قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: gulenmen

گۈلەن: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

12

دوست

3316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 629
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ياشاۋاتقان موھىتتا ئىشنى ئاممىۋىي ھەرىكەت بىلەن ھەل قىلىمەن دېيىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭدا قانۇننىڭ ئىجازىتى بولۇشى كېرەك. يەنە بىرى كىشىلەر ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرگە تەشكىللىنىشتە ساغلام شارائىتقا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەس.

5

تېما

12

دوست

3316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 629
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭ قايسى دىنغا ئىشىنىشى، بالىلىرىنى قايسى مەكتەپكە بېرىشى، قانداق كىيىنىشى، قايسى تىلدا سۆزلىشى، پەرزەنتلىرىگە قانداق ئەنئەنىنى سىڭدۈرىشى ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى. بۇ مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، لېكىن ھىچ كىمنىڭ كىشىلەرگە بۇ ھوقۇقلارنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتى ۋە سورۇنى يوق.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

570

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16176
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kundabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 01:57  

بۇ تىما گۈلەن ئەپەندىنىڭ كەڭ قوساقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بىراق مەن ئۇنچە كەڭ قوساق بولالمايدىكەنمەن. كەچۈرۈڭلار دەردىمنى تۆكىۋالاي،  بەلكىم ئازراق يەڭگىللەپ قالارمەن.

كۆز ئالدىمىزدىكى  تەخىرسىز مەسىلىلەرنى جاپا مۇشەققەتتىن قورىقماي ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ھەل قىلىۋاتقان گۈلەن ئەپەندى بىلەن قانۇنى يول قىرىندىشىمىزغا نەزەر سىلىپ باقايلى،نەچچە مىڭلىغان تورداشلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىختىزادى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بانكا ھىساپ نۇمىرىنى سورىغاندا ئۇلار چىرايلىقچە رەت قىلدى. مانا بۇلار ئاللا رىزاسى ئۈچۈن خالىس ئىش قىلىۋاتقان ھەقىقىي زىيالىلىرىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئەجەبا ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقما؟ ئۇلار پۇلغا ئىھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ تىخى يىقىندا خوتەندە زور ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۈي ماكانسىز قالدى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقمۇ؟
دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىتىزىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشارغا سىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يۇقمۇ؟
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ‹ ئىشەك ئۆلسە قوڭى غەجەك تارتىپتۇ دىگەندەك › بۇ كاتتا جەمىيەت شۇناس ئەرباپلىرىمىز << مۇھەممەد سالىھ دامۇللام بۇنىڭ سىرتىدا>>
1200 يۇەندىن بىلەت سىتىپ مەدداھلىق قىلماقچى بولىشىۋاتىدۇ. قىنى ئەركەكلەر سىلە؟  قىنى مىللەتنىڭ تۈرىكى بولغان زىيالىلار سىلەر؟ قىنى بىز نەچچە يىللاردىن بىرى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان ئۇستازلار؟  ئۆزۈڭلارنى ،‹‹ئاتالمىش قوشتىل يەسلىسىدە قىينىلىۋاتقان بىچارە بالىلىرىڭلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ياكى ئۈيىسىگە ئوت كىتىپ ماكانسىز، چارىسىز قالغان قىرىنداشلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ۋەياكى ئايىقى ئۈزۈلمەس ھاشارنىڭ دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن ئاتا بوۋاڭلارنىڭ ››  ئورنىغا قۇيۇپ ۋىژدانىڭلار بىلەن جاۋاپ بىرىڭلار؟ ئائىلە باشقۇرۇش تىمىسىدىكى لىكسىيە نى سۈزلىگەنگە ھاشار تۈگەپ قالامدۇ؟ ئوتتا كۈيۈپ كۈل بولغان ئختىزاتى زىيان ،دەرىت-ھەسرەتلەر ئورنىغا كەپ قالامدۇ؟نا تونۇش تىلنى بىلمەي قىينىلىۋاتقان ،ئاتا ئانىسىنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشكە نەقەدەر تەشنا بولىۋاتقان ئەشۇ سەبى بالىلىرىڭلارغا بىردىنلا تىل چىقىپ قالارمۇ؟
ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى توغرا يولدا ئىشلىتەيلى قىرىنداشلار، رىئاللىققا يۈزلىنەيلى. ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز ئالدىمايلى. ‹‹ئوۋچىنىڭ ئالدىدىكى نادان كىيىكتەك ›› نەپسىمىزگە بىرىلىپ ئۆزىمىزنى ھەم گۈدەك پەرزەنىتلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلىمايلى .كۆز ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەت بىر مەخسەتتە بىرلىكتە ھەلقىلىشقا تىرىشايلى.
كەڭ تورداشلارنىڭ، شەكلى ئۆزگەرگەن پىسخىكا ئوغورلىرىدىن پەخەس بولىشى ئۈچۈن ئەسكەرتىلدى،، ،
پەرۋاز

5

تېما

12

دوست

3316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 629
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  «مىللەتنىڭ ئويغۇنىشى»نى، ۋەكىل زىيالىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقىپ كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن ھەق تەرەپتە سۆز قىلىشلىرىنى كۈتۈشى مىكىياندىن سۈت تاما قىلغاندەكلا ئىش. شۇڭا ئاممىۋىي ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى، دانالارنىڭ يول باشلىشىنى كۈتكەندىن ھەققە يېتەكلەيدىغان، ھەق رىزاسىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان خۇسۇسى ھەرىكەتنى ئەۋزەل بىلگەن ياخشى. مەسىلىمىز مىللەت مەسىلىسى ئەمەس، ھەر بىرىمزىنىڭ پەرزەنتى مەسىلىسى. شۇڭا ھەممىمىز ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا ئاقىل تەدبىرگە ئۆز ئالدىمىزغا ئاتلانساق چوقۇم بىر نىشانغا قاراپ يولغا چىققان سەپەرچىلەردەك بىر بولسا يېرىم يولدا يەنە ب ىر بولسا مەنزىلدە ئۇچرىشىمىز.

باھا سۆز

ئالۋۇن  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 14:07
بانكىر  3 كىشىنىڭ ئىشى بىلەن گىپى 1 يەردىن چىقسا، كوللىكتىپ بولمامدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 13:26
BADBOY  ياخشى پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 03:58
kundabir  ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزەڭ مەدەتكار بولغايسەن. پەرزەنىتلىرىمنى ئاتا بوۋىمىزنىڭ ئىزىدىن مىڭىشقا نىسىپ قىلغاي  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:03

0

تېما

0

دوست

162

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16990
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بەردىڭىز. مەشھۇرلاردىن قارىغۇلارچە قاخشاۋاتقانلار، ئۇلارنى قەستەن باشقىلارغا سەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلار بىر بولسا ۋەكىللەرگە ئەگىشىپلا ئىش قىلىپ كۆنۈپ قالغان ھاياجان بالىلار، ياكى ئاۋامنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش قەستىدە پۇرسەت كۈتۈپلا تۇرىدىغان بىچارە ھەقلىق ئىنكاسچىلار.
مۇشۇنداق شارائىتتا شۇنچە نۇرغۇن كىشىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەمسۆھبەت بولماقچى بولىۋاتقانلىقىدىن خوشال بولساق بولىدۇ. ئۇلارمۇ قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، بۇنچە كۆپ ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ خىل ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا نىسبەتەن بۇ باھا قىممەت ھېسابلانمايدۇ. ئويلاپ قالدىم، ئەگەر ھەقسىز قىلىپ بەرگەن بولسا يەنە قانداق ئىنكاسلار چۈشەر بولغىيتتى، دەپ.

5

تېما

12

دوست

3316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 629
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulenmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 02:02  

مېنىڭ «ئىنسانلىققا ئىجازەت» دېگەن يازمامدا دېمەكچى بولغۇنۇممۇ شۇ. مىللەت ئۈچۈن دېگەن چوڭ گەپنى قويۇپ بالامنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇشى، ئانامنىڭ ياغلىقى ئۈچۈن، دادامنىڭ ساقىلى ئۈچۈن، مومامنىڭ ھەلتىيىكى ئۈچۈن، قىزىمنىڭ خالىغانچە ئورۇنىشى ئۈچۈن...دېگەندەك كونكىرىت ھەق ھوقۇقلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقالىساق. ھىچ كىمدىن ۋەكىل بولۇشنى تاما قىلماي ئۆزىمىزلا ۋەكىل بولۇپ چىقساق. ھۆكۈمەتنىڭ قوغۇدىشىنى ياخىشىلاپ بېرىشىنى ساقلىماي بالىمىز ئۈچۈنمۇ بولسا ئۆزىمىز قوغۇدىساق. ئۆز قىزىنىڭ ياغلىقىغا ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇر مىللەتنىڭ نومۇسىغا، مىللەتنىڭ ئىناۋىتىگە تاقىشىدىغان مەسىلىدە كۆكرەك كېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقىنى مۇرەسسەسىز قوغۇدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغۇدىغانغا باراۋەر.

باھا سۆز

orkex  ھەق گەپ قىپسىز .  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 17:43
ئالۋۇن  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 14:07

1

تېما

0

دوست

342

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10548
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 75
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gunahkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 02:12  

ئەگەر مەزكور تېما سەۋەپلىك  گۈلەن ئەپەندىنى كىشىنىڭ (مەشھورلىرىمىزنىڭ ) شەخسىيىتى بىلەن ئېچىشتى دەپ خاتا قاراشتا بولغانلار بولسا گۈلەن ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى ئابزاسىنى قايتا قايتا ئوقۇپ بېقىڭلار!
‹‹‹مەن سېپىمزىنىڭ زورىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما تەدبىر، قارار خۇسۇسىي بولغىنى ياخشى. چۈنكى بالا سىزنىڭ بالىڭىز. تىل سىزنىڭ تىلىڭىز، ئىمان سىزنىڭ ئىمانىڭىز، غۇرۇر سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز. مەن سانىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن پەخىرلىنىمەن ئەمما غەلىبىدە بۇنى ئالدىنقى شەرت دەپ قارىمايمەن. مەن شەخسنىڭ ئويغۇنىشىنى، ئىنسانلىق غۇرۇرنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى، شەخسىي پىداكارلىقنى ئىشلىرىمىزنىڭ غەلىبىسىگە كاپالەت دەپ قارايمەن.›››

دېمەكچى    سىلەر ياشىساڭلار مەشھورلىرىڭلار ئۈچۈن ياشىمايسىلەر ! پەقەت مەشھورلىرىڭلارنىڭ تىلىلا خىرىسقا دۇچ كەلمەيۋاتىدۇ ،پەقەت مەشھورلىرىڭلارنىڭ غورورىلا دەپسەندە قىلىنمايۋاتىدۇ ! سىلەرنىڭ بالاڭلار ئانا تىل مەكتەپلىرى خاتىرجەم ئوقۇپ مەشھورلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىلا ‹‹قوش تىل›› دا ئوقىۋاتمايدۇ ؟ چەتكە قېقىلغان ئانا تىل سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز ،زۇۋانى تۇتۇلغان بالا سىزنىڭ بالىڭىز ، دەپسەندا قىلىنغان غورۇر سىزنىڭ غورۇرىڭىز ، ئۇنداق بولغاندىكىن باشقىلارنى قالقان بولۇپ بەر دېمەي ئۆزىڭىز مەردانا ماڭمامسىز،بىرسى سىزگە بۇ ئىشىڭغا زىيالىلار باش بولماپتۇ ، زىيالىلار باش بولمىسا ئېچىلمىغان يەسلىرىڭ ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتمەيدۇ دېمىگەندىكىن دېمەكچى بولغاندەك قىلغاندەك قىلدى ئەينا!

5

تېما

12

دوست

3316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 629
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:15:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتكە مەن تەكلىپ قىلىنمىدىم، ھەم بارمىغان بولاتتىم چۈنكى قولۇمدا يېزىقلىق ئىلمىي ماقالە يوق. توردا ئېلان قىلىغان يازمىلار ئەدەبىياتنىڭ نەسىرىي ئەسەرلەر تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇلارنى ئىلمىي ماقالە دەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ. تەتقىقات دېگەن بەك تەرس، بىلكۈچ ئورۇنلاشتۇرغان  ۋاقىتتا مەن ھازىرلىقمنى تۈگىتەلمەيمەن.
يەنە مۇنداق قارىدىم. بۇرۇن شۇنداق ئىش بار ئېدى. ئون يىگىرمە ئۇيغۇر گالىستوك بىر يەرگە يىغىلىپ مەجلىس قىلىشسا دائىم بىر خىللا كىشىلەر باراتتى، مۇھاكىمە قىلاتتى..
خۇددى ئۇلار مۇشۇ كەسىپنىڭ نەۋەر چەۋرىلىرىدەك، مۇتەخەسىسىدەك. ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى پەرقلىق كەسىپلەر بىلەن مەشغۇل كىشىلەرنى مەجبۇرى بىر تېمىغا يىغقاندىن مۇشۇ ھەقتە ئىزدەنگەن كىشىلەرنى يىغىپ مۇھاكىمە قىسىلا بولىدۇ. يەنە بىرى

0

تېما

0

دوست

162

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16990
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kundabir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 01:39
بۇ تىما گۈلەن ئەپەندىنىڭ كەڭ قوساقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ...

مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنىڭ زورلاپ بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك قىلىۋالماڭ.
دېھقانلار مەجبۇرىي ھاشارغا سېلىنسا، دېھقانلار ئۆزى قارشىلىق كۆرسەتسە بولىدۇ. بۇ ئاقمىسا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلسا بولىدۇ، بۇ ئىشنى ھەل قىلىش سىز دەۋەتقان مەشھۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۇلار مائارىپچىلار، ئوقۇتغۇچىلار، يازغۇچىلار، ئۆلىمالار. تەدبىر بەلگىلىگۈچى ياكى شۇنىڭغا بىۋاستە تەسىر كۆسەتكۈچى سىياسىي ھوقۇقدارلار ئەمەس.
خوتەندە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، قېرىنداشلىرىمىزغا جىق زىيان بولدى. زىياننى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. بۇنى خوتەندىكىلەر ئۆزلىرى تۆلىتىپ ئالالايدۇ، خوتەن خەلقى تېخى بنچىلىك ئىشنى ئۆزلىرى قىلالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغىنى يوق. لازىم بولغاندا، جامائەت ئارىسىدا ياردەم توپلاپمۇ بۇ ئىشنى ئۆزلىرى لايىقىدا ھەل قىلالايدۇ. بۇ ئىشنىمۇ مەشھۇرلىرىمىز ئارتىپ قويۇشتىن ئۇيۇلايلى! ھۆكۈمەت لايىقىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، بېرىپ ھۆكۈمەتنى ئىزدەيلى، شۇلار ھەل قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شارائىتىغا نىسبەتەن بۇنچە كۆپ ئىلىم ئىگىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئىلمىي سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، سوۋغات تەييارلاپ، ئوپچە داستىخان سېلىپ، يەنە ئىلمىي ماقالىلەرنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ، سۆھبەت جەريانىنى فىلىمگە ئېلىپ تارقىتىشلارغا 1200 سوم كىرىش بېلىتى ئالسا ئازراقمۇ قىممەت ئەمەس! ئۈرۈمچىدە چوڭراق سەنئەت كېچلىكلىرى قانچە پۇلدىن قويۇلىۋاتىدۇ؟ ئالدى 300-400 سوم! تېخى، ئاشۇ سەھنىدە ناخشا توۋلاۋاتقانلارغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز سوم خەجلەپ گۈل ئالىسىز، كېچىلىكنىڭ ۋاقتى ئارانلا2-3 سائەت.
بۇلار پۈتۈن بىر كۈن ئىلىمىي سۆھبەت قىلىدىكەن، قەدرىنى بىلگەنلەر پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي تالىشىپ تۇرۇپ بارىدۇ، ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام مەنمۇ باراتتىم.  
بۇ ئىشنىڭ بىز دەۋاتقان يەسلى قۇرۇش ئىشلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوق، گۈلەنمۇ دېدى، «بۇ شەخسىي ھەرىكەت» دەپ. بۇ قېتىم «ئائىلە تەربىيسى» ھەققىدە سۆھبەت بوپتۇ، ئاللاھ خالسىا كېىينكى قېتىملاردا تېخىمۇ ياخشى تېمىلاردا سۆھبەتلەر بولۇنغۇسى.

باھا سۆز

بانكىر  دىھقاننىڭ غىمى دىھقاننىڭلا غىمى ئەمەس،  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 13:18
lawa0998  ئەمىلى ھەركىتى بولمىغان سۆز شۇئاردۇر.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:38
kundabir  كىرىچنى تارتىپ نىشاننى قارىغا ئالغاندا، يەتتە ئەزانىڭ ھەممىسى مۇئەييەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:41

0

تېما

0

دوست

162

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16990
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن:
خۇددى ئۇلار مۇشۇ كەسىپنىڭ نەۋەر چەۋرىلىرىدەك، مۇتەخەسىسىدەك. ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى پەرقلىق كەسىپلەر بىلەن مەشغۇل كىشىلەرنى مەجبۇرى بىر تېمىغا يىغقاندىن مۇشۇ ھەقتە ئىزدەنگەن كىشىلەرنى يىغىپ مۇھاكىمە قىسىلا بولىدۇ.
-----------
بۇ ياخشى پىكىركەن، بىلكۈچتىكىلەر كېىينكى سانلىق ئىلمىي سۆھبەتلىرىدە مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا بولغۇدەك. بۇنىڭدا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەممۇ ئاز، سۆزلەيدىغانلار كۆپ، سۆھبەت مەزمۇنىنىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
يۇرتىمىزدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كەملىكى تۈپەيلى، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشتىن تېخى يىراق. سىزدەك جاھان كۆرگەن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىشىمۇ تەدرىجىي سىز دەۋاتقان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققي قىلغۇسى.  

باھا سۆز

lawa0998  ھەركەتكە ئايلىنىالمىغان تەشەببۇس-سەپسەتىدىن ئىبارەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:41
kundabir  ئاۋال ماڭا جاۋاپ بىرىۋىتىپ ئاندىن، گۈلەن ئەپەندى بىلەن مۇشائىرە قىلىشسىڭىز بولاتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:46
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-25 07:07 , Processed in 0.065353 second(s), 13 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش