- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2322
- نادىر
- 1
- يازما
- 96
ئۆسۈش
23.49%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەرەي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 13:08
ئالتۇن ئوردا دەۋرىدە موسكۋا رۇس كىنيازدىكى 300يىل ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسى بولدى، بۇ رۇسلار تارىخىدىىكى ئەڭ نومۇسلۇق تارىخ ئىدى، ھەر قانداق رۇس شوۋىنىسلىرى،سىياسىيونلىرى، تارىخچىلىرى كاتتا مىللەت رۇسلارنىڭ بۇ نومۇسلىق 300يىلىنى تىلغا ئىلىشقا ,توغرا باھا بىرىشكە ،يەكۇنلەشكە كوڭلى چىدىمديدۇ، ۋە تارىخنى بۇرمىلاشقا ياكى ئاز تىلغا ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، پەتر پادىشاھنىڭ ئىسلاھاتىدىن باشلاپ،، روسسىيە ياۋروپىنىڭ مەدىنىياتىنى قوبۇل قىلىپ، كۇچۇيۇشكە باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا ،ياۋروپىدىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مەركىزى ئاسىيا توغرىسىدىكى چۇشەنچىلىرى بەك ئاز ئىدى، ئولار مەركىزى ياۋروپىنىڭ ۋەزىيىتىنى،مەدىنىياتىنى،تارىخىنى مۇشۇ روسسىيەنىڭ گىزىت-جۋرنال،كىتاپ،مەتبۇئەلىرى ئارقىلىق تونۇشاتتى، ۋە مۇشۇ روسسىيىنىڭ تارىخنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش،بۇرمىلاش،يالغان تارىخ ياساش،يىزىش قىلمىشىنى بىلىپ يىتەلمەي، مۇشۇنۇڭغا ئىشىنىپ كىتىپ، بۇگۇنكى دۇنيا ئىنسان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەبىھ ،ياسالما تارىخنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ يالغان تارىخنىڭ جىنايەتكارى-رۇسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە ئونۇڭ زىمىنىدا دۇنياغا كەلگەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئىدى.
1.چىڭگىزخاننى موڭغۇل دىيىش رۇسلارغا پايدىلىق ئىدى.
13-ئەسىردىكى ''كۇن پاتماس ئىمپىرىيى''نىڭ قۇرغۇچىسى،جاھان ئەركىسى-تۇركنىڭ قيات قەبىلىسىدىن چىققان چىڭگىزخاننى موڭغۇل دىيىش ئارقىلىق تۇركلەرنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىش، موڭغۇلىيە دالالىرىدىن ئۇكرايناغىچە بولغان كەڭ زىمىندا ياشاۋاتقان تۇركلەرنىڭ ئوز يىلتىزىنى ئۇنۇتماي، بىرلىشىپ،قايتا باش كۆتۇرۇشىدىن ساقلىنىش ۋە ئولارنى روھى داھىسىدىن ئايرىش ئارقىلىق ئولارنىڭ جەڭگۋارلىق روھىنى يوقۇتۇش، مۇشۇ ئارقىلىق چوڭ بىر مىللەتنى پارچىلاپ،بىر-بىرىسىگە دۇشمەنلەشتۇرۇپ،كۇچىنى ئاجىزلىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا تۇركى مىللەتلىرىنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقىسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولدى.شۇنداق قىلىپ ،تارىختىكى تۇركى مىللەتلىرىنىڭ قۇرغان غايەت چوڭ ئىمپىرىيىسى ،شانلىق تارىخى،تۇركى مىللەتلىرىنىڭ سەلتەنىتى كۇچىمەيلا موڭغۇللارنىڭ نامىغا يىزىلىپ ،تۇرك خەلىقلىرىنىڭ توھپىسى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ،تۇركى خەلىقلىرىنىڭ بەخىتسىز ،قان-ياشلىق تارىخى باشلاندى.
''موڭغۇل-تاتار ''نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى
رۇسلار رەزىل مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن، چىڭگىزخان باش بولغان تۇركى مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، بۇرمىلاپ، پۇت تىرەپ تۇرا ئالمايدىغان سەپسەتىلەرنى توقۇپ چىقتى، تۇركى مىللەتلىرىگە بولغان 300يىللىق مۇستەملىكە تارىخىنى تاتار لارغا دوڭگەپ قويدىدە ،بۇگۇنكى مەركىزى ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ تارىخىنى قەستەن ئاق تاشلىدى، ھەم بۇلاردا تارىخ بولمىغان دىگەن سەپسەتىنى توقۇپ چىقتى،كىيىن ،تاتارلارغا دوڭگەپ قويغان بىلەن ئۆزلىرىگە پايدىسىز بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، تاتار دىگەن نامنى ئىلىپ قالغان تۇركى خەلىقلىرىنى (ھازىرقى مەرىزى ئاسىيادىكى تۇركى مىللەتلىرى)ۆولگا تاتارلىرى،ئاستراخان تاتارلىرى،سىبىر تاتارلىرى ،ئاق تاتارلار ،قارا تاتارلار،ئىدىل تاتارلىرى دەپ پارچىلاشقا باشلىدى،ئاندىن چىڭگىزخان باش تۇركى مىللەتلىرىنىڭ توھپىسىنى نەچچە تۇمەن كىلومىتر يىراقلىقتا تارىخ سەھنىسىدىن چۇشۇپ قالغان موڭغۇللارغا دوڭگەشكە مەجبۇر بولدى،بۇ رۇسلارنىڭ ئاسىياغا سۇقۇنىپ كىرىشىگە خەتەر يەتكۇزمەيتتى، ھەم پايدىلىق بولاتتى، مۇشۇ ئارقىلىق ئاسىيا قىتەسىگە يۇزلۇنۇش يولىغا پۇتلىاشاڭ بولۇپ،توسقۇنلىق قىلىۋاتقان قازاق،ئۆزبەك، چاغاتاي،باشقۇرت،نوغاي قاتارلىق چىڭغىسخان ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان خانلىقلارنى يۇتۇۋىلىشقا پايدىلىق ئىدى.
''قازاق-كازاك'' ھەققىدا.
''قازاق''نامى تارىختىن قالغان بولسىمۇ، ئالتۇن ئوردا دەۋرىدە بىر تۇتاش مىللەتنى كورسەتمەيتتى، كىيىنچە ، ئائىلىسى بىلەن بىللە قوراللىق ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلغان كوچمەن چارۋىچىى تۇركى مىللەتلىرىنى كۆرسىتەتتى، شۇ دەۋىردىى ''قازاق''لارنىڭ تەركىۋىدە بۇگۇنكى تاتار ،قازاق،قىرغىز،باشقۇرت،نوغاي،قاراقالپاق ،ئۆزبەكلەرنىڭ ئەجدادلىرى شۇ دەۋىردە تىنچ ۋاقىتتا چارۋىچى، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر بولالايدىغان كوچمەن تايپەلەردىن تەشكىل تاپقان قازاقلار ئىدى ھەم ئالتۇن ئوردىنىڭ ئۇكراينادىكى موسكۋا كىنازلىكىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسلىق ئەسكەر كۇچلىرى،ھەم مەمۇرلىرى ئىدى، ئۇ ۋاقتىدا ''قازاق''لار قىسقىچە دىسەك،ئىرتىش، يەتتەسۇ،ئىدىل،دون،دىنىپىر دەريالىرى ۋادىسىدىكى كوچمەن چارۋىچىلار ئىدى،ئالتۇن ئوردا يىمىرىلگەندىن كىيىن،بۇ قوراللىق چارۋىچى ''قازاقلار''پارچىلىنىپ بۆلۇنپ كەتتى،موسكۆۋا ىنازلىكى كۇچەيگەن ۋاقتىدا ، دون،دىنىپىر ۋادىسىدىىككى'' قازاقلار'' موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلىپ، يىرىم چارۋىچى،يىرىم تىرىقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، سىلاۋيەن خەلىقلىرىگە قوشۇلۇشقا باشلىدى، ''لىكىن ئولار ئۆزىنىڭ''قازاق''دىگەن ناملىرىنى ساقلاپ قالدى.لىكىن، رۇس مىللەتچىلىرى بۇ''قازاق''لارنىڭ ئۆزلىرىگە خەتەر يەتۇزۇدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئولارغا قارشى گەنوتسيد ئىلىپ بىرىشقا باشلىدى، ئولارنى قىرغىن قىلىپ، قالماقلارنى قازاقلارغا قارشى ئۇرۇشقا سالدى ،ۋە قالماقلارنى ئىدىل ۋادىسىغا كۇچۇرۇپ كىلىپ ،دون،دىنىپر ۋادىسىدىى ''قازاقلار'' بىلەن مەرىزى ئاسىيادىكى قازاقلارنىڭ ئارىسىنى بۇلۇپ تاشلاپ،ئولارنى مەجبۇرى چوقۇندۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۇرگۇزۇشكە باشلىدى، ''قازاق''لارنىڭ باشلىقلىرىنى خىزمەتكە تەيىنلەپ، مەرتىۋە،ھۇقۇق،پۇل،بايلىق بىلەن ئازدۇرۇشقا باشلىدى، دون،دىنىپردىكى ''قازاق''لارنىڭ يۇقۇرى تەبىقىلىرى ئوز قارىمىقىدىكى خەلقىنى باشلاپ، رۇس كىنيازلىكىنىڭ پۇقراسىغا ئايلاندى.لىكىن،17-ئەسىردىكى ئىستەپان رازين، پۇگاچەۆ باشلىغان رۇس پادىشاھىغا قارشى مىللى ئازادلىق قوزغىلىڭى رۇس چارۋىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى بولماستىن قايتا رۇسلاشقان''قازاق''لارنىڭ رۇسقا قارشى قوزغىلىڭى ئىدى.بۇ قىتىمقى قوزغىلاڭغا رۇسلاشقان''كازاك''لار بىلەن بىللە قازاق چارۋىچىلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ ۋاقتا ،ئوتتۇرا ئاسىيا دالىسىدا قازاق خانلىقى قۇرۇلۇپ، قازاقلار بىر پۇتۇن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىپايەن زىمىنلار قازاقلارنىڭ ئىلكىدە ئىدى، بۇ قىتىمقى قوزغىلاڭدىن كىيىن، رۇس پادىشاھلىرى دون،دىنىپر ''قازاق''لىرىنى ئۆز يىنىغا تارتىپ،يەر،زىمىن، مۇاپاتلار بىرىپ، ئەزەلدىنلا ئاتنى جىنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ''قازاقلار''دىن پادىشاھلىق ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلىپ، بۇلارغا ''كازاك''دىگەن نامنى مۇقۇملاشتۇرۇپ،، كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تەركىۋىگە رۇس، ئۇكرايىن،تاتار،باشقۇرت، ئەرمىيان،ئوسەتين،قالماقلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، كازاكلاردىن بىر ئىتنىك توپنى بارلىققا كەلتۇردى.ھەم بۇ كازاك نامىدىى قوراللىق ئىتنىك توپنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا تاجاۋىز قىلىپ،كىڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ قورالىغا پايدىلاندى.
روس ئىمپىرىيىسى بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ''كازاك''بىلەن قازاق دىگەن تارىخى ئاتالغۇنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ،،قازاق تارىخىنى بۇرمىلاپ،قازاق خانلىقىنى ئىشغال قىلىپ، قازاق نامىنى يوقۇتۇش پلانىغا كوچتى.
داۋامى بار، ۋاقىت مەسىلىسى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ قالدى، |
|