- تىزىملاتقان
- 2012-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1643
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
4.09%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دولان قېرىندىشىم ھارمىغايسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!
بۇ مۇنازىرىنىڭ خۇلاسىسى گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە ئىكەن. .................
قارايدىغان بولساق 1990- يىللىرىدىن 2000- يىللىرىغىچە زىيالىلار، ئۇقۇتقۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە پۇلدارلار بالىلىرىنى خەن تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بېرەتتى.
2000-يىللاردىن باشلاپ دىھقانلىرىمىزمۇ خەن تىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ بالىلىرىنى بەس-بەستە خەن تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىشتى..............
يىقىنقى يىللاردىن بويان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلەرنى خەن مەكتەپلىرىگە بېرىشى ئەۋەجگە كۆتۈرۈلۈشى، قوش تىل مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن بولدى. ( غۇلجا شەھىرىدە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شەھەرگە قاراشلىق مىللىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچقاندا، ئەڭ ئاۋال ئۇلاردىن بالىلىرىنىڭ قايسى تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ سوراپتىكەن، ھەممە بىردەك : ‹‹ خەن تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ›› دەپ جاۋاپ بېرىشىپتىكەن.)
‹‹ قوش تىل›› مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يەنىلا خەن تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇسىدا بولغان بولسىمۇ، مەكتەپ ئاتا-ئانىلارغا خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق بالىلارنى ‹‹ قوش تىل›› سىنپىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان. |
|