قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2527|ئىنكاس: 53

تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

1041

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7033
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قولىدا؟  


    سىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كىتىشىنى خالامسىز؟

  

    سىز ئىپتىخار تۇيغۇللىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كىلىۋاتقان باشلامچى كارخانىللىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟

  

     سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز!
ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭمۇ، مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»، «گۈل يۈرەك»... شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت» قا ئوخشاش يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بۇلۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ، ئۇيغۇر ئىختىسادىنىڭ تەرەققىياتى . ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.

  

ئۇنداقتا ئاشۇ شىىركەت – كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى نىمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە  ئاشىدۇ؟

بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دىھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدە پالاقلاپ يۈرىۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ياكى ھالاك بولۇشىنى، كىيىنكى قەدەمدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىينىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!


  ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن: « ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال سەۋىيسى دۇنياۋى سەۋىيدىن ناھايتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى . بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيسىگە ماسلاشمىغاچقا باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللار بازارلارنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بازىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىردەم تۇرۇپ كىتىپ :« بۇ سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بولىدۇ؛ مىنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى . بالىلار بىر نەرسىنى چۇشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قىلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.
قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ گىپى سۇئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لىكىن تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قورقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا: «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راسىت، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىردا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپول خاراكتىرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپوللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى، تەۋەككۈلچىلىكى سىڭگەن. ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا، قوغداشقا، يىتەكلەشكە مۇھتاج.  گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۈرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.

  

  مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يىتىلدۈرگەن : بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۈپىتى باشقا مەھسۇلاتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىللىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىنىم ،ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىم، مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققى قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققى قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستىمال قىلدۇراتتى. باشقىلار مىنىڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تونۇيتتى. مىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنىم خوتەندىكى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستىمالچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۈسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

  

    بىزنىڭ بىر  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددى ھالدىكى بىز مەنپەئەتلىنىدىغان، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلىقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى لوندۇن ۋە ئامرىكىدىكى ئاكىلىرىنڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن، قاچانغىچە 30 يۇەنگە ئەلكاتپ  سېتىپ يۈرىسەن» دىيشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ  ھازىرقى ئىگلىگىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن، تەرەققى قىلدۇرىمەن »دەپ پايپاسلاپ يۈرمىگەن بولۇر ئىدى...  ئۇلارنىڭ نەزرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .

  

  دىمەك، ئۇيغۇر كارخانچىللىرىنىڭ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىللىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.

  

ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:

  

چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بولۇپ، باشقا يەھۇدىلار ئۇنى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ . ھەيران قالارلىقى، شۇ مەھەللدىكى يەھۇدىلار خېلى يەرلەردىن، نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ  كىلىپ  ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن. بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسدىن سوراپتۇ: «سەن پالانچىنى ئالدامچى، ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يەھۇدىي:«ئۇنىڭ ئالدامچى، ساختىپەزلىكى راست، ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن باللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بەلكىم باللىرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىشى مۇمكىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

  

شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........

  

  

مەنبە :  ئېقىن ژۇرنىلى 2011- 01- ساندىن .


1

تېما

0

دوست

944

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن. تىما ئىگىسىگە رەھمەت!
ئېقىن ژۇرنىلى تور ژورنىلى تور ژورنىلىمۇ ياكى ئاشكارا تارقىتىلدىغان ژورنالمۇ؟ بۇنداق بىر ژورنالنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

باھا سۆز

sumruh  مەنمۇ بىلمەيدىكەنمە  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:28
elbilge  تەرەققىياتىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدا  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:13
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئالمىدەك يۈرەكت

1

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 1841
توردىكى ۋاقتى: 841
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى يازما ئىكەن.
پەرۋاز

1

تېما

0

دوست

944

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇيغۇر كارخانلىرىنى ھەممىزنىڭ قوللاش مەجبۇريىتمىز بار دەپ قارايمەن. ئۆزەمنى ئالسام : كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىچە بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىۋاتىمەن. مەسلەن؛ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ كۆزنەك 8سېستىما ھەققىي نۇسقا،تېلفۇنۇممۇ بىلكان ئاندىرويىد تېلفۇنى،لۇغىتىم ئېرپان لۇغىتى دېگەندەك. كىيىم-كېچەك ئالساممۇ ئامال بار ئۇيغۇرچە ماركىلارنى تاللايمەن.

باھا سۆز

sumruh  ياخشى  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:29

0

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16511
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئۇيغۇرنى  ئۇيغۇر  قوللىشى كىرەك.

afyat

0

تېما

0

دوست

301

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13571
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 79
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى يېڭىپ ،نۇرغۇن ئشسىز بالىلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كىتىۋاتقان ئاشۇ مىللى كارخانلىرىمىزنى قۇللاش ھەممە ئۇيغۇرنىڭ  مەجبۇريىتى دەپ قارايمەن .بۇنداق ئىدىيەنى كۇپلەپ تەشۋىق قىلىش كىرەك.كۇنىلارنىڭ مۇنداق بىر گەپى بار :ياندا بۇلسا .يالغىلى ياخشى......شۇلارنىڭ تاپقان پۇلى سىز ھەم بىزنىڭ يانچۇقىمىزدىكى پۇلغا ئۇخشاش.

باھا سۆز

anatil8  ئوغاۋالىدەك گەپ قىلدىڭ ئاداش،ئەكىلە پولو يىگەن قۇلۇڭنى بىر كۆرۈشۋىتەيلى،،،  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:31

3

تېما

0

دوست

2108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغىنە پۇلىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يانچۇقىغا ئاققىنى تۈزۇك. تاما-تاما كۆل بۇلار

1

تېما

0

دوست

1232

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتلاردىن بىزگە ياخشىلىق كەلمەيدۇ . ئۈزىمىز ئىشلىگەن مەھسۇلاتنى سېتىۋالىمەن .

ana tilim maggu yokalmaydu

0

تېما

0

دوست

8536

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   70.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 1381
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك دۇكىنىدىكى كىيىملەر شۇنچە قىممەت؟
ياخشىراق بىرەر ئىشتاننى سورىسىڭىز 200سوملا دەيدۇ،بىرەر كۆينەكنى 100سومنىڭ تۈۋىنىدە ئالغىلى بولمايدۇ،بۇنداق باھاسى قىممەت بۇلۇش سەۋەپلىكمۇ ياشلارنىڭ مىللىيچە كىيىم -كىچەكتىن يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
مەسلەن ئۈرۈمچىدىكى ھەرەمباغ،باغۋەن،ئاناركۆل،ئالماس،مىزاج،ھايات غىزالىق چايخانىسى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئاشخانىللىرىدا تاماق نىمىشقا شۇنچە قىممەت،مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن خېرىدارلار خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىغا كۆنىۋالدى..

يەنە مەسلەن ئىخلاس فىرىما دەپ بىر مەسھۇلار بار ئىدى،بۇلتۇر ئورالمىسىنى ئىخلاس فىرىماغا ئوپ-ئوخشاش قىلىپ ئىختىدار فىرىمالىرى چىقتى،خېرىدارلار خېتىگە ياخشىراق قارىمىسا ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇش مۇمكىنتى،نىمىشقا يىڭىلىق ياراتماي بىر-بىرىگە ئورا كولاپ يۈرىشىدۇ.....

مىنىڭمۇ ئەسلى ئۇيغۇرۇمنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغۇم بار ئىدى لىكىن يۇقارقى ئىشلار سەۋەپ بۇلاۋاتىدۇ.

باھا سۆز

noor  داۋاملىق تىرىشىڭ  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:10

0

تېما

0

دوست

248

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15184
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم تىما بوپتۇ،مەنمۇ مىللىي كارخانىلىرىمىزنى  قوللايمەن،بەزىبىرئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلار بار ،كىيىم-كىچەك،تازىلىق بويۇملىرى (چاچ،يۈزسوپۇنى،،،)ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلەر دىگەندەك ، گەرچە ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم پايدىسى ئىشلىتىپ بازارغا كىرگۈزگۈچى شىركەتلەرگە،ساتقۇچى تىجارەتچىلەرگە تەۋە بولىدۇ، ئىلگىرى مۇشۇ شەكىلدە سودا قىلغانلاردىن ھازىر  كىڭىيىپ زاۋۇت قۇرۇپ ، كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتقانلارمۇ بار،               
           
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-14 14:24 , Processed in 0.054088 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش