قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 31

( دولان ) دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

11

تېما

0

دوست

4319

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 990
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 18:54  

دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن


    دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
     ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ئەتراپىنى قومۇش، شاخ-شۇمبا بىلەن توسۇپ، مۇزخانا (ئىپتىدائىي توڭئىسكىلاتى) ياساپ، ئۇنىڭغا قىشتا دەريا-كۆللەردىكى توڭلىغان مۇزلارنى قاچىلاپساقلاپ، ئۇنىڭدىن يازدا پايدىلىنىشنى بىلگەن. بۇنداق مۇزخانىدىكى مۇزنى يازدىمۇخاتىرجەم ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز يازدا بولۇپمۇ ئورما، خامانمەزگىللىرىدىكى ئىسسىقلاردا مۇزخانىلاردىكى مۇزغا قېتىق، سۈزمە (بەزىدە شىرنەقوشۇپ) ئارىلاشتۇرۇپ دوغاپ ئىچىپ ھۇزۇرلانغان. بۇنداق دوغاپ تەبىئىي مۇزنى ئاساسقىلغاچقا ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ. دوغاپ ئادەتتە بىرنەچچە خىل بولىدۇ. بىرخىلى مۇز، قېتىق، سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇنداق دوغاپ ساپ دوغاپ ياكىئاق دوغاپ دېيىلىدۇ، يەنە بىر تۈرى مۇز، قېتىق، سۇ، ئۈزۈم شىرنىسى بىلەنتەييارلىنىدۇ. خاس قايماق بىلەن جىگدە شەربىتى بىلەن قارا شېكەر ياكى ناۋات سۈيىبىلەن تەييارلىنىدىغان تۈرلىرىمۇ بار. يازدا ئائىلىگە مېھمان چاقىرغاندامېھمانلارغا ئاتاپ دوغاپ تەييارلىنىدۇ.
     ئىلگىرىمەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ بىر ياكى ئىككى ئورۇندا مۇزخانا ھازىرلىناتتى، بۇمېھنەتكە مەھەللىدىكى ئەرلەر تەڭ قاتنىشىپ، يازدا ئۇنىڭدىن ھەممە تەڭ بەھرىمەنبولاتتى. كېيىنچە دوغاپچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يۇرت-يۇرتلاردابارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن دوغاپچىلىق بازارغا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە بۇكەسىپنىڭ بازارلىشىشى تېخىمۇ تېز ۋە چاپ-چاپ بولماقتا. دوغاپ گەرچە تەييارلىنىشىئاددىي، مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان ھۈنەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغاخەلقىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق ئېڭى، ئىچىملىك مەدەنىيىتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى، سودا-سېتىق پىسخىكىسى، سۈتچىلىك مەدەنىيىتى قاتارلىقمەدەنىيەت ئەندىزىسى مۇجەسسەملەشكەن. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان دوغاپنىڭمۇزلىرى سۈنئىي توڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.مۇزخانىلارغا قاچىلانغان تەبىئىي مۇزلار ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. خېرىدارلارنىڭپاكىزلىققا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. دوغاپنىڭ خۇرۇچلىرىغا ھېچقانداقسۈنئىي خۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئىچىملىك بولغاچقا، يازكۈنىدە ئۇسسىغان ھەر قانداق ئادەم بىمالال ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭيېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېما.
مەنبە
http://www.alimbiz.net/?p=6142

0

تېما

0

دوست

293

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17360
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يازدىكى ئىسىل ئىچىملىك .. جەنۇبى شىنجاڭدا بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ دوغاپلىرى يۈرەكنى سەگىدىپ قويىدۇ ... ھى ھى  ... ئەمما كىچىك بالىلار جىق ئىچسە سوغۇق كىلىپ سىيىپ ياتىدۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

7331

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1173
توردىكى ۋاقتى: 478
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئىي مۇزدا پاشا بىلەن ئۇششاق ئەخلەتلەر بار. پاكىزە دىيىشكە بولمايىتتى. لىكىن ئىچىۋىرىدۇ.


سۈنئىي ئۇسۇلدا توڭلاتقان مۇزدا دوغاپ ئەتسە، بەك پاكىزە بولىدۇ.
پەرۋاز

1

تېما

0

دوست

1328

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پەزىۋاتتا ساراڭ دوغ ھەم قېتىق دوغ دەپ ئايرىيمىز . ساراڭ دوغ دىگىنى قىيام بىلەن قېتىق ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ . قېتىق دوغ بولسا قېتىقلا قۇشىلىدۇ .

باھا سۆز

aktuqi  ئوخشاش بىزمۇشۇ .بۇتەرەپتە. ئوڭ ساراڭ دەپ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
otkurr  سىلنىڭ پەزىۋاتتىلا ئەمەس ، ھەممە يەدە ئوخشاش . توغرىسى: ئوڭ دوغ-ساراڭ دوغ  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

968

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7671
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ubama تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 21:14  

كۆز ئچىپ ئالەمگە تۆرەلگەندىمەن
شۇ گۈزەل ھۆسنۈڭگە باقتىم تار كوچا.
جان ئانامنىڭ باغرىدەك باغرىڭغا مەن،
قانمىدىم،باغرىمنى ياقتىم تار كوچا.

بويلىرىمنى ئىگكىنىمدە ھەر قاچان،
تەلمۈرۈپ تويماي قارايمەن تار كوچا.
كىم سېنى تار دەيدۇ قوينۇڭ بىر جاھان،
گۈل -چېچەك،رەيھان پۇرايسەن تار كوچا.

سەندە خۇشخۇي مىڭ ئانىنىڭ مېھرى جەم،
شۇڭا مەن ئىشقىڭدا ياندىم تار كوچا.
مەيلى پارىژ مەيلى ئىستانبولدىمەن،
سېغىنىش قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا.

مىنى تۇققان جان ئانامسەن تار كوچا،
مىنى ئۆستۈرگەن ئانامسەن تار كوچا.
شۇنچە بەرنا قىز-يىگىتكە پاسىبان،
بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا

0

تېما

0

دوست

564

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 123
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوغ دىگەن ھاۋا  ئىسسىغاندا جاننىڭ راھىتى ،ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ جاللات خىنىم دىگەن رومانىدا سەئىدىيە خانلىقى دەۋىردە خۇرۇچلىرى نەچچە خىل بولغان نەچچە ئون خىل دوغ تۇرلىرى بارلىقى قەيىت قىلىنغان...شۇ دوغ تۈرلىرىدىن ھازىر بىر نەچچىسىلا قالدى ..

0

تېما

1

دوست

220

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17005
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوغاپنى  قەشقەردە دۇغ دەيدىكەن،يەنە بىر يۇرتتاراخاپ دەپمۇ ئاڭلىغان قەيەردە كىمدىن ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە قالماپتۇ!!!

باھا سۆز

musapirman  غۇلجىدا ‹‹ بەيخۇ ،، دەمدۇ راخاپنى .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
musapirman  راخاپ مۇز سالغان تاتلىق سۇ .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
musapirman  راخاپ دەپ مۇز سۈيىگە شىكەر سالغان سۇنى دەيمىز.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
anatil8  بىزنىڭ خوتەندە دوغاپنى راخاپ دەپ ئاتايمىز،،  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
darya99  بىزنىڭ ئاقسۇدا كونىلار مارۇژنىنى راخاپ دەيدۇ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بابۇرخان

0

تېما

0

دوست

2141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3281
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 333
تۆھپە : 425
توردىكى ۋاقتى: 288
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايھاي دوغنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ  بۇ يىلغا تەۋە تىخى دوغ ئىچىپ باقمىنىپ ئىسىمگە كىلىپ دوغ خۇمارىم تۇتۇپ كەتتىيا باللا

yaxnar

0

تېما

4

دوست

3386

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يازدىكى ئىسىل ئىچىملىك

تۈمەن ئۆركىشى

4

تېما

14

دوست

8466

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1640
تۆھپە : 1452
توردىكى ۋاقتى: 320
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئېسىل ئىچىملىك جۇما بۇ . ھېچقانداق سۇغاق ئىچىملىكنى دوغقا تەڭ قىلمايمەن جۇما ...قىزىل كالىمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-16 12:29 , Processed in 0.058710 second(s), 10 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش