- تىزىملاتقان
- 2012-9-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2342
- نادىر
- 0
- يازما
- 172
ئۆسۈش
24.06%
|
_ دۇنيادا شاھ ئوردىسىدەك سىرلىق ئورۇن بولمىسا كېرەك،_دەپ پىكىر قىلاتىتى ئىشىكى ئۈستىدە سۈپۈرگە،_ئۇ يەردە ھەر كۈنى ،ھەر سائەتتە ئاجايىپ ئويۇنلار ئوينىىلىپ ،قىززىق ئىشلارسادىر بولۇپ تۇرىدۇ. كىيىن تارىخچىلار بۇ يۈز بەرگەن سىرلىق ئىشلار توغرىسىدا تارىخ پۈتىشىدۇ. لېكىن ،بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما تارىخلارنىڭ قانچىلىكى راست !؟..........بۇنىڭغا بىر نىمە تەس . قانلىق جەڭلەر ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ،غەلبە قىلغۇچىلار ئالدى بىلەنيېزىلغان تارىخلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئۆزىنى بىزەپ كۆرسىتىدىغان سەھىپىلەرنى قالدۇرۇپ ياكى تۇلۇقلاپ يازدۇرۇپ ،جىنايەت ئىزلىرىنىىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈ] تاشلىشىدۇ. تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن تېخى يېزىلمىغان ياكى ئۆچۇرۇلگەن قىسملىرى جىقراق بولىدۇ.
_.............قۇياش شاھىنىڭ ئايغاقچىلىرى ئۆزىگە قوشنا يىراق بىر يەردە باي_باياشاد، شەھەر سىرتىدا سېپىللىرى يوق ،ياكى تۈزۈكرەك بىرەر دەرۋازىسىمۇ يوق ،بايلىق بىلەن تىنىپ كەتكەن بىر شەھەرنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پايتەخىتتىن ئىلگىرى «بىغەملەر شەھىرى»گە بېرىپ سودا قىلغان سودىگەرلەرمۇ تېپىلىپ قالدى. ئۇلارمۇ ئۆز سۆزلىرىدە يىراق تەكلىماكاندا شۇنداق باي، ئادەملىرى بىغەم بىر شەھەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپات قىلىشتى. «قۇياش شاھى »بۇ ئىگىسىز لوق گۆشنى قۇشۇن ئەۋەتىپ يۇتۇۋېلىپ، ئەتراپقا ئۆز سەلتەنىتىنى جەۋلان قىلىش ،تەخت دۈشمەنلىرىگە ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش قارارىغا كەلدى. كېڭىشىش ئۋۈن ئوردا يىغىلىشى چاقىردى .
شاھ تېخى ئوردا يىغىلىشىغا كىرمىگەن بولۇپ، ئەمەلدارلار بۇ قېتىمقى پەۋقۇلاددە يىغىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماقتا ئىدى.
_...ئۇرۇش قىلغۇدەكمىز ئۇرۇش،!_دېدى كۆز خالتىلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بىر ۋەزىر يېنىدىكى ئەمەلدارغا شىۋىرلاپ، _يەنە نىمە ئۇرۇش! _ئوردا ئەمدى تىنچىغانىدىغۇ؟
_يىراقتا ناھايىتىمۇ باي بىر ئەل بارمىش ، بىز ئۇنىڭغا قارىشى قۇشۇن تەشكىللىگۈدەكمىز.
_ئۇلار بىز تەرەپكە بېسىپ كېلېۋېتىپتىمۇ ياكى بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بارغۇدەكمىزمۇ؟
_ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارغۇدەكمىز!............
شالاڭ ساقال سەل گالۋاڭراق تۈزلا كەتكەن بىر ئادەم ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ«بىغەملەرشەھىرى»گە قۇشۇن ئەۋەتىش شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشۈنەلمەي ئتراپىغا قارايتتى....
_توۋا تىنىچ ياتقان بىر خەلىقنىڭ ئۈستىگە ھە!.....دەپ غۇدىرايتتى ئۇ ئۆز_ئۆزىگە.
ئەخمەق دېدى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر سەركەردە ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ،_قانداقتۇر بىر ئىگىسىز شەھەرنىڭ گەپلىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرۈپ كېىپ، ھەممىنىڭ ئارامىنى بۇزدۇڭ،يەنە نىمە غوتۇلدايسەن،شاھنىڭ غەزىپىدىن قورقمامسەن!
_ئەمدى دەيمىنا بىز نىمىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قۇشۇن تارتىپ بارغۇدەكمىز؟
_دەستەك دېدىڭما؟_ئۇرۇش دېگەنگە دەستەكنىڭ نىمە لازىمى ؟ ئاڭلاپ تۇر بىز ئاۋال ئۇ يەرنى كۈچ بىلەن بېسىۋالىمىز،ئاندىن ئوردىدىكى نان قېپى قەلەمكەشلەر بۇ توغرىسىدا شۇنداق تارىخلارنى يېزىشقا باشلايدۇ، ھېلىقى سەن كۆرگەن شەھەرنىڭ ئېتى نىمىدا؟
«بىغەملەر شەھىرى».
_ ھە شۇ بىغەملەر شەھىرى دېگىنىڭنىڭ خۇدا تېخى زېمىننى ئاپىرىدە قىلماستىن ئىلگىرىلا بىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى سۆزسىز ئىسپاتلايدۇ. ئۇ چاغدا ئوردىدىكى شائىرلىرىمىزنىڭ شاھىمىزنىڭ كۈچ قۇدرىتى،ئادالەتپەرۋەرلىكى،تاپىنىدا چۈمىلىنىمۇ ئۆلتۈرمەيدىغان رەھىمدىللىكلىرىنى ماختاپيازغان قەسىدىلىرىنىئوقۇپ ھەيران بولۇپ ياقاڭنى تۇتۇسەن. ئۇلارنىڭ تىللىرى شۇنچىلىك شېرىنكى ،ۋاقتى كەلسە پوقنقمۇ ھالۋا قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا شاھ كىرىپ كەلدى .كېڭەش ناھايىتى قىسقىلا بولدى.
شاھنىڭ غەرىزىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈنۈپ بولغان سەركەردىلەر «بىغەملەر شەھىرى»نى قۇشۇن ئەۋەتىپ بېسىۋېلىشنى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇياش شاھىنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ قالدى، قاچىدىغان ۋاقىتتا بىغەملەر شەھىرىنىڭ ئاقساقىلى بىلەن ئۈچ ئوغلىنى گۆرۆگە ئېلىپ قاچتى..
ئۇرۇشتىن كىيىن بىغەملەر شەھىرىدىكىلەر ئاجايىپ بىر سايلام ئۆتكۈزگەن .ئاقكۆڭۈل ساددا شەھەر خەلىقى ھېچقانداق ئەيىبى ، گۇناھى يوق، پەرىشتىدەك پاك بىر كىشىنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولۇپ ئىزدەپ ،ئاخىرى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان بىر بوۋاقنى شاھلىققا كۆرسەتكەن....«بىغەملەر شەھىرى»گە ياۋلار بۆسۈپ كىرگەندە شەھەرنىڭ بوۋاق پادىشاھىنى ئىزدەپ تاپالماي،يۈزلىگەن بوۋاقنىڭ كاللىسىنى ئالغان. كىيىن ئادەملەر بوۋاقلارنىڭ جەسىدىنى يىغىپ مانا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلغان .ئىلگىرى بۇيەر دۆڭمۇ ئەمەس ئىدى.ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ شەھەرنى قۇم باسقانسىرى بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنىمۇ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
ئېھتىمال ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كەتكەندە بۇ يەر «بىغەملەر شەھىرى»نىڭ بەلگىسى بولۇپ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرار ،قېنى شېھىتلارنىڭ روھىغا بىر دۇئا قىلايلى.
جاھانكەزدى سۈپۈرگىگە ئەگىشىپ ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۈتۈردى. بۇ بوۋاي شۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى ئىدى.
يۈرۈڭلار بىغەملەر شەھىرىنىڭ ئورنىنى كۆرۈپ كىلەيلى دېدى بوۋاي ھەمراھلىرىغا.
كۆپچىلىك دۆڭنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتى. ئۇ يەردىمۇ چېكى يوق قۇملۇق سۇزۇلۇپ ياتاتتى. پەقەت ئىلگىركى ئىمارەتلەرنىڭ چوقچىيىپ چىقىپ قالغان تاملىرىدىنلا قەدىمى ، ئاۋات بىر شەھەرنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بۇلاتتى . بىغەملەر شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوچىلىرىدىمۇ قۇملار ئۇچۇپ يۈرەتتى.
_شەھەرنىڭ ئادەملىرى قېنى ؟
_ئەنە ئاۋۇ تەرەپكە قاراڭلار.
يىراقتا بىر توپ ئادەملەر نەغمە _ ناۋا قىلىشماقتا ئىدى.
ئۇلار دەپ چۈشەندۈردى بوۋاي،«بىغەملەر شەھىرى»دە جەڭ بولغان كىچىسى بۇلۇڭ _پۇچقاقلاردا قېپقالغانلار .
كىيىن بۇ ھالسىزلانغان شەھەرنى بۇلاڭ_ تالاڭ قىلغىلى «قۇياش دۆلىتى» دىن مىڭلىغان قەلەندىرلەر،بۇلاڭچىلار ئېقىپ كىردى ۋە ئالىدىغىنىنى ئېلىپ كېتىپ قېلىشتى.
ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى چۆللەردە يۈرۈپ قىن _شاياتۇنلارغا ئايلىنىپ كەتكەنمىش.........................................
_ھەي ئىسىت دېدى يىگىتلەرنىڭ بىرى ،بۈگۈن ياكى ئەتە بۇ يەردە قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇم يالماپ بولىدىغۇ!
_ «بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئاخىرقى ئادەملىرى پەقەت ئاشۇلارلىما؟
_ دېدى يىگىتلەرنىڭ بىرى.
_ يەنە بىزمۇ بار دېدى بىر گۈزەل قىز .
قېنى ماڭا پالتامنى بېرىڭلار!_دەپ قولىنى سۇندى ھېلىقى قىزنىڭ يېنىدىكى يىگىت، بوۋاقلار قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا بىز باشقىدىن بىر يىپيېڭى شەھەر بىنا قىلايلى!
سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ بىغەملەر شەھىرىنى ھېچقانداق شەھەرگە ئوخشىتىشقا بولمايتتى. ئۇنىڭ نە ئەتراپلىرىنى ئوراپ تۇرغان ئېگىز سېپىللىرى، نە ئادەملەرگە دەھشەت سېلىپ تۇرىدىغان پادىشاھلىرى يوق ئىدى. تەكلىماكاننىڭ ئەتراپىدىكى بۇ قەدىمى شەھەرنى ھازىرقى زاماننىڭ ھېچبىر خەرىتىلىرى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ.
بەلكىم ئۇ دەھشەتلىك بۇرانلار تەسىرىدە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغاندۇر ياكى باشقا بىرەر تەبىئى ئاپەت ،ئۇرۇش جاڭجاللىرى سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ يۇقالغاندۇر؛ ئەمما ئۇ بىر زامانلاردا ئۆزىنىڭ ئاۋاتلىقى،ئادەملىرىنىڭ مەرد،خۇشخۇي،مېھماندڭستلىقى بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ سودېگەرلىرىنى جەلىپ قىلغان ئىدى.
ئەپسۇس ، قايتا بەرپا قىلىنغان بۇ شەھەر بەش ئەسىردىن بۇيان ئۇيقۇدا ،كۆپۈنچە ئادەملەر بىغەم ،ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز يۈرىۋاتىدۇ. بۇ شەھەرمۇ ھازىر ھەقىقەتەن «بىغەملەر شەھىرى» نىڭ ئۆزى !.
مەمتىمىن ھۇشۇر ئەپەندىمنىڭ « قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن........................
.
|
|