بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 15:52
"ئاقچى" نامى توغرىسىدا
ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)
ئاقچى(阿合奇) --- قەدىمدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ " سەپەرباي "(尉头国) دەپ ئاتالغان . "خەننامە" (غەربىي يۇرت تەزكىرىسى)دە : سەپەرباينىڭ چاڭئەنگە 8654 چاقىرىم كىلىدىغانلىقى ، نوپوسى 2300 كېشى، جەنۇبىي قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغانلىقى ، غەربى تەرىپى ئۇلۇغچاتقا 1334 چاقىرىم كىلىدىغانلىقى ،ئادەملىرى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى يېزىلغان ( شۇ كىتاپ ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە ،882-بەت )، يەنە بۇ بەگلىكنىڭ بۇگۇنكى "ئاقچى" ئىكەنلىكىنى ئالىم گىرانادنىڭ ئۆز تەتقىقاتىدا مۇقىملاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ ( شۇ كىتاپ، 900-بەت) . ھازىر "ئاقچى" بولسا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپۇتۇنۇم ئوبلاستىغا قارايدىغان ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇن.
ئاق چىغلىق
"ئاقچى" نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە ئېنىق بىر قاراش يوق . يۈۋېيچىڭ ئەپەندى "ئاقچى " نامىىغا تەبىر بېرىپ "ئاق چىغلىق"( 白芨芨草 ) دېگەن مەنىدە دەيدۇ (يۈۋېيچىڭ ، شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 104-بەت) ،ئەممە ئۇنىڭغا پاكىت كۆرسەتمەيدۇ.نىيۇروچېن ئۆزىنىڭ "شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومى بايان" دېگەن ئەسىرىدە، "ئاقچى"نىڭ يەنە قىزغىزچە سۆز بولۇپ "ئاق چىغلىق" دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، 1938-يىلى مەمۇرى رايۇن بولۇپ ، 1944-يىلى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى يازىدۇ ( شۇ كىتاپ ، مەزكىزى مىللەتلەر نەشىرىياتى، خەنزۇچە ، 130-بەت). لىكىن ھازىرغە قەدەر "سەپەرباي"نىڭ قاچانلاردا "ئاقچى" بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.ئۇنىڭدىن باشقا "ئاقچى" نىڭ ئەسلى "ئاقچىن" دىن كەلگەنلىكىنى قۇۋەتلەيدىغانلارمۇ بار.لىكىن نېمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەك تەس.
شۇڭا بۇ نامنىڭ ئېتمولۇگىيىسى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
پايدىلانمىلار :
1-قۇربانجان ئابلىمىت، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن، "شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى" ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە.
2- بەنگو، " خەننامە" ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە.
3-نىيۇروچېن ، "شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومى بايان" ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى نەشىياتى، خەنزۇچە.
|