- تىزىملاتقان
- 2013-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1175
- نادىر
- 0
- يازما
- 106
ئۆسۈش
53.57%
|
مەن بەييەنسوڭنىڭ ئىسمىنىڭ نىمە ئۈچۈن خەنزۇچە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ،لىكىن خەنزۇچە ئىسىم فامىلە قوللانغان موڭغۇللارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن ئازتولا خەۋەردار.مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا بىز بىلەن ئىككى موڭغۇل ساۋاقداش بولۇپ بىرگە ئوقۇغان،بۇنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى موڭغۇلچە،بىرسىنىڭ خەنزۇچە ئىدى.موڭغۇلچە ئىسمى بار موڭغۇل ،ئۆز تىلىنى بىلەتتى ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويۇنچە يۈرۈپ،ئۆز ئانا تىلىنى بىلىدىغان موڭغۇللار ئارا ئالاقە قىلىشاتتى.خەنزۇچە ئىسىم فامىلە قوللانغان موڭغۇلنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادىتى خەنزۇلارياكى خەنزۇلىشىپ كەتكەن مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى ھەم شۇنداقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرەتتى.مەن خەنچە ئىسىم فامىلە قوللانغان موڭغۇل(ئىسمى-گېيۈفېي)دىن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىسىم فامىلە قوللانغانلىقىنى سورىسام،ئۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتوۇ شەھرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ موڭغۇل تىلىنى بىلمەيدىغانلىقىنى،نەچچە ئەۋلات مۇشۇنداق بولغانلىقىنى دىدى ھەم ھەقىقى موڭغۇلچە ئىسىم فامىلىسى بار تۇققانلىرىنى دەپ بىرەلمىدى. |
|