- تىزىملاتقان
- 2012-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 189
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
94.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslan711 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-13 14:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!
سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن،ئالدى بىلەن شۇ نۇقتىنى ئىزاھلاپ قويايكى، مېنىڭ تۆمۇر داۋامەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم، ۋە ياكى ئالاقەم يوق. پەقەت بۇ كىشىنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدىكى تەسىرلىك شەخىسلەرنىڭ بىرى دەپلا قارايمەن.
بۇ يازمىنى بىر قېرىندىشىمىز يوللىغان "تۆمۈر داۋامەت بىلەن سادام ھۆسەيىن" دىگەن تىمىنى قىزىقىش بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئاستىغا چۈشكەن نۇرغۇن بەت ،خىلمۇ-خىل ئىنكاسلارنى ،باھالارنى كۆرۈپ ، بىلىمىم ،بىلگىنىم چەكلىك بولسىمۇ ،بەزى گەپ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ ئەخلاق ۋە پىرىنسىپ مىزانىمغا ناھايىتى زىت كەلگەنلىگىدىن ئازابلانغانلىقىم تۈپەيلى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئادەم ئاجىز نەرسە، خاتالىقتىن تامامەن ساقلىنىش پەقەت ئۇلۇغ ئاللاغىلا مەنسۇپ، قېرىنداشلارنىڭ قوبۇل قىلالىغانلىرى قوبۇل قىلىپ، قوبۇل قىلالمىسا يوللۇق پىكىر قويۇپ ۋە ياكى سۈكۈتنى ئەلا بىلىپ، دوستلۇق ، قېرىنداشلىققا مالاقەت يەتكۈزمىسە دىگەن ئۈمىدتىمەن.
توۋا دىدىم . شۇ تىمىدا چۈشكەن ئىنكاسلاردا چىقمىغان گەپلەر قالماپتۇ . كۆپىنچىمىز بىلىمىز، تۆمۈر داۋامەت ھازىر ئېغىر كېسەلكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تۇرىۋېتىپتۇ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىىشلىرىدىن ياخشى بولسۇن،يامان بولسۇن ئالدى بىلەن ئاللاغا جاۋاپ قىلىدۇ، ئاندىن تارىخ ھامىنى مۆرىتى كەلگەندە ھەقىقى ئەھۋالنى تەبىئىلا ئاشكارىلايدۇ. ئەھۋالنى بىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇ-يەر بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغانلىرى بىلەنلا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالغان بىر مويسىپىتنى ھاقارەتلىشىمىز ئەخلاق پەزىلىتىمىزگە ئۇيغۇنمۇ؟ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار!
رەسىمگە كەلسەك ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەمەس،ھەقىقى رەسىم. تۆمۈر داۋامەت شۇ چاغدىكى جوڭگو زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە ئېراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان،نىمىشقا خەۋەر قىلمايدۇ دىگۈچىلەرگە جاۋاپ شۇكى،83-يىلى تىلىۋىزوردا خەۋەر قىلىنغان،گېزىتلەرگە ئېلان قىلىنغان،كېيىن ھەتتا كىتاپمۇ چىقىرىلغان. سىزگە سۇئال،شۇ چاغدا ئۆيىڭىزدە تىلىۋىزور بارمىتى؟بولسا خەۋەر كۆرەمتىڭىز ياكى خويەنجا كۆرەمتىڭىز؟گېزىت كۆرىدىغان ئادىتىڭىز بارمىتى؟(ئىسىمدە قېلىشىچە بىزنىڭ ئائىلىدە دەل شۇ 83-يىلى دادام نۇرغۇن يول مېڭىپ،ئالاھىدە تەستىق بىلەن تۇنجى رەڭسىز تىلىۋىزور ئالغان ئىدۇق، مەلىدىكى ھەممەيلەن بىزنىڭ ھويلىغا ئولىشىپ كۆرەتتۇق. ئۆگزىمىزگە ئۆزىمىز تېرەك ياخىچىدىن ياساپ تىكلىۋالغان ئانتىنىمىز ئارقىلىق ئاران 3،4 قانال چىقاتتى،تېخى گاژ گاژ...)...ئەمىلىيەت شۇ.
تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئىگىلىپ تۇرىشى كۆزىگە سىغمىغان قېرىنداشلاردىن سوراپ باقاي، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىگىلىپ تۇرىشى،قوش قوللاپ سادام بىلەن كۆرىشىشى كۆزىڭىزگە سىغمىغان بولسا، چوڭلىرىنى دىمەي، ئۆز شەھرىڭىزنىڭ شەھەر باشلىقى،ناھىيىڭىزنىڭ ھاكىمى،ئاددىسى يېزىڭىزنىڭ سېكىرتارى سىز بىلەن كۆرىشسە ، غادىيىپ تۇرۇپ بىر قولۇم بىلەن مەنسىتمەي كۆرىشىمەن دەپ بېقىڭە قېنى؟ 83-يىل..83-يىل.... قېرىنداشلار ئۇ دىگەن 30يىللاردىن بۇرۇنقى ۋاقىت، تور ئارقىلىق ،كىتاب-ماتىرياللار ئارقىلىق شۇ تارىخى شارائىتنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنىش تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن، شۇنداق بولغانكەن كۆرگەن ماتىريال خەۋەرلەردىن سادامنىڭ قانداق ئورۇن مەرتىۋىدە، تۆمۈر داۋامەتنىڭ بولسا قانداق ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقكەن، بىر زىيارەتچى ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ دۆلىتىگە زىيارەتكە بېرىشقا نائىل بولۇپ شۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك ھوقوقدارى،شۇنداقلا شۇ چاغلاردا دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ،ھۆرمەت قىلىنىۋاتقان،ۋە يەنە شۇنداقلا شۇ يەرنىڭ ساھىپخانىغا ھۆرمەت بىلدۈرىشى خاتامۇ ئاخىر؟يەنە كېلىپ شۇ چاغلاردا سادامنىڭ دۆلىتى ئىچىدىكى ئىشلىرى توغرىسىدا باھا بېرىشكە ھوقوقۇم يوق بولسىمۇ،باشقا ئەللەرگە ،بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئاجايىپ ئەركەكلىك ،مەرتلىكى بىلەن قىلغان ياخشىلىق،ياردەملىرى نۇرغۇن ئەللەر خەلقىنىڭ تىللىرىدا داستان بولغىنىنى بىلىدىغانلار ئاز بولمىسا كېرەك؟يەنە يەنە كېلىپ تۆمۈر داۋامەت شۇ چاغدا بىز ئۇيغۇرغا ئەمەس بەلكى جۇڭگو ھۆكۆمىتىگە ۋاكالەتەن چىقتى.
ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم، كۆپ ۋاقىتلاردا ھېسياتىمنىڭ سۈرئىتى ئەقلىمنىڭكىدىن سەل ئېشىپ كېتىدىغىنىغا ئۆزۈم ئىقرار. ئەمما شۇ نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى ،پەقەت چۈشەندۈرۈش بولسۇن دىدىم خالاس. بۇ تۈپەيلى قىسقا مۇددەت بۇرۇنلا باشقا تور بەتتىكى بىر يازما سەۋەبىدىن ئۇرۇش-جىدەلگە سەۋەپ بولۇپ قالغىنىمدەك بولۇپ قالمىسۇن! باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار خالىغان چاغدا ئۇشبۇ يازمامنى تەسىرى يامان بولۇپ قالدى دەپ قارىغاندا دەرھال ئۆچىرىشكە ۋە ياكى تاقاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق.
ھۆرمەت بىلەن : ئارسلان جۇبەيرى |
|