- تىزىملاتقان
- 2013-4-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 179
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
89.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baxkent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 03:30
مېنىڭچە يىمەك- ئىچمەككە ئالاقىدار كەسپلەردە ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار. باشقا ساھەدە سەل تەس. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب:
ئىككى يىل ئاۋال ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ھەرقانداق مەھسۇلاتقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن بوپ كېتىپ، داڭلىق ئۇيغۇرچە ماركىلىق شىمنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋالغانتىم، بىر قېتىم يۇيۇشقا پايلىماي ئۆڭۈپ كەتتى. كىيىن باشقا ماركىدىكىنى ئېپ باقسام ئۇنىڭدىنمۇ رازى بولمىدىم. سېتىۋالغان دۇكانغا ئاپىرىپ «ما يېرى مانداقكەن» دېسەم، تاس قالىتى مېنى لۈكچەكلىرىگە ئۇرغۇزىۋەتكىلى. مەن ئۇيغۇرچە ماركىلىق DVD نى 280 سومغا، ئىنىم باشقا ماركىلىق DVD نى 220سومغا بىر كۈندە ئالدۇق، مېنىڭ 3 كۈندە قېتىۋېلىپ چىقماس بولدى. ساتقان ئورۇنغا ئاپىرىپ بىرمۇنچە داۋلى سۆزلەشتىن كىيىن ئالماشتۇرۇپ بەردى. ھېسابتا 100سائەتمۇ ئىشلەتمىگەندىمەن، كېرەكتىن چىقتى. ئىنىم بىكار بولسىلا DVD كۆرىدۇ- يۇ، ئۇنىڭ ھازىغىچە بىر ئوبدان ئىشلەۋاتىدۇ...
دەپ كەلسەم گەپ جىق. سۇ ئىسسىتقۇ دەمدۇ، گاز ئوچاق دەمدۇ، كىرئالغۇ دەمدۇ شۇ بىر يىلدا خېلى زورۇقۇپ بېقىپمۇ ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا كۆنەلمىدىم. ھەممىسىنىڭ بىر يەرلىرىدە پىيىزى گىچىلداپ تۇرغاندىكىن، خەخنىڭكىدىن ئېلىۋاتىمەن.
ماڭا ئوخشاش «بىر قېتىم سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن»لەر كۆپەيگەنسىرى مىللى كارخانىلارنىڭمۇ كۈنى تەس بولۇشى تەبىئى. ياكى بولمىسا بىرەرسى ئوغۇلبالىدەك «مانا مەن مېلىمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمەن» دىيەلمەيدىكەن. ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېلانلىرىدا «مانچە يىلغىچە ھەقسىز رىمونت قىپ بېرىمىز» دەپ قويىدىكەن ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ. ئەمەلىيەتتە رىمونتچى ئۇستام ھەقسىز قىلغان بىلەن، سايمىنى باشقا دۇكاندىن ئۈچ- تۆت ھەسسە قىممەت. سايماننى باشقا يەردىن ئەكىلىمەن دېسىڭىز، «بۇنى ئىشلەتسىڭىز، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە بۇندىن كىيىن بىز ئىگە ئەمەس» دەيدۇ- دە ھىلىقى شىرىن- شىكەر ۋەدىلەر شۇ جايدىلا ئاخىرلىشىدۇ.
ئويلاپ باقسام، شۇ پۇلىمىزدا بىر قىسىم نائىنساپ، قىزىلكۆز خوجايىننى قوللىغاندىن، ئۆزىمىزنىڭ يانچۇقىدا قالسىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرنى قوللىغان بولىدىكەنمىز...
ئەجەب سۆزلەپ كېتىپتىمىنا.... كەچۈرۈڭلار ھە؟! |
|