قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10335|ئىنكاس: 237

ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشى-خۇشخەۋەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bilkuch

3

تېما

0

دوست

972

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10311
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 222
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 20:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشى
تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
  بۈگۈنكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيادىكى كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىشى تۈپەيلى، رايۇنىمىزغىمۇ ھەرخىل ئائىلە مەدەنىيەت قاراشلىرى سىڭىپ كىرىپ، كىشىلىرىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت قارىشىغا ھەرخىل تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم كىشىلەر قايسى خىل شەكىلدە ئائىلە قۇرۇش، ئائىلىنى قاياققا يېتەكلەش، ئەۋلادلارنى قايسى ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ۋە ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق تىكلەش ۋە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدە گاڭگىراپ قالماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئائىلە ئەزالىرىغا بىر ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى ئىلمىي تونۇتۇپ، توغرا بولغان پەرزەنت، نىكاھ، ئەر-ئاياللىق، كېلىن-كۈيئوغۇللۇق، قىيىنئانا-قىيىنئاتىلىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلار سۈپەتلىك ئائىلە قۇرالايدىغان، ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىلمىي يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ ماڭالايدىغان ۋە ئائىلىۋىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خەلقئارىسىدىكى ئالىملار، تۆھپىكار ئۇستازلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى «ئائىلە» دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇلارنىڭ شۇ تېما  توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ ئائىلە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
  
        
      
1. تەشكىللەشكە قاتناشقانلار:
باش مەسلىھەتچى: ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى)
مەسلىھەتچىلەر: يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئوبزورچى)، گۈلباھار ناسىر (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)، ئۆمەرجان رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى)، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى)، ئاينۇر دۇلقۇن (ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى)
پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى: ئابلاجان ئەزىز (شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى)
تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقانلار:ئۆمەرجان رەھىم، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد، ئاينۇر دۇلقۇن، زەيتۈنە، بىلال ياقۇپ، (شىنجاڭ گېزىتى) رەھىمجان ناسىر (غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەب)
2. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغانلار:
1.   ئارسلان ئابدۇللا  (پروفېسسور، تىلشۇناس، دوكتور يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
2.   مۇختار مەخسۇت(شائىر، تەرجىمان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى)
3.   ئازات سۇلتان(پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىىنىڭ رەئىسى)
4.   شەمشىدىن ھاجى  (پروفېسسور، جوڭگۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى،جوڭگۇ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، جوڭگۇ دىنى ئىشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمى ئەزاسى، دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئۈنۋان باھالاپ بېكىتىش كومتېتىنىڭ باھالىغۇچىسى)
5.   مۇھەممەد سالىھ (توھپىكار ئالىم، پروفېسسور، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» غا ئوخشاش مەشھۇر كىتابلارنىڭ تەرجىمانى)
6.    لىتىپ توختى  (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى)
7.   ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، يازغۇچى، چاغاتاي تىلى تۆھپىكار تەتقىقاتچىسى)
8.   ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
9.   بۇغدا ئابدۇللا (شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېىتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناس، شائىر)
10. غەيرەتجان ئوسمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى)
11.مىجىت لېتىپ(شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
12. ئابدۇبەسىر شۈكىرى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
13. ئىقبال تۇرسۇن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
14.ئابدۇكەرىم راخمان(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى)
15.غازى ئەمەت (جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋە سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى
16.  ئىمىن ئەخمىدى (ئەدەبى تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى)
17.يالقۇن روزى(مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى ۋە  مائارىپشۇناس)
18.  چىمەنگۈل ھاجىم (ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىبىنىڭ سابىق مۇدىرى، مىھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ توھپىكار ئەزاسى)
19. ھەنىپە ئابدۇللا (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى  رېداكسېسنىڭ سابىق باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرى)
20. ئاسىيە ئابلېكىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلەك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئولى)
21. ئابدۇۋېلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى)
22.ئانار مۇھەممەد (شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ پىنسىيونىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)
23.پەرىدە ئەمىن (بۇلاق  ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ پىنسىيونىرى)
24.نەزىرە مۇھەممەد سالىھ(يازغۇچى، «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى
25. ئادىل تۇنىياز (شائىر، يازغۇچى، «چۈمبەلدىكى كۆز»، « دېڭىزدىكى كوچا»،« پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتۇرى)
26. ئايشەم ئەخمەت (شىنجاڭ ساقچى -ئۇفىتسېرلار مەكتىبنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سىرداشلار كۇلۇبى پروگرامىسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى، جوڭگۇ پىسخىك-سەھىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
27.  ئۆمەرجان رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى)


3. ئاڭلاشقا قاتنىشىدىغانلار:
بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان مەشھۇر شەخسلەردىن باشقا يەنە خالىغان كىشىلەر تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.
تىزىملىتىش ھەققى: 1200 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار ۋە كوللېكتىپ تىزىملاتقانلارغا ئېتىبار قىلىندۇ.
قۇشۇمچە ھەقسىز مۇلازىمەتلەر:ئاڭلاشقا قاتناشقانلارغا ماقالە ئوقۇشقا قاتناشقان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەشھۇر زاتلار بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ھەقسىز سوۋغاتلار:  ھەربىر قاتناشقۇچىغا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان لېكسىيەلەر توپلىمى (جەمى ئالتە دىسكا) بىر يۈرۈش، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندىغان ماقالىلەر توپلىمى (جەمى 8-10 دىسكا ۋە بىر كىتاب) بىر يۈرۈش ۋە سۈرەتلەر توپلىمى بىر يۈرۈش سوۋغا قىلىندۇ.
ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ۋە 12-كۈنلىرى  (شەنبە ۋە يەكشەنبە 8 سائەتتىن)
ئورنى: شىنخۇا كىتابخانىسى چوڭ يىغىن زالى (ئۈرۈمچى، يەنئەن يولى، شىنخۇا كىتابخانىسى بىناسى 12-قەۋەت)
تەشكىللىگۈچى ئورۇن: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى
ھەمكارلاشقان ئورۇنلار: ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئېلىندۇ
ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 0991-2872007
توربېكەت ئادرېسى: www.bilkuch.com

0

تېما

0

دوست

140

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كاتتا يىغىلىش بولغۇدەك....

باھا سۆز

akpar777  خانىم قىزلارنى كەچلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە، 1200يۇەن ئالسىمۇ قىممەت ئەمەس.  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:02
dora1  بۇنداق قىينالغان بولسىڭىز ئۆتكۈزمەيلا قويسىڭىز بولماسمىدى بىلكۈچ ئەپەندى! مەقسىدىڭىز نىمە ئىدى؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dora1  ھەر قانچە ياخشى يىغىلىش بولسىمۇ، «باھا»نى كۆرۈپ ياخشى گەپ قىلغۇم كەلمىدى...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dora1  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نوتۇقىنى ساتامدىكىنە!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dora1  مۇھەممەد سالىھ ھاجىم، ئابدۇقادىر جالالىدىنلارنىڭ بۇ باھادىن خەۋىرى يوق ئوخشىمامدۇ...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

2786

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12697
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:18:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتكەن .

باھا سۆز

dora1  شۇنچىۋىلا مەشھۇر ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ باھاغا كۆزى چۈشمىدىمۇ ياكى چىشى پاتمىدىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dora1  بۇ يىغىلىشنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىشمۇ ياكى تەربىيىلەشمۇ؟ ھەي ئېسىت! .....  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
uigur  ساۋاپلىق ئىشنىڭ كەينىدە بىر سايە بوپ قاپتۇ دە  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
uigur  ھازىرقى ھالىمىزدا ئۇنچىلىك پۇلنى تۆلەپ لېكسىيە ئاڭلاشقا قۇربىمىز يەتمەيدىغان تۇرسا....  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
xaqaniye  1200يۈەن تۆلەپ لىكسىيە ئاڭلغىغۇچە شۇ پۇلنى ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئىئانە قىلغان مىڭ ئەۋزەل.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 11:01
پەرۋاز

3

تېما

0

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16833
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا قىممەتكەن  ، لېكىن بىر قاتنىشىپ باققۇم بار

باھا سۆز

munajjim  جەڭچى تورداش: سىز دىگەن كىلىنتوننىڭ ئىشى راس بولغان ئىشمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
jangchi  2003يىلى كىلۇنتۇن ئۈرىمچىدە بىر ئادەمدىن 12000 كوي ئلىپ 15 مىنۇت سۆزلىگەن ،مەن قاتناشقان ،بۇ بەك ئەرزانكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 18:11

0

تېما

1

دوست

6807

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   36.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13394
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1434
تۆھپە : 1097
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىغا قانچىلىك ئېتبار بار

باھا سۆز

dora1  پۇلى يوق گادايلار بۇنداق مەشھۇر نوتۇقلارنى ئاڭلىيالمىغۇدەكمىز...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dora1  بۇ ئالىملىرىمىزمۇ ئاز پۇلغا تەكلىپ قىلىنمىغان ئوخشايدۇ-دە!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1682
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 406
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 531
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  تېما ئىگىسى دوستىمىز ھەمكارلىشىشىنى ئوتتورغا قويۇپتىكەنسىز، تېلېفۇن قىلسام تېلېفۇنىڭىز ئېتىك چىقتى.

0

تېما

0

دوست

375

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5888
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 61
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ  يىغىلىپ لىكسىيە سۆزلىگىنى تولىمۇ ئوبدان، ئەمما بىر ئادەمنىڭ 1200 يۈەنگە بېلەت ئېلىپ لىكسىيە ئاڭلىشى زەھردىن قىممەت
ئىنساپ!!!

باھا سۆز

arslan428  مەشھۇرلار دىگىنى قىززىقتە. 1200 دىگىنى ئاندىن. كەمبەغەلگە لىكسىيە ياقمايدۇ، ئاش-نان،پۇل، ئەمەلىي ھەركەت..  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 20:18
biltarim  1200 يۇەنگە بىلەت ئالغىنىڭىز، ئانا تىلىڭىزنى 1200 قىتىم قامچىلىغان بىلەن ئوخشاش.ھەي نادان خەلىق  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 22:18
anur  كۈندە بىر تورداش،ئادەممۇ يا سىز؟خوتۇندىن باشقىنى ئويلىمايدىغان،ئاغزىڭىزدىن شۇنداقلا گەپ چىقىدىكەن،....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 09:38
kundabir  ھەممىسى ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان مەدداھلار. ئەمەلى ھەركىتى يوق. ئاناتىلنىڭ قاتىللىرى دەل مۇشۇلار.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:59
ataata  ھازىرقى ئەھۋالدا پۇل ئالماي سۆزلىگەننى ھەقىقى مەشھۇر دەيمىز ...........  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:37

0

تېما

0

دوست

2393

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 537
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل تەلەپ قىلامدۇ؟ بۇ سۆزلىگۈچىلەر خەلقىگە بىرە يېرىم سائەت گەپ قىلىپ بەرگىنىگە پۇل ئالماس ھەقاچان. يېغىن ئۆتكۈزىدىغان ئورۇننىڭ، شۇ كۈنكى تاماقنىڭ پۇلىغا چىقىشقۇدەك بولسىلا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟

-1

تېما

0

دوست

849

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13416
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 207
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم ئىگىلىگى.

9

تېما

1

دوست

1048

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15277
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 73
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 23:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولغۇدەك،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم -ئەدىبلەر قاتنىشىدىكەن،بىلەت باھاسى سەل يۇقۇرى ئىكەن،مۇمكىن بولسا مىڭ يۇەننى ئىلۋەتسە، كۆپرەك قىرىنداشلىرىمىز قاتناشسا ياخىشى بولاتتى.رەھمەت.

باھا سۆز

uigur  بېلەت ئالالماي بۇ ئالىملىرىمىز يالغۇز قېلىپ، بىر بىرىگە لېكسىيە سۆزلەپ يۈرمىگىدى....  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
arslan428  200 يۈئەنمۇ قىممەت. بۇلارنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىشمۇ ياكى مۇھاكىمە قىلىشمۇ؟ 200 خېلى پۇل بەزىلەرگە  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 20:19
biltarim  1200 يۇەنگە بىلەت ئالغىنىڭىز، ئانا تىلىڭىزنى 1200 قىتىم قامچىلىغان بىلەن ئوخشاش.ھەي نادان خەلىق  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 22:19
akpar777  ئادەمگە باھا بەرگەندە ئىغىزىغا ئەمەس، ئەمەلى ھەركىتىگە قاراش كىرەك. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە،،  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:13
kundabir  ھەممىسى ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان مەدداھلار. ئەمەلى ھەركىتى يوق. ئاناتىلنىڭ قاتىللىرى دەل مۇشۇلار  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 04:00
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-28 17:40 , Processed in 0.061308 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش