- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18420
- نادىر
- 0
- يازما
- 1591
ئۆسۈش
21.05%
|
ئىران :يادرو ھوقۇقىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمىز
شىنخۇا تورى 9 – ئاپرېل خەۋىرى: [ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 – ئاپرېل تېھراندىن بەرگەن تېلېگراممىسى] ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئىران يادرو تەرەققىيات پىلانىنى مەڭگۈ توختاتمايدۇ. ئالدىنقى كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سۆھبەت شۇ مەسىلە سەۋەبلىك بىردەكلىككە كېلەلمىدى.
ئالاھىددىن بورۇجېردى مۇنداق دېدى: سۆھبەت «ئۈنۈملۈك بولدى، ئالدىغا بىر قەدەم بېسىلدى، دەپ قارالدى»، بىراق ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىران قۇيۇقلاشتۇرۇش پائالىيتىنى مەڭگۈ توختاتمايدۇ».
ئىران پارلامېنت دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ۋە تاشقى دېپلوماتىييە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان بولۇجېردى بولسا سۆھبەت يەنە داۋاملىشىدۇ، دېدى.
ئىران ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ناۋادا بىر كۈنى (ئىران) ھۆكۈمەت فورداۋ (ئوران قويۇقلاشتۇرۇش زاۋۇتى) نى تاقاشنى قارار قىلىپ قالسا، پارلامېنت بۇ قارارغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ مۇتلەق». ئۇ يەيە مۇنداق دېدى: چەتئەللەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، ئىران بۇ زاۋۇتنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مۇنداق دەپ بىشارەت بەردى، ناۋادا تاشقى دېپلوماتىيە يولى مەغلۇب بولسا، ئۇنداقتا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز.
ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىسى خامېنىينىڭ مەسلىھەتچىسى ئالى ئەكبەر، ۋەلھايات ھەپتە ئاخىرى قازاقىستان ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى غەرب ئەللىرىگە ئارتىپ قويدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سۆھبەت غەرب ئەللىرىنىڭ گېپىدە تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، «ئەگەر ئۇلار ئىراننىڭ ئوران قويۇقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. »
ۋەلھايات بۇ يىل 6 – ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىران زوڭتوڭى سايلىمىدىكى ئەڭ قىززىق نامزاتلارنىڭ بىرى.
بۇ ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۇرناكۈن ب د ت نىڭ بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت داۋامىدا تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
[فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7 – ئاپرېل ئېرۇسالىمدىن بەرگەن تېلېگراممىسى] 7 – چىسلا، ئىسرائىلىيە زوڭلىسى نېتانىياخۇ بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈدىغان، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە قارىتا، ئىسرائىلىيە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا «ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى باشقا ئەللەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ»، مەيلى ئۇ «بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر».
نېتانىياخۇ يەھۇدىلار چوڭ قىرغىن قىلىنغان خاتىرە كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن ئېرۇسالىمدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەنت، بىراق بىز مەيلى قانداق ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ قويمايمىز، مەيلى ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز بولسۇن».
ئامېرىكا زوڭتوى ئوباما ئالدىنقى ئايدا مەزكۇر رايونغا زىيارەتكە بارغاندا، ئىسرائىلىيەگە كاپالەت بېرىپ، ئامېرىكا «چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى توسىدۇ»، دېگەن ئىدى.
نېتانىياخۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىلار چوڭ قىرغىن قىلىنغاندىن باشلاپ يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر شۇكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىمىزنىڭ قوغدىشىمىز كېرەك، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار». ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىران ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا جاكارلىدى».
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر نەچچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ئەرباپلىرى 7 – چىسلا كەچتىكى قازا قىلغان يەھۇدىلار خاتىرە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.
]ئەنگىلىيە «قوغداش گېزىى» تور بېكىتىنىڭ 7 – ئاپرېل خەۋىرى] ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى كېررى بۈگۈن مۇنداق دېدى، تاشقى دېپلوماتىيە لايىھەسى ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەرۋازىسى ھېلىھەم ئوچۇق، بىراق ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى بۇنداق توختىماي داۋاملىشىۋەرسە بولمايدۇ.
ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە، تەرەپلەر بىرلىككە كېلەلمىدى. كېررى بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئاياقلىشىپ بىر كۈندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاقساراي ھېلىھەم ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ تېنچ ئۇسۇلدا ھەل بولۇشىغا ئۈمىد باغلاپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئۇلاپلا يەنە مۇنداق دېدى: سۆھبەت توختىماي داۋاملىشىدىغان جەريان ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئوران قويۇقلاشتۇرۇش مۇددىتىنى بەلگىلەپ بېرىشنى، بولمىسا ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بارغانسېرى كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئىستېراتىگىيەسى ۋە ئاخبارات مىنىستىرى يوۋار شىتاينىس بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئەگەر تېھران يادرو پىلانىنى توختىتىشنى رەت قىلىدىكەن، ئىسرائىلىيە بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر ئاي ئىچىدە قورال كۈچى بىلەن تەدبىر قوللىنىدۇ.
بىراق، كېررى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئون كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان تۈركىيە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.
كېررى ئىستانبولدىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تاشقى دېپلوماتىيە بىر تۈرلۈك كۈچ كېتىدىغان ۋەزىپە».
مەنبە : www.chinanews.com
http://www.nur.cn/news/2013/04/115725.shtml |
|