- تىزىملاتقان
- 2013-4-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 186
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
93%
|
ئەردوغان ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا غەززەگە رەسمى زىيارەتكە بارىدۇ
دۇنيا ئاخبارات تورى 14-ئاپرېل خەۋىرى
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغان ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا غەززەگە بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئەنقەرەدە سۆز قىلغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان غەززەگە بارىدىغان رەسمى زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلدى، ئەردوغان: ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا غەززەدە بولىمەن،دېدى، ئەردوغان ئىسرائىلىيە تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن غەززەگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان سۆز قىلىپ، 21-ئەسىردە كۈچلۈك، چوڭ، ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، "كۈچىڭىز تىنچلىققا قوشقان تۆھپىلىرىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ، كۈچىڭىز مائارىپقا، مەدەنىيەتكە، ھەمكارلىققا، بىرلىككە قوشقان تۆھپىلىرىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ، دۇنيادىكى ناھەقچىلىككە، ئادالەتسىزلىككە مۇداخىلە قىلىش ئىقتىدارىڭىز، خاتانى تۈزىتىش ئىرادىڭىز، مۇشتىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى ئەمەس، سۆزنىڭ، پىكىر-قاراشلارنىڭ ئېغىرلىقى دۇنيادا ھەممە نەرسىدىن تېخىمۇ بەك تەسىر كۆسىتىدۇ"دېدى.
باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان، " ئۆتمۈشتە بىر كىرزىس رايۇنىغا سىزنىڭ ئەسكەرلىرىڭىز، ئارمىيەلىرىڭىز قانچە تېز يىتىپ بارالىغان بولسا شۇنچىلىك تەسىر دائىرىڭىز بار ئىدى. ھازىر بولسا ئەسكەردىن بۇرۇن، ئارمىيەدىن بۇرۇن سىزنىڭ تىنچلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ، يارىشىش ۋە ياراشتۇرۇشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنىڭ، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز-ئارا ياردەملىشىش پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ قانچە تېز، قانچە بۇرۇن يىتىپ بارغانلىقى بىر مەنا ئىپادىلەيدۇ"، دېگەن شەكىلدە سۆز قىلدى.
باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان ، تۈرك قىزىل ئاي باش جەمىيئىتىدە ،"بۈگۈننىڭ دۇنياسىدا دۆلەتلەر ئىقتىسادلىرى بىلەن ، ئارمىيەلىرى بىلەن بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇنىۋېرسىتىتلىرى بىلەن، مىللىي ۋە خەلقئارا مائارىپ پائالىيەتلىرى بىلەن، جەمىئىيەت ۋە ۋەقفىلىرى ئارقىلىق ياردەم قۇرۇلۇشلىرى بىلەن ، پىكر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىتالايدىغان ئاممىۋى ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقىۋاتىدۇ"دېدى.
باش مىنىستىر رەجەن تاييىب ئەردوغان ،" ئىقتىساد ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ بەرگەن دوكلاتلىرىغا ئاساسەن، تۈركىيە 2012-يىلىدا رەسمى سىرتقى ياردەملىرىنى يۈزدە 99% غا ئاشۇرغان بىر دۆلەت بولدى. 2011-يىلىدا تۈركىيەنىڭ رەسمى ياردەملىرى 1 مىلىيارد 273 مىلىيۇن دوللار ئەتراپىدا ئىدى. 2012-يىلىدا تۈركىيە 2 مىلىيارد 532 مىلىيۇن دوللار رەسمى سىرتقى ياردەم پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى" دېدى.
باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان، "دۇنيادىكى بەزى ئۆرنەركلەرنىڭ ئەكسىچە قىزىل ئاي ھېچبىر زامان مەخپى خىزمەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقمىدى، ئۇ چوڭقۇردىن تەرەققى قىلىپ چىقتى، سۈكۈت بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلدى، تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىمۇ ئېلىپ باردى، دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياردەمگە موھتاج مۇسۇلمانلار بولسا مەيلى پەلەستىن، ئاراكان، سۇرىيە، ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ۋە غەيرى ئىسلام دۆلەتلرىگىمۇ ياردەم قوللىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. كېرەك بولغاندا دۆلەت ئىچىدە، كېرەك بولغاندا دۆلەت سىرتىدا تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردەم سۆيەرلىكىنى، ئالىيجاناپلىقىنى،مەرتلىكىنى، مېھمانسۆيەرلىكىنى لايىق شەكىلدە كۆرستىشتىن، دۇنيادىكى ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشتىن باشقا ھېچبىر نىيەتتە بولمىدى"دېدى.
http://news.okyan.com/news/world/2013/0415/1153.html
|
|