قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1149|ئىنكاس: 10

قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hayat nimdiganguzal

1

تېما

0

دوست

343

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13893
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 00:03  







شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
183 – نومۇرلۇق

   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش چارىسى›› 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 36 – قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدۇق، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى
2013 – يىلى 18 – يانۋار
   1 – ماددا بۇ چارە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەش پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەشنى باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاساسەن تۈزۈلدى.
  2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش، لايىھەلەش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەتبىقلىنىدۇ.
   بۇ چارىدە دېيىلگەن قۇرۇلۇش، توپا – ياغاچ قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى لىنىيەسى تۇرۇبا يولى ۋە ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   3 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
   قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەشكە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، توختامنى رويىخەتكە ئېلىش، نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىش ۋە خەرىتە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق كونكرېت ئىشلارنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزىگە قاراشلىق خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
   4 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى ئىجرا قىلىپ، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يولغا قويۇپ، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر – سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە يېڭى ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، مۇھىتنى ئاسراپ، بايلىقنى تېجەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، مۇھىت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەش ساھەسىدىكى تەلەپچان تەشكىلاتلار قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە نىزامنامىگە ئاساسەن، ساھە تەلەپچانلىقى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ساھە ئىشەنچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساھەنىڭ باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
   5 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈش – لايىھەلەش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشى كېرەك.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سالاھىيەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىگە رايون چەكلىمىسى قويۇلمىغان بولسا، ھەرقانداق جاي ۋە تارماقنىڭ ئالدىنقى ئىجازەتنى تەسىس قىلىشىغا، ئۆز مەمۇرىي رايونى، ئۆز سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىشىگە ياكى چەتكە قېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
   6 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ تارماق ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا قۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ؛ ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنى تارماق ئاپپارات قۇرۇشقا مەجبۇرلىماسلىقى ياكى قۇرۇلغان تارماق ئاپپاراتنى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدە تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى شەرت قىلماسلىقى لازىم.
   7 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تەسىس قىلغان تارماق ئاپپارات قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولسا، مۇناسىپ دەرىجىدىكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى دائىرىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تەسىس قىلغان تارماق ئاپپارات قانۇنىي ئىگە سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان بولسا، كەسىپ ۋە ئادەم سانى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغان تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى بىلەن ئىقتىساد – تېخنىكا مەسئۇلىيەت ھۆججىتى ئىمزالاپ، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى دائىرىسى ئىچىدە، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ نامىدا تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
   8  – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ تۈر ئورۇنلاشقان جايدىكى مۇناسىپ سالاھىيەت دەرىجىسىگە ئىگە تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ياكى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
   9 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتىدىكى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى (ئۇلار تەسىس قىلغان قانۇنىي ئىگە سالاھىيەتكە ئىگە تارماق ئاپپاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدا ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛
1) كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، سالاھىيەت دەرىجىسى كىنىشكىسى؛
2) قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىك ئىسپاتى (ھوقۇق بەرگەن كەسىپ دائىرىسى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلار ئېنىق بولۇشى كېرەك)، شىنجاڭغا كىرگەن مەسئۇل كىشى، تېخنىكىغا مەسئۇل كىشىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىك ھۆججىتى، كىملىك، كىرىم ۋە باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى؛
3) شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان تۈرگە مەسئۇل كىشى، كەسىپكە مەسئۇل كىشى، رويخەتكە ئالدۇرغان بىناكارلىق ئۇستىسى، رويخەتكە ئالدۇرغان ئىنژېنېر قاتارلىق ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ كىملىكى، ئۇنۋان كىنىشكىسى؛
4) ئىشلەۋاتقانلارغا تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىسپاتى، تىزىمغا ئالغانلارنىڭ تىزىملانغان كەسپىي گۇۋاھنامىسى، كەسىپكارلىق بارماق ئىزى، شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئىمزاسى؛
5) تېخنىكا سۈپىتى، ئارخىپ، مالىيە ۋە تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈم ماتېرىياللىرى.
ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى ئاپتونوم رايوندا قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان شۆبە ئاپپارات قۇرغان بولسا، يەنە مەزكۇر شۆبە ئاپپاراتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئىجازەت توختامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە تىزىملاش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
   10 – ماددا بۇ چارىنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن سىرت، باشقا ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان شۇ مەمۇرىي رايونغا كىرىپ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان تىزىملاش ئىشلىرىنى بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.
   11 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
1) قانۇنىي ئىگە سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان تارماق ئاپپاراتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كەسىپكارلار ياكى باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىشىغا رۇخسەت قىلىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش؛
2) ئۆز ئورنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن، تىزىمغا ئالغان تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى خادىملارنىڭ باشقا ئورۇنلاردا تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇش ياكى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش؛
3) ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىدىن ئاشۇرۇپ تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ھەقلىرىنى ئۆستۈرۈش ياكى چۈشۈرۈش؛
4) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردە يولغا قويۇش مەنئى قىلىنغان باش قىلمىشلار.
   12 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش – لايىھەلەشكە خېرىدار چىقىشتا ياكى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپى ھاۋالىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
1) قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تارماق ئاپپارات ئۆزىنىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن، قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان تارماق ئاپپارات قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كەسىپكە بەرگەن ھوقۇق ھاۋالىنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇش؛
2) خېرىدار چىقىرىش ھۆججىتى ياكى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش توختامىدا ئېنىق بېكىتىلگەن ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى خادىملار تۈرنى ئۈستىگە ئالىدىغان خادىملار سانى ۋە سالاھىيەت شەرتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى خادىملار شىنجاڭغا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرغان خادىملار بىلەن ماس كېلىشى؛
3) ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلار، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونلار ياكى ئوخشاش تۈردىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، رايونلىرىدا تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان بولسا ياكى بۇ چارىنىڭ 17 – ، 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيدان مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە، مۇناسىپ تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان ئورۇن ياكى تۈر جايلاشقان ئورۇندىكى مۇناسىپ سالاھىيەت دەرىجىسىنى ھازىرلىغان ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشى ياكى تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىشى ھەمدە بىرلىشىپ ئۈستىگە ئېلىش ياكى تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش توختامى ئىمزالىشى كېرەك.
خېرىدار چاقىرىلغان قۇرۇلۇشلاردا، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپارات خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما دوكلاتنى ئەنگە ئېلىپ نازارەت قىلغاندا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
   13 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغاندا يازما توختام ئىمزالىشى ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن توختامنى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك:
1) قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش توختامىدا چىقىم قىلىشقا كېلىشكەن تەكشۈرۈش، لايىھەلەش ھەققىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىدا يول قويۇلغان لەيلىتىش دائىرىدە بولغان – بولمىغانلىقى؛
2) تارماق ئاپپاراتنى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش توختامى ئىمزالاشقا ھاۋالە قىلغان بولسا، تەكشۈرۈش، لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ توختام مەزمۇنىنى يازمىچە ئېتىراپ قىلغان – قىلمىغانلىقى ھەمدە ھاۋالە قىلغان ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان – بېسىلمىغانلىقى.
قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش يولغا قويۇلمىغان قۇرۇلۇشلاردا، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى توختامنى ئەنگە ئالغاندا، بۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك.
   14 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغاندا ئېلىنغان تەكشۈرۈش، لايىھەلەش ھەققى ئۈچۈن كارخانا تالونى چىقىرىپ بېرىش، پۇل ئالغۇچى تەرەپ، پۇل بەرگۈچى تەرەپنىڭ نامى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش توختامىدىكى سۇبيېكتنىڭ نامى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.
   15 – ماددا ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرى چىقىرىپ بەرگەن قۇرۇلۇش خەرىتىسى لايىھە ھۆججىتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى، تەكشۈرۈش قائىدىسى ۋە مەزمۇنى گوۋۇيۈەننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە تەتبىقلىنىشى كېرەك.
   16 – ماددا قۇرۇلۇش خەرىتىسى لايىھە ھۆججىتى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسا، تۈر لايىھەلەشكە مەسئۇل كىشى، كەسىپكە مەسئۇل كىشى ئۆزگەرتىش پىكرىنى بېرىپ ئىمزاسىنى قويۇشى، تامغا بېسشى؛ ئۆزگەرتىش مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمى، يەر ئۇلى ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلسا، ئۆزگەرتىش پىكرى بەرگەندە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ لايىھە ھۆججىتىنى ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى تەكشۈرۈپ ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
   17 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش ئورنىدىكى تۈرگە مەسئۇل كىشى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە يەر ئۇلى، ئورەكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە خادىملارنى تەشكىللەپ، ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش پىروگراممىسىنى تۈزۈشى، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەسلىدىكى خاتىرىسىنى رەتلەپ ۋە تەكشۈرۈپ، ئېلىنغان نۇسخىنىڭ، خاتىرىنىڭ چىنلىقىغا ۋە توغرىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى تۈرلۈك مەشغۇلات ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك.
   18 – ماددا قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئورنىدىكى تۈرگە مەسئۇل كىشى، كەسىپكە مەسئۇل كىشى، رويخەتكە ئېلىنغان بىناكارلىق ئۇستىسى، رويخەتكە ئېلىنغان ئىنژېنېر قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار لايىھەسىنى چۈشەندۈرۈش، لايىھەنى ئۆزگەرتىش، يەر ئۇلىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق نەق مەيدان مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۆزلۈكىدىن تاماملاپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا ساقلانغان لايىھەلەش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى ھەمدە نەق مەيدان مۇلازىمەت جەريانىدىكى تۈرلۈك ھۆججەت ماتېرىياللارغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك. ئالاقىدار خادىملار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغاندا، لايىھەلەش ئورنى ئۆز ئورنىدىكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە باشقا خادىملارنىڭ شۇ يەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى يازمىچە ھاۋالە قىلىشى، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئورۇنلىرى ئۆز ئورنىدىكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە شىنجاڭغا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ شۇ ئورۇنغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى يازمىچە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.
تېخنىكىسى مۇرەككەپ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە لايىھەلىگۈچى ئورۇن قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن لايىھەلەش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
   19 – ماددا تۈر ئورۇنلاشقان جايدىكى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش كەسپىنى ھەمكارلىشىپ ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار خېرىدار چىقىش ھۆججىتى ۋە تەكشۈرۈش – لايىھەلەش توختامى ياكى تېخنىكا ھەمكارلىق توختامىدا كېلىشكىنى بويىچە ئۆز ئورنىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان ھەمدە رويخەتكە ئالدۇرغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن تەكشۈرۈش، لايىھەلەش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا ئەۋەتىشى كېرەك.
   20 – ماددا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تەكشۈرگۈچى – لايىھەلىگۈچى ئورۇنلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىشى كېرەك.
تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان قۇرۇلۇشلارغا قارىتا، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش تۈرىگە مەسئۇل كىشى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولۇش ھۆججىتىگە ئىمزا قويماسلىقى كېرەك.
   21 – ماددا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش نەتىجىلىرى ھۆججىتى، تېخنىكا ھۆججىتى، شۇنداقلا نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر ھۆججەت پۈتكەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھۆججىتىگە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورنىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، تېخنىكىغا باش مەسئۇل كىشى ۋە تۈرگە مەسئۇل كىشى، كەسىپكە مەسئۇل كىشى ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك.
   ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىدىكى تەكشۈرگۈچى، لايىھەلىگۈچى خادىملارنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى شىنجاڭغا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرغان شۇ كىشىنىڭ ئىمزاسى ۋە كەسىپكارلىق كىنىشكىسى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك.
   22 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارماقلىرى جەمئىيەتكە قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى پاش قىلىش يولىنى ئېلان قىلىشى، مەلۇم قىلىنغان دېلولارنى قوبۇل قىلىشى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىشى، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى ناچار قىلمىش ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئىجازەت بەرگەن ئورگانغا خەۋەر قىلىشى كېرەك.
   23  – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش بازىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەش ئورۇنلىرىدا تۆۋەندىكىدەك قىلمىشنىڭ بىرىنى بايقىغاندا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە مەسئۇل مەمۇرىي ئورگانغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى كېرەك:
1) تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قانۇن بويىچە چىقارغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تۈزىتىشكە دائىر بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئادا قىلمىغان؛
2) تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى سالاھىيەت ئىجازىتىنى بەرگەن ئورگانغا قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە كەسىپنى توختىتىش، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا دائىر مەمۇرىي جازا تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، سالاھىيەت ئىجازىتى بەرگەن ئورگان بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارمىغان؛
3) ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە كەسىپنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان مەمۇرىي جازا سۈرۈكى توشمىغان.
   24 – ماددا بۇ چارىنىڭ 5 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 6 – ۋە 10 – ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
   25   – ماددا بۇ چارىنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 1 – ، 2 – تارماقچىسى ۋە 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
بۇ چارىنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلىمىسى›› گە ئاساسەن چارە كۆرىدۇ.
   26 – ماددا بۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى 3 – تارماقچىسى، 18 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 19 – ماددىسى، 20 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەخسكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
   27 – ماددا بۇ چارىنىڭ 14 – ماددىسىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قولدىن – قولغا كۆتۈرە بېرىلگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈش – لايىھەلەشنى باشقۇرۇش نىزامى›› بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
   28 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان باشقا قىلمىشلار بولۇپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئالاقىدار قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
29    – ماددا بۇ چارە 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

1

تېما

0

دوست

711

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9353
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 137
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  نۆل بەكرى ئۇنداق بۇنداق قانۇنلارغا ئىمزا قويۇپ يۇرگىچە،تايىنى بارمەسىلەن:پارىخۇرلارنى جازالاش،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مىللى تىرىتۇريىلىك  ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش دىگەندەك قانۇنلارغا ئىمزا قويسا نىمە بولىدىغاندۇ؟

باھا سۆز

aktuqi  نىمبولاتتى ؟ ...............پادىچى بولىدۇ شۇ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
erkinlik  ناھايىتى توغرا دەيسىز .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1057

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇلۇشلار سېلىنىپ بىر يەرگە بارغاندا تۈزۈلۈپتۇ بۇ نىزام
2009-يىلى ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن سېلىنغان مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېرە تاشلاپ بولدى ھازىر

باھا سۆز

aktuqi  ئۆزىگە لازىملىقنى سېپ بولدى .ئەمدى قانۇن بىزبىڭ بىشىمىزدا ...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

1

تېما

0

دوست

1232

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچبولمىغاندا ھاشارنى يوقىتىش توغرىلىق گەپ قىلسا بولمامدۇ ما ئاداش . قوچاقنىڭ ئۇندق ھۇقۇقى يوقمۇ يا ؟

باھا سۆز

uyghun  ئاۋات ناھىيىسىدە ھازىرمۇ بار.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
noor  ھاشار يەكەندە كۈندە بامىكىن دەپ قالىمەن .تۈگگىنى يوق  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
sraj207  ‏با قەشقەردە خوتەندە يەنى جەنۇبى شىنجاڭدابا قاندا سىز گە يىڭىلىق بىلىنۋاتامدا  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
aktuqi  ھازىرمۇ ھاشار بارمۇ؟ قەيەردە؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3689
تۆھپە : 2429
توردىكى ۋاقتى: 536
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ  نۆل بەكرى ئۇنداق بۇنداق قانۇنلارغا ئىمزا قويۇپ يۇرگىچە،
............................................................................................
     بەرى بىر ئوتمەيدۇ ،شۇڭا  ئاشۇنداق ۋاقتى ئوتكەن  نىزاملارغا  قول قويغىنى ياخشىراق

باھا سۆز

ataata  شەكىل...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

ئالمىدەك يۈرەكت

1

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 1841
توردىكى ۋاقتى: 841
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىمە بولسا بىلىۋالدۇق. نو بەكرى ئىشلىرى ئىشلىرى تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولسۇن. خەلق قەلبىدىكى رەھبەر بۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشسۇن .

0

تېما

0

دوست

736

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14620
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقماس قانۇن ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار قانۇن بويىچە ئىش قىلساقمۇ يەنىلا قانۇنسىز بوپ چىقىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقماس قانۇن ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار قانۇن بويىچە ئىش قىلساقمۇ يەنىلا قانۇنسىز بوپ چىقىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!رەسمى ئەكەكتەك بىر گەپ قىپسىز ناننى پۇلغا يەپ بىكارغا ئىشلەيدىغان ئەقماق بولغاندىكەن بىز؛قانۇن دىگەن ھوقۇقتىن كىچىك پۇلدىن تېخىمۇ كىچىك تۇر سا بۇ شىنجاڭدا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

1

دوست

913

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6664
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 176
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتىپى كىلىپ ما ئىشنى قىل دېسە ياق دىيەلەمدۇ ئۇ باشلىقىمىز؟
دېمەك ئاپتۇنۇمنىڭ رەئىسى كىم؟

0

تېما

3

دوست

3992

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawer082 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-10 23:34
كاتىپى كىلىپ ما ئىشنى قىل دېسە ياق دىيەلەمدۇ ئۇ باشلىق ...

تايىنلىق جۇما بۇ    نۆل بەكرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-14 17:14 , Processed in 0.057260 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش