- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7516
- نادىر
- 0
- يازما
- 419
ئۆسۈش
50.32%
|
alim516 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:40
دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق،ئەمما مەشھۇرلاردىن ئاغرىنىش ئا ...
دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق،ئەمما مەشھۇرلاردىن ئاغرىنىش ئاغرىنماسلىق بىزنىڭ ئانا تىل ئىشىغا قانداق قارىشىمىزدا،شەخسى ئىش دىسەك ئاغرىنمايمىز،ئاغرىنىش ھاققىمىزمۇ يوق.ئەگەردە خەلىقنىڭ،مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ ئىشى دەپ قارىساق ئاغرىنساق بولىۋىرىدۇ. خەلىقنىڭ،مىللەتنىڭ ئىشىدا مەشھۇرلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتساق مەشھۇرلىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم،ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى بار،خىزمىتى بار،ئۆزىگە چۇشلۇق قىممەت قارىشى دۇنيا قارىشى بار،جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بار،بەلكىم پۇرسەت پىشىپ يىتىلمىدى دەپ ئويلايدىغاندۇياكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلمىغاندۇياكى ئۆزىنىڭ پىلانلاپ قويغان ئويى باردۇرياكى تەييارلىق قىلىۋاتقاندۇياكى ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن كۈچ قوشىۋاتقاندۇ ياكى سىڭگەن نېنىمنى يەي دىگەندۇ،ياكى.......
مەيلى مەشھۇرلار قانداق ئويلىسۇن مەن شەخسەن ئۆزەم ھازىر ئاغرىنىش تۇيغۇسىدا تۇرۇپتىمەن.مەشھۇرلاردىنلا ئەمەس ئەڭ ئاساسلىقى ھۆكىمەت ئورۇنلىرى، مائارىپ سېستىمىسىدىكى پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار،قارار قىلىش ھوقوقى بار ھەر دەرىجىلىك ئازسانلىق مىللەت كادىرلاردىن ئاغرىنىمەن.سىياسەتنى توغرا ئىجرا قىلماي،ئىلمىلىكى يوق ،شۇنداقلا ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىشلارغا يول قويغىنىغا ئاغرىنىمەن،سەبى بالىلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويلاشماي خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئىقتىسادى كىرىمىنى دەپ (.....بۇ ئورۇندا نۇرغۇن سۆزلەر قىسقارتىلدى...)دەك كۈن كەچۈرىۋاتقانلىقىغا ئاغرىنىمەن،ئېچىنىمەن. ئىشقىلىپ مەن مەيۈسلىنىمەن!
....................................................................................................................................................
بۇ مەزمۇن تىمىنىڭ مەركىزى ئىددىيسىنى ھەقىقەتەن تولۇقلاپتۇ دەپ قارىدىم.
مەنمۇ ھۆكۆمەت ئورونلىردىكى ئەمەلدارلار ( تەشۋىقات، خەۋەر- ئاخباراتلاردىكى ) مەشھۇرلاردىن ئاغرىنماي تۇرالمايمەن. ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى ( ھۆكۆمەت رەھبەرلىكى ) نى شەخسىي ئىشىم دەپ قارىمىسۇن. ئەگەر مۇشۇنداق قارىسا ئوروننى بوشاتسا تامامەن بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى كوللىكتىۋىزىملىق روھ، كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇرۇلغان تۇرسا، ئەمدى كىلىپ مەشھۇرلىرىمىز ( دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ رەھبەرلىك ھوقوقىنى ) نى ئىگەللىگەنلەر قانداقسىگە، شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىنىڭ دائىرىسى ۋە تەسىرىنى شەخسىي ئىشىم ياكى ئورنۇمنىڭلا دىيىشكە قانداقمۇ يۈزى چىدىسۇن.
قايسى مىللەت، قايسى دىن، قايسى دۆلەت ياكى قايسى گۆرۆھقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ياكى قانداقلىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، بۇ چوقومكى شۇ كوللىكتىپ ياكى رەھبەرلىك ئىگىدارلىقىدىكى بىر پۈتۈن مىللەتكە چىتىلىشى ئىنىق.
مەسىلەن : دىيارىمىزدىكى ‹‹ قوش تىل ئوقوتۇشى ››غا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئورتاق ئاۋاز قوشقىنى ياكى ئىمزا قويۇش، بىلەت تاشلاش پائالىيتى ئىلىپ بارغىنى يوق، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىگە سىياسىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلغۇچى بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ قول قويىۋىتىشى بىلەنلا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا تىل ۋە يىزىق مەسىلىسى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.
گۈلەنكا: بۇ ئىنكاسىم تىمىڭىزغا زىت بولۇپ قالمىغاندۇ؟ خاپا بولماسلىقىڭىزنى سورايمەن. |
|