قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3799|ئىنكاس: 49

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

892

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15277
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 73
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر

بەگزات
ئەگەر بىرسى مەندىن ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگۇدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر كىملەر؟ دەپ سورىسا مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇرلار دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەلكىم بۇ جاۋابىم بەزىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ جاۋابىم ئەلۋەتتە ئاساسسىز ئەمەس.
سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تولىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. رەسمى ھۆججەت ۋە  تارىخى ماتىرىياللاردا جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭغا كىرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقى، ئۇلارنى نەچچە كۈنگىچە نەچچە چاقىرىم يىراقلىققىچە چىقىپ كۈتىۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. تاكى جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرىپ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەشكىلى ئاپپاراتى قۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارلىق پارتىيە - گورۇھ ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قىلىپ بارلىق تەشكىلى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا پەقەت ۋە پەقەت جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. لېكىن ئىچكىرى جۇڭگۇدا ئىنقىلاب دەۋرىدە قۇرۇلغان پارتىيە – گورۇھلار يەنىلا ئۆز تەشكىلىنى ساقلاپ قالغان. دېمەك ئۇيغۇرلار جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك جۇڭگۇغا شۇ قەدەر سادىق بولغانكى، پۈتۈن تەقدىرىنى، تەشكىلى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلارنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تاپشۇرغان. جۇڭگۇدا قېنى قايسى مىللەت مۇشۇنداق قىلالىغان؟ قايسى مىللەت ئۇيغۇرلاردەك جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە مۇشۇنداق ساداقەتمەنلىك كۆرسىتەلىگەن؟ چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنى بۈيۈك جۇڭگۇنىڭ پۇقراسى، شىنجاڭنى 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ تونۇپ كەلگەن. دەل مۇشۇ ساداقىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ كۆزى بىلەن كۆرۈپمۇ باقمىغان بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.
گەرچە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر قىسىم بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زىمىنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىر قىسىملىرى چەتئەللەردە مىللىي بۆلگۈچىلىكنى قۇترىتىۋاتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرلار مىللىي بۆلگۈچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۆلگۈچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى غەلبىلىك ھالدا تارمار قىلدى ۋە ئۇيغۇر تەرىپىدىن «ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلىندى. لېكىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەركەزدىكى قارا نىيەتلەر بىر قاتار ھوقۇق تارتىۋېلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەتتا ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سادىق پەرزەنتى، ئازاتلىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى باتۇر گېنرال،جۇڭگۇدىكى ئون مارشالنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ئىز باسارى، ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىەسىنىڭ ماۋجۇشىدىن كېيىنكىلا رەھبىرى لىن بىياۋ ئەكسىيەتچىل گورۇھ تەشكىللەپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋ جۇشىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، ھەتتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئەگەر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشمىسا جۇڭگۇنى ئىككىكىگە پارچىلاشتەك ئەكسىيەتچىل ۋەتەن ساتقۇچلۇق بىلەن شۇغۇللاندى. مانا بۇ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك رەھبىرى ۋە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېتىشتۈرۈپ چىققان پارتىيەنىڭ ئوغلىنىڭ قىلغان بۆلگۈچىلىكى. ئۇيغۇرلار بولسا ئەنە شۇ مەزگىللەردە لىن بىياۋ ئەكسىيەتچىل گورۇھىغا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرغان.
ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتكە شۇ قەدەر سادىق بولغانكى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كوپراتسىيە دەپ ئاتالغان كوپراتىپ مەزگىلىدە بىرەر قېتىم ئىشلەپ چىقىرىش ئەمگىكىگە كېچىكىپ قالسا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرى بىرەر ھاجىتى بولسا ئاللاھنى قويۇپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىدىن ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشنى تىلىگەن. شۇ مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۈرەشلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۈزگەن. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلغان، ئانىلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچ ۋە ئاتىلىرىنىڭ ساقاللىرىنى كەسكەن. ئىش قىلىپ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ھۆكۈم ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلغانكى، بۇنداق ساداقەتمەنلىكتە جۇڭگۇدىكى ھېچقانداق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. مانا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان سادىقلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ!؟
مەن ئەقلىمگە كەلگىنىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەقىقەتەنمۇ سادىقلىقىنى، ئەگەر دەرىجىگە تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم. ئالايلۇق، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپىمىزدىكى پىيونىر بولغان ئون ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن ۋە مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان (لېكىن ھازىر بىلىمەن) ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىپقىزىل قىنى بىلەن بويالغان گالاستۇكنى نەچچە كۈنگىچە بوينۇمدىن ئالماي تاقىغان ئىدىم.
مەن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن سادىقلىقىغا شاھىت بولۇپ كەلدىم. تۆۋەندە مەن شاھىت بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە دەپ بىرەي.

بىرىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئەمگەك كۈچى ھاشارغا چىقىدۇ!
مانا بۇ 1999 – يىلى كۈز مەزگىلىدە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سىكىرتارىنىڭ كەنتتىكى بارلىق دىھقانلارغا بەرگەن بۇيرۇقى. بۇ بۇيرۇق باش شۇجى جىياڭ زىمىن قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېرىلگەن. مۇشۇ كەنتتە ياش ۋاقىتلىرىدا ئەترەت باشلىقى بولۇپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان، ئەمدىلىكتە بولسا 70 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىككى بوۋايمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كەتمىنى دولىسىغا سېلىپ ھاشارچىلارغا قوشۇلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە مومىيى ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا ھاشارغا چىققۇدەك ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا سىكىرتارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى شىپى كەلتۈرپ چۈشۈرگەن بۇيرۇقى ئۇلارنى ئاياپمۇ قويمىغان. لېكىن ھاشارچىلار ئولتۇرغان تىراكتۇر يىرىم يولدا ئۆڭتۈرلۈپ كېتىپ باشقا ياش ھاشارچىلار تىراكتۇردىن سەكرەپ قۇتۇلغان بولسىمۇ بۇ ئىككى بوۋاي قاچالماي تىراكتۇرنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئېغىر يارىلانغان.

ئىككىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئورۇلمىغان بۇغدايلارغا سۆرەم سېلىۋېتىمىز!
مانا بۇ 2000 – يىلى بۇغداي ئورمىسى مەزگىلىدە يېزىلىق پارتىكومنىڭ داڭ فامىلىلىك شۇجىسىنىڭ چۈشۈرگەن بۇيرۇقى. تىخى بۇغدايلار سۈت ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە «چوقۇم بەش كۈن ئىچىدە بارلىق بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولۇش كېرەك» دېگەن بۇيرۇق دىھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان. تىخى دىنى تولۇق قېتىپ بولالمىغان، غولىمۇ كۆپكۈك تۇرغان بۇغدايلارنى ئورۇشقا دىھقانلارنىڭ قولى بارمىغان. گويا دىھقانلار بۇغدايلىرىنى ئورۇمايدىغاندەك بارلىق يىزا ۋە كەنت رەھبەرلىرى ئىتىزمۇ ئىتىز يۈرۈپ پىشمىغان بۇغدايلارنى مەجبۇرىي ئوردۇرۇش ئۈچۈن ئورۇشقا دىھقانلارغا بېسىم ئىشلەتكەن. لېكىن بىر يىل يەيدىغان ئاشنىڭ بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغان دىھقانلار كادىرلارغا يىلىنىپ يالۋۇرۇپ يەنە بىر ھەپتە، ھېچ بولمىغاندا بەش كۈن ۋاقىت بېرىشى ئۆتۈنگەن. لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى دىھقانلارنىڭ ئۆتۈنىشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان. دىھقانلار كادىرلارنىڭ بۇنچىۋېلا رەھىمسىزلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرغاندا يېزىلىق پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى بىر توپ كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ پىشمىغان بۇغدايلارنى ئوررۇشقا پىتىنالمىغان دىھقانلارغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: « پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئورۇلمىغان بۇغدايلارغا سۆرەم سېلىۋېتىمىز!» دەپ جاكارلىغان. بىچارە دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان سادىقلىقى تۈپەيلىدىن ئۈندىمەستىن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ پىشمىغان بۇغدايلارنى ئورۇشقا تۇتۇنغان. شۇنداقتىمۇ ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئورۇپ بولالمىغان بۇغدايلارغا تىراكتۇر بىلەن سۆرەپ سېلىپ يەرگە چاپلىۋەتكەن.

ئۈچىنچى: ئۆلچەمسىز يېپىلغان سۇلياۋ يوپۇقلار بۇزىۋېتىلسۇن، بۇ دېگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى!
2004 – يىلى ئەتىيازلىق تىرىم مەزگىلىدە تولىمۇ ئالدىراش كىۋەز تىرىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دىھقانلارنىڭ ئىتىزلىرىدىكى سۇلياۋ يوپۇقلىرى يېزا ۋە كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ قىلمىشتىن تىڭىرقاپ قالغان بىر نەچچە كەنت كادىرىغا   يېزىلىق ھۆۈكمەتنىڭ بىر كادىرى غادىيىپ تۇرۇپ: « ئۆلچەمسىز يېپىلغان سۇلياۋ يوپۇقلار بۇزىۋېتىلسۇن، بۇ دېگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇ ئەمەسمۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا كىممۇ قارشى چىقالىسۇن. شۇنىڭ بىلەن دىھقانلار يەنە ئىككىنچى قېتىم سۇلياۋ يوپۇق ۋە كىۋەز ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ كىۋەزلىرىنى قايتا تىرىشقا باشلىدى. ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى شۇكى ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ ئىككىنچى قېتىم تېرىلغان كىۋەزلەرگە ھېچكىم ھېچنىمە دېمىدى.

تۆتىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولاپ سىلۇس ياسايدۇ!
بۇ 2003 – يىلى كۈزدە ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ پۈتكۈل ناھىيەدىكى دىھقانلارغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقى. سىلۇس چارۋىلارنىڭ يەم – خەشىكى بولۇپ چوڭ ئازگال كولاپ قۇناق شېخىنى تۇزلاپ شۇ ئازگالغا كۆمۈش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال چارۋىچىلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ چارۋا باقمايدىغان دىھقانلارغا ماس كەلمەيتى. لېكىن ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولىشى كېرەك ئىدى. بۇ دەل قوناقلار ئەمدىلا سۈت ھالىتىگە كىرگەن، پىشىشغا يەنە 20 كۈنلەرچە ۋاقىت قالغان مەزگىل ئىدى. ئادەتتە دىھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدىغان دىھقانلار ئېتىزىدىن چىقىدىغنان ئازغىنە قوناقنىڭ بىر قىسمىنى چارۋىلارغا بەرسىمۇ يەنە بىر قىسمىنى سېىتپ قىشنىڭ سوغۇقىغا دالدا بولغۇدەك ئوتۇن – كۆمۈر سېتىۋېلىشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلغان ئىدى. پارتىكومنىڭ بۇيرقى ئالدىدا پۈتۈن ناھىيەدىكى دىھقانلار راستىنلا تەمتىرەپ قىلىشتى.بولۇپمۇ بىرمۇ مال – چارۋىسى يوق ئائىلىكلەرمۇ بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا  قىلىشنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى. ناھىيەلىك رادىيۇ ئۇزۇللىرىدا ئەزەلدىن چارۋىنى ئاز باقىدىغان بۇ ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سىلۇس ياساش تەشۋىقاتى توختىماي ئېلىپ بېرىلاتتى. دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرىغا يىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قويۇشتى، يەنى چارۋىسى بارلار مۇۋاپىق ھالدا سىلۇس ياسىسا بولۇدىغانلىقىنى، لېكىن چارۋىسى يوقلارنىڭ سىلۇس ياساپ ئۆزلىرىنىڭ يېيىشىنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ئېزپ چۈشەندۈرۈشتى. لېكىن كادىرلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. كادىرلار كۆزلىرىدىن بىر خىل يىلىنىش ۋە ئەلەم چىقىپ تۇرغان دېھقانلارنىڭ ئالدىغان كېلىپ « پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولاپ سىلۇس ياسايدۇ!» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىدى. دىھقانلار ھېچنىمە دېيەلمىدى. چۈنكى ئۆزلىرى سادىق بولغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلماي بولمايتى. خام قوناقلار ئورۇلۇپ دىنى بىلەنلا ئازگاللارغا تاشلاندى. مەيلى چارۋىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا ھەممەيلەن تەڭلا ئاتلاندى.

بەشىنچى:  پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بارلىق ئائىلىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ تاملىرىنى ئاقلايدۇ!
2004 – يىلى كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ دىھقانلارنىڭ ئۆزئۆيلىرىنىڭ سىرتقا قارايدىغان تاملىرىنى ھاك بىلەن ئاقارتىشنى تەشۋىق قىلىشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە يۇقرىدىن چوڭ باشلىقلار كېلەرمىش، ئۇلارغا بۇنداق كۆرۈمسىز سەت ئۆيلەرنى كۆرسە يېزىنىڭ شەنىگە داغ چۈشەرمىش. بۇ تەشۋىقاتمۇ دىھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان، چۈنكى تاملارنى ئاقارتىشقا كېرەكلىك ھاكنىمۇ پۇلغا سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇغدايلىرى خام ئوردۇرۋېتىلگەن، كىۋەزلىرى بۇزىۋېتىلىپ قايتا تىرىغان، سىلۇس ياساش باھانىسى بىلەن چارۋىلىرىنىڭ قىشلىق يەم – خەشىكى ئۆكسۈپ قىلىپ چارۋىلىرىنى ئەرزانلا سېتىۋېتىپ قىشتىن ئاران چىققان دىھقانلارغا ھاك سېتىۋېلىپ تام ئاقارتىش راستىنلا ئېغىر كەلدى. لېكىن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سۆزمەندىن بىرسى دىھقانلارغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: « پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بارلىق ئائىلىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ تاملىرىنى ئاقلايدۇ!» دېدى. دىھقانلار يەنە غىڭ قىلالامىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامىدىن بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقان يوغان قورساق كادىرغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنۇپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆتنە يىرىم قىلىشىپ ھاك سىتىۋېلىپ تاملىرىنى ئاقارتىشتى. لېكىن يۇقىرىدىن باشلىقلار كەلسە ھالىنى ئېيتىپ پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىدىن ئاز تولا بولسىمۇ ئىسسىنىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن دىھقانلار ئارماندا قىلىشتى، چۈنكى يۇقىرىدىن ھېچقانداق باشلىق كەلمىگەنىدى.

ئالتىنچى: بارلىق ئائىلىلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشى كېرەك، بۇ دىگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بۇنىڭ چىقىمىغا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدۇ!
2006 – ۋە 2007 – يىللىرى ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ قارارى بويچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش باشلاندى. لېكىن ئولتۇرۇپ قوپۇپلا ئۆي سېلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن ئەمەس.بەلكى ئۆي سېلىشنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بېرىلەتتى. دىھقانلاردا ئۆي سېلىشنى باشلىغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بولمىغاچقا يەنىلا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلىشنى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن كادىرلار بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى نەق مەيدان يېغىنى ئېچىپ « بارلىق ئائىلىلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشى كېرەك، بۇ دىگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بۇنىڭ چىقىمىغا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدۇ!» دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئەمدى مىدىرلىماي بولمايتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى چوقۇم ئىجرا قىلىش كېرەك ئىدى. دىھقانلار يەنە بىر قېتىم غەيرەت قىلىپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا تۇتۇندى. ھەر ھالدا پىششىق خىش، تۆمۈر ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى ھۆكۈمەت بەرگەنمۇ بولدى. لېكىن ياغاچ -تاش، ئىشىك – دىرىزە، قۇم - شىغىل، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، سېلىنغان ئۆيلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇش يەنىلا دىھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. قۇم ۋە شىغىل زاۋۇتلىرى، ياغاچ زاۋۇتلىرى، ئائىلە جابدۇقلىرىنى ياسايدىغان شىركەتلەر شۇ يىللاردا تازا بېيىۋالدى. شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت دىھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلۇشىغا بەرگەن مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىدى.

يەتتىنچى: ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كېلىدۇ، ھەر بىر ئائىلىگە يوللارنى بۆلۈپ بىرىمىز، سۇ چېچىىشڭلار كېرەك، بولمىسا پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان بولىسىلەر!
2008 – يىلى يازدا ئەترەت باشلىقىنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ دېگەن بۇ گېپىدىن راستىنلا ھەيران قالدىم. قىززىق ئىش، ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كەلسە كېلىۋەرمەمدۇ. ئەجەبا ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كەلسە دىھقانلار يولغا سۇ چاچمىسا سىياسەتكە قارشى چىققان بولامدىكەن!؟ لېكىن ئويلىنىپ قالدىم، ئەگەر بۇ راستىنلا سىياسەت بولسا پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالمايلى دەپ ئەترەت باشلىقىنىڭ گېپىگە نارازى بولۇپ تۇرغان  ئىنىمغا دېدىم: «ھېلىمۇ ياخشى كاڭشىخان كەلمەيدىكەن، بولمىسا توپا يولغا تىزلىنىپ باش قوياركەنمىز، ۋىلايەتنىڭ شۇجىسى كەلسە  يوللارغا سۇ چېچىش سىياسەت بولىدىغان بولسا سۇ چاچايلى، سۇ چېچىپ بولۇپ ئۆيىمىزدىكى كىگىز – گىلەملەرنى ئېلىپ چىقىپ يولغا پايانداز قىلىپ سالايلى، بولمىسا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالمايلى يەنە».
پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق دىھقانلار يوللارغا يىرىم كۈن سۇ چاچتى، لېكىن ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى ئولتۇرغان   ماشىنا سۇ چېچىلغان يولدىن ئەمەس، بەلكى ماي ياتقۇزۇلغان چوڭ يولدىن ئۇدۇل ناھىيە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

سەككىزىنچى: چۆجە ئالمىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان ھېسابلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!
يەنە شۇ 2008 – يىلى. دۆلەتتىن  بېرىلىدىغنا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئەمدىلەتىن ئومۇملىشىۋاتقاندا يېزىلىق پارتىكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دىھقانلارغا بېرىلىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپلەت پۇلىنىڭ ئورنىغا چۆجە تارقاتتى. قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق بولمىغان سان – ساناقسىز چۆجىلەر كەنت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ قورۇسىغا كەلتۈرۈلدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ ھەر تۆت يۈەنىگە بىردىن چۆجە توغرا كەلتۈرلۈپ ھېسابلىنىپ دىھقانلارغا تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئالدى تۆت – بەش يۈز، ئارقىسى 50 – 60 چۆجىنى سىۋەت بىلەن ئۆيلىرىگە توشۇۋاتقان دىھقانلار كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە تىگىشلىك بولغان پۇلنىڭ ئورنىغا چۆجە تارقاتقانلىقىغا نارازى بولغاندا كەنتنىڭ سىكىرتارى گىلىنى قىرىپ: «چۆجە ئالمىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان ھېسابلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقماسلىق ئۈچۈن چۆجىلەرنى ئۆيلىرگە ئېلىپ كېتىشتى. لېكىن بۇ چۆجىلەر دىھقانلارغا بىر ئاپەت بولدى. چۆجىلەرنىڭ يەم خەشىكى ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان خىراجەت دىھقانلارنىڭ يىرىم يىللىق خىراجىتىنى سورۇپ تۈگىتىۋەتتى. بىرەر ئاي بولمايلا چۆجىلەر كىسەل تىگىپ ئۆلۈپ تۈگىدى.

بۇ مەن شاھىت بولغان ئىشلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا خالاس. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈچى كۈچلەر، قانۇنسىز دىنى ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان تىرورچىلارغا قەتئىي  قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقى بايرىقىنى تېخىمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قانداق سىياسەتلىرىگە پەرمانبەردارلىق بىلەن ئىتائەت قىلىپ، رەھبەرلەر «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى» دەپ نىمىنىلا بۇيرىسا شۇنى بەجاندىل ئىجرا قىلىشلىرى كېرەك! چۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەردۇر.  مەنبە: مىسرانىم تورى.

1

تېما

2

دوست

1798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8699
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 182
تۆھپە : 417
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىيەگە بىزدەك سادىق مىللەت يوق  جۇما . بىزگە بولغان شاپائىتى ھەرگىز ئۇنۇتمايىمىز .
ۋاقتى كەلسە بىزگە قىلغان شاپائەتلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرمىز .....!

باھا سۆز

alkanat  بېرىشكە مەجبۇر قىلىدىغان شارائىتنى ئۆزىمىز بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sumruh  چۇقۇم بىرىدۇ ھ ھ ھ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sraj207  قاراپ تۇرساق بەمەيدۇ، پۇرسەتنى ئۈزىمىز تىپىشىمىز كىرەك.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
aktuqi  قايتۇرغىدەك پۇرسەتنى بىرەمۇزادى؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15178
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 44
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ شۇ پارتىيىمىز بىزنىڭ سادىقلىقىمىزنى تۇلۇق تونۇپ كەتكەچ ، بىزگە يىلدىن -يىلغا مىھرىبان بوپ كېتىۋاتىدۇ،  ئۆزى يىتىشەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ پۈتۈن ئۆلكىلەرنى مىھرىبانلىق يەتكۈزۈشكە چاقىردى ،  ئۆلكىلەرمۇ ئەلۋاتتە پارتىيىمىزنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۈلۈش ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. بەزىلەر دىھقانلا رنى ئەمگەكتىن ئازات قىلىپ  نۇرغۇن پۇل بېرىپ ئىسىل بىنالارنى بەرپا قىلىپ بەرسە،بەزىلەر بىۋاستە ياردەم قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ ئىدارە -ئىدارىلەردە خىزمەت يۈكىمىزنى يىنىكلىتىپ بەردى. تېخى ئۆتكەندە چاچ ساقاللىرىمنى ياساپمۇ قويدى، سىڭلىمدىن ئاڭلىسام تېخى ياغلىق چىگمەسلىك ، كۆينەكنى تىزدىن ئاششۇرماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ ، ئۇنىڭ مەدىنى قىزلاردىن بولۇشقا ياردەم قىپتىمىش،  مېنىڭ  خوشاللىقىغىغۇ بىرنەرسە توغرا كەلمەيدۇ يەسلىدىكى بالام شۇنداق زوق بىلەن خەنزۇچە ناخشىدىن  بىر -ئىككىنى ئورۇندىۋتىدىغان بولسا چۈشىنەلمىسەممۇ زادى پەخىرلىنىپ ئۇزاقتىن- ئوزاققا پەخىرلىنىپ ئولتۇۇپ كېتىمەن. ئۇلۇغ پارتىيە بىزلەرگە يەتكۈزگەن شەپقىتىنىڭ يۈرەكلەرگە ئورناپ كەتتى ، بۇ ئىسسىق ھارارەتىنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۆچۈرگىلى بولماس ،ھاياتلا بولسام ھامان بىركۈنى قايتۇرارمەن ، ناۋادا قايتۇرالماي قالسام شەپقىتىڭنى باللىرىمغا ئىزىپ ئۇچۈرۈپ ئۇلارغا ۋەسىيەت قالدۇرارمەن .

باھا سۆز

saipidineli  بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتەرسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ،پارتىيە بولمىسا بۈگۈنكى بىز يوق  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:48
uqkun2008  بىز ئۆزىمىزلا قايتۇرامىز، باللىرىمىزنى بۇ قەرزگە تۇتۇپ بەرسەك بىز يەنە ئۆزىمىزنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sumruh  چۇقۇم قايتۇرشىمىز كىرەك  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
!uyghurjan  بىزگە قىلغان شەپقەتلىرىنىڭ 100 ھەسسىچىلىك قايتۇرشىمىز كىرەك .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

2663

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9739
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتۇرغۇسى   بۇ   شەپقەتنى   بىركۈن   ئۈزىمىز   يا   نەۋرىمىز   يا   خۇدايىمىز~!

0

تېما

3

دوست

4654

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi100 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 15:06
شۇ شۇ پارتىيىمىز بىزنىڭ سادىقلىقىمىزنى تۇلۇق تونۇپ كە ...

مەن ئويلاپبولغۇچە سىز دەپ بولاپسىز .تىزراق تەييارلىق قىلسىڭىز بىللە قايتۇرامىز ئاللاھ خالىسا .
پارتىيەگە ھەشقاللا دىگەن ناخشىنى ئۈگنىپ

باھا سۆز

saipidineli  ئەڭ ياخشىسى بالا-چاقىلىرىمىزغا قالدۇرۇپ قويماي ئۆزىمىزلا قايتۇرايلى.اللا نىسىپ قىلسۇن.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:52
!uyghurjan  پۇرسەت بىزگە بولمىسا باللىرىمىزغا نەۋرىللىرىمىزگە بولسىمۇ باردۇ .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

1

تېما

0

دوست

1507

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15629
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەم خورلۇقى يۇرگۇمىزنىڭ قات قېتىغا سىڭىپ كەتتى ئاللا بۇ ياخشىلىقنى قايتۇردىغان شۇنداق بىر كۇنلەرنى بېرىشنى ھەر ۋاقىت تىلەپ تۇرماقتىمەن  ئەگەر مەن قايتۇرالماي قالسام خۇددى دادام ماڭا  دىگەندەك ھەم ئۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىرەك باللىرىمغا ۋەسىيەت قىلىپ  قالدۇرمەن  ئھ  قۇدرەتلىك ئاللا  بۇ ياخشىلىقلارنى قايتۇردىغان شۇنداق بىر كۇنلەرنى ماڭا نىسىپ قىلغايلا  مەنمۇ  دادامدەك ئارمان بىلەن كۆز يۇمماي

باھا سۆز

saipidineli  اللا مۇرادىڭىزغا يەتكۈزسۇن.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:53
holmis  ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

3

تېما

0

دوست

3140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، پارتىيەنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن شەپقىتىگە چوقۇم جاۋاب بېرىش كېرەك! جاۋاب بەرمىسەك، تۇزكور بوپ قالمايمىزمۇ؟ ئاللا قايتۇرغىدەك پۇرسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلارسەن. بولمىسا ئەۋلادلىرىمغا ۋەسىيەت قىلىمەن!

باھا سۆز

babak  دىگەنلىرىڭىز 300پىرسەنت توغرا...  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
sraj207  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ تۈنجى كۈنىدە، دېھقانلىرىمىز ئەنە شۇ پارتىيە شۇجىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېزىدا نەچچە كۈن ھەقسىز ئەمگەككە تۇتۇلدى. بېچارە دېھقانلار ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ دۆلەت بايرىمىدىمۇ سەيلى ساياھەت، ئارام ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، يانچۇقىدىكى يوق پۇللىرىنى تېجەپ، خەلق ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۈچۈن، پارتىيە ئۈچۈن خالىسانە لېي فىڭچە ياخشى ئىش قىلدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار بۇرۇن ئاددى قارىلىپ، ئىتتىك بېجىرىلگەن بولسا، ھازىر ئەستايدىللىق بىلەن سىياسىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن ئاساستا، نەچچە كۈن، نەچچە ئايدا بېجىرىلىدىغان بولدى.
دېسەك دېسەك تۈگىمەيدۇ بۇنداق ياخشى ئىشلار…
سادىق بولايلى… مەڭگۈ، تۈمەنمىڭ يىل سادىق بولايلى

باھا سۆز

saipidineli  شى رەئىس ياشىغايلا،ياشىغايلا....ئۆلۇپلا قالمىسلا ياشىغايلا................................  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:56

0

تېما

0

دوست

340

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15484
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            مېنىڭ  بۇ ياخشىلىقلار ئالدىدا  گەپ قىلىشقا تىلىم بارمىدى دېسە ؟ بىز  پارتىيە -ھۆكۈمەت نىڭ سىياسىتى ، بۇيرۇقى دېگەن نام ئاستىدا بۇيرۇلغان نۇرغۇن -نۇرغۇن  ..........ئىشلارنى سادىقلىق بىلەن قىلدۇق ،قىلۋاتىمىز  يەنە قىلىمىز ،باشلىق كېلىدۇ دېگەن ناخشىمۇ  پارتىيە ھۆكۇمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە تەكشۈرگىلى كەلگەن ئەمەلدارنى قارشى ئېلىش  قىلىنغان نۇرغۇن  ....ئىشلارنىڭ كارتىنىسى ئەمەسمۇ  ............

0

تېما

0

دوست

258

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9945
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ بىز تارىختىن بۇيان پارتىيەگە سادىق بوپ كەلدۇق . شۇڭا ھازىر پارتىيمىز بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلۋاتدۇ. ئامىرىكا -پامىرىكا دەپ كېتىشدىكەنسىلە تېخى پۇخرالىرنى قوغداشتا ھېچقانداق دۆلەت پارتىيمىزگە يېتەلمەيدۇ.مەسلەن مەھەللىمىزنىڭ تۆت ئەتراپىنى تۆمۈر رىشاتكىدا توسۇپ دەرۋازىدىن ئىككىنى قويدى دەرۋازىنى خەلىق ئەسكەرلىرمىز باقىدۇ .ئوغرى قاراقچىلار تۈگۈل چىۋىنمۇ كىرەلمەيدۇ شۇڭا بىز خاتىرجەم ئۇخلايمىز ئىشىك ئالدىمىزدا كامىرا تېخى.چەتئەللەردە پۇخراغا تۈگۈل ئەمەلدارمۇ بىزدەك قوغداشتىن بەھرىمان بولالماسمىكىن دەيمەن.شۇڭا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن پارتىيمىزنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرمىساق بولماس....

باھا سۆز

بانكىر  قايسى يىزا، قايسى كەنىت ئۇ، تەپسىلى بايان قىلمامسىز؟ بولسا سۈرەتلىك قىلىپ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-17 19:01 , Processed in 0.062082 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش