- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59522
- نادىر
- 6
- يازما
- 2589
ئۆسۈش
0%
|
ئەل رايى دىگەن سۆز رادىئو تېلۋۇزۇرلاردا ئۆزلۇكسىز دىققىتىمدە بولۇۋاتقان سۆز ئىكەن ، موشۇ كۇنلەردە شۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ئەل دىگەن نىمە ؟ ئەل دىگەن شۇ يۇرتنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ سۇيىدە ئېقىپ تۇگمەنلىرىدە تارتىلىپ ياشاۋاتقان سىز مەن ئۇنۇڭغا ئوخشاش ئاددى پۇقرارلار ئىكەن . ئەلنىڭ رايى سىزگە مەنگە ئۇنۇڭغا خوپ كەلگەن ئارزۇلىغان ،ئارمانلىغان ئىشلار ئىكەن . كەمىنە قومۇلنىڭ توپىسدەك بىئىتبار توخوتۇر گەرچە ئۆزەم قومۇل ئېلىنىڭ ئەڭ ئەدناسى ئەرزىمەس ئادەم بولساممۇ ، مەندىمۇ ئەل ۋەتەن بىلەن تۇتاشقان كىچىككىنە بىر يۇرەك ئىنشائاللا ئەلۋەتتە بار بولغاچ ، ئاشۇ يۇرەكتە يېنىۋاتقان ئارزۇ ئارمان رايلار يوق ئەرمەس . ئاللاھنىڭ لۇتفى كەرىمى بىلەن بىرتامچە سۇدىمۇ قوياش ئۆز ئەكسىنى كۆرسەتكەندەك ، مېنىڭ قەلبىمىدە چاقناپ قالغان ئاشۇ ئارزۇ ئارمانلار قومۇلدىكى باغرىداشلىرىمنىڭ ئويلىغان ئارزۇلىغانلىرى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالسا 、ئۆزىمىزنى كۆپ بەختىيار ھىس قىلغايمىز ، ناۋادا ئوخشاش چىقمىسا ياكى خاتا كەتسە ئەلبەتتە تۇزۇتۇپ توغۇرلىغايمىز ، دىگەن ئۇشبۇ نىيەتلەر بىلەن بۇگۇن جۇمە كۇنى كومپۇيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمىز ،
1. ئەل رايىمىز شۇكى قومۇلدا بىر ھايۋاناتلار باغچسىى قۇرۇشنى ئارزۇلايمىز ، ھازىر قارايدىغان بولساق قومۇلدا ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش ئاندىن زىرىكىش ئاندىن تاشلاش بىلەن بىر تۇركۇم سەرگەردان ئەرمەك ھايۋانلار پەيدا بولۇپ كوچا كويلاردا لاغايلاپ يۇرۇپ بەزىلىرى ماشىنغا چېقىلىپ ئۆلسە ئامىتى كەلگەنلرىى جۈپ تېپىپ كۆپۇيۇپ قومۇلدا بىر رىئال مەسلىگە ئايلاندى ، ناۋادا بىر ھايۋاناتلار باغچىسى قۇرۇلسا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھايۋانلارغا بولغان ئامراقلقى ئاشۇ باغچىدىلا قېنىپ ، بېقىپ تاشلىۋېتىشتەك ئىنسانچىلىققا توغرا كەلمەيدىغان قىلمىشى تۇگەپ قالار دەپ ئويلايمەنغۇ ،
2. قومۇل شەھەر ئىچى يارباغ كۆرۇك تىكى 300 يىللىق چېلىش مەيدانىمىزنى خەلىققە قايتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار ، ئايدا بىر ئىككى نوۋەت چېلىش ئۇيۇشتۇرۇلسا ھەم خەلىقنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بېيىپ ھەم بىر تۇركۇم مۇنەۋۋەر چېلىشچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن بولاتتى ، ئۇنۇڭياقىسىگە ماۋۇ ياش باللار ئىلمى توغرا كۆڭۇل ئېچىش شارائىتىگە ئېرىشىپ ئېلىكتىرۇنلۇق قىمارخانىدا ۋە باشقا تۇتۇن بولمىغۇرلىقلىرىدا يۇرمىگەن بولاتتى .
3. قومۇل ھېيتگاھتا ھېچبولمىغاندا جۇمە نامىزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىش ، رامزان كۇنلىرى قومۇل ھېيتگاھنى ئېچىۋېتىش
4. قومۇل ئوردا كۈتۇپخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ، قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى 300 يىلىغا يېققىن تارىخقا ئىگە قەدىمى كۇتۇپخانا ، بۇ كۈتۇپخانا قومۇللۇقلارنىڭ غۇرۇرى ،
5.قومۇل كونا يېڭى مەدىرسىنى يېڭىلاپ سېلىش ۋە چاھارباغدىكى ئوسمانشاھ ھاجى قۇرغان ،تاقىلىپ قالغان دىنى مەكتەپنى بۇ كونا يېڭى مەدىرسىلەرگە كۆچۇرۇپ نورمال ئوقۇتۇشنى ئىزىغا چۇشۇرۇش . دىنى ئۇقۇتۇشنىڭ يەرئاستىدا ئەمەس بەلكى يەرئۇسىتىدە پارتىيىمىزنىڭ دىنى سىياسەتلىرىنىڭ تەپتىدە راھەت ئازدە قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىش ، قومۇللۇقلارنىڭ ھەرخىل ياشتىكى دىنى تەربىيە ئېلىش ئارزۇسىنى قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا قاندۇرۇش ،
يوقۇرقىلار كەمىنە توخوتۇرنىڭ رايى ، ئەل رايى دەل مېنىڭ سىزنىڭ ئۇنىڭ رايلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەنغۇ ، قېنى دوسلار سىلەرمۇ رايىڭلارنى تۆكۇپ بېقىڭلار ، |
|