بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 20:31
ناسادىن كەلگەن ئىككى پارچە تەبرىك ئېلخېتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: «دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى: مەن ناسا ئالاھىدە تۆھپە ۋە يېڭى كەشپىيات ئىشخانىسىنىڭ رەئىسىگە ۋاكالىتەن، سىزگە ناسا يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئۇقتۇرىمەن.بۇ مۇكاپات سىزنىڭ 47711-نۇمۇرلۇق يېڭى تېخنولوگىيە دوكلادى (NTR,New Technology Reporting)دا بايان قىلىنغان كەشپىياتىڭىز ئارقىلىق ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى (تەتقىقات خىزمىتى( گەقوشقان ئالاھىدە تۆھپىڭىزئۈچۈن بېرىلدى.بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ،ئېتراپ قىلىنغان ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۈچۈن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.» ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق قا 2 دۇنيالىق شان-شەرەپ ۋە ئائىلىسىگە مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەت تىلەيمىز!!! دوكتور ئەركىن سىددىق يېقىندا ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىدىن قىلچە مەغرۇرلىنىپ قالماستىن،ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمۈتۋار بۇلۇشقا چاقىرىدۇ ۋە يېقىندا تاماملىغان «بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت »دىگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بىزگە تۈۋەندىكى يۈرەك سۆزلىرى بىلەن قان-تەر ئجىرىگە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنىكى قىزغىن ھىسياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر بىر ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە (optimism) نىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئۆسۈپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۈمىد ئىنسانلاردا بار بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ھېسسىيات. ئۈمىد بولمايدىكەن بىز ئۆز ھاياتىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالمايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ مېڭىشتا ھەر بىر لىدېر، ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى، ھەر بىر بىلىم ئىگىسى، ۋە ھەر بىر تەپەككۈر ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. مەن ئاشۇنداق بىر چۈشەنچە ئاستىدا، ھازىرغىچە ئۆزەم ئېرىشكەن چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلاپ، ئۆزەم توغرىسىدىكى خوش خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. مەن ئاشۇ ئادىتىم بۇيىچە، بۇ يەرگە ئۆزەم توغرىسىدىكى يېقىنقى بىر قانچە خوش-خەۋەرنى كىرگۈزۈپ قوياي. مەن مۇشۇ ئاي (يەنى 2011-يىلى 9-ئاي) نىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم تېخنولوگىيىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (National Aeronautics and Space Administration, NASA) نىڭ ئالاھىدە تۆھپە ۋە يېڭى كەشپىيات ئىشخانىسىدىن ئىككى پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ خەتلەر ماڭا بۇ يىل ناسا نىڭ ئىككى دانە يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپىتى بەرگەنلىكى ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇ خەتلەرنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم. مەن بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ، ھازىر 3 خىل ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مېنىڭ ئاساسلىق ئىشىم تېلېسكوپلارنىڭ ئوپتىكىلىق لاھىيىلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ باھالاپ، كۈتكەن ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قايسى لاھىيەنى تاللاش كېرەكلىكىنى، يولۇقىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇسۇلنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە ھەر بىر ئوپتىكىلىق زاپچاسلارغا بولغان تېخنىكىلىق تەلەپلەرنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىش. بەزى ئەمەلىي تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇل ياكى يېڭى تېخنولوگىيە كەشىپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مەن «پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسى تەجرىبىخانىسى» (Jet Propulsion Laboratory, JPL) دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى ئىدارىگە كىرگەندىن بۇيان بۇ ساھەدە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم (بىزنىڭ ئىدارە 1930-يىللىرى بىر راكېتا ياساش تەجرىبىخانىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، راكېتا پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ ئىدارىگە ھېلىقىدەك ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. دۇنيادىكى تۇنجى راكېتانى بىزنىڭ ئىدارە ياساپ چىققان. ھازىرقى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسىنى ئىشلىتىدۇ). بۇ قېتىمقى ھېلىقى ئىككى مۇكاپات مەن ئىشلەپ چىققان ئاشۇنداق يېڭى تېخنولوگىيىلەر ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ 13- ۋە 15-سېنتەبىر كۈنلىرى جپل مۇ ماڭا يۇقىرىدىكى ناسا مۇكاپاتلىرىدىن باشقا يەنە ئىككى دانە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپىتى بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەغدىرنامىسىنىڭ رەسىملىرىنىمۇ مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم. مەن مەزكۇر ماقالەمنى ئامېرىكىلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە ۋاسكېتبول ترېنېرى (coach) جون ۋۇدەن (Johm Wooden، 1910-2010) نىڭ بىر قانچە ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: –مۇكەممەللىك: مۇكەممەللىك مۇمكىن ئەمەس، بىراق مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مۇھىمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشىش. –باشقۇرۇش: يالغۇز باشقىلارنىڭ خىزمەتنى قانداق قىلىدىغانلىقىغىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە قىزىقىشلىرىغىمۇ چىن كۆڭلىڭىزدىن قىزىقىدىغان بولسىڭىز، سىز ياخشىراق ھەمكارلىق ۋە ياخشىراق نەتىجىلەرگە ئېرىشىسىز. –ئۆگىنىش: مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئۆگىنىڭ. ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياشاڭ. –مۇۋەپپەقىيەت: ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئەمەس، ئەڭ ياخشى ئامالنى تېپىشقا تىرىشىڭ. –ئىشىنىش: باشقىلارغا بەك ئىشىنىپ كەتسىڭىز بەزىدە ئازار يەپ قالىسىز، بىراق باشقىلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشەنمىسىڭىز ھەسىرەت ئىچىدە ياشايسىز. –شاد-خۇراملىق: ئىدېئالىزم (غايىچىلىك) بىلەن رېئالىزم (ئەمەلىيەتچانلىق) نى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قاتتىق تىرىشچانلىقنى قوشۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىز بۇرۇن ئۈمىد قىلغاندىن كۆپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىسىز. –ئۇتۇش: ئەگەر مۇۋاپىق تەييارلىق قىلسىڭىز، باشقىلاردىن تۆۋەنرەك نومۇر ئېلىپ قالسىڭىزمۇ مۇسابىقىدە ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ قويمايسىز. ئەگەر ئۆز قابىلىيىتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىش يولىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، سىز مۇسابىقىدە ھەر دائىم ئۇتۇپ چىقىسىز. JPL دىن بېرىلگەن 1-مۇكاپاتنىڭ تەغدىرنامىسى «بىر لېدىردا بۇلۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت»ناملىق يېڭى كىتابى پۈتتى. ئېلكىتاپ نۇسخۇسىنى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەفەندىنىڭ مەرىپەت تورىدىن ئۇقۇيالايسىز. مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا توربېتى |