قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5513|ئىنكاس: 46

ئۇ ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 686
تۆھپە : 469
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yalghuz2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 04:22  


                                ئۇ ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك باغداش ئەھلى. ئەسلىدە بۇ تېما، 3- 18- كۈنى "شىۋىتسارىيەدە چاخنىغان ئۇيغۇر" ئىسمى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىدە  ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن 15 كۈنچە ۋاقىت ئۆتمەيلا تېمىدىكى سۈرەتلەر چىخماس بولۇپ قېپتۇ. 4-5 كۈن بۇرۇن بۇ مۇنبەرگىمۇ بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن يوللىنىپتىكەن قارىسام
بۇنىڭمۇ سۈرىتى يوق.
    شۇنىڭ بىلەن مەن ئابدۈشكۈرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، كومپىيوتۇرۇمغا چۈشۈرۈپ يوللاپ قويدۇم. بۇ سۈرەتلەر ئەمدى يوقاپ كەتمەيدۇ. ۋەتەندىكى دوست، بىرادەرلىرى، بۇرۇن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى ۋە بىلىملىك ئالىملىرىمىزنى قەدىرلەيدىغان خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن كۆرمىگەنلەر ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. باشقا سۈرەتلىرى تېمىنىڭ ئاخىرسىدا.

                                                 شىۋىتسارىيەدە چاخنىغان ئۇيغۇر
  ئابدىئۈشكۈر ئابدۇرىشىت


    ئابدىئۈشكۇر ئابدۇرىشىت، 1970-يىلى 9- 25 كۈنى كۇچادا بىر ھاللىق زىيالىي ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1977-يىلدىن 1982-يىلغىچە كۇچا 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1982- يىلىدىن 1988- يىلغىچە 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى. ئابدۇئۈشكۇر ئابدۇرىشىت باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغان، ھەر     مەۋسۈم ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۆگۈنۈش ئۈلگىسى بولۇپ باھالىنىپ، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.   
    1985- يىلى ئۇ كۈندىن- كۈنىگە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بەخىتكە قارشى دادىسى ماشىنا ھادىسىسى بىلەن قازا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئابدىئۈشكۈرگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئەمما ئانىسى:- "رەخمەتلىك داداڭنىڭ ئارزۇسى سېنى داڭلىق ئۇنۋىرىستىتلاردا بولسا چەتئەللەردە ئوقۇتۇش ئىدى، سەن مۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ. سەن ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭ، تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، داداڭنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىشىڭ كېرەك، مەن قىينىلىپ قالسام كۆڭلەكلىرىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن" دەيدۇ.
    ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ھەر يىلى شەرەپ تاختىسىدىن يەر ئالىدۇ. 1988- يىلى ئالى مەكتەپكە تاللاش ئىنتامىسىدىن مەكتەپ بويىچە 1- بولۇپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتىدىن ئىمتاھان ئالماي ئوقۇغۇچى تاللاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار 1- بولۇپ ئۇنى تاللايدۇ. ئەمما ئابدىئۈشكۈرنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش غايىسى بولغاچقا ئۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ.
    ئالى مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتلار يېقىنلىشىشى بىلەن كۇچادا ۋاي ئابدۈشۈكۈر كۇچا بۇيىچە 1- بولۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ، ۋاي 550 نۇمۇر ئېپتۇ، ئاقسۇ ۋىلايەت بويىچە 1- بولۇپ ئۆتۈپتۇ، 560 نومۇر ئېپتۇ ... دېگەندەك سۆزلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئابدىئۈشكۈر بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. ئاخىرى ئالى مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. 1988- يىلى ئابدىئۈشكۈر 578 نومۇر بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن ئىدى. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كۇچا خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئالى مەكتەپ ئىنتامىسىدىن ئۆتكەنلەرنى چاقىرىپ بىر خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىدۇ. ئابدىئۈشكۈر گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىققان ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ ئېيتقان سۆزى قۇلىقىنىڭ تۆۋىدە ياڭرىغاندەك بولىدۇ. ئۇ يىغىندىن كېيىن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سورىغان سوئالغىمۇ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: „بۇ نەتىجە ماڭىلا ئەمەس، ئاپامغىمۇ مەنسۇپ.
    بۇ مەزگىللەردە ئابدۇشۇكۇرنىڭ ئاپىسى تولا كۆز يېشى قېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئابدۇشۇكۇر ، "ئاپا سەن نىمىشقا يىغلايسەن، مەن سېنىڭ ۋە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇشقا كېتىۋاتىمەن، مەن سىلەرگە جاپا سالماي ئوزەم ئوز كۈچۈمگە تايىنىپ ئوقۇيمەن" دەيدۇ. ئانىسى ئابدۇشۇكۇرنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: „بالام مەن بىر تەرەپتىن سېنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېتىۋاتقانلىغىڭنى كۆرۈپ خوش بولۇپ يىغلاۋاتىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن رەھمەتلىك داداڭ بولغان بولسا بۇ كۈنلەرنى كۆرۈپ قانچە خوشال بولار ئىدى دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يىغالاۋتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بۇنداق نومۇر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېتىپ قالساڭ مەن سېنى يىلدا بىر كۆرگۈدەكمەن دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ“ دەيدۇ. ئابدۇشۇكۇر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ.
    بۇ مەزگىلدە ئابدۇئۈشكۈرنىڭ شاڭخەي مىدىتسىنا ئۇنۋىرسىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. ئۇ ئويلۇنۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى پىزىكا پاكولتىتىنى تاللىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئايلىق ھەربى مەشىقنى تۈگۈتۈپلا ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ سىنىپتىكى بالىلار ھەممىسى دېگۈدەك شۇ يىلدىكى يۇقۇرى نومۇرلۇق تاللانغان بالىلار بولغاچكا رىقابەتمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما بۇ رىقابەتلەردىن ئابدۇشۇكۇر تېزلا ئۈزۈپ چىقىپ يىل ئاخىرى 1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 5 يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ياخشى ئوقۇش بىلەن تۈگىتىدۇ. شۇنداقلا ياپونىيىلىك ساھاۋەتچى تەرىپىدى تەسىس كىلىنغان كوجىما ياسۇرى (小岛康誉) مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 1992- يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالىنىپ، خەلق سارىيىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.
    ئابدۇئۈشكۇرنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن فاكۇلتىتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە ئۇنى 1993-يىلى باكلاۋىرلىقنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا ئىمتاھانسىز ماگېستىرلىققا تەۋسىيە قېلىدۇ. ئابدۇئۈشكۇرنىڭ غايىسى بولسا ئالىي مەكتەپنى تىزرەك پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىدى، ئەمما بۇنىڭغا ئانىسى قارشى چېقىدۇ، ئانىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: „ئويلاپ باق، بۇنداق پۇرسەت ساڭا كۈندە كېلىپ ئولتۇرامدۇ، قانچىلىك ئادەم سەن ئېرىشكەن بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى، مېنى رازى بولسۇن دېسەڭ ماگېستىرلىقنى ئوقۇپ مىللەتكە ياراملىق ئادەم بول، ئائىلىدىن غەم قىلما، ئۇكاڭ ئابلىكىم ھازىر ئائىلىنى قامداپ كېتىۋاتىدىغۇ“ دەيدۇ. ئابدۇئۈشكۇر يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلايدۇ.
    ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا دەرس بېرىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى „قارا، سەن ئوزەڭنىڭ تىلىدا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭچىلىك بىر نەرسىنى بىلمەيسەن“ دەپ تەنقىتلەشلەر ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالىدى. شۇنداق قېلىپ 2- مەۋسۇم ئاخىرىدا 1-مەۋسۇمدىن كېيىن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن 2 خەنزۇ ساۋاغدىشى يەنە ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي مەكتەپتىن چىقىرىلىدۇ. بۇ ئىش فىزىكا فاكۇلتېتىدا زىل-زىلە قوزغايدۇ.
    95-يىلى يازدا جوڭگو يادرو ئېنېرگىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئابدۇئۈشكۇر بۇ ئىنىستىتۇتقا كېلىپ بۇ يەر بىلەن شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان زېمىن پەرقنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە ھەممىلا ئىشخانىلاردا دېگۈدەك 486 پچ لار، چەتئەللەر بىلەن ئېمائىل ئالاقىسى ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان بولۇپ، „Physical Review Letters“, „Physical Review“ دېگەندەك جورناللار ساماندەك ئىدى. ئابدئۈشكۇر بۇ شارائىتنىڭ كەم تېپىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇيدۇ. ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆگەنگەن فورتران 77 ھىساپلاش تىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان ئىنىستىتۇت باشلىغى ئۇنىڭغىمۇ بىر دانە 486 تىپلىق كومپىيوتۇر ئېلىپ بېرىدۇ.
    95- يىلى يىل ئاخىرىدا مەكتەپتىن ئالاقە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئابدۇئۈشكۇردىن خەلقارا نەزىرىيەۋى فىزىكا مەركىزى (ICTP) غا ماگېستىرلىك ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشىنى سورايدۇ. بۇ ئېنىستۇتتا ئىسلام دۇنياسىدىن چىققان تۇنجى فىزىكا نوبېل مۇكاپات لائۇرىئانتى پاكىستانلىق دوكتۇر ئابدۇسسالامنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن 70- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىدە قۇرۇلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ تارمىقىدىكى بىر خەلقارالىق ئىلمى ئورگان بولۇپ، بۇ ئىنستۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ غەرب بىلەن شەرىق ئوتتۇرىسىدا ئىلمى ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايتتى. بۇ ئورۇن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ماگىستىرلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئابدىئۈشكۇر دەرھال بۇ ئىنستىتۇتقا ئىلتىماس قېلىدۇ.
    شۇنداق قېلىپ ئابدىئۈشكۇر بىر يىل بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۇستازلىرىدىن خېلى كوپ نەرسىلەرنى ئۇگىنىش بىلەن بىرگە „يادرونىڭ يىمىرىلىش كەسمە يۈزىنى ھېساپلاش“ تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تېمىدا بىر ماگىسترىلىق تېزىسىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. 5- ئايدا ئۇرۇمچىدىن كىشىنى خوشال قېلىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ. ئابدىئۈشكۇر (ICTP) غا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئۇرۇمچىگە قايتىدۇ، 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا كۈتكەن كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، ئابدۇئۈشكۇر ماگېستىرلىك تېزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ تۈگىتىدۇ.
    ئابدۇئۈشكۈر ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئۇنچە يېنىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ ئىتالىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بىرگە ئوقۇغان، سانائەت ئىنىستوتىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلىۋىزۇر ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان گۈلنار مەمتىمىن بىلەن توي قىلىدۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئايالى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيەنىڭ Trieste شەھرىدىكىICTP غا ئوقۇشقا ماڭىدۇ.
    بۇ شاھەردە ھەر يىلى نەچچە يۈز قېتىملاپ خەلقارالىق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇراتتى، ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پىزىكا نوبېل مۇكاپاتى لاۇرېنتلىرىنىمۇ كېلىپ- كېتىپ تۇراتتى.
    بۇ مەكتەپتىكى دەرسلەر يوقۇرى ئېنىرگىيە، قېتىشما ماتىرىياللار ۋە ماتىماتىكا بولۇپ 3 سىنىپ ئىدى. بۇ ئۈچ سىنىپتا ئوقۇيدىغان 30 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالجىرىيە، جەنۇبى ئاپرىقا، مۇڭغۇلىيە، پىلىپىن، تۈركىيە، رومانىيە، مېكسىكا ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەردىن ئالاھىدە تاللىنىلغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ھەرقايسى دۆۋلەت ۋە مىللەتلەردىن بولۇپ 900 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆۋلەتلىرىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدىن ئوغلىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدەك سۆيۈندۈرگىچى خەۋەر كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇئۈشكۈر بىر تەرەپتىن ھاياجانلانغان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن قەتئىلىك بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ جاپالىق ۋە تىرىشىپ ئۆگۈنۈش ئارقىلىق مەكتەپ پۈتتۈرۈش تېزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن شىۋىتسارىيەنىڭ Basel ئۇنۋىرىستىتىدىن تەكلىپ قىلىپ، دوكتۇرلۇققا تاللىنىدۇ.
    Basel رېيىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان قەدىمى بىر شەھەر بولۇپ، باسېل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. فىزىكا فاكۇلتېتى بولسا ماتىرىيال فىزىكا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تېما „scanning tunneling microscope (STM)“ غا ئاساس سالغان گۇرۇپپا ئابدىئۈشكۇر بارماقچى بولغان گۇرۇپپا ئىدى. ئابدۇئۈشكۇر ئەنە شۇ تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان „Atomic Force Microscope (AFM)“ نىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىنى چۇشەندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئاساس تىكلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىسى بولسا 1960-يىللىرى يېرىم ئوتكۇزگۇچ ساھەسىدە فىزىكىنى زىل-زىلگە سالغان „Ambegaokar-Baratoff“ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان Baratoff ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كىشى ئىدى. ئابدۇئۈشكۇر بۇ يەردىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، 2.5 يىللىق ئوقۇش نەتىجىسىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. كەينى-كەينىدىن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلغان نەزىرىيەۋى پەرەزلىرى ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان نەچچە 10 مىڭ قۇرلۇق پىروگراممىلار بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان سانلىق قىممەتلەر تەجرىبىدىكى سانلىق قىممەتلەرگە ماس قېلىپ ئافم تېخنىكىسىنىڭ بىر قىسىم نەزىرىيەۋى ئاساسىنى تىكلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى خەلقارادىكى داڭلىك فىزىكا كەسپىگە دائىر جوۇرناللاردا كەينى –كەينىدىن ئېلان قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن يېزىپ چىققان بىر ماقالىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلىك جوۇرنال „Pen“ جوۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ بۇ 2.5 يىل جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلىك ۋە خەلقارالىق يىغىنلاردا دوكلات بېرىپ ئوز ئەمگىكىنى تونۇشتۇرىدۇ.
    ئابدۇئۈشكۇرنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ھەم ئۇنىڭ تېگىنى قىزىقىپ سورايدۇ. ئابدۇئۈشكۇر ئوز نۆۋىتىدە، پۇرسەت بولغان يەرلەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرىدۇ.
ئابدۇئۈشكۈر 2000- يىلىنىڭ بېشىدا دوكتۇرلۇق تېزىسىنى يېزىپ، تاماملايدۇ. ئۇ 2.5 يىل ئىچىدە ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تۈگۈتۈپ فاكۇلتېت تارىخىدا ئوقۇشنى ئەڭ تىز پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنۋىرىستىت رەھبەرلىگى ئابدۇئۈشكۈرنىڭ شەرىپىگە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەخسۇس زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ.
    ئابدۇئۈشكۈر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىۋىتسارىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئوچۇر تېخىنىكا خىركىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە كىرىدۇ. ئۇ خېلە چوڭ، مۇرەككەپ ئوچۇر سېستىما قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلەپ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى دەل يېرىدىن، ۋاختىدا تېپىپ چىقىش، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئوز قابىلىيىتىنى نامايەن قېلىپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. شۋېتسارىيە دۇنياغا ئۆزىنىڭ بانكا سېستىمىسى بىلەن تونۇلغان، بۇ بانكىلار بولسا خەلقارالىق بانكىلار بولۇپ 24 سائەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مۇلازىمەتلىرىنى بىر سېكۇنتمۇ ئۈزۈپ قويماسلىغى كېرەك. ئابدۇئۈشكۇرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بانكا سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى لاھىيەلەپ، يېڭى تەلەپلەرنى ۋاختىدا بېجىرىپ بېرىش، سېستىمىنىڭ تۇراقلىقلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، سېستىمىنى ئاپتۇماتىكلەشتۈرۈش دېگەندەك مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن باشقا يەنە بىر گۇرۇپپىغا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل ئىدى.
ئۇ بۇ جەرياندا ھەر يىلى دېگۈدەك خەلقارالىق تېخنىكىلىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى. ئالدىنقى يىل شىركەتكە ۋاكالىتەن IBM شىركىتىنىڭ باش تەجرىبەخانىسىغا بېرىپ ئۇ يەردىكىلەر بىلەن كەلگۈسى سىتىراتىگىيە ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدى. ئابدۇئۈشكۈر ھازىر IBM شىركىتىنىڭ كام بالسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئالى ئىنژېنىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ئابدۇئۈشكۇر ھازىر شۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بەرن دە ئايالى گۈلنار ۋە 3 ئوغلى بىلەن بىرگە ياشىماقتا.



















ھۆرمەت بىلەن.

يول ماڭغانسېرى ئ

0

تېما

1

دوست

6635

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10640
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1305
تۆھپە : 1119
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

8

تېما

2

دوست

2585

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10121
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 671
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! ئۈچ ئوغۇلنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان ئاشۇ ئانىغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، دىلىنى ئىمان بىلەن نۇرلاندۇرسۇن.
پەرۋاز

1

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى....

كۇپپارلارغا ۋاي

1

تېما

0

دوست

7168

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1502
تۆھپە : 1158
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۇم ئەجەپ سۇيۇندى. ئاللاھ ئۇنى ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن، ئىشلىرىغا بەركەت بەرسۇن.

باھا سۆز

otunqi  ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ئەنۋەر  ئورتاق پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

1

تېما

2

دوست

1691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8699
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 182
تۆھپە : 385
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن ئايرىلسىلا چوڭ-چوڭ ساھەلەردە نام -ئاتاق چىقىرىپ خىزمەت قىلىدىكەن .
توۋا !

باھا سۆز

amatqong  راست دىدىڭىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:39
mirigul03  راس  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:54
kukkaptar  راس  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:03
otunqi  ئەگشتىم  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ئەنۋەر  ھەقىقەت!!!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17420
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن پەخىرلىنىمىز!كامال تېپىڭ!

2

تېما

0

دوست

3472

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8810
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 779
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ چاقنىغىن قېرىندىشىم. رەھمەت سىزگە تېما ئىگىسى.

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17424
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما   ئىگسىگە   كوپ   راخمەت ،   بىر  ئالىم  بىلەن   تۇنۇشتۇرگىنىڭېزدىن   خۇرسەن   بولدۇم  

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17424
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ  توربەتكە   يېڭىدىن   ئەزا  بولۇپ   كىردىم  ، كوپرەك   ياردەم  قىلىشىڭلانى  سورايمەن

باھا سۆز

konqidarya  باغداشغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ap-qilam  كېلىڭ باغداشتا بىللە ئۆگىنىمىز  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-13 09:15 , Processed in 0.073098 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش