر قانائەتكە ئىگە بولدۇق»دىگەن.
  ئا ۋون گابائىن بىر تېمىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلغان: جۇڭگولۇقلار ھەرىكەتلىك ھەرپلەرنى بىردىن بىردىن ئەمەس، كەلىمىلەر ۋە گېرامماتىكىلىق قوشۇمچە ھالىتىدە تۆكۈشى كىرەكلىكى، خەنزۇ تىلىنىڭ قۇرۇلمسنىڭ ھەرىكەتچان ھەرپلەرنى پەيدا قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەتبەئەدە بېسشقا ئۇيغۇن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى، مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پىروففىسور ئا ۋون گابائىن جۇڭگو يارلىق پەرمانلىرىنى بېسىشتا ئشلىتىدىغان قەغەزنىڭ قوپال ۋە قېلىن ئىكەنلىكىنى، يارلىقنىڭ قەغەزگە بېسلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسچە ئۇيغۇر باسمىچىلىقىدا قوللىنىلغان قەغەزنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر يازمىلىرىدا كۆرۈلگەن كىتاب بېزەش سەنئىتىنىڭ دۇنيادا بايقالغان تۇنجى ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ياكى رەڭسز قويۇلىدىغانلىقى ياكى رەڭلەر بىلەن بېزىلىدىغانلىقى، ئوخشاش ئەھۋالنىڭ باسما بويۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى. قولدا يېزىلغان ياكى بېسلغان كىتاپلارنىڭ جانلىق ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
   گابائىن خانىم شەكىل ۋە مىنياتۇرلاردا كۆرۈلىدىغان ئىتنولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ، كىيم-كىچەكلەرنىڭ، پۇتىغا كېيلىدىغانلار ئىچىدىن ئاياغنىڭ، يۈز قسمى، ساچ ۋە ساقال جەھەتتىن تامامەن تۈركلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو سەنئىتىگە ھىچقانداق ھالەتتە ئوخشتالمىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا گابائىن ئۇيغۇر يازمىلىرىغا رەسىم كىرگۈزۈش تېخنىكىسنىڭ جۇڭگودىن پەرقلىق ھالدا يۇڭ ۋە قومۇش قەلەم بىلەن ئىشلىنىدىغانلىقى، جۇڭگولۇقلاردا بولسا پەقەت يۇڭ قەلەم بىلەنلا ئشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
   ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى قەدىمې مائارىپ مۇتەخەسسلىرىدىن بىرى پىروففىسور ھەلمۇس سئودا بوسسرت ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىدا سۇنغان «تەبئى سەنئەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى»ناملىق ماقالىسدە، مەتبەئەنىڭ جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن ئسپاتلىدى. پىروففىسور بوسسرت :«دەسلەپتە ھەرپ سانى ئاز بولغان بىر ئېلىپبە بولۇشى كېرەك ئىدى، ۋە ھالەنكى خەنزۇچىدا بولسا ھەرپ ئەمەس 4384 بىرلىك بوغۇم بار ئىدى».
  
توماس فىرانسز چارتىر :«مەتبەئەنىڭ غەرپكە ئېلىپ بېرىلىشىدا ۋە تارقىلىشىدا، تۈركلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بار»-دىگەنىدى.
   ئالبېرت ۋون لىكوگ، ھەلمۇرت بوسېرت ۋە لاسزلو راسونى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۈركولوگلارمۇ مەتبەئەنى تۈركلەرنىڭ ئىجات قىلغانلىقىنى ۋە 1241-يىلىدا ئالتۇن ئوردا كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كىرگەن چېغىدا (غەرپنىڭ-ت)مەتبەئەنى شۇ ۋاستە بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
   يېڭى مەتبەئەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىجات قىلغان، گۇتىنبېرگ بولسا پەقەت مەتبەئەنى كىرىشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرغان.
مەنبە:(تۈركلەر ئنسكلوپىدىيەسى. 3-قىسم، ئسمەت بىرانىك، ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە)
تور ئادېرسى:http://www. ilgazetesi. com. tr/2012/03/13/matbaayi-uygur-turkleri-icat-etti-2/0122563

بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://qamus.guduk.com/index.php?doc-view-5415



0

تېما

0

دوست

5852

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9775
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1354
تۆھپە : 881
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن قەغىزىنى سەيدۇل ئىسىملىك  بىرى كەشىپ قىپتىكەن. بۇنى جۇڭگو تارىخچىلېرى قەغەزنى جۇڭگولۇق سەيلۇن كەشىپ قىلغان دەپ ئۆزگەرتىۋالغانمىش.(كىچىكىمدە بىرسىدىن ئاڭلىغان،راس گەپمۇ ياكى چاقچاقتىن دەپ قويغانمۇ كىچىك بولغاچقا ئاڭقىرالمىغانتىم.)

باھا سۆز

tatatunga  سەيلۇن زامانىسىدا مىسىردا يۈكسەك ئوقۇللىرىدا قەغەز يوق لاتىغا خەت يېزىپتىمىكەندۇق .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sewriyar  لۈكچىنلىكەن دەپ قوشۇپ قويمىدىڭىز ،مىلادى 105يىللىرى ئۇيغۇرلار سەيدۇل دەپ ئىسىم قويامدىكەندۇق .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 11:54
خوتەن قەغىزىنى سەيدۇل ئىسىملىك  بىرى كەشىپ قىپتىكەن. ب ...

مۇشۇنداق ئۇدۇل كېلىشلەرنى مەنمۇ راستەك ئويلاپ قالىمەن، سەيدۇل- سەيلۇن، ئەبەي- لى بەي
پەرۋاز

0

تېما

2

دوست

9048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 1836
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېۋىن ھېدىن يازغان لۇپنۇردىن دۇڭخۇئاڭغىچە دىگەن ئىكىسپىدىتسىيە كىتاۋىدا   غەربىي يۇرتلۇقلار  سەيلۇن مىلادى 105-يىلى قەغەز ياساشتىن يېرىم ئەسىر ئىلگىلى دەرەخ قۇۋزىقى ،ھايۋانات تېرىسى ،ھەم رەخت پۇرۇچلارنى ئېزىپ ئىشلىگەن قەغەز ئىشلىتىشنى باشلىغان دىگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ .

0

تېما

3

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 994
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەغەزنى تۇنجى بولۇپ خوتەندە ، يەنى ئۇيغۇرلار ياسىغىنى ئېنىق.

باھا سۆز

sewriyar  بوكىگە پىلە قۇرتى سېلىپ ئاپىرىپ ،ئۇدۇنلىقلارغا ئىپەك تۇقۇشنى ئۇگۇتۇپتەك (بۆك كىيدىغاندەك )  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sewriyar  يۇۋكۇدىن يىپەك يولى جەڭچىيەن توغۇرلۇق ماتىريال كۆرسەم ئۇدۇن خانغا ياتلىق بولغان خەن مەلىكىسى  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

3

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 994
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەسلىمىز بارابارا ئىچىلماقتا . خۇشالىق ئىش

باھا سۆز

tanha_roh  بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە ئەمەس بۈگۈنىمىزگە ئىگە بولالايدۇ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
arginakun  پايدىسى يوق. بىزنىڭ كەلگۈسىمزىگە ئۆتمۈشىمىز ئىگە بولالمايدۇ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

2768

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10070
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 645
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 چوڭ كەشپىياتنىڭ ئەسلى ئېگىلىرى بۇرۇندىن بار .

0

تېما

2

دوست

1244

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تارىخ.....   نېمە دىگۈلۈك ئەمدى بۇنىڭغا.....

باھا سۆز

BADBOY  ‹‹ تارىرىخنى كۇچلۇكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ ››..  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

2

دوست

9048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 1836
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مەتبەئە تىخنىكىسنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
ماۋۇ قاراشقا نىسبەتەن مەن بەيدۇدىن  زاڭزۇلارنىڭ تارىخىنى ئۇقۇسام موڭغۇللارغا خەت ئۇگەتكەن تائۇتۇڭا ئەمەس بەلكى زاڭزۇ راھىپ باسىبا  دەپ ئەپتۇ .بۇ يا خالىغانچە دەۋالدىغان گەپ بولمىسا يا ؟ ئىشەنمىسەڭلەر  بەيدۇغا  八思巴دەپ كىرگۇزۇپ بېقىڭلار .

باھا سۆز

alip  موڭغۇللار ئۆزى نىمە دەيدىغاندۇ؟بىز ئۆزىمىز ئۈگەنگەن دەمدىغاندۇ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
BADBOY  خىتتايچە ماتىرىياللاردا خاتالىق كوپ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

4

تېما

0

دوست

559

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16021
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار نملا بولسا بىزنىڭ دىۋالغان ، بىزنىڭ مەھەلىدكى سۇ ئامىبىرنمۇ ئىچكىردىن ياردەمگە كەلگەنلەر بىزنىڭ دەپ ئېلۋادى ئەمىدى ،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-13 13:33 , Processed in 0.061530 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش