قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 15

مارشال:كەتمەن تۇتقان قوللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

دوست

2927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9523
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 583
توردىكى ۋاقتى: 618
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 23:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەن تۇتقان قوللار

ھايات تىۋىشلىرى زۇلمەتكە تولغان قاراڭغۇ كېچىدىن ئۆتكەن مىنۇتلاردا،شەرق تەرەپتە قۇياش ئىسىملىك بىر چولپان يۇلتۇز ئۆز سىماسىنى نامايەن قىلدى.ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن قىزغۇچ بىنەپشە نۇر ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ،جاھاننى يۇرۇتۇشقا باشلىماقتا ئىدى.زېمىن سۆيگۈسىنىڭ ئەقىدىسى بويىنچە،ئاتام  ئادىتى بويىنچە  ئېتىز تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.

ئاتام ئالدىنقى يىللاردا، ئەتىگەنلىكى ئېتىزدا ئىشلەشكە بىر ئادەم ئەكىپتۇ،ئۇ كىشنى 25ياشلار چامىسىدا بار ئىكەن،مەن ئۇ كىشى بىلەن بىر كۈن بىللە ئىشلىدىم.
-ئىسمىڭ نېمە بۇرادەر؟يۇرتۇڭچۇ؟-دەپ سورىدىم.
-ئىسمىم ھەزرەت ئېلى،قەشقەر بەشكېرىمدىن،كورلىغا كەلگىلى 3يىل بولدى،بۈگۈن ئەتىگەن داداڭ ئادەم بازىرىغا بېرىپتىكەن،بەك تەستە ئالدى مېنى،نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدىن تاللاپ دېگەندەك...
-قانداق دەيسەن؟سېنى قانداق قىلىپ تاللاپ قالدى؟
-مەدىكار بازىرىغا ئەتىگەندىلا بىر كىشى  پەيدا بولدى،ئەتراپىغا نەچچە ئون ياش توپلاشتۇق،شۇنىڭ بىلەن داداڭ ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ:‹‹ئاچە قوللىرىڭنى ئۇكىلىرىم،كورلا بوش تۇرسا جان باققىلى بولمايدىغان يەر،قاپارغان قولۇڭنى كۆرۈپ،ئىشنى قانچىلىك قىلالايدىغانلىقىڭنى بىلىۋالايمەن››دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئەتراپقا ئولاشقان نۇرغۇن ياش كەينىگە داجىدى،داداڭنىڭ يېنىدا پەقەت ئۈچ ئادەملا قالدۇق،داداڭ ھەممىزنىڭ ئالقىننى ئاچقۇزدى،يېنىمدىكى بىر بالىنى:‹‹ سەن تېخى ئەمدى دېھقان بولغىل تۇرۇپسەن ئۇكام،يېنىك ئىشقا چىقىپ تۇرغىن›› دەپ ئۇنى يولغا سالدى.يەنە بىر بالىنى؛‹‹ سەن تېخى ئىش قىپ باقماپسەن،باشقا يەردە ئىشلەپ تۇرغىن›› دەپ ئۇنىمۇ كەينىگە ياندۇردى.نۆۋەت ماڭا كەلدى،داداڭ قولامنى ئاچتى ھەمدە ئالقىنمنى تۇتۇپ سىلاپ باقتى ۋە ماڭا قاراپ تۇرۇپ:كەتمەن تۇتقان قوللار دېگەن مانا شۇ،سەن چىقە ماشىنىغا،بىر ھەپتىلىك ئىشلار بار،ئوبدان قارىشىپ بەر ئۇكام،ئوبدان رازى قىلىمەن...دەپ مېنى ماشىنسىغا چىقاردى-دەپ جاۋاب بەردى ھەزرەت ئېلى.
    ھەي،ما ئىشنى كۆرۈڭ،قارىسام بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتەك تۇرىدۇ،يېرىم ئەسىرلىك ھايات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا سۈرگۈن قىلىنىپ،قاتتىق جازا ئاسىتدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ كەتكەن،ھايات قىسمىتىدە  دېھقانچىلىق كەسپىنى سۆيۈپ كەلگەن ئاتامنىڭ بوۋا-مومىلارنىڭ باسقان يولىدا مېڭىشى مېنى تەسىرلەندۈردى.تۇيۇقسىز كەتمەننى چېپىپ،ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىشلەۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىۋالغان تاماكىسىغا قارىدىم ھەمدە:
-ھېي ،ئاداش،يېشىڭمۇ كىچىككەن،تاماكىنى چەكمىسەڭ بولمامدۇ؟-دەپ سورىدىم مەن.
-داداڭمۇ چېكىدىكەنغۇ ئەمىسە؟-دەپ سورىدى مەندىن ھەزرەت ئېلى.
-دادامنىڭ تاماكا چېكىشىنى تارىخ يارىتىپتىكەن،مەھەللىمىزدىكى دادام دېمەتلىك نۇرغۇن كىشى تاماكا چېكىدۇ،ئۇلاردىن سىلەر نېمىشقا تاماكا چېكىسىلەر دېسەم ئۇلار ماڭا بىز چەككەن تاماكىنى تارىخ ياراتقان ،چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش،پولات تاۋلاش،مەدەنىيەت ئىنقىلابى،يەر ئىسلاھاتى داداڭدىن باشلانغان بىزدەك بەڭگىلەرنى سەن چۈشەنمەيسەن،سەن تۇخۇمدىن چىقمىغان بالادېگەن ئىدى ...-دېدىم مەن ساددىلىق بىلەن.
گەپلىرىمنى ئاڭلىغان ھەزرەت ئېلى ماڭا قاراپ:
-بەش يېشىمدىن باشلاپ قارا يېتىم بولدۇم،نۇرغۇن يەرلەردە مۇساپىر بولدۇم،ئۆگەي ئانىنىڭ يېنىدا تۇرغىلى بولمىدى،بىر ناخشىدا دېگەندەك:‹‹ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى،نان بەرسە كۆيۈك بەردى››.ھەي ئۇكام،تۇرمۇشنىڭ قىسمىتى ئاجايىپ بولدىكەن،چوڭلارنىڭ دېگىنى توغرا،سەن تۇخۇمنىڭ  ئىچىدىكى ئەمەس،سېرىقى ئىچىدىكى بالا،داداڭ مېنى ئەكەلگەن چاغدا توغرا ئېيتقان كەتمەن تۇتقان قوللار دەپ،بۇنى پەقەت كەتمەن تۇتقان قوللار چۈشىنىدۇ...-دېدى.

ئاتامنى مەدھىيلەپ باققۇم كەلدى:

  ئېتىز قىر ئورمانغا بولۇپ شاھ ئۆزۈڭ،

چۆلنى بوستان قىلىش نىيەت ئىرادەڭ.

ئۇشبۇ يولدا ھەمراھدۇر مېھنىتىڭ تەرىڭ.

ئۆزگەرمەس زېمىنغا قىلغان ئەقىدەڭ.



    ئاتام قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەرەجلىرىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئويلاپ يۈرەتتىم،ئۆزى تۇغۇلغان يىلنى ھېسابلاپ كەلسە،مۇقەددەم يېرىم ئەسىر ئىلگىرى جاڭگاللىق،ساي دەپ بىلىنىپ كەلگەن  زېمىندا بوۋا-مومىلار بىلەن بىرلىكتە  بېشىغا كەلگەن تەقدىر-قىسمەت،بوران-چاپقۇنلاردىن غالىپ كېلىپ،چۆلنى بوستان قىلىش ئىرادىسى،غەيرەت-شىجائەت ئۇلارنى بىر تەۋرىمەس روھقا ئىگە قىلغان ئىكەن.داش قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش ...مەھەللىمىزدە ۋاپات بولغان پىشقەدەم دېھقانلاردىن تارتىپ  ھاياتىنى  تەتقىق قىلىپ بېقىش ئويىغىمۇ كەلدىم.كاللامدا ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن بىر ئۇنتۇلماس تارىخ ئېسىمگە كەلمەكتە ئىدى.

    ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ،كىچىك ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك،80-90ياشلىق بوۋاي-مومايلارنىڭ ئېتىزدا تىنىم تاپماي ئىشلەشلىرى،ھاياتىنى ئاددىي-ساددىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن،ھالال-مېھنەت بىلەن ياشاپ كەلگەن،كەتمەننى ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمراھ قىلىپ ياشاپ كەلگەن بۇ سۆيۈملۈك بوۋا-مومىلىرىم ھەر دائىم كۆز ئالدىمدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.‹‹يامان بولىدۇ››دىن باشلانغان ئەسىرلەردىن بۇيان ھايات پەلسەپەسىنىڭ تۇرمۇش ھەقىقىتگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دەبدەبىلىك سۆزلىرى، تىمەنلىگى،ئەمگەكتىن ئىبارەت جىسمانىي ئەمگەكنى قىلىپ ساغلام  ياشاش يولىدىكى ئۈمىدۋالىق كەيپىياتى،ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ تۇرىشى ،يۈزىدىكى ھايات يالدامىلىرى ، قۇرۇقلار،ئۆمۈر بويى كەتمەن تۇتۇپ قاداق بولغان قوللار،ئاقارغان چاچ-ساقاللار ....بۇ مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللىدىكى سۆيۈملۈك،ھاياتىنى ئاددىي-ساددىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن دېھقان بوۋا-مومىلىرىمنىڭ ھايات كۆرۈنۈشلىرى ،ھالال-مېھنەت بىلەن ياشاش،زېمىننى كۆكەرتىش،ئەۋلاد چىرىقىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۇلار كەسپىنى سۆيەتتى،  ھەرخىل قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش،تۆلەشكە تېگىشلىك بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەپ،ھاياتلىق ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىش ئارزۇسى بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ ئالىي غايىسى ئىدى،ئۇلار ئۇزۇن بولغان  يولدىن قەتئىي تەۋرىنىپ باقمىدى.ئۇلار بۇرۇنلا ئانا-زېمىنغا قان-تەرىنى تۆكۈپ،ئانا تەبىئەتنى كۆكەرتىپ،ياخشى دەۋرگە، باياشاتچىلىققا تولغان  ھالاۋەت كۈنلىرى كەلگەندە،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغان ئىدى.

         مەھەللىدە مەن ھەر دائىم كۆرۈپ تۇردىغان ۋە ئۇچراپ تۇردىغان ھەربىر تۈپ تېرەك،ھەربىر تۈپ گۈل-گىياھ،كەڭ كەتكەن بىپايان ئېتىز –دالىلار ،باغ-ۋارانلىقلارنى كۆرگەن چېغىمدا،ئاشۇ قەدىرلىك ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قانچىلىك ئەجىر-تەرىنى تۆككەنلىكى كۆز ئالدىمدا مۇپەسسەل نامايەن بولاتتى.ئەجدادىمنىڭ زېمىنغا بولغان كۆرەشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۈگۈنكى مەھەللە ئىچى بولسۇن ياكى كەڭ كەتكەن بىپايان ئېتىزلىق بولسۇن،ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.ئاخىردا ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:

كەتمەن تۇتقان قوللار تاغنىڭ چوققىسىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئىدى،كەتمەن تۇتقانلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن بۇ زېمىن  ھەقىقىي جەننەت بولغان .تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزلىرى تۇتاش بولغاندەك،بىز ئەۋلادلارنىڭمۇ قەلبى مەڭگۈ تۇتاش ھەم سىلەر ماڭغان يولدا ماڭىمىز...

     2012-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزىلدى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4939
توردىكى ۋاقتى: 1422
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 00:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزلىرى تۇتاش بولغاندەك،بىز ئەۋلادلارنىڭمۇ قەلبى مەڭگۈ تۇتاش ھەم سىلەر ماڭغان يولدا ماڭىمىز...
دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 00:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كەتمەن چۈشكەن كۈنى بەخىت ۋە بىلىمنىڭ چىچەكلىگەن كۈنى.

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:40:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەن چۈشۈپ بولغۇچە دەتمەن بولۇپ كىتىدىغاندەكلا.

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:42:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىمىزگە گۈرجەكچىلەر يېغىۋاتسا بارغانچە كەتمەنگىمۇ.تىخى ئىگە بولالمايمىزمۇ...................

7

تېما

1

دوست

1636

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15829
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي،،،،بىچارە ئۇيغۇر،  پەقەت  كەتمەنگىلا  يارالغان بولغىمىدىڭ؟؟؟

يول ماڭغانسېرى ئ

5

تېما

1

دوست

8589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1713
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئۇيغۇرۇم، ئاللا ھامىنى بىزلەرنى يورۇقلىققا باشلايدۇ بىر كۈنى.

0

تېما

0

دوست

378

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15973
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 12:05:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشىنداقلا بۇلسا بىزنىڭ غۇلجا تەرەبلەردە كەتمەن تۇتۇپ ئىشلىگىدەك يەرمۇ قالمايدىغان ئۇخشايدۇ،  .....................  ھەي ؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )