بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 18:39
خەنزۇمىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى
ئىلاۋە: مەن بۇ يازمىنى باشقامۇنبەردە كۆرىپ بەلگۇلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ تورداشلارنىڭ ھۆزۇرىغا سۇندىم، ئىلگىرى كۆرگەنلەر بولسا ئەيىپكە بۇيرىمايسىلەر. خەنزۇلارنىڭ ئەڭدەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى (炎蒂) بىلەن (黄蒂) قەبىللىرىئەسلىدە ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چىياڭ (羌) دىگەن بىرقەبىلىدە شەكىللەنگەن. كىيىنچە يەندى قەبىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىداناھايىتى كەسكىن ئۇرۇشلار، جەڭگى- جىدەللەردە يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسىتەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. خۇاڭدى قەبىلىسى (خۇاڭدى ئەۋلاتلىرى) ئۇزۇن تارىخىيتەرەققىيات ۋە ئۇرۇش (ناھايىتى زور قان تۆكۈش) ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكىبىرمۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش (قۇشىۋېلىش) ھېسابىغاكىيىنچە خۇاشيا (华夏) قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. خۇاشىيا سۆزى گۈللەنگەنئەل، ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ، خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇمىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىزتارىخىدىكى شىيا (مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىرگىچە)سۇلالىسى، شاڭ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى11-ئەسىرگىچە)، جۇ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىغىچە) دىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە مەزگىلىدە تازا تەرەققى قىلىپ ئەمىنىيە ۋەيېغىلىق دەۋىرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان. جۇ سۇلالىسى دەۋرىدەجۇ سۇلالىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر (شەرىقتىكى يى 夷 قەبىلىسى،جەنۇپتىكى مەن 蛮قەبىلىسى، شىمالى جۇڭگۇدىكى دى 狄قەبىلىلىرى) جۇ سۇلالىسى كىشىللىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەر (يەتتە چوڭ بەگلىك) نى ئومۇملاشتۇرۇپخۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چېن شىخۇاڭ پۈتۈن خۇاشىيامىللىتىنىڭ يېزىقىنى (ھازىرقى خەنزۇ يېزىقى)، پۇللىرىنى، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى، ھەرقايسى بەگلىكلەر چېگىرىسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنىبىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم، ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بولۇشئىمكانىيتىنى ياراتتى. ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىللىرىنىڭ بارغانسىرىكۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. چېن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىدىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى206 -يىلىغىچە) دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنىچىنلىقلار (秦人) دىگەن نام ئىگىلىدى. ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرياللارداجۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكىئېنىق. خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان بۈيۈك خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خەنسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە–ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەن سۇلالىسىنى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەتتاپقۇزۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئېمپىريىگە ئايلىنىپچىنلىقلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆتئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچىخەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر (汉人)دەپ ئاتاشقا باشلىغان، «تارىخ-مەدەنىيەت بىلىملىرى» ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 8-سانىدا، لىيۇ باڭ خەن سۇلالىسىنىقۇرغاندىن كىيىن خەن سۇلالىسىگە خوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر «خەنلىكلەر» دىگەننامنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى«خەنلىكلەر» دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىللىرى دىگەنمەنانى بىلدۈردىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دىمەك، بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەنمىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخى تەرەققىياتجەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگەتونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان. خەنزۇمىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەتبولۇپ شەكىللىنىشىدە ئېلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان. دۆلىتىمىزتارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 770- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى476 -يىلىغىچە) يېغىلىق(مىلادىدىن بۇرۇنقى 475- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە) دەۋىرلىرىدە يۈزبەرگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم خۇاشىيا قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكىجەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شىيا، شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىنئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىقدەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى مەركەزقىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. خۇاشىيا قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى(狄) چىياڭ (羌) يى(夷) مەن (蛮) قاتارلىققەبىللەرنىڭ بىر قىسىمىنى تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشىۋالغان.چۈنكى خۇاشىيا قەبىلىسى جۇ سۇلالىسىدىن باشلاپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىرقەبىلىگە ئايلانغان. شۇڭا جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقىئۇزۇن زامانلار جەريانىدا خۇاشىيا قەبىلىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش،سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتتە خۇاشىيا قەبىلىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشئارقىلىق، ئاستا-ئاستا خۇاشىيا قەبىلىسىگە سىڭىپ كەتكەن. نەتىجىدە خۇاشىياقەبىلىسى ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگەئايلىنىپ ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان. دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ۋېي، جىن،جەنۇب، شىمال (مىلادى 190- يىلدىن 589-يىلىغىچە) سۇلالىلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى ۋېي، جىن، جەنۇب، شىمال سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگۇ مەدىنيىتى تۆتئەسىرگە يېقىن داۋالغۇش، بۆلىنىش، تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن، جۇڭگۇ مەدەنىيىتىقۇتۇپلاشقان، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈشى، يۆتكىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بىرقىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان، دۆلىتىمىزنىڭچېگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغابېرىپ ئولتۇراقلاشقان. مەسىلەن، بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىداياشىغۇچى ھونلار، سىيانپىلار، دىلار، چياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرلىكتارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپبېرىپ خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇمەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا غايەت زورئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ سۇڭ (مىلادى960- يىلىدىن 1279- يىلىغىچە) لىياۋ (مىلادى 1271-1368) سۇلالىرى دەۋرىدە يۈزبەرگەن. بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى كىدان (قىتان) جۇرجىت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىقمىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋ، جىن، يۈەنقاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنىئاساس قىلغان مەدىنيىتى ئانچە تەرەققى قىلمىغان، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇراتۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇلقىلىپ بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشقا باشلىغان. مانا شۇنداق ئۇبىكتىپ شەرت- شارائىتنىڭپىشىپ يىتىلىشى بىلەن بۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىخەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى مىڭ (مىلادى 1368-1644)،چىڭ (مىلادى 1644-1911) سۇلاللىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن، بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكىمىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايىتى كۈچەيگەن. مەسىلەن، مانجۇلار ئوتتۇراتۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئېلىمىز تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەنچىڭ خانلىقىنىقۇرغان بولسىمۇ، بىراق خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىشئاساسىدا خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن. چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدەكۆپلىگەن ئەمەلدار- تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقائايلانغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان. ئومۇملاشتۇرغاندا، دۇنيادا ساپ مىللەت يوق، خەنزۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىياتجەريانىدا كىچىك قەبىلە ئىتتىپاقىدىن چوڭ، كۈچلىك قەبىلە ئىتتىپاقىغا، نوپۇسى ئازبىر مىللەتتىن، نۇپۇسى كۆپ بىر مىللەتكە ئايلانغان. http://www.alimbiz.net/?p=1878#comment-1049
|