- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7108
- نادىر
- 0
- يازما
- 524
ئۆسۈش
42.16%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 00:47
داڭلىقلار نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟!
ئۇلارنى مۇئاشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئىسكەنجە قاماللاپ تۇرىدۇ!
خۇلاسە:ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلىمەن،ھەقىقەتنى ياقلايمەن دىگەن كىشى ئىقتىسادىي قاراملىقتىن قۇتۇلۇش كىرەك!ھەرقانداق يۇسۇندا ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالماسلىقى كىرەك!
داڭلىقلار نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟!
كونا ئىدىيىنىڭ چوماقچىسى!ئۇلارنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرىدىن قالغان روھىي قىسىلچىلىق،ھەقتىن قورقۇش پىسخىكىسى چىرماپ ئالغان!ھۆكىمەتتىن ئىبارەت چىقىلغىلى بولمايدىغان مەبۇد شەكلى ئاتا مىراس قورقۇش،تۈگۈلۈش قاتماللىقىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان!
خۇلاسە :ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلىمەن!ھەقنى ياقلايمەن دىگەن كىشى!ھەرخىل قاتمال ئىدىيىلەردىن يىراق تۇرىشى كەلگۈسىگە ئۆمۈتۋار بولىشى ماقالىلىرىدا خەقنى يىتەكلەيدىغان قىيىن ئىش يوق ئادەمگە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە دىگەن ئىبارىنى ئۆز مىڭىسىگە تەدبىقلىشى كىرەك!
داڭلىقلار نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟!
بۇلار كۈچلۈك سىياسىي گەۋدىنىڭ كونتۇرۇللىغىدىكى شاھمەت تاختىسى!سىياسىينى سەن بىلسەڭ سەن سىياسىينى ئوينىتىسەن!سىياسىي سىنى بىلىسە سىنى سىياسىي ئوينىتىدۇ!دىمەك قانۇن -سىياسىي بىلىملەرگە پۇختا بولماي سىياسىينىڭ كونتۇرۇللىغىدىن قۇتۇلۇش مومكىن ئەمەس!سىياسىيگە پۇختا بولمىسا سىياسىينىڭ كونتۇرۇللىغىدىن قۇتۇلالمىغان تەغدىردىمۇ سىياسىينىڭ قۇلى ھالەتكە،سىياسىينىڭ پىچكىسى ھالەتكە چۇشۇپ قالىدۇ!ئىلھام توختى سىياسىينىڭ قولىدا بولسىمۇ قۇلى بولمىغان تىپىك شەخىس!
مۇنا مۇشۇنداق سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىدولوگىيە جەھەتتە بويۇنتۇرۇقتا تۇرىۋاتقان ئاتالمىش(مەشھۇر)لىرىمىز!بىزنى بوران چىقارماقچى دىسە خاپا بولمايمەن!چۈنكى ئۇلار راس بوران چىقارماقچى،داڭ چىقارماقچى!ئەلۋەتتە بۇ تۈگۈلگەندىن مىڭ ياخشى!
داڭ چىقىرىش،بوران چىقىرىش يامان ئىش ئەمەس!يامان يىرى شۇنۇڭغا ئىرىشىدىغان ۋاستىدە!مانا ئانا تىل مەسىلىسىنىلا مىسالغا ئالساق گۈلەن قانۇن يولى قاتارلىقلار ۋە شۇ تەرەپپازدىكىلەر بوران چىقاردى!!قانداق چىقاردى؟مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە،گىلادىياتۇرلارچە،دانكۇچە داڭ چىقاردى؟
ئالدىرماڭلار سىلەرمۇ داڭ چىقاردىڭلار !مەرىتنى مەيداندا سىنا دىگەن مەنتىقە بويىچە تۇگۈلۋىلىش،قورقۇش،زاڭلىق قىلىش يولى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە شاپتۇل موللىچە،ئاپپاق غوجىچە،يىۋگىنى گىراندىچە،....يەنە شۇ بويىچە تۈمەنلىگەن تەڭتۇشۇڭلار بويىچە داڭ چىقاردىڭلار!
«بوران چىقىرىش»،«داڭ چىقىرىش» يولى بىلەن ئىىنسانىيەت بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۇرۇلدى!«بوران چىقىرىش»،«داڭ چىقىرىش»بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ.چۈنكى دۇنيا «بوران چىقارغۇچى»،«داڭ چىقارغۇچى»بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ يۇقۇرى كۆتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ!
ھەر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق «بوران چىقارغۇچى»،«داڭ چىقارغۇچى»لىرى بولىدۇ!شۇ دەۋىرگە مۇناسىپ كەلمىگەن «بوران چىقارغۇچى»،«داڭ چىقارغۇچى»لار تەرەققىياتنى چەكلەپ ماڭىدۇ!ئۇنداقتا بۇگۈنكى ئۇيغۇرغا قانداق «بوران چىقارغۇچى»،«داڭ چىقارغۇچى»لار كىرەك؟
بۈگۈنكى ئۇيغۇرغا دانكۇ ھاياتىنى ئۆز غايىسىگە تەدبىقلايدىغان،رىئال مەسىلىلەرگە يىتىپ تۇرۇپ ئەمەس،ئەمەلىي ھەركەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرالايدىغان،تىلىڭنى ئەكەل دىسە مە دەپ تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ئەمەس نىمىنى دەپ ئۈستەلنى مۇشتلاپ قوپالايدىغان،مۆرىتى كەلگەندە جىنىنىمۇ قۇربان قىلالايدىغان «بوران چىقارغۇچى»،«داڭ چىقارغۇچى»لار كىرەك!
|
|