قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3028|ئىنكاس: 31

ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى – مۇھەممەت سالىھ داموللا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

1

دوست

1606

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15277
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 01:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1991-يىلى 10- ئاي، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن
ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر رەئىس جۇمھۇرى مۇھەممەد ھۈسنى نۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-زھورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.
ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى. 1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھانە تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن ئىئى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملار ئولتۇراتتى.
پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى.
بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگودىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسچىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.
يىغىندىن كېيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن ئىئى قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو-ماراكەش دوستلۇقىنى مەدھىيىلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كېلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى… قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن ئىئى بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن (ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى) نىڭ شېئىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى.
ماراكەشنىڭ دىنى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئىرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس» دېدى. شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزا ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يىغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان سلىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھوزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغ ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن ئىئى مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى.
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى.
ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمىي بالاغەت، ئىلمىي كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960-يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاسىتە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى.
شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى.ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۇن زېھن-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « &لساقۇئو؛قۇرئان كەرىم&رساقۇئو؛نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»، ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «&لساقۇئو؛قۇرئان كەرىم&رساقۇئو؛ ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.
مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشى «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازار-ماشايىخلار، مەسچىت-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، «&لساقۇئو؛قۇتادغۇبىلىك&رساقۇئو؛تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، « مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي زھۇرنىلى» قاتارلىق زھۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» زھۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىدى، دەرسلىكلەرنى تۈزدى، دەرسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرس ئۆتتى.
مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

يول ماڭغانسېرى ئ

5

تېما

1

دوست

8589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1713
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 09:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن.

13

تېما

2

دوست

3204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10121
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 147
تۆھپە : 851
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:13:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمغا جانابى ئاللاھتىن ئىككى ئالەمىلك بەخت تىلەيمەن! ئاللاھ ئۆمرىگە بەرىكەت بەرسۇن، بىزگە مۇشۇنداق ئالىملاردىن كۆپرەك بەرسۇن، ھەم بىزنى قەدرىنى بىلمەس نادانلاردىن قىلمىسۇن!

11

تېما

0

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 744
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئالىمىنى ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن.

7

تېما

1

دوست

5350

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1088
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 211
تۆھپە : 1443
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 12:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ئالىمنىڭ تىنىىڭ سالامەتلىكگە  نور ئاتا قىلغاي

2

تېما

0

دوست

3778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8810
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 779
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 12:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ تېنى سالامەت،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسى بەختلىك بولغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )