- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 97
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
48.5%
|
قوش تىل دەيدۇ تىخى ! تىمىدا دېگەندەك دەرىسلەرنى خەنچىلا ئۆتسە بالىلار يا چۈشەنمىگەن ،سىڭلىمغىمۇ ماتىماتىكا ئىدىيە-ئەخلاق دىگەنلەرنى خەنزۇچە ئۆتىدۇ،قوش تىل سىنىپى ئەمەس بولمىسا! يا سىنىپىدا بىر خەنزۇ يوق ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۇيغۇر ،دەرىس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە ئوقۇپ خەنزۇتىلىنى ئاليى مەكتەپلەردە ياكى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن ،تەلەپپۇزىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ،ئۆزىمۇ شۇنچە قىينىلىدىكەن دەرىس ئۆتكىچە ،دىمەكچى بولغانلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بولالماي ،ئۆزىنىمۇ قىيناپ ،ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قىيناپ نىمە قىلا دەيمەن؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزىگىمۇ ياخشى ئوقۇغىچىلارغىمۇ ياخشى ئانا تىلىدىلا سۆزلىسىلا بولمىدىمۇ ؟بەك ئاغزى قىچىشىپ خەنزۇچە سۆزلىمىسە تۇرالمايدىغان ئىشى بولسا ئاتالغۇلارنىڭ نامىنى مانى مانداق دەيدۇ دەپ ئۆگەتسە بولمامدۇ دەيمەن ! تاپشۇرۇق بەرسە سوئالنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەي ئىشلىيەلمىگەن ، مۇنداق مۇنداق گەپكەن دەپ تەرجىمە قىپ بەرسە ئاندىن ئشلىگەن ،دەرىس ۋاقىتلىرىدا ،تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرگەن بىلەن ئىمتاھانلاردا ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا يا؟
ئاتالمىش قوش تىل يەسلىسىگە بەرمىسە بىرىنجى يىللىققا قوبۇل قىلمىغان تېخى !ھەيييييييييييي دېسە گەپ جىق دىمىسە دەرت!!! |
|