قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: gulenmen

گۈلەن: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2300

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 22:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر مىللەت ھەر قەۋىمنىڭ ئۇزىنىڭ ئۇزىگە چۇشلۇق مەشھۇرلىرى بار .. دئىخان دئىخانچىلقىنى قىلىدۇ ..ئىشچىلار ئوز ئىش ئورنىدا خىزمىتىنى قىلىدۇ .. سودىگەر سودىسىنى قىلىدۇ .. زىيالىلار ئاشۇ ئاتالمىش مەشھۇرلار نىمە قىلىدۇ .. ؟ .. ھەركىم ئوزكەسپىدە تىرىشىىپ جەمىيەتكە ۋە ئۆز خەلىقىگە توھپە قۇشىۋاتىدۇ  لىكىن زىيالىلار ۋە ئاشۇ ئاتالمىش دىنى ئۆلىما  موللا مەشھۇرلار نىمىش قىلىۋاتىدۇ ... ئۆز خەلىقىنىڭ كۇتكەن يىرىدىن ئارزۇ ئارمانلىرىدىن چىقىش قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ .. ئۆزخەلىقىگە زۇرۇر نەتىجىلەرنى بېرىۋاتامدۇ ... ؟ .. بۇ ھەممىگە ئايان .. كۇپۇنچىسى يۇمشاق يەرنى كولاۋاتىدۇ .. قاتتىقراق يەرگە ئۇدۇل كىلىپ قالسا ئۇزىنى قاچۇرىدۇ ياكى ئەپلەپ سەپلەپ ئەگىپ ئۇتۇپ كىتىدۇ .. ئۇزىنىڭ ئاجىز قىلمىشلىرىنى باشقىلارغا ھەقىقەت دەپ تۇنۇشتۇرىشىدۇ .. خەلىقىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى ئاشۇنداق مەسۇليەتسىز ئاتالمىش مولىلار زىيالى مەشھۇرلار ئوزلىرى خالىغان تەرەپكە
بۇراپ كىلىۋاتىدۇ ...تورداشلار كورگەنسىلەربەلىكىم يىقىندا خوتەندە ئوتكۇزۇلگەن لىكسىيىلەرنىڭ رەسىملىرى تورلادا چاپلىنىپ تۇرۇپتۇ ... رەسىمدىكى ئۇلارنىڭ ھالىتى سەھنىگە ئۇستەل قۇرىۋېلىپ بەش ئالتىسى قاتار ئولتۇرىۋېلىپ چىرايىنى تۇرۇپ توۋەندىكى پۇخرالارغا بىر نىملەرنى دەپ سۆزلەۋاتقان كورۇنىشىدىن بۇلارنىڭ ئوزخەلىقىگە ئىلمى لىكسىيە ئەمەس پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى سوزلەۋاتقان ھوقوقدارلاردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن ئادەمگە ... چەتەلدە ئەلباشى بولسۇن ياكى بىرەر زىيالى بولسۇن خەلىقىگە بۇنداق لىكسىيىنى ئادەتتە قارشى تەرەپنى ھورمەتلىگەن ئاساستا ئورە تۇرۇپ سوزلەيدۇ... لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردە بىزگە بۇ لىكسىيە ئەمەس دولەتنىڭ سىياسىتىنى سوزلەۋەتقەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن...

باھا سۆز

kundabir  قوشۇلىمەن، ئوباما مۇ ئۈرە تۇرۇپ سۈزلەيدىغۇ،،،،، تىلۋۇزۇر كۆرمىگەنمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

597

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2078
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 141
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىزدىن ئاغرىنىشلىرىمىز ئۆزىمىزدىكى چوڭ بىر كەمچىلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتىدۇ،بىز نىمىدەپ مەسئۇليەتنى ئۇلارغا ئارتىپ قويىمىز؟نىمىشقا ئۆزىمىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالمايمىز؟بۇ يالغۇز ئۇلارنىڭلا مەسئۇليىتىمىدى؟خوش .ئۇلار مەسئۇل بولۇپ ئوتتۇرغا چىقسۇن دەيلى، كىيىن ئۇلارغا بىرەر پىشكەللىك كەلسە ،ئۇنىڭ نىمە گۇناھى بار ئىدى؟- دەپ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردىن سۈرۈشتۈرەلەمدۇق؟ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى باقالامدۇق؟؟؟؟؟؟؟
    ياق !بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق،ھەم قىلالمايمىز،!  دىمەك كۆپچىلىك گۆلەننىڭ دىگىنى توغرا،بىز ئۇلاردىن رەنجىمەيلى.بەلكى ئۆزىمىزدىن رەنجىسەك توغرا بولىدۇ.چۈنكى ھەق سۈبھانە ۋە تائاللا ھەر بىر ئەرگە ئۆزىنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرىغا ،قەۋمىگە يۈرتىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى تاپشۇرغان ئىدى. كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى،ئاللا تاپشۇرغان بۇ ئامانەتنى بىز نىمىدەپ شۇ بىر نەچچە مەشھۇرلىرىمىزغا ئارتىپ قويىمىز؟ھازىر مەسئۇليەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويغىنىمىز بىلەن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئارتىپ قويالمايمىز.باشقىلار مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمىسا .چۈنكى بۇنىڭغا ئارلىشالمايمىز ،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشساق،ئاللاھنىڭ ئالدىدا قارا يۈز بولمايمىز.

باھا سۆز

sutapanqisi  بولىدۇ، بىز ئۇلارغا قالقان بوپ بىرەيلى؛ لىكىن ‹‹ يوۋكوڭ ›› تىزگىنەك بوپ قالمايلى !  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

756

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17178
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ تىمىڭىزنڭ ئوقۇسام  شۇنچە زۇقلىنىپ كىتىمەن . يۇرەكتىكى گەپنىلا قىلىسىز
ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5464
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئەپەندى : سىزنىڭ يالغۇز بۇ ئەسىرىڭىزلا  ئەمەس ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرىمەن. شۇنداقلا دەۋرنىڭ سىز دىگەندەك داشقايناقلىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ ئەتراپىمغا قاراپ قاتتىق چۆچۈيمەن. مەشھۇرلۇق بىر نام ئاتاق. ئەمما مەسئۇلىيەت ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئىنسانىي پەزىلەت. ئىنساندا مەسئۇلىيەت بولمىسا ، يۈكسەك پەزىلەت بولمىسا مەشھۇرلۇق پەقەت مەلۇم بىر توپنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدىكى ، مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئاددىي باھاسى خالاس. مېنىڭچە مەشھۇرلاردىن ئۈمۈد كۈتۈشنىڭ ئۆزىلا توغرا يول ئەمەس. مەسىلە ھەممە ئادەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ خەلىققە ياخشىلىق قىلىش شۇ ئاساستا ئۆز مەنپەتىنى كاپالەتلە ئىگگ قىلىش يولىنى تۇتۇشتا. مەشھۇرلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بولۇشى مۈمكىن. ئۇلاردىن رەنجىشنىڭ ئورنى يوق. تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئىشىنىمەنكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشلار پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

باھا سۆز

kundabir  بۇ قىتىم توغرا نىشانغا ئالالمىدىڭىز،،،  يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئـەلـقـۇچــار

2

تېما

0

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13371
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن قېرىندىشىم، ئاللاھ  ئىگەم تېنىڭىزنى تېخىمۇ سالامەت، تەپەككۇرىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە، باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭىزنى تېخىمۇ خەيرىلىك قىلغاي!
مەزكۇر تېمىڭىزنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ساق- سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزدىن سۆيۈنسەم، يەنە بىر تەرەپتىن «ئانا تىل يەسلىسى» قۇرۇش توغرسىدىكى تېمىغا مەركەزلىشىپ قالغان مەشھۇرلىرىمىزدىن ئاغرىنىش خۇسۇسىدىكى پىكىر- ئىنكاسلارغا بەرگەن جاۋابلىرىڭىزدىن زور تەسەللىي تاپتىم. رەھمەت سىزگە!
توغرا، مەشھۇرلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەشھۇرلۇقى بىلەن بىرەر ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ياكى مەلۇم تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىلىم، تالانتى بىلەن بەلگىلىك نەتىجە قازىنىپ، ئاۋامنىڭ قەلب تۆرىدىن مەشھۇرلۇق سالاھىيتىدە ئورۇن ئالغان. ۋاھالەنكى، جانىجان مەنپەئەتىمىزگە بېرىپ تاقىلىدىغان بۇنداق زىل ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئالدىدىكى رولى بىزلەردەك ئاددىي پۇقرالار بىلەن تامامەن ئوخشاش. لېكىن، خۇددى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى باشقا بىر تائىپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن جىسمانىي ھوقۇقى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچىراپ، نارازىلىق كەيپىياتى ئىچىدە قۇتراۋاتقان بىر كىشىگە شۇجايدىكى داڭلىق موللا- ئۆلىمالارنى خىزمەت ئىشلەشكە دەۋەت قىلغانغا ئوخشاش، گېزى كەلگەندە ھۆكۈمەت چوقۇم ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىدۇ. بۇ مەشھۇرلىرىمىزمۇ بەلىكىم ئىسلام شەرىئەتلىرىدىكى پانىي ئالەمدە گۇناھ  ئۆتكۈزگەن ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ باقىي ئالەمگە بارغاندا ياراتقان ئىگىسى ئالدىدا قارا تۇرۈكلەردىن بەكرەك سوئال- سوراققا قالىدىغانلىقىدەك تەپسىلاتلارنى بىلىپ يىتىپ، ئۇنى بۇ ئالەمگە تەدبىقلاپ ياشاۋاتىدىغاندۇ. شۇڭا ئۇلارنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويماي تۇرايلى. ئاددىيسى، راھىبلارمۇ ئۆز ئىبادەتخانىسىنىڭ دېڭىنى چالىدۇ- ئەمەسمۇ؟

باھا سۆز

baxbuh  قايىل قىلارلىق ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

5

تېما

0

دوست

1402

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7033
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلاردىن مەيۇسلىنشكە ھەقمىز يوق، ئەمما ئاشۇ مەشھۇرلار مىللتمىزنىڭ مەشھۇرلىرى ، مىللتىمز ئۇچۇن ئادىل ھەققى  گەپ قىلشنى ، مىللىتمىز ئۇچۇن دۇچ كىلۋاتقان كىرزسلارنى تۇنۇپ يىتشنى ،
ئىنسانى غۇرۇرى بىلەن مىللىتىمز ئۇچۇن ھەققى ئىش قىلشنى ئۇمىت قىلمەن .  

5

تېما

11

دوست

3310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maxal20 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 21:52
مەن گۈلەندىن يەنە بىر قېتىم ئۈمىدسىزلەندىم. ئەلكۈيىدى ...

چۈشەنمەي، بىلمەي گەپ قىلغان بولسىڭىز دەپ بېرەي. مەن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك زىيالىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇلارنىڭ ئانا تىل كىرزىسى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاش مەقسىدىدە ئۈرۈمچىگە چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرگە ئۈرۈمچىگە چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۇچۇر ئارقىلىق بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەردىن مەلۇمات بەرگەن. ئەمما مەن بارغان كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەن. ئۇلار تورغا تولىمۇ سەلبىي تونۇشتا ئىكەن. ئۇيغۇر تىلىغا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان نەشىرىيات ئورگىنىدا ئىشلەۋاتقان بىر قانچە ئۇستازنىڭ بۇ مۇنازىرىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. بىر نەشرىياتتىكى بىر ھۆرمەتلىك ئۇستازغا بۇ ئىشنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرسەم ئاخىرىدا ماڭا تاپىلىغىنى ساياھەت خاتىرەمنىڭ تولۇق نۇسقىسىنى بېسىپ چىقىرىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلاش بولدى. چۈنكى ئۇ كىشى كىتابچىلىق بىلەن مەشغۇل ئىكەن. بەلكىم ئۇستازىمىزنىڭ توغرىدۇر، ھەممىمىز خىزمىتىمىزنى شۇنداق سۆيۈشىمىز كېرەكتۇر بەلكىم. بىر زىيالى ئاكىمىز ھەتتا «سىلەر بوران چىقارماقچى، داڭلىق بولماقچى، مەكتەپ ئاچماقچى ئەمەس» دېدى. يەنە بىر ئاكىمىز «سىلەر ئاسمانغا كۆپۈك پۈۋلەپ ئويناۋاتىسىلەر» دېدى.
يەنە شۇنى دەي، مۇئاشسىز زىيالىلار، پىداكار ئوقۇتقۇچىلار، ياش تىجارەتىچلەر ۋە ياشلارنىڭ قوللىشى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن مېنى شۇ مۇئاشسىز زىيالى دوستلۇرۇم تېلىفون قىلىپ تەبرىكلىدى.
بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر مۇئەللىم بىلەن ئىكى قېتىم كۆرۈشتۈم. مۇئەللىم خەۋەرسىز ئىكەندۇق. ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئارسلان ئابدۇللاھ ۋە ئازات سۇلتان بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى، ۋە بىر ئىلتىماس يېزىپ كەلسەم ئارىسلان مۇئەللىم ئارقىلىق نۇر بەكرىگە كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىكىنچى قېتىم دىيالوگ باغاق تارقىتىش جەريانىدا بولدى. مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمىدىن خەۋەردار بولدۇڭلار بەلكىم.
مەن سېپىمزىنىڭ زورىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما تەدبىر، قارار خۇسۇسىي بولغىنى ياخشى. چۈنكى بالا سىزنىڭ بالىڭىز. تىل سىزنىڭ تىلىڭىز، ئىمان سىزنىڭ ئىمانىڭىز، غۇرۇر سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز. مەن سانىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن پەخىرلىنىمەن ئەمما غەلىبىدە بۇنى ئالدىنقى شەرت دەپ قارىمايمەن. مەن شەخسنىڭ ئويغۇنىشىنى، ئىنسانلىق غۇرۇرنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى، شەخسىي پىداكارلىقنى ئىشلىرىمىزنىڭ غەلىبىسىگە كاپالەت دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

sutapanqisi  تۈۋەندىكى مۇزدالا؛ ھەي بىچارە بايقۇش،،،، ياشكەن تېخى،،،  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
muzdala  ئۇلار گەپلىرىڭىزنى ئۆز خىزمىتىگە پايدىلىق يوسۇندا چۈشىنىپ بولۇشىغا ئويۇن قويىدۇ. خاتالىق داۋاملىشىدۇ...  يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا
muzdala  ئارىغا ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىشقا تەييارلا تۇرىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ.  يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

5

تېما

11

دوست

3310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulenmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 23:46  

5

تېما

11

دوست

3310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulenmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 23:47  

5

تېما

11

دوست

3310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulenmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 23:48  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-24 21:53 , Processed in 0.061830 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش