- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە سوغۇققان بولۇشىنى، ھەقىقەتەنمۇ ھېسسىياتقا تايىنىپلا ئىنكاس يازماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
ئاپتۇر ھەقىقەتەن تالانتلىق ئارتېسىمىز ئابدۇكېرەم ئابلىز ھەققىدە ياخشى تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىپ باقساق بۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنى تەنقىد قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ياردەم بەرگەنلىك، ئۇيغۇر سەنئىتىمىزنى قوغدىغانلىق!
چۈنكى ئاپتۇر بىر تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئوچۇقراق ئېيتقاندا خەلق ئوقۇتقۇچىسى، خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى، سەبىيلەرنى تەربىيەلەيدىغان بىر ئادەتتىكى، ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى. بۇ ئوقۇتقۇچى شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ۋە زېھنى- كۈچىنى سەرىپ قىلىپ (ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتقا قارايدىغان بولسا ق ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان) مۇشۇنچىلىك بىر مەزمۇندىكى تېمىنى بىزگە سۇنغانلىقىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر ئىش شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سەنئىتىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەزكۇر يازمىسىنى ئىنتايىن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، تورداشلارنىڭ بۇ تېما ھەققىدىكى ئىنكاسىغا دىققەتمۇ قىلدىم.
ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆز قارىشى بار ئەلۋەتتە، شۇنداق بولسىمۇ بىراق ئابدۇكېرەم ئابلىزدىن ئىبارەت بۇ خەلقىمىزگە تونۇلغان ئارتىسىمىز ئۈستىدە قىسمەن سەۋەنلىكلىرىنى دەپ قويۇش مېنىڭچە ئارتۇقلۇق قىلماس (باشقا گەپلەرنى ئارتۇقچە قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى ئاپتۇر ئاللىقاچان دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى بىرەر قۇر ئوتتۇرغا قويۇپتۇ ئەمەسمۇ). خاتالىقنى بايقىغان ئىكەن تۈزەتمەي بولمايدۇ. ھۆرمەتلىك ئارتىسىمىز ئابدۇكېرەم ئابلىز ناۋادا بۇ تېمىنى كۆرسە (تونۇش- بىلىشلەر ئارقىلىق بىلسىمۇ) قانداق قارايدۇ بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس، بىراق ئېنىقلا، مۆھتىرەم ئارتېسىمىز بۇ يازمىلارغا پىسەنت قىلماي قالمايدۇ، ئانچە- مۇنچە ئويلىنىدۇ.
ئەمدى ئۇنى قاچان، قانداق ئۇسۇل بىلەن تۈزىتىدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. بىراق كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن سەۋەنلىكلىرىدىن ھەقىقەتەن تۈزىتىشكە، ئويلىنىشقا تېگىشلىكلىرى بار. چوقۇم تۈزەتمىسە بەلكىم كەلگۈسىدە خەلقنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. مەنچە بولغاندىمۇ مۇشۇ تېلېۋىزىيە ئېلانىغا چىقىش مەسىلىسى، بىرقىسىم ئەبجەش سۆزلەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى، مۇھىم ھېيت- بايرام كۈنلىرىدىكى نومۇر ئورۇنداش، ئۆزى شوغۇللىنىۋاتقان كەسپى ھەققىدە ئانچە- مۇنچە خۇلاسە- كالاملارنى ئوتتۇرغا قويۇش دېگەنلەردە ھەقىقەتەنمۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەتلىك سەنئەتكارىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك. بۇنىڭغا ھۆرمەتلىك ئارتېسىمىزمۇ ھەم كۆپچىلىكمۇ كۆز يۇمساق بولمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك ئەمەس.
مەن ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېما ھەققىدە يەنىلا سوغۇققان بولۇشىنى، تېما يېزىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئاپتۇرنىڭ ئەسلى ئىدىيىسى ۋە ھەقىقى مەقسەت- مۇددىئاسىنى ئامالىنىڭ بارىچە چۈشىنىپراق ئاندىن ئىنكاس يېزىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. |
|