- تىزىملاتقان
- 2013-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 201
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
0.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 13:02
بۈگۈنمۇ كۈندىلىك ئادىتىم بۇيىچە، ئەتىگەنلىك ئالدىراشچىلىقىمنى يىغىشتۇرىۋاتاتتىم، قىزىمنىڭ پىشىمگە ئېسىلىۋېلىپ ئېيتقان نالىسى مىنى قايتىدىن ئۈزۈم ۋە قىزىم ھەققىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىۋاتاتتى.
-ئانا،-دەيتتى قىزىم ياشلىرىنى مارجاندەك تۈكۈپ تۇرۇپ،-مەن يەسلىگە بارمايمەن، بارغۇممۇ يوق. نېمىشقا مەنمۇ ئايمۇنە ئاچامدەك ئۆيدە تۇرمايمەن؟ نېمىشقا مەن ياشتىكى بالىلار ئانىسى بىلەن بىللە تۇرالايدۇ، مەن تۇرالمايمەن؟ يەسلىنىڭ ھېچقانداق قىزىقى يوق ئىكەن. باشقا ئاداشلىرىم مەن بىلمەيدىغان تىلدا بىرنەرسىلەرنى دىشىپ ئوينايدىكەن ،مەن يالغۇز ئوينايدىكەنمەن ،بەكلا يالغۇزلۇق ھىسقىلىدىكەنمەن .بەزى چاغلاردا ئەتىگەندە بېرىپلا سىنىپقا سۇلىنىمىز، قۇلىمىزنى مىدراتساقمۇ شاپىلاق يەيمىز، تاماقتىن كىيىنلا مەجبۇرى ئۇخلايمىز، سىنىپتىكى شۇنچە كۆپ ئۇيۇنچۇقلارنى يا بىزگە تۇتقىلى قويمايدۇ، يا سىرتقا ئەچىقمايدۇ.
-ئانا، مەن يىزىدا تۇرسام خوش بۇلاتتىم، يىزىدا ھەممە نەرسىلەرنى كۈرەلەيدىكەنمەن. قايسى كۈنى چوڭ ئاناملارنىڭ ئۈيىگە چىققىنىمدا، ئايمۇنە ئاچام بىر چۈمۈلىنى تۇتىۋاپتىكەن قورقۇپ يىغلاپ كەتتى، چۈنكى مەن چۈمۈلىنى تۇتۇشنى پەقەت بىلمەيمەن.ئۈگۈتۈپ قۇيە، قاچان ئۈگۈتۈپ قويىسە؟
-چوڭ ئاناملارنىڭ ئۈيىدىكى مۈشۈك، قوزىچاقلار مىنى يەۋىتىدىغاندەك قورقىمەن، چۈنكى سەن ماڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە تاماق بىرىدىغان ۋاقىتتا ئېيتىپ بىرىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئالۋاستىلار شۇلارمىدۇ دەپ قالىدىكەنمەن. ئاچامدىن ئاڭلىسام ئۇلار ئالۋاستى ئەمەسكەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئىكەن.
-ئانا، مىنىڭ ھەرگىزمۇ سەندەك كادىر بولغۇم يوق، كادىر بولغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ كۈندە چارچاپ كىتىدىكەن، بالىسىنىمۇ ئۆزى باقالمايدىكەن....
-ئانا، مەن سەن بىلەن يىزىدا تۇرايچۇ؟! داداممۇ كۈندە بىز بىلەن بەرىبىر بىللە تۇرالمايدىكەن. مەن بەزىدە ساڭا ئۆچ بوپ قالىمەن. ئانا دىگەنمۇ بالىسىنى يىغلىتامدۇ؟...
قىزىمىنڭ يىغا ئارلاش ئىپادىلەۋاتقان قەلىپ نىداسىنى ئاڭلاپ، ئۈزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم.
يەنە نىمە ئامال؟ بالا ئەمەسمۇ؟ دۇكانلاردىن ئۈزى ياقتۇرىدىغان شاكىلاتلارنى ئېلىپ بىرىپ، يىغلىغىنىغا ئۇنىماي يەسلىگە ئەكىرىپ قويۇپ خىزمەتكە مېڭىپ كەتتىم.
ئۈزۈم يولدا.....خىيالىم قىزىمدا....
ھايات شۇ دەقىقىدە ئۈنسىز داۋام ئەتمەكتە.....
گاھى ئىچتۇق بەتتام چاي يەنەروخسەت ئالايلى
تەتۈر بولسا پىشانە شەپكىمىزنى ئوڭشايلى
تاركوچىمۇ قالمىدى داۋانلارنى ئويلايلى
باغۋەن تۇرۇپ تاغلاردا نادانلارچە يۈرمەيلى.
نا ئىناقلىق دەردىنى شۇنچە تارتتۇق تارتمايلى
قازاق ئۇيغۇر قىرغىزمۇ بىرىمىزدىن قاچمايلى
بىھۇش بولغان كىيىكتەك يار لىۋىدە ياتمايلى
قوش سۈرەمگە جان دوسلار ئۈزىمىزنى قاتمايلى
با با دىسە بىركۈنى شالىمىزنى چاچمايلى
سەگەك تۇتۇپ كاللىنى ئەجداتلارنى ئويلايلى
نە سەۋىربۇ نە تاقەت يەڭنى تۈردۇق يانمايلى
ئاتا! بولغاچ نامىمىز روھىمىزنى پاكلايلى
تامچىلىغان ياشلاربۇ، ۋاگۇنلارغا قاتمايلى
ساغلام تۇرۇپ تىنىمىز مەجرۇھ كەبى ياتمايلى
ئۇشبۇ سەۋەپ قالدى ئىز،سەبىلەرگە تاڭمايلى
لاۋگۇڭ دىسە بىركۈنى پۇشايماندا قالمايلى
يازغۇچى<< بىلتارىم >> |
|