قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
adam1 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 12:07
رەھمەت سىزگە،سىڭلىمغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىككىنچى دۇخ ...

ئۇنداقتا يەنىلا مۇمكىن بولسا پىسخىك داۋالاش شارائىتى بار بىرەر دوختۇرخانا ياكى شەخسىي پىسخىك دوختۇرنى تىپىپ كۆرسىتىپ بىقىڭ. چوقۇم بىرەر ئېغىر پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن.

مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن، لىكىن توردا كۆرشۈمچە گىپنوسىس(hypnosis) ئۇسۇلىمۇ ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىنكەن. بىلىشىمچە مۇشۇ خىل گىپنوتىزلاش ئۇسۇلىدا داۋالاش ئىلىپ بارىدىغان كىشىلەر شىنجاڭدا بار.

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1884
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 11:50
مانا تۆۋەندىكىسى مەن facebook دەيدىغان توردا كولۇمبىيە ئ ...

ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت . مۇمكىن بولسا ئاشۇ چەتئەل دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى ، سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ، ئەكس تەسىرى بارمۇ ؟ كىلىنكىلىق تەجرىبىدىن ئۆتكەنمۇ ؟ ...دىگەندەك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:37:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 12:40  
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 12:25
ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت . مۇمكىن بولسا ئاشۇ چەت ...

بۇ كېسەلنىڭ دورىلىرىنى مەن ئۆتكەن مەۋسۇم دورىگەرلىك دەرىسىمدە تەپسىلىي ئۆگەنگەن. سىز ئېنگىلىزچە ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چۈشىنەلەمسىز يوق بىلمىدىم، چۈشىنەلىسڭىز مەن سىزگە شۇ توغرۇلۇق pdf شەكلىدىكى ماتىرىياللارنى يوللاپ بىرەي. بولمىسا، كىينچىرەك (كىلەر ئايدا) تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قوياي (مەن ھازىر دىسسىرتاتسىيە يىزىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاچقا ئەمەليەتتە ناھايتى ئالدىراش، بالىلىرى كېسەلگە گېرىپتار بولغان ئاتا-ئانىلارنى ساقلىتىشقا يۈزۈم چىدىماي بۇ تىمىنى يوللىغان ئىدىم، سىز تېخى بالىڭىز مۇشۇ دىيىلگەن كېسەلگە گېرىپتار بولغان-بولمىغانلىغىنى تەكشۈرۈتۈپ بىقىڭ، ئۇ ۋاقتىقىچە دورىلار توغرۇلۇق سىزنى تەپسىلىي ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلاي، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن).

پىرافىسورۇمنىڭ ئوغلىمۇ شۇ كېسەلگە قارىتا دورىلارنى يەۋىتىپتىكەن، ئەكس تەسىرى ئانچە ئېغىر ئەمەس. بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى كىلىنىكىلىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، بولمىسا بازارغا سالغىلى بولمايدۇ. سىېتىۋىلىشقا كەلسەك ئامرىكىدىن سېىتىۋىلىش تەس چۈنكى بۇنداق دورىلارنى پەقەت دوختۇر بىمارنى كۆرۈپ ئاندىن رېىتسىپ يازسا ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭگودا بارلىرىنى سىتىۋالسا ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن. لىكىن چوقۇم ئاۋۋال كېسەلنى توغرا دىئاگنوز قويدۇرۇپ ئاندىن دورا يىيىش كىرەك.

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1884
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 12:37
بۇ كېسەلنىڭ دورىلىرىنى مەن ئۆتكەن مەۋسۇم دورىگەرلىك د ...

سىز بىلەمسىزكىن ، بۇ خىل كېسەللىكنى تەكشۈرۈش ئاپاراتىدا تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويماق بەك تەس . ئادەتتە مېڭە تەكشۈرۈش ئاپاراتىدا ھېچنىمە چىقمايدۇ . پەقەت كۆز ئارقىلىق كۆرۈپ دىئاگنوز قويۇش مۇمكىن . مەن ئوغلۇمنى تونۇغىلى 12 يىلچە بولدى . ئۇ چوقۇم شۇنداق كېسەل . يەنى ھەركىتى زىيادە كۆپ كېسەللىك ئالامىتى بار . دىققىتىنى يىغالمايدۇ .
مەن ئېنگىلىسچە بىلمەيمەن .

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 13:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 12:54
سىز بىلەمسىزكىن ، بۇ خىل كېسەللىكنى تەكشۈرۈش ئاپارات ...

توغرا دەيسىز، بۇ كېسەللەرنى بىمارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، قىلمىشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. دىئاگنوز قويغۇزۇڭ دىيىشىم، دىققەت چىچىلىدىغان كېسەللىكلەر پەقەت بىرلا خىل ئەمەس، شۇڭا ئېنىقراق بولسۇن دىمەكچىدىم. ئەگەر سىز ئاۋۇ مەن ئەۋەتكەن ئۇلىنىشتىكى تىمىنى ئوقۇپ ئوغلۇم بىلەن ئوخشاش كېسەلنىڭ گىپىنى قىلىۋىتىپتۇ دىگەن تونۇشقا كەلگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز دىگىنىڭىز توغرا. مەن ئامال بار پات ئارىدا سىزگە بىر جاۋاپ قىلىمەن. بىر تەرەپتىن ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە يىزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن توردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يازسام سەل كاللام چىچىلىپ كىتىدىكەن. ئازراق تەخىر قىلسىڭىز، پۇرسەتلا تاپسام سىزگە جاۋاب قايتۇرۇش مەن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرىپ بولدى، ئازراقلا ۋاقىت تاپسام ئۇچۇرىنى يوللاپ قويىمەن. مەن ھازىرچە توردىن چۈشتۈم. پات-ئارىدا جاۋابىنى بىرىمەن.

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1884
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 13:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 13:01
توغرا دەيسىز، بۇ كېسەللەرنى بىمارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ق ...

ئامان بولۇڭ .

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 14:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 18:40  

يەنىلا جاۋابنى ھازىر بىرىۋەتسەم بولغۇدەك، كاللامغا كىرىپلاۋالدى بۇ ئىش..

بۇ كېسەل توغرۇلۇق تەپسىلىي ئەھۋاللار مەن ئۇلانما قىلغان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا يازغان تىمىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى بار بولغاچقا مەن تەپسىلىي توختالماي، قوشۇپ قويىدىغىنىم بۇ كېسەل ئادەتتە چوقۇم 7 ياشتىن بۇرۇن باشلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا مۇشۇ كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ.

دورىلارنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇرچە دىققەتىنى يىغالماسلىق ۋە جىم تۇرالماسلىق (زىيادە ئاكتىپلىق) كېسىلى دىگەننىڭ ئېنگلىزچە  (Attention Deficit Hyperactivity Disorder) نىڭ قىسقارتىمىسى بويىچە ADHD دەپلا ئالاي.

ADHD بالىلاردا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ئامىل. بۇ كېسەل ھەتتا ياشلىق دەۋىرلىرىگىچە سوزۇلۇشىمۇ مۇمكىن (مىنىڭ بىر گىرمانيەلىك دوستۇم مۇشۇ كېسەلگە گېرىپتار بولغان، لىكىن بۇ يىل مەن بىلەن بىللە مولىكۇلا بىئولوگىيەسى كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا، بۇنداق بالىلار يەنىلا ناھايتى ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن).  بۇ كېسەلنى داۋالاشتا پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورىلار تىپىلغىنى يوق، لىكىن كېسەللىكنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغان دورىلار بار بولۇپ بۇلار ئىچىدىكى بالىلارغا (6 ياشتىن چوڭ) ئىشلىتىدىغانلىرى 3 كاتوگورىيەگە بۆلۈنىدۇ.

1. چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدىغان دورىلار:
بۇلار مىتىل فېنىدات (methylphenidate)، دېكىسمىتىل فېنىدات (dexmethylphenidate)، دېكىستىرو ئامفاتېىمىن (dextroamphetamine) ۋە ئامفاتېىمىن ئارىلاشمىسى (amphetamine mixture) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەكىس تەسىرى:
بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەىسرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئەڭ يامىنى خۇمار قىلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ خىلدىكى ئامفاتىمىن (Amphetamine) نامىدىكى خىمىيىلىك دورىلار زەھەر ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان بولۇپ،كىشىنى خۇشھال قىلىش ۋە باشقا جەھەتتىكى تەسىرلىرى كوكايىن بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇڭا بۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ ئىشلىتىش بەك تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. گەرچە بۇ دورىلانىڭ مىقدارى ئىنتاينى قاتتىق كونتىرول قىلىنىدىغان بولۇپ ئىمكانقەدەر بالىغا خۇمار قىلمىغۇدەك مىقدردا بىرىش خەۋىپسىز دىيلسىمۇ، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بۇ دورىلارنى مەن ھەرگىز ئىشلەتمىگەن بولاتتىم، بۇلارنىڭ ساناپ-تۈگەتكۈسىز ADHD دىنمۇ كۆپ ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇمار قىلىش ئېھتىماللىقى (گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ) كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ.


2. ئاتوموكسىتىن (atomoxetine) تۈرىدىكى دورىلار: بۇلار چوڭ مېڭىنى غىدىقلىمايدۇ ھەم خۇمارمۇ قىلمايدۇ، كۈندە بىر قىتىم ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. ئاساسلىقى نورئېپىنېفىرىن (Norepinephrine, NE) دەپ ئاتىلىدىغان ھېسسىياتچان (ئىختىيارى) نېرۋا سىستىمىسىنى قوزغايدىغان ھورمۇننى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق زىيادە ئاكتىپلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەكىس تەسىرى: ئاشقازاننى بىئارام قىلىش، ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىش، باش قىيىش، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇسى كىلىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلار.

بۇ دورا بىر قەدەر كەڭرى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەن بايا جۇڭگونىڭ تور بەتلىرىدىن بۇ دورىنى ئامرىكىدىن ئىمپورت قىلىپ ئىلىپ كىرگەنلىكىنى بىلدىم، شۇڭا سىز سېىتۋالماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىزدەپ كۆرۈڭ.
盐酸托莫西汀
http://baike.baidu.com/view/1732846.htm
http://opendata.baidu.com/yaopin ... i&ie=utf-8&oe=utf-8

3. مەيۈسلىنىشقا قارشى دورا تىپىدىكىلەر: ئۈچ ھالىقىلىق مەيۈسلىنىشكە قارشى دورىلار (tricycle antidepressants) ۋە بۇپروپىئون (Wellbutrin , Bupropion) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئاسان تىپىلىدىغان دورىلار بولۇپ، پەقەت ئىككىنچى سەپ دورىلىرى سۈپىتىدە بىرىلىدۇ. بۇلارنىڭ رولى ئاساسلىقى بالىنىڭ زىيادە كۆپ ھەرىكىتىنى ئازلىتىپ، دىققىتىنى يىغىشىغا پايدىسى بار.
ئەكىس تەسىرى:
باش قىيىش، يۈرەك رىتىمىنى تىزلىتىش، مىجەزنى چۇس قىلىش، كۆرۈش سەزگۈسى غۇۋالىشىش، باش ئاغرىقى، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلار، قىسمەن ئەھۋاللاردا تارتىشىپ قىلىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بۇ دورىلار كۆپ خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ خەنچە ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.

安非他酮

http://baike.baidu.com/view/1732883.htm

ئاخىرىدا بۇ ئۇچۇرلار ئوغلىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق بولسا، شۇنىڭدا مىنىڭ ھاردۇقۇم چىقىدۇ. ياخشى تىلەكلەر بىلەن:

بىلگەجان

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 14:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 13:06
ئامان بولۇڭ .

يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم، ADHD گە گىرىپتار بولغان بالىلار چوقۇم ئائىلىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ قوللىشىغا مۇھتاج، ئۇنىڭ ئۈچۈن بېسىم بولىدىغان ئەھۋال قانچە ئاز بولسا بۇ بالا ئۈچۈن پايدىلىق. بالىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا يىقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇش، شارائىت بولسا پىسخىك داۋالىتىشنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )