قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1898|ئىنكاس: 31

( دولان ) ئاناتىل توغرىسىدىكى بەسمۇنازىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

11

تېما

0

دوست

4343

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 990
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 423
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 16:31  

ئاناتىل توغرىسىدىكى بەسمۇنازىرە
CCTV
دولان تەرجىمىسى

جوڭگو تور تېلېۋىيىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى (ئاخبارات 1+1 ): جوڭگودا 50 دىن ئارتۇق ئازسانلىق مىللەت بولۇپ، ئازسانلىق مىللەت پەرزەنىتلىرى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇلقىلغاندىن كىيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزئاناتىلدا ئوقۇتىش ئەلىپبەرىۋاتقان مەكتەپتىن زادى قانچىسى بار؟.
دوڭچىئەن:( ئاخبارات 1+1 ) نى كۆرۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، ئىنتانسىمىز مۇخبىرى بەي يەنسوڭ يېقىندا ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خەيلاردا مۇشۇ مەسىلە ئۇستىدە زىيارەت ئېلىپباردى، بەييەنسوڭنىڭ ئۆزىمۇ موڭغۇل بولۇپ، خەيلاردا چوڭ بولغان، ئۇ سىللەردىن موڭغۇلچەئەھۋال سورايدۇ.
  بەييەنسوڭ: دوڭچىئەن ۋە كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىللەر، مەن ھازىر خۇلونبىر تېلېۋىزىيەئىستانسىسىدىن خەۋەر بىرىۋاتىمەن.
رىياسەتچى: يەنسوڭ، گىپىڭىزنى بولىۋەتتىم، سىزبايا موڭغۇلچە ئەھۋالسورىدىڭىز، مۇمكىن بولسا « ( ئاخبارات 1+1 ) نى كۆرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز » دىگەننىموڭغۇلچە دەپباقسىڭىز.
  بەييەنسوڭ: كەچۇرىڭ بۇ گەپنى موڭغۇلچە دىيەلمەيمەن، مەنمۇ ئادەتتە موڭغۇلچە كۆپ سۆزلىيەلمەيمەن. تۇۋەندە مەن كۆرۇرمەنلەرگە يۇرتىم خولۇنبىرنى تۇنىشتۇرىمەن، مەن مۇشۇجايدا تۇغىلىپ چوڭ بولغان، مىنىڭ بۇۋام موڭغۇلچە سۆزلەيدۇ بىرئېغىزمۇ خەنزۇچەبىلمەيتى، دادام موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەيدۇ، چۇنكى ئۇ ئەشۇدەۋىردىكى 1-ئەۋلات زىيالى، ماڭا كەلگەندە پەقەت تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى موڭغۇلچە گەپلەرنىلا بىلىمەن ۋەچۇشىنەلەيمەن، شۇڭا دائىم خەنزۇچە رىياسەتچىلىك قىلىمەن، مىنىڭ بالامغا كەلگەندە بىر ئېغىزمۇ موڭغۇلچە بىلمەيدۇ بىراق ئەنگىلىزچىدە ياخشى، مانىبۇ تىپىك 4-ئەۋلات موڭغۇل؛ بەلكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ مۇشۇنداق تەغدىرگە دۇچكەلگەن بولىشى مۇمكىن. تەيۋەنلىك ئاتاغلىق موڭغۇل يازغۇچى موروڭنىڭ ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان « ئاتام ئوتلاق ئانام دەريا » دىگەن داڭلىق شېئىرىدكى « ئاناتىلدا سۆزلىيەلمەس بولدىم »دىگەن مىسراسى بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويىدۇ، نۆۋەتتە بىزنىڭ ئاناتىل مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى قايسى باسقۇچتا تۇرۋاتىدۇ؟ قانداق خىرىسقا دۇچكەلدى؟ قايسى مەسىللەرساقلانماقتا ؟...دىگەندەك بىرقاتار سۇئاللار مىنى يۇرىتىمغا قايتىپ كۆرىپ بېقىشقاتۇرىتكە بولدى، ئۇنداقتا گىپىمىزنى خۇلونبىردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلايلى.
چۇشەندۇرگۇچى:موڭغۇل مائارىپىدىكى ئەندىشە.
بەي يەنسوڭ:ھازىر مەن تۇرىۋاتقان بۇ مەكتەپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ خولۇنبىر شەھرىدىكى 106 يىللىقتارىخقا ئىگە، موڭغۇل تىل ئوقۇتىشنى ئاساس قىلغان مىللىي مەكتەپ. بۇ مەكتەپ خۇلونبىر شەھرىنىڭ خەيلار رايۇنىدا بولسىمۇ بىراق 200 نەچچەمىڭ كۇۋادىراتنىكىلومىتىرلىق خىلونبىر چوڭ يايلىقىدا، ماگىنىتقا ئوخشاش تارتىش كۇچىگە ئىگە،سەۋەبى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى ئاناتىلدا ئوقۇتىش ئۇچىن، نەچچىمىڭ چاقىرىملىق يىراقتىن بۇ مەكتەپكە ئەكىلىدۇ.
چۇشەندۇرگىچى:كۆرىۋاتقىنىڭلار 1-يىللىق 1-سىنىپ، چوۋلا بىلەن نەۋرە سىڭلىسى مۇشۇ سىنىپتا، ھازىرماتىماتىكا دەرسى ئوتىۋاتىدۇ، بۇ مەكتەپتە چوۋلاغا ئوخشاش ئازسانلىق مىللەت پەرزەنتىدىن 588 بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ℅90 كۆپرەگى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەتراپتىكى 4 ناھىيەدىن كەلگەن، ئۇلار موڭغۇلچىدىن باشقا يەنە،خەنزۇچە ۋە ئەنگىلىزچە ئوقۇيدۇ ھەمدە مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى ۋە ئوتلاق مەدىنىيىتىنى بالىلارغا سىڭدۇرىدۇ.
بەي يەنسوڭ:ئاتاتىل مائارىپىدا باشلانغۇچ تەربىيىسى بەك مۇھىم، نىمە ئۇچىن مۇنداق دەيمىز؟چۇنكى پەقەت باشلانغۇچ مائارىپلا ئاناتىلنى ساقلاپقالىدۇ، تولىقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا بۇ مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن ئاناتىل ئوقۇتىشىداباشلانغۇچ مەكتەپ ئاساس دەيمىز.
خۇلونبىرباشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، بۇ مەكتەپنىڭ2008-يىلدىكى ئوقۇغۇچىسى 256 نەپەر، 2010-يىلى 376 نەپەر بولسا، 2011-يىلى 588نەپەرگە يەتكەن، بۇ 3 يىلدا ئوقۇغۇچى ئۇزلىكسىز كۇپەيگەن بولسىمۇ بىراق ئازسانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسىدىن پەقەت 17 نەپەر تۇلىقلانغان. خۇشاللىنىشقا تىگىشلىكى شۇكى،بۇ يىلدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇلدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاناتىلدائوقۇتىش ئېلىپ بارسا ئوقۇش ھەققى ۋە كىتاپ ھەققى ھەقسىز بولىشتىن باشقا ھەركۇنى 3يۇەندىن تاماق تولىقلىمىسى باركەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچى سانى كۇپىيىشنىڭ سەۋەبى مۇنەۋۋەر مەكتەپلەرنىڭ ئازبولغانلىقى ۋە كۆپلىگەن چارۋىچىلىق رايۇندائاناتىل مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلغانلىقى ئۇچىن، ئاتا-ئانىلار نەچچىمىڭ چاقىرىم يولنى يىراق كۆرمەي پەرزەنتىنى بۇ مەكتەپتە ئاناتىلدا ئوقۇتقان.
نۆۋەتتەخولۇنبىردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى قوشتىل مائارىپىنى يولغا قويغانبولۇپ، ماتىماتىكا قاتارلىق دەرىسلەرنى ئاناتىلدا ئوقۇسىمۇ يەنە خەنزۇ تىلى ۋەئەنگىلىز تىلى ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇچتىللىق مەكتەپكە ئۆزگىرىپ قالغان.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى ئاناتىلدا ئوقۇتىشقا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچكەلگەن، خولۇنبىرباشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى 588 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت 80 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇشۇيەرلىك بولۇپ قالغىنى ئەتراپتىكى نەچچىيۇز، نەچچىمىڭ چاقىرىملىق ناھىيەلەردىن كەلگەن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ، بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بەرگەن، ئۇلارئانىل ئوقۇتىشى ئۇچۇن ناھايىتى نۇرغۇن بەدەل تولەۋاتىدۇ.
دىمىسىمۇئاناتىل ئوقۇتىشى ئىنتايىن مۇھىم، خۇددى « بىيجىڭ ياشلار گىزىتى » نىڭ ئوبزۇرچىسى جاڭ تىئەنۋېينىڭ « جوڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەرقانداق بىرمىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئاجىزلىشىپ يوقالسا، ئورتاق مەدىنىيەتمۇ يوقىلىدۇ » دىگەن بۇسۆزى بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان. نۆۋەتتە بىز كۆڭىل بولىۋاتقان مەيلى موڭغۇل تىلى،ئۇيغۇر تىلى ۋە تىبەت تىلى بولسۇن ھەممىسى جوڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تەركىۋى قىسمى، بۇلاردىن بىز بىرخىل مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنى كۆرەلەيمىز، نۆۋەتتە بىز بۇتىللارنىڭ ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچكەلگىننى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، تۇۋەندەمۇتىخەسىسلەرنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى.
  بايىن باتۇر (ئىچكى مۇڭغۇل مائارىپ نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ): « ئېلىپبە » دەرىسلىگى باشلانغۇچقا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان تۇنجى ئوقۇشلىق، 1992-يىلى بىز 68 مىڭ نۇسخاباساتتۇق، 2005-يىلغا كەلگەندە ئاران 22 مىڭ 200 پارچە باستۇق، 15 يىل ئىچىدەئاناتىلدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىدىن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى كىمەيدى، بىراق بىزنىڭ نۇپۇسمىزئۇزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار ئاناتىلدا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى.
بەي يەنسوڭ:خوش ئۇنداقتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى نەگەكەتتى؟ مەن مۇتىخەسىسلەردىن مەسلىھەت سورىسام مۇداق جاۋاپ بەردى. بىرىنجىدىن نوۋەتتە موڭغۇل ياكى باشقا ئازسانلىق مىللەتكەنىسبەتەن، پەرزەنت كۆرىش ئازلىغان، نۇرغۇن موڭغۇل ئائىلىدە 3 پەرزەنىت كۆرگەنلەرناھايىتى ئاز، ئاساسەن ئىككى ياكى بىردىن پەرزەنىت كۆرگەچكە، ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ كەتكەن. ئىككىنجىدىن موڭغۇللاردا كۆپلىگەن ئائىلە باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلانغاچقا ئۇلار پەرزەنتىنى ئوقۇتىشتا خەنزۇ مەكتەپنى تاللىغان. تىلنىڭ ئەڭچوڭ ئالاھىيدىلىكى قانچىكى يېپىق مۇھىتتا تىل ئۆز ئالاھىيدىلىكىنى شۇنچە ياخشى ساقلاپقالىدۇ، ئېچىۋىتىلگەن مۇھىت تىلنىڭ ئاسسىمىلاتسىيسىنى كۇچەيتىدۇ. بىز خۇلىن مەكتىۋىگە خوشنا بولغان، خەنزۇ تىلدىكى غالىبىيەت باشلانغۇچ مەكتىۋىنى كۆرىپ باقايلى، بىرىجى يىللىقتىكى 24 موڭغۇل ئوقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت بىرنەپەر ئوقۇغۇچى موڭغۇلچە سۆزلىيەلەيدىكەن، سەۋەبى بۇ ئوقۇغۇچى خۇلىن باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ئاناتىلدا ئوقۇيدىغان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىكەن، غالىبىيەت مەكتىۋىدە جەمئى 1809 ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئوقۇغۇچى 769 نەپەربولۇپ %43 ئىگەللىگەن. بۇنىڭغا خوشنا بولغان 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە 2475 ئوقۇغۇچى بولۇپ، موڭغۇل ئوقۇغۇچى 936 نەپەر، ئومۇمى ئوقۇغۇچىنىڭ %36.7 ئىگەللىگەن. ئۇنداقتاھۆكۇمەت ئاناتىل ئوقۇتىشىغا كۆڭىل بولمىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بايا دىگەندەك ھۆكۇمەت ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاپ پۇلىنى كەچۇرىم قىلغاندىن سىرت يەنە تاماق ياردەم پۇلى بىرىۋاتىدۇ، بىراق تىل ئۇگىنىش شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى بولغاچقا مەجبۇرلاشقابولمايدۇ، ھۆكۇمەت خەنزۇچە ئوقۇغان موڭغۇل ئوقۇغۇچىنى پەقەت مەجبۇرلىمىغان ئەلىۋەتتە. بۇنى ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزلەپ ئۆزلىرى بىكىتكەن. تۇۋەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى داۋاملىق كۆرىپ باقايلى.
موڭغۇل تىلى مائارىپىدا قىيىنچىلىق چوڭ، رىغبەتلەندۇرىش تەدبىرى يىتەرسىز.
موڭغۇل تىلى مائارىپىنىڭ پۇتكۇل خۇلىنبىردىكى مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىشى فىرامىدا شەكلىدەبولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ كۆپ بولسىمۇ بىراق تۇلىقسىزغا چىققاندا ئازلاپ كەتكەن،مەن فىرامىدانىڭ ئەڭ چوقىسى بولغان خۇلىنبىر 1-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە تۇرىۋاتىمەن، بۇمەكتەپ پۇتكۇل خۇلىنبىردىكى بىردىنبىر ئاناتىلدا دەرىس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ،شۇنىڭ ئۇچىن پۇتكۇل موڭغۇللار كۆزقارچۇغىنى ئاسرىغاندەك بەك قەدىرلەيدۇ، چۇنكى بۇ مەكتەپ موڭغۇل يايالاق مەدىنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئاناتىلنى قوغدايدىغان مۇستەككەم قورغان بولۇپ، مەكتەپتە تەنتەربىيە دەرسىدە پۇتۇنلەي موڭغۇلچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە دەرسىئ ۆتىلىدۇ.
چۇشەندۇرگۇچى:بۇ مەكتەپ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەدىن باشقا يەنە موڭغۇللارنىڭ ئاتباش غىجەك چىلىش دەرسىنىمۇ تەسىس قىلغان، خۇلۇنبىر شەھرىدىكى 57 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئىچىدە، پەقەت مۇشۇ مەكتەپتىكى 1700 موڭغۇل ئوقۇغۇچى ئاناتىلدا دەرىس ئوقۇيدۇ. بۇمەكتەپتىكى موڭغۇلچە ئوقۇغان %80 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن، بۇلارنىڭ موڭغۇل تىلىدىن باشقا دەرىسلىرى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ بىراق ھەممىسىنى موڭغۇل تىلىدا ئوقۇيدۇ. موڭغۇلچە تەكرارلاش ماتىرىيالى كەمچىل بولغاچقائوقۇتقۇچىلار تەرجىمە قىلىپ باستۇرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەيدۇ.
بەي يەنسوڭ: بۇيەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋاختى تەكرارلاش دەرىسلىكىنى تەرجىمە قىلىشبولۇپ، ئوقۇتىشقا بەلگۇلىك قىيىنچىلىق ئەكەلگەن.
ۋۇ شاڭلوڭ (خەيلار 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ): بىز بۇ مەسىلىنى يوقۇرىغا ئىنكاس قىلغان،ھازىرقى باسما زاۋۇتلىرى شىركەت بولغاچقا، تىراژى ئاز بولغان ماتىرىيالنى باسمايدىكەن،مائارىپ نەشىرياتىمۇ قەغەز قىممەت بولغاچقا زىيان چىقىشتىن ئەنسىرەيدىكەن،ھۆكۇمەتتىن تۇلىقلىما بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان تەخى ھەلبولمىدى.
چۇشەندۇرگۇچى:مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئوقۇغۇچى مەنبەسى، ئىلگىرى ھەر يىلى 1300 موڭغۇل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغان بولسا، ھازىر ئازلاپ 700 گە چۇشىپ قالغان. ئاز بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ پەرزەنتىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەن، بىر قورساق قەرىنداشلاردىن بىرسى موڭغۇلچە مەكتەپنى بىرسى خەنزۇچە مەكتەپنى تاللايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاناتىلدا ئوقۇشىغا ئىلھام بىرىش ئۇچىن، يەسلىدىن ئوتتۇرامەكتەپكىچە بولغان ئوقۇتىشنى پۇتۇنلەي ھەقسىز قىلىش كىرەك. ئالىي مەكتەپكە ئوتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپ ئېچىش ئاناتىلنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
باۋ ۋىنيىڭ (خۇلۇنبىر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ): مەيلى مەمۇرىي ۋەكەسپىي ئورۇنغا خادىم قۇبۇلقىلىشتا بولسۇن، چۇقىم موڭغۇللاردىن ئاناتىلدا ئىمتىھان ئېلىش لازىم، مۇشنداق بولسا كۆپلىگەن موڭغۇل ياشلىرى مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنغاكىرەلەيدۇ.
بەي يەنسوڭ: نۆۋەتتىكى ئاناتىل مائارىپىدا دەرىسلىك مەسىلىسىدە ھەچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، بىراق تەكرارلاش ماتىرىيالى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ سۇئال قەغىزىدە مەسىلە ئازئەمەس، بايا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاختى ماتىرىيالنى تەرجىمەقىلىشقا سەرىپ بولىۋاتىدۇ، بۇ ھازىرقى ئۇچۇر دەۋىردە پۇتىنلەي ھەلقىلغىلى بولىدىغان مەسىلە، ئىچكى موڭغۇلدىكى مائارىپ ئورۇنلىرى ئادەم تەشكىللەپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىپ، مەخسۇس تورمۇنبىرى قورۇپ تارقىتىشقاتامامەن بولىدۇ، بۇنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللىتىگىمۇ پۇتۇنلەي كىڭەيتىشكە بولىدۇ،مەسىلە بۇ ئىشنى ھۆكۇمەتنىڭ قىلىش-قىلماسلىقىدىن ئىبارەت. بىز مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاناتىلدا ئوقۇشىغا ئىلھام بىرىشىمىز، ئاناتىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارمۇ دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسىدىن مەنپەتلەنلىنىشى ھەرگىز زىيان تارىتقۇچىسى بوپقالماسلىقى، مائارىپىمىزدا چۇقىم كۆپخىل تاللاش بولىشى، ھەرگىزھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىمەسلىك لازىم. يېقىنقى يىللاردا ئىچكى موڭغۇلدا مەمۇرىي قۇبول قىلىشتا خەنزۇچە، موڭغۇلچە سۇئال چىقېرىپ جەمىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغائىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئاناتىلدا قانچە ئادەم ئىمتىھانغا قاتناشتى؟ قانچىسى قۇبۇل قىلىندى؟ مانىبۇ پۇتۇن جەمىيەت ئورتاق ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ جوڭگودا تۇرىشلىق ۋەكىللىك باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى «ھەربىرتىل بىر خىل قىممەت قارىشى، مەدىنىيەت، پەلسەپە ۋە تەپەككۇر قارىشىغا ئىگە،ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ شەكىلسىز مەدىنىيەت بايلىقىنىڭ ئىپادىسى، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000 دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، بىراق يېرىمى يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە،موڭغۇل تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش چوڭ تىل بولسىمۇ لىكىن يۇلىققان مەسىلەئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يوقىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ » دىدى. بىز ئازسانلىق مىللەت تىل تەرەققىياتىغا، خۇددى ئۆز مەدىيەت ئەنئەنىمىزگە كۆڭۇل بولگەنگە ئوخشاش كوڭىل بولىشىمىز ۋە پۇتۇن جەمىيەت ئورتاق ئويلىنىشىمىز لازىم. مەن ئاخىردا كۆپچىلىككەئاناتىلىمدا خەيرىخوش دەيمەن.
Bayartai

مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_60f25ed70102du2y


2

تېما

2

دوست

9601

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   92.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2101
تۆھپە : 1512
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئايالىمغا ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن قايسى كۆكتاتلارنى ئەكىلىمەن دەپ سورىدىم . ئۇ : كەرەپشە ، يېسىۋېلەك ، تەرخەمەك ، پەمىدۇر ، باش پىياز ، قىزىل مۇچ قاتارلىقلاردىن ئەكىلىڭ دەپ بۇيرۇق سوقتى .
بۇيرۇق ئورۇنلاندى .

باھا سۆز

ئەنۋەر  ئىسىل ئىنكاس!!!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

0

تېما

1

دوست

3169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 604
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى تاپقىلى بولسا بىللە يوللايدىغان ئىش ئىكەن.
پەرۋاز

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

0

تېما

1

دوست

3169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 604
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى تاپقىلى بولسا بىللە يوللايدىغان ئىش ئىكەن.

باھا سۆز

mustapha  مانا بۇ فىلم ئادېرسى: http://xiyou.cntv.cn/v-e1c57fe2-f497-11e0-89a1-001e0bd5b3ca.html  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا 2013-يىلى بىرىنچى پەسىللىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.7 ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا %0.2 چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئېشىش نىسبىتى %8 كە يېقىنلىشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتى ھەمدە ئىقتىسادىي ئىپادىسى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە بازارلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، چەتئەل شىركەتلىرى ھەمدە شەخسىي كارخانىلار سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزگەندىمۇ جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، ماس ھالدا تەڭشەيدۇ. ئەمما مەسىلە شۇكى، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ھەمىشە يۇقىرى ئەمەس، مەسىلەن، جۇڭگونىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى باجدىن قېچىش ياكى ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇشتىكى تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەمىشە سېتىش ۋە پايدىسىنى يالغان مەلۇم قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى سىياسىي سەۋەبلىك ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. بۇ چەتئەل ھەمدە شەخسىي شىركەتلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگودا، ھۆكۈمەت يەنىلا كۆپ قىسىم دۆلەت سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبەسى، ئەمما ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن بانكا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكىلاشقا باشلىدى. خەلقئارا ئىقتىساد مەسىلھەتچىلىك شىركىتى IHS يەر شارى كۆزىتىش شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسى ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو بىلەن سودا قىلغان ھەر بىر ئادەم جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەن. جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىسى بولغان تاشقى سودا، ئۆي-مۈلۈك ھەمدە ئىناۋەت قەرز بازىرىدا مەسىلە ئەڭ كۆپ. ئالدى بىلەن تاشقى سودىدىن قارىغاندا، جۇڭگو تاموژنا ئورگىنى دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئېكىسپورت دوكلاتى ئەمەلىي ئېكىسپورت قىلغان مالنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمما بۇ ئېكىسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئېكىسپورت قىممىتىنى كۆپتۈرگەنگە باراۋەر ئەمەس. جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك GDP ئېشىشى مۆلچەردىن تۆۋەن بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى. بىرلا ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ بانكا قەرزى ۋە باشقا ئىناۋەت قەرزلىرىدىمۇ ئېھتىمال يالغانچىلىق بولۇشى مۇمكىن. ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، بەزىدە شىركەتلەر بىر تۈردىكى مەبلەغنى ئۆز ئارا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، نەچچە قېتىم قايتا ھېسابلىنىپ كېتىدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك سودىسى سانلىق مەلۇماتىدا پەقەت ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ دوكلاتىغا تايىنىدىغان بولۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش دەلىللەش يوق ئىكەن. باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگونىڭ سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى ئالدى بىلەن پەرەز قىلىنىدۇ، ئاندىن تەڭشىلىدۇ، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى، جۇڭگونىڭ تەڭشەش سالمىقى غايەت زور. مەسىلەن، بېيجىڭ 2009-يىلى 2007-يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئەسلىدىكى %11.9 تىن %13 كە تەڭشىدى. ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىشەنچىلىك بولغاندىمۇ، ھەمىشە مەبلەغ سېلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا گۈللىنىش ئاتا قىلىشى ناھايىتى تەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى سودا ئېكىسپورتىغىلا تايىنىشقا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى ئىستېمالىنى قوزغىتىش ئارقىلىقمۇ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ قىسقا مەزگىل ئىچىدە تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر جۇڭگو يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلسا، بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپوللۇقىنى چەكلىشى ھەمدە ئەركىن بازار رىقابىتىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.   

0

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسل  تېمىكەن  رەخمەت.      تورى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا 2013-يىلى بىرىنچى پەسىللىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.7 ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا %0.2 چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئېشىش نىسبىتى %8 كە يېقىنلىشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتى ھەمدە ئىقتىسادىي ئىپادىسى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە بازارلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، چەتئەل شىركەتلىرى ھەمدە شەخسىي كارخانىلار سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزگەندىمۇ جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، ماس ھالدا تەڭشەيدۇ. ئەمما مەسىلە شۇكى، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ھەمىشە يۇقىرى ئەمەس، مەسىلەن، جۇڭگونىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى باجدىن قېچىش ياكى ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇشتىكى تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەمىشە سېتىش ۋە پايدىسىنى يالغان مەلۇم قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى سىياسىي سەۋەبلىك ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. بۇ چەتئەل ھەمدە شەخسىي شىركەتلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگودا، ھۆكۈمەت يەنىلا كۆپ قىسىم دۆلەت سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبەسى، ئەمما ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن بانكا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكىلاشقا باشلىدى. خەلقئارا ئىقتىساد مەسىلھەتچىلىك شىركىتى IHS يەر شارى كۆزىتىش شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسى ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو بىلەن سودا قىلغان ھەر بىر ئادەم جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەن. جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىسى بولغان تاشقى سودا، ئۆي-مۈلۈك ھەمدە ئىناۋەت قەرز بازىرىدا مەسىلە ئەڭ كۆپ. ئالدى بىلەن تاشقى سودىدىن قارىغاندا، جۇڭگو تاموژنا ئورگىنى دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئېكىسپورت دوكلاتى ئەمەلىي ئېكىسپورت قىلغان مالنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمما بۇ ئېكىسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئېكىسپورت قىممىتىنى كۆپتۈرگەنگە باراۋەر ئەمەس. جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك GDP ئېشىشى مۆلچەردىن تۆۋەن بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى. بىرلا ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ بانكا قەرزى ۋە باشقا ئىناۋەت قەرزلىرىدىمۇ ئېھتىمال يالغانچىلىق بولۇشى مۇمكىن. ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، بەزىدە شىركەتلەر بىر تۈردىكى مەبلەغنى ئۆز ئارا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، نەچچە قېتىم قايتا ھېسابلىنىپ كېتىدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك سودىسى سانلىق مەلۇماتىدا پەقەت ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ دوكلاتىغا تايىنىدىغان بولۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش دەلىللەش يوق ئىكەن. باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگونىڭ سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى ئالدى بىلەن پەرەز قىلىنىدۇ، ئاندىن تەڭشىلىدۇ، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى، جۇڭگونىڭ تەڭشەش سالمىقى غايەت زور. مەسىلەن، بېيجىڭ 2009-يىلى 2007-يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئەسلىدىكى %11.9 تىن %13 كە تەڭشىدى. ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىشەنچىلىك بولغاندىمۇ، ھەمىشە مەبلەغ سېلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا گۈللىنىش ئاتا قىلىشى ناھايىتى تەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى سودا ئېكىسپورتىغىلا تايىنىشقا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى ئىستېمالىنى قوزغىتىش ئارقىلىقمۇ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ قىسقا مەزگىل ئىچىدە تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر جۇڭگو يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلسا، بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپوللۇقىنى چەكلىشى ھەمدە ئەركىن بازار رىقابىتىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.   

0

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  تېمىكەن  رەخمەت.

0

تېما

1

دوست

2832

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 800
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ! رەھمەت ...

ھەيييييييي.....................................................................................

0

تېما

0

دوست

599

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6473
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 135
تۆھپە : 91
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما يوللاپسىز تېما ئىگىسىگە رەخمەت !!!
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى،ئۆرۈپ_ئادىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرسە بولىدۇ.ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنمىسىمۇ،  مۇشۇ خەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نوپوسىمۇ  يىتەرلىكقۇ؟ ئەجەپ بىر كۆزى ئاچ تويماس خەلىق ئىكەن بۇ !!!!  
بۇ فىلىمنى كۆرۇش ئادىرىسى :   http://news.cntv.cn/china/20111011/117189.shtml

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2499
توردىكى ۋاقتى: 543
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« بىيجىڭ ياشلار گىزىتى » نىڭ ئوبزۇرچىسى جاڭ تىئەنۋېينىڭ « جوڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەرقانداق بىرمىللەتنىڭ مەدىنىيىتى ئاجىزلىشىپ يوقالسا، ئورتاق مەدىنىيەتمۇ يوقىلىدۇ » دىگەن بۇسۆزى بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان.
....................................................................................
     مانا بۇ مەشھۇر سوزنى ئىسىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىز كىرەك .  بىزنىڭ نوۋەتتىكى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىكىمىز ،  ھوكۇمەت مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ گېپىنى ئەمەس بەلكى بىرقىسىم رادىكال، ئىرقىچى زالىملارنىڭ گېپىنى  بەكرەك  ئاڭلايدىغان بۇلىۋالدى .  شۇڭا جۇڭگۇنىڭ  مىللى مەدەنىيىتى  كىرزىسقا دۇچ كەلدى .  بۇنى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن  بىر ئاپەت دىمەي تۇرالمايمىز .
     بەييەنسۇڭ ئەپەندىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى  خاننىڭ   قېنى بۇلغاچقا ، ھەمىشە خاندەك سوزلەيدۇ .  ئەسلىدە ھەق گەپنى قىلماق تەس ئىدى ، ئەمما ھەق گەپ قىلىشنى خالايدىغان ئادەمگە تەس ئەمەسكەن مانا .
    ھازىر بىزگە نەچچە توملۇق  رومان ئەمەس مەۋجۇتلۇقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق ئىككى كەلىمە ھەق گەپ  بەكرەك زورور .

باھا سۆز

darya99  ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-21 09:25 , Processed in 0.059802 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش